كۆرگەنلىرىم
(ئوسمانجان ئىسمائىل دولانى)
مەن بۈگۈن سەھەردىلا بازارغا باردىم،بازاردىكى ئاجايىپ مەنزىرىلەر گە قاراپ ھەيرانلىقتىن ئورنۇمدا داڭقېتىپ تۇرۇپلا قالدىم. ئادەتتە ھارۋىغا چىقسا ئات سۆرىيەلمەيدىغان ،يولدا ماڭسىمۇ يول ئويۇلۇپ كېتىدىغان ئادەملەر ئورۇقلاپ تۈكى تەتۈر ئۈنۈپ كېتىپتۇ .ئادەتتە شامال چىقسىلا ئۇچۇپ كەتكۈدەك ئورۇق سودىگەر ،باققال ،قاسساپلار سەمىرىپ ئۆزىنى كۆتۈرەلمەي قىلىشىپتۇ.
تازا ئىختىساسلىقلارنى تاللاپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقان چاغ،ھەر-ھەر سېمىز ئادەملەر مەلۇم بىر ھۆكۈمەت بىناسىغا كىرىپ كېتىپ شۇنداق ئورۇق،قولىدا بىر پارچە قىزىل قەغەزنى كۆتۈرگەن ھالدا يېنىپ چىقىۋاتاتتى.