غەزەل
زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى
مەن كۈتمىگەن پەسىلدىمەن، ئۆچكەن قۇياشىم،
كۆز ياشلىرىم ئۇسسۇزلۇقتۇر ، غەم بولسا ئاشىم،
دەرد داغلىسا دىلنى، سەۋدا ئەپسۇن- سىھرىدىن
تاش بولغاندۇر ئاللىنېكەم غېرىپ بۇ باشىم.
ئانىي تاپقاچ كوچىلاردىن چىقساملا دوقمۇش،
ھەتتا خەسمۇ مەندىن قاچار، دېمەس قاياشىم...
تۆكتى ئاسمان يامغۇر قىلىپ يۇلتۇزلىرىمنى
زەيلىمەكتە مۇھەببەتسىز سەبرىم- چىداشىم...
2011-يىل 19-ئاپرېل