تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى: كۆزۈمدە سەن
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    zakirjanmejid
    كوماندېر
    دەرىجىسى : 3
    جۇغلانما نۇمۇر : 12704
    zakirjan@sina.cn
    525140281
    يازما سانى : 35
    باھا يازما سانى : 3
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-4-9 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى: كۆزۈمدە سەن

    كۆزۈمدە سەن


    زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى

     

    تاشقا ئايلانغان ئاتۇش ئادىمىنىڭ
    تاش يۈرىكى بولسىمۇ گەر مېنىڭدە...
    نىھايەتكى، تالقان بولدى ئېزىلىپ
    ئاھ، دەردىڭنى يۇتقانسىرى ئىچىمگە...


    ئۈكۈنۈشلەر سىقسا گاھى گېلىمدىن،
    سايە تاشلار گاھى يوقلۇق تۇيغۇسى...
    تۈنۈگۈننىڭ قارا چۈشى بېشىمدا
    بىر كۈن مېنى تىلسىز قىلىپ قويغۇسى!


    رىياكارلىق تاقاق سالغاچ دىلىمغا
    ئۈممەت بولدۇم ئۆز پىكرىمگە بىر مەھەل.
    ئۆز نەپسىمگە تۇتقۇنلۇقنىڭ دەستىدىن،
    مەندىن بەكرەك قەلبىم بەردى زور بەدەل.


    كۈيلىرىمدە ئەزۋەيلىدى بەربادلىق،
    يېتەلمىدىم كۆز يېشىڭنىڭ قەدرىگە...
    ھاياتلىققا قارشى ئىسيان تۇرسا غەم،
    قوللاپ ئۇنى، ئالاي دېمەي ھەپسىگە...


    زەھەر سۇنۇپ تۇرغان ئاچچىق ئەسلىمە
    بۇلىماقچى بەلكى مەندىن بۈگۈننى...
    ئىشەنچىم سەن بۇ ھاياتتا يېشىشكە،
    ئۆزۈم چىككەن كۆڭلۈمدىكى تۈگۈننى.

     

    ئاتام دەرتلىك ئۇھسىنىشتىن قالمىدى،
    ئانام مەندىن سېنىڭ ئۈچۈن ۋاھىم يەر...
    قەدەر نېمە؟ قەدىرىم نېمە؟ چۈشەندىم
    سەۋدالىرىم تۇرغاچ ماڭا دەر-بەدەر.

     

    تۇرمۇش بىزنى ئوراپ تۇرار چۈش دېسەك،
    ھېممەت بىرلە قىممەت ئىكەن ئويغۇنۇش..
    ئاللاھ ئىگەم يۈزلەشكۈچە بىز بىلەن
    نېسىپ بولسۇن ئاھ، تۆبەمدە چىڭ تۇرۇش...

     

    2010-يىل 3-ئاپرېل
     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : كۆزۈمدە سەن , زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-4-19 15:41:18
    تەھرىر : zakirjanmejid
    باھا : 0 كۆزىتىش : 138
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证