تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› ئەدىپ-مۇتەپەككۈرلەر ›› ئابدۇخېلىل ئابدۇخېۋىرنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    abduhelil
    سېنىيور
    دەرىجىسى : 4
    جۇغلانما نۇمۇر : 11002
    xjhttv@126.com

    يازما سانى : 12
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-4-18 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئابدۇخېلىل ئابدۇخېۋىرنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

    ئابدۇخېلىل ئابدۇخېۋىرنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

     

    شائىر ئابدۇخېلىل ئابدۇخېۋىر 1962-يىل 18- يانۋار چىرا ناھىيىسىدىكى نۇرى يېزىسىنىڭ چوڭكۆل كەنتىدە زىيالىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن؛ 1969-يىل 9- ئايدىن 1979- يىل7- ئايغىچە ئۆز يېزىسىدىكى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان؛ 1979- يىل چىرا دارىلمۇئەللىمىن مەكتىۋىگە قۇبۇل  قىلىنىپ، بۇ مەكتەپنى 1981- يىل 7- ئايدا تاماملاپ «خوتەن گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر  بۆلۈمىگە خىزمەتكە ئۇرۇنلاشقان. 1985- يىلدىن1987- يىلغىچە شىنجاڭ رادىئو- تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ ئەدەبىيات كەسپىدە ئىشتىن يېرىم ئايرىلىپ  ئوقۇغان؛ 2000- يىلدىن 2001- يىلغىچە ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلىگىدىن ئۈگىنىشكە قاتنىشىپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ ئەدەبىيات كەسپىدە تۇلۇق كۇرۇسنى  تاماملىغان.

     

    شائىر ئابدۇخېلىل ئابدۇخېۋىر 1981- يىلدىن 1984- يىل 11- ئايغىچە «خوتەن گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە مۇخبىر، مۇھەررىر؛ 1984- يىل 10- ئايدىن 1986-يىل 9-ئايغىچە خوتەن « يېڭى قاشتېشى» ژورنىلىدا مۇھەررىر بولۇپ ئشلىگەن؛ 1986-يىل 10- ئايدا خىزمەت ئىھتىياجى بىلەن خوتەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا يۆتكەلگەندىن بۇيان مۇخبىر، مۇخبىرلار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. ئۇ، ھازىر خوتەن ۋىلايەتلىك رادىئو- تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى.

     

      ئابدۇخېلىل ئابدۇخېۋىر خوتەن « يېڭى قاشتېشى» ژورنىلىنىڭ 1984- يىللىق 1- سانىدا ئېلان قىلغان «مەنزىلگە ئات سالدىم » ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىي  ئىجادىيەت  مۇساپىسىنى باشلىغان  بولۇپ، ھازىرغىچە ھەر دەرىجىلىك گېزىت- ژورناللاردا 1000 پارچىغا يېقىن شېئىر، 30 پارچىدىن ئارتۇق ھىكايە ، نەسىر ۋە بىر قىسىم ئىلمىي نەزىرىيىۋى  ماقالىلارنى  ئېلان قىلغان. «يۇرۇڭقاش شاتلىقى»، «توي تەنتەنىسى»، «ئارزۇ بوستانى»، « مەسەللەر غەزىنىسىدىن»، «مۇھەببەت لىرىكىلىرى»، «قامچا»، « خوتەندە راۋان يوللار»، « يول راۋان، ئەل شادىمان» قاتارلىق كوللىكتىپ شېئىر توپلاملىرىغا 60 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى  تاللاپ كىرگۈزۈلگەن. ئۇ يازغان ھەم رېجىسسورلۇق قىلغان « ئايەم كۈلكىسى»، «توي شاتلىغى»، « نۇرۇز تەنتەنىسى» قاتارلىق ئون نەچچە تېلېۋىزىيە بەدىئى سەنئەت فىلىمى خوتەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن سۈرەتكە ئېلىپ تارقىتىلغان. ئۇنىڭ رېجىسسورلۇق قىلىشىدا ئىشلەنگەن «يۇرۇڭقاش ۋادىسىدا  شاتلىق»، «ئايەم كۈلكىسى»، «ئانا يۇرتتا ئالتۇن كۈز»، «قۇتلۇق ئايەم»، «يېڭى ئەسىر باھارى»، « بىخەتەرلىك ساداسى» قاتارلىق چوڭ تىپتىكى بەدىئى سەنئەت فىلىملىرى شىنجاڭ تېلېۋىيە ئىستانسىسىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ قانىلى ئارقىلىق پۈتۈن شىنجاڭغا تارقىتىلغان. ئۇنىڭ «ھايات كەچمىشلىرى»، «يول شەجەرىسى»، «ئاتا قەدرى» قاتارلىق داستان-باللادىسى؛ «كۆڭۈل مەرغۇللىرى»، «سىلەر ھايات كۆكۈمدىكى ئاي»، «ناخشامدا  مۇھەببەت، ناخشامدا سەن بار»، «سېخىيلەر شاھى سەن، سېخىي بىر قۇياش»، «گۈگۈمدىكىچۈش»، «ئېخ، يۇرتۇمنىڭ خىسلەتلىك  يولى»، «ئانامغا ئىلتىجا»، « سۆيگۈ سۈرەتلىرى»، «يول ناخشىلىرى» قاتارلىق شېئىرلىرى «شىنجاڭ خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»، « ئالتۇن چاغ مۇكاپاتى»، كىرەم ئىمىن نامىدىكى «قاشتېشى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» ۋە خوتەن ۋىلايىتى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرلۈك ئەدەبى ئەسەرلەرنى باھالاشلاردا دەرىجىگە ئىرىشىپ مۇكاپاتلانغان؛ « ئاق ئەترە»، «كۆركەم يوللار»، « پەخىرلەن دېھقان ئاتا»، «سېغىنىش كۈيى»، « سۆيگۈ ناۋاسى»، « ۋىسال نازى»، «كۈلۈپ باققىن يار»، «لىۋەن قىزلار» قاتارلىق 30 پارچىدىن ئارتۇق ناخشا تېكىستى مەملىكەت، ئاپتونۇم  رايۇن تەۋەسىدىكى رادىئو، تېلېۋىزىيە ئارقىلىق كەڭ ئامما بىلەن يۈز يۈرۈشكەن.

     

    ئابدۇخېلىل ئابدۇخېۋىرنىڭ «سۆيگۈ چوقانلىرى»، «سۆيگۈ نازاكەتلىرى»، «گىرىمسەن سۈرەتلەر»، «ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى(9)» (تۇرغۇن يىلتىز بىلەن) قاتارلىق كىتاپلىرى  نەشىر قىلىنغان. ئۇ، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت  يازغۇچىلىرى  ئىلمىي جەمىئيىتى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئيىتى ۋە خوتەن ۋىلايەتلىك  يازغۇچىلار جەمىئيىتىنىڭ  ئەزاسى.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئابدۇخېلىل ئابدۇخېۋىرنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى , ئابدۇخېلىل ئابدۇخېۋىر
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-4-20 18:07:20
    تەھرىر : halil
    باھا : 1 كۆزىتىش : 413
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证