يوقاتماقتا رەزىللىك كىمنى
تۇمانلاردا بۇغۇلدۇم شۇنچە،
كۈتكىنىمدەك ساپ تىنىق يوقمۇ؟
سۈنئىيلىكمۇ چاپلاشتى ئاڭا،
ئاجراتقىدەك يۈرەكمۇ يوقمۇ؟
رەزىل دىللار،سەبىي قىلىقلار،
خارامۇشمەن ئازدىممۇ مەنمۇ؟
قۇشۇق تۇزغا خىيانەتلەر جىق!
بىلەلمىدىم تەقدىرمۇ كورمۇ؟
شالغۇت ئاھاڭ،ئارلاش كۈيلەردىن،
تاپالمىدىم چىن ئاۋاز قېنى؟
بۇلغانغان تەن، بۇلغانغان روھلار.
يۇقاتماقتا رەزىللىك كىمنى؟!
مەنبە:ئۆز قەلىمىم
2009-يىلى 16-ئۆكتەبىر