ئامالسىزلىق
زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى
بىر ئىشقىۋاز ئايال كەبى رېئاللىق،
باشلاپ كىرىپ تۈنرەڭ، سوغۇق ياتاققا؛
مەھرۇم قىلماق بولۇر ھەممە- ھەممىدىن،
بوغۇپ مېنى «سۆيۈش» دېگەن ئاتاقتا...
ئەگىشىمەن كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرسىمۇ،
پۇشايماندا تۈگەللىنىپ بۇ سۆيۈش،
ھەققى ئۈچۈن ئويۇپ بىر جۈپ كۆزۈمنى،
ئۆز ئۆزۈمگە يېتىلىنىپ يول يۈرۈش...
بۇ ئۆزۈمچە ئەمەس، مەندە نە ئامال
خورلىنىشتىن پەرقى يوق بۇ سۆيۈشكە؟
ئارقا يۈزى شۇنداقمۇ يا سۆيگۈنىڭ،
ھېچ رايىم يوق سۆيۈپ تۇرۇپ ئۆلۈشكە...