سەن، مەن ۋە تامچى
زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى
ئىگىز ھەم قېلىندۇر ئارىمىزدا تام،
سوقۇلغان مېنىڭدىن ئايرىشقا سېنى.
ئارتىلماق بولسام مەن، تامچى شۇ ھامان
لاي قىلار قان ياكى كۆز ياشتا مېنى.
تامچى دەر: ئۆزلۈكۈڭ مەن سوققان بۇ تام،
جىنايەت – ئۇنىڭدىن ئارتىلىش، ئېنىق!
مەن دەرمەن: سەن سوققان تام، ئۇ- جاھالەت!
ئۆزلۈك ئۇ-سۈپىتى، ئېيتىلغان سىلىق.
ئەسلى تەن ئۆزلۈككە يېتەرلىك ئىدى،
بەندىلىك ئىدى خاس كىملىكىم مېنىڭ.
تامچى ھەم بىز ئۈچۈن بىھاجەت ئىدى،
بەلكىم ئۇ مەن ئۈچۈن سىنىقىڭ سېنىڭ...
2011- يىل 14-ئاپرېل