باھار تىۋىشى
ئوسمانجان ئىسمائىل دولانى
كەلدىم بۈگۈن شۇنچە ئۇزۇن ئانا يۇرتۇم يوللىرىغا ،
سۇ قۇيايمۇ ئىشلەپ قاتقان جان ئاتامنىڭ قوللىرىغا.
قارشى ئالدى باھار مىنى كەلگىنىمدىن خۇشال بولۇپ ،
پەتە قىلىپ كىرگۈم كەلدى يىزامنىڭ كەڭ باغلىرىغا.
ئىرىقلاردا ئاقار سۇلار شىلدىر-شىلدىر ئويناقلىشىپ،
ئىچىم كۆيۈپ يەم تاشلىدىم ئېرىقتىكى بېلىقلارغا.
جۈپ-قۈپ بولۇپ سەيلە قىلار،قىزغا يىگىت چىچەك قىسار،
بۇ باھار زەپ يارىشىپتۇ مەھەللىدىكى بويتاقلارغا.
قىرىق ئۆرگەن چاچلىرىغا چىمەن دوپپا ھەم ماسلىشىپ،
يارىشىپتۇ ئۇيغۇرۇمنىڭ قىزىل ەۈلدەك باغلىرىغا.
ھەجەپ تاتلىق بىلىنەر سەھرادىكى كۈنلىرىم،
قانداق قىنىپ بولارمەن سەھرايىمنىڭ توپىلىرىغا.