تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى: تەرىقەت ھىسلىرىم
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    zakirjanmejid
    كوماندېر
    دەرىجىسى : 3
    جۇغلانما نۇمۇر : 13003
    zakirjan@sina.cn
    525140281
    يازما سانى : 45
    باھا يازما سانى : 3
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-4-9 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى: تەرىقەت ھىسلىرىم

    تەرىقەت ھىسلىرىم
     
    زاكىرجان  ئابدۇلمەجىد سىددىقى 
     
    1
     
    ئەي خەزىنەم، سىز ئۈچۈن مەن خانىدانىمدىن كېچەي،
    بولسا ئىمكان بۇ ماكانىم ،  بۇ  زامانىمدىن كېچەي...
     
    قاش ئېتىپ كەلسە ۋاپاسىز، باغرى تاش دۇنيالىقىم،
    تەنگە مىھمان جان ئۈچۈن سالغان ئۇۋالىمدىن، كېچەي.
     
    ياز بىلەن كۈز بەرىبىركەن  جانغا راھەت بەرمىسە،
    بولسا ۋەسلىڭىز زىمىستان، مەن باھارىمدىن كېچەي.
     
    ئۆرتىنەر جان ھەر دەقىيقە سىز بىلىنمەك ئىستىگەچ،
    شۇل مۇراد ھاسىل ئۈچۈن، مەن بولدى جانىمدىن كېچەي.
     
     
    2
     
     
    ئىشق سالىكلەرى كۆپتۇر، سۆيۈش ئىمكانى كام بۇندا،
    سەۋەب: داۋراڭغا تۇشلۇق يوق  قەلب، ئىمانى كام بۇندا.
     
    جاھان مۈلكىگە تاشلانغان نەزەر دەۋاسى – سۇلتانلىق،
    قىلارغا ھەق ئۈچۈن ئېرشاد، كۆڭۈل سۇلتانى كام بۇندا.
     
    مەگەر ئاشىق تەلەب ئېتسە، تەلەب ۋاسىل ئەمەس، دەردتى!
    ئىشق دەردىگە بەرداش يوق، سەبىر پەيمانى كام بۇندا.
     
    مۇھەببەت رەنجىدىن ئاۋاتلىشار ئەردى  ھېيتگاھ دىل،
    بىراق زاكىرغا پەر كەلگەي جۇنۇنى بارى كام بۇندا.
     
     
    2010-يىل 5- ئاي
     


    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : تەرىقەت , زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى , , , , ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-4-20 20:37:00
    تەھرىر : zakirjanmejid
    باھا : 1 كۆزىتىش : 232
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证