بەربادلىق
زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى
قاچقۇننىڭ تۈگىمەس ئەنسىز چۈشىدەك
قوغلايدۇ يوچۇن بىر ۋەھىمە مېنى...
زاكىر بوپ تۆرەلگەن گۇناھىم ئۈچۈن
ئىچمەك بوپ كۆز يېشىم بىرلە قېنىمنى...
تىل ھالسىز، دىلىمنى ئېيتىپ بەرمىگەچ،
ئاۋازىم گېلىمدىن سىقىمداپ ئالار...
ئۈمۈدىم بىر بىرلەپ چىشلىگەندە يەر،
كىملەردۇر ئاھ مېنى نەي قىلىپ چالار...
دەرد بېسىپ تاغ بولدۇم، تاغلار يۇلقۇنۇپ
بۇلۇت بوپ ئاسماندا يۈرمەكتە لەيلەپ...
شۇ قەدەر ھىممەتلىك يۇلتۇزۇم بۈگۈن،
قار بولۇپ چۈشمەكتە بېشىمغا لەپ-لەپ...
2007-يىلى 19- ئۆكتەبىر