پىغان
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
سەھەردە ئاھۇ ئەپغانىم چىقار يەتتە پەلەكلەرگە ،
يىتىشتى بۇ مېنىڭ زارىم پەلەكلەردە مەلەكلەرگە.
تەپەككۇر دېڭىزىغا غەرق بۇلۇپ ھەريانە مەن شۇڭغۇپ،
ئۆزۈمنى ئەيلىدىم تۆھپە دېڭىزىدە سەمەكلەرگە.
چىقىپ كۆككە، كىرىپ يەرگە ھەمىشە ئىزلىدىم ۋەسلىڭ،
بۇ ئادەت ئۆزدە كۆپ قارارسىز ئۇشبۇ پەسلىڭ .
تېخى يوق ئىلتىپات ھېچ بىلمىدىم ئۇل مۇددىئا ئەسلىڭ ،
مېنى ئاۋارە قىلماقمۇ تېگىدە ئويلىغان قەستىڭ .
ئەگەر قەستىڭ ئەشۇلدۇر ، بولغايمەن دائىما ئاۋارە،
سېنىڭ رايىڭ شۇ بولسا تېپىلغايمۇ بۆلەك چارە.
بۇ دەردىم بىداۋە بولدى ،داۋالار قىلمىغاي كارە ،
ئاتاپ قويدۇم ئۆزۈمنى كاشكى بولساممۇ مىڭ پارە.
سېنىڭ ئىشقىڭدا كۆيمەكنى ئۆزۈمگە ئىپتىخار بىلدىم،
سېنىڭ ھەققىڭ ئۈچۈن جاننى مىڭ كەررە نەزىر قىلدىم.
يۈرەكنى پارچىلاشقا ئىھتىياج يوق، مەن ئۆزۈم قىلدىم،
قىلۇرمۇ ئىلتىپات دەپ دەرگاھىڭغا باش ئۇرۇپ كەلدىم.