يۈسۈپجان ياسىننىڭ ماقالىسى ئەتراپلىق يېزىلغان يازما بولۇپتۇ، ئاپتۇرنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر. ئەمما مەنچە:
1. ماقالىدە تەەرپپازلىق بار. دىندار دېگۈچىلەرنىڭ قاراشلىرىنى توپلاپ ئوقۇرمەننى قايىل قىلماقچى بولغان. بولسا پاكىت مەنبەسىنىڭ تەرەپسىزلىكىگە، تەھلىلنىڭ تەرەپسىزلىكىگە، يەكۈننىڭ تەرەپسسىزلىكىگە كۈچەپ باقسا. بۇنداق قولىمىزنىڭ ئالقىنىغىلا قاراپ كەينىدىكى مەينەتنى كۆرمەسكە سېلىپ تاماق يەۋەرسەك ياكى باشقىلارغا تاماق سۇنساق دۇرۇسلۇق بولمايدۇ.
2. جۈملىلەر ئىلمىيلىكتىن كۆپ يىراقلاپ كەتكەن. مۇستاپا كامالنى دىنسىز دېگۈچىلەر ئەرەبنىڭ تۆگىسىنىڭ كەينىدە سايىدايدىغانلار...دېگەندەك جۈملىلەر بىر ئىلمىي ماقالىدە كۆرۈلىدىغان ئىش بولماسلىقى كېرەك...
3. يەكۈن چولتا ھەم ئاشقۇن. مۇستاپا كامالنى ئىنكار قىلغانلىق قانداقسىگە ئىسلامنى ئىنكار قىلغانلىق بولىدۇ؟ ھازىر ئىسلامىي تون ياكى ئۇيغۇرلۇق تونىنى كېيىۋېلىپ ئۆزىنىڭ ئىنكارسىز قاراشلىرى ۋە غايىسىنى بازارغا سالىدىغانلار ئاۋۇپ كەتتى، يامان يېرى بۇ بىر خىل تەپەككۇر ئادىتىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. بىر قىسىملار دائىم ئۆزىنىڭ شەخسى مۇددىئاسىنى، قارىشىنى، غايىسىنى مىللەتلەشتۈرۈرۈش ۋە دىنلاشتۇرۇش ئارقىلىق «بۇنىڭغا قارشى تۇرغانلىق مىللەتكە، دىنغا قارشى چىققانلىقتۇر» دەپ جار سېلىۋاتىدۇ.
مەن دىنشۇناس ئەمەس، مۇستاپا كامالنىڭ دىنسىز ياكى دىندارلىقىغا باھا بېرەلمەيمەن. بۇ مەسىلە مېنىڭ ئىزدىنىشمنىڭ سىرتىدا.
گۈلەن:
مۇنازىرە مۇشۇنداق داۋاملاشسا تۈگىمىگۈدەك، بۇنىڭ يامان يېرى يوق، لېكىن بىرسى دەپ بولغاننى يەنە بىرى تەكرارلايدىغان، ياكى ئۆزىنىڭ گېپىنى ئۆزى تەكرارلايدىغان يولغا چۈشۈپ قېلىپ ۋاقىت ئىسراپ بولغۇدەك.
مەنچە مۇنازىرىدىن ئىككى مەسىلە بايقالدى
1. ئىدولوگىيە توقۇنىشىغا پېتىپ قېلىش، ئاددىي مۇنازىرىچىنى دۇنياۋىي ئىدولوگىيەلەرنىڭ جارچىسى دەپ قاراپ دۈشمەنلىككە غەرق بولۇش. بۇنداق بولغاندا توردا ھەممە ئادەم خىيالىدىكى دۈشمەن ئىدولوگىيەگە قارشى پاكىتلارنى سۆزلەپ ئىنتايىن ئاددىي گەپلەرمۇ مۇرەككەپلىشىپ كېتىدىكەن.
2. ھۆرمەت، ئىشەنچ، سەمىمىيەت كەم بولۇش. بۇنداق دېگەندە پەقەت مۇنازىرىلىشىش ئۈچۈنلا، ئۆلىمالىق قىلىش ئۈچۈنلا مۇنازىرىلىشىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇنداقلا تېمىنى باشتىن كۆرمەيلا، كىرگەن پېتى بىرەر قۇر پېتىقلاپ، بىلىدىغاننى تۆكمە قىلىۋېتىپ ئىچى بوشاپ قالغاندا قۇيرۇقىنى خادا قىلىدى. يەنە بەزىلەر مۇنازىرىلىشىۋاتقان ئادەمنىڭ ئىسىمىنىمۇ نەچچە ئون قېتىم خاتا دەيدۇ، تۈزۈتۈپ تۇرسىمۇ ئاڭلىمايدۇ. چۈنكى بۇنداقلار ئۈچۈن قارشى تەرەپ پەقەت مۇنازىرە خۇمارىنى باسىدىغان بىر ئەرمەك. مۇنازىرىدە ئۆزىنىڭمۇ ئاددىي ئادەم، ئۆگەنگۈچى ئىكەنلىكى يوققا چىقىرىپ قانداقتۇر بىر داھى سىياقىدا داھىلارچە نەسىھەت قىلىپ غايىپ بولۇدۇ.
ئەگەر قارشى تەرەپنى دۈشمەن كۆرىدىغان، خەققە قالايمىقان ماركا چاپلايدىغان، ياكى ئاساسسىز پەرەز قىلىپ تۆھمەت چاپلايدىغان، قەستەن گەپ ئوينۇتۇپ سىەمىيەتسىزلىك قىلىدىغان ئىشلار تۈگىمىگۈچە مۇنازىرىدىن بىلىم ئالغىلى بولمايدۇ.
مەنچە بۇ مۇنازىرىدە يۈسۈپجان ياسىننىڭ ماقالىسىگە قۇرمۇ قۇر رەددىيە بەرمەي تۇرۇپ، مۇستاپا كامالنى دىن، ئۈممەت نوقتىسىدىن كۈزىتىۋاتقانلار پاسسىپ ئورۇندىن قۇتۇلالمايدۇ. مەن ئاشۇ ماقالىگە بىرمۇ بىر رەددىيە بېرەلەيدىغان ياكى توغرا خاتاسىنى ئايرىيالايدىغانلارنىڭ مۇنازىرىنى ئاشۇ ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان قاراشلارنى چۆرىدەپ داۋام قىلسا دەيمەن.
گۈلەن: كانفېسشېىنگە
بەرھەق ، بۇ تېما ئەسلى دىنسىزلار ، ئاتىزىمچىلار ، ياكى مىللەتچىلەر ئايرىم سەھىپىدە ، ئەھلى كىتابلار ۋە مۇسۇلمانلار ئايرىم سەھىپىدە مۇنازىرىلىشىدىغان تېما ، چۈنكى ئەھلى كىتابلار ۋە مۇسۇلمانلار ھەرقانداق مەسىلىنى ئالدى بىلەن ئېتىقادى بىلەن دەڭسەپ بېقىپ باھالايدۇ ياكى چۈشىنىدۇ ، مىللەتچىلەر بولسا شەخسى مەنپئەەتىدىن ئېشىنسا ئۆزىنىڭ سۆزمەنلىگىنى كوز-كوز قىلىش ئۈچۈن ياكى ئىچ پۇشۇغىنى چىقىرىش ئۈچۈن مۇنازىرىگە قاتنىشىدۇ ، چۈنكى ئۇلاردا بىرەر بىر مۇستەھكەم مەۋقە يوقتە؟! لېكىن بۇ تېمىدىكى مۇنازىرە خۇددى ھازىر قى ماۋۇ ئۇيغۇر مىللىتىمىزدەك ئەبجەش ئارىلاشما مۇرەككەپلىشىپ كېتىپتۇ ... مەن ئەمدى بۇ تېما ئۈچۈن ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلماسلىغىم كېرەك خېخې ...
ئىسمىڭىزنىڭ مەنىسى تۆۋە دېگەنلىك بولىدۇ. ئەسلى تولىمۇ چىرايلىق ئىسىم قويالايدىكەنسىز، لېكىن ئىسىمغا لايىق تۆۋىنى ھەمراھ قىلىش ھەركىمگە تەرس ئوخشايدۇ. زىكىر، پىكىر، شۈكۈرنى ھەمراھ قىلىش ھاياتىمىزنى بەندىلىك مەناسىغا چۈمكەيدۇ. بەلكىم مەن پۈتۈنلەي خاتا سۆزلىگەندىمەن، بەلكىم مەن ئەسلى مەنبەگە ئەمەس مەنبەلەرنىڭ تەرەپبار تەرجىمىسىگە تايىنىپ تەپەككۇر قىلىۋاتقاندىمەن. ئويلىغانلىرىم، سۆزلىگەنلىرىم خاتا بولسا ئاللاھ كەچۈرگەي. سىزنىڭمۇ قاتتىق تەككەن، ياكى خاتا پەرەز قىلغان تەرەپلىرىمنى ئەپۇ قىلىشىڭىزنى سورايمەن.
مىللىتىمىزگە بۇ قەدەر ئۈمىتسىز ۋە سەلبى قارىشىڭىز مېنى ئويلاندۇردى. بۇنى سىز باشتىن شۇنداق دەپ كەلدىڭىز. ئۇيغۇرلار ئۇنداق، ئۇيغۇرلار بۇنداق دەۋاتقىنىڭىزدا مەن سىزنىڭ ئۇيغۇرچە يېزىۋاتقىنىڭىزدىن، سۆزلەۋاتقانلىرىڭىزنىڭ ئۇيغۇرغا خاس دىلىڭىزدىن چىقىۋاتقانلىقىدىن شەكلەندىم. چۈنكى ئانا تىلدا بۇ قەدەر راۋان تەپەككۇر قىلغان بىر ئۇيغۇرنىڭ، تەپەككۇرۇغا قانات بولۇۋاتقان ئانا تىلنىڭ ھەقدارلىرىغا بۇ قەدەر ئەقىدىسىز بولۇشى كۆڭلۈمنى غەش قىلدى.
سىز بەلكىم باشقا دۆلەتلەرنى كۆرۈپ باقمىغانسىز، توغرىسى سىز تەلپۈنىۋاتقان ئەرەب دۆلەتلىرىدە ياشاپ باقمىغانسىز. ئاتا بوۋىلىرىمىز "مۇساپىر بولمىغۇچە، (ئۇيغۇر) مۇسۇلمان بولماس" دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقان. مەن ئىچكىرىدە ئۇزاق ياشىغان. مەلۇم بىر شەھەردە تۇڭگانلار جىق ئېدى. ئۇيغۇرلارمۇ خېلى بار ئېدى. ئۇ چاغدا مەنمۇ ئۇيغۇرنى سىزدەك ئارىلىشىپ كەتكەن، ئىتىقادسىز، لايغەزەل، كۆيۈمسىز، ئاقچى، ئەيدىز كۆرەتتىم. سىزدەك ئەرەب مىللەتچىلىكىنىڭ ئىسلام تونىغا ئورالغان تەلىماتىنى بازارغا سالاتتىم. ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار بىلەن ئەمەس تۇڭگانلار بىلەن كۆپ ئارىلىشاتتىم. بىر كۈنى بىر ئۇيغۇر كىشىنىڭ قازا قىلغان خەۋىرىنى ئاڭلىدىم. ماڭا بۇنى بىر تىجارەتچى ئۇيغۇر يەتكۈزدى. ئۇلار بۇ شەھەردىن يەرلىك ئالماقچى ئىكەن، مېنىڭ ئارىدا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار بىلەن ئالاقە قىلىپ بېرىشىمنى ئۆتۈنۈپتۇ. مەن ئۇ ئىمانسىز ئۇيغۇرلاردىن يەرلىككە بەرگىدەك پۇل چىقمايدۇ-دەپ يەرلىككە پۇل تېپىش ئۈچۈن ئىزدىمىگەن ئاخۇن قالمىدى. مەن بىلەن شۇنچە يېقىن ئۆتكەن "پىداكار" مۇسۇلمانلاردىن بىرەر يۈز سوم ئاران يىغىلدى. بۇلارنى ھېلىقى ماڭا تېلىفون قىلغان ئۇيغۇر بۇرادەرگە يەتكۈزسەم، ئۇلار پۇلنى ئاللىقاچان غەملەپ بولۇپتۇ، مەن پەقەت تىل ئۇقۇشۇپ يەرلىك سودىسىنى پۈتكۈزسەملا بولىدىكەن. بىز ئۇ يەرلىكنى ئون مىڭ سومدىن جىقراق پۇلغا ئالدۇق. شۇ پۇلنى مەن ئادەتتە ئاقچى كۆكچى دەپ ياراتمايدىغان، ئىمانسىزلىقتا ھاقارەتلەيدىغان 20 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر يىغىش قىلىپتۇ. شۇندىن كېيىن مەن شۇلارنىڭ ئىچىدىكى يانچۇقچىلىرىنىمۇ يامان كۆرمەيدىغان بولدۇم. مەنچە ئۇلارنىڭ ئىمانى نامازدا، گەپتە ئەمەس، جانغا تاقاشقان چاغدىكى پىداكارلىقتا، مەردانىلىقتا. ئاز ئۇيغۇرلار ئىچكىرىدە ئوغۇرلۇق قىلىدۇ، ئەمما بىرقىسىم مۇسۇلمان مىللەتلەردەك بىرىنجى قەۋىتىنى ئاشخانا قىلىپ ئىككىنچى قەۋىتىدە خەقنىڭ پۇتىنى يۇمايدۇ، شەكلى ئۆزگەرگەن پاھىشخانا ئاچمايدۇ. ئىچكىرىدە مۇسۇلمان مىللەت ئاچقان ئاشخانىلار ئاشخانىنى قۇرئان ئايەتلىرى بىلەن بېزەيدۇ، ئەمما ئىشىك ئالدىغان ئىككى نازىنىنىڭ يوتىسنى ئېچىپ كۆرگەزمە قىلىدۇ. ھاراق ئىچكەن ئۇيغۇرمۇ تۇڭگان ئاشخانىسىنىڭ تېمىدىكى ئايەتنى ئېلىۋېتىپ ئىچىدۇ. مەن بۇلارنى ئىچكىرىدە بەك جىق كۆردۈم. مەن ھاراقكەش ئۇيغۇرنىڭ مۇسۇلمانچە بىر قىلىقىنى خەقنىڭ مىڭ ئېغىز تەبلىقىدىن ئارتۇق كۆرىمەن.
بەلكىم سىز مەندىن بىلىملىكتۇرسىز، شۇڭا مەن بىلمىگەن چوڭقۇرلۇقلارغا يەتكەنسىز شۇڭا مىللەتكە باشقىچە باھالىرىڭىز باردۇر. ئەمما مەن جاھان كەزگەن، سەرسان بولغان كۈنلىرىمدە ئۇيغۇرنىڭ ھەرقانچە تەلۋە، نادان، رەھىمسىزلىرىمۇ ھاياتلىقنى، غۇرۇرنى ھىچ نېمىگە ساتماي، بەدەل قىلماي ياشايدىغانلىقىغا شاھىد بولدۇم. مەن بۇلارنىڭ بىر قىسمىنى "ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار" غا يازدىم، ئەمما ھەممە مىساللىرىنى ھىكايە قىلسام بىر رومان پۈتىدۇ. تېخى يېقىندا سىزدەك ئۇيغۇرنى يامان كۆرۈپ ئارىلاشمىغان بىر ئۇيغۇر بالىنى يەنە شۇ ئۇيغۇر جامائىتى ئىگە بولۇپ دەپىن قىلدۇق. شۇ ئۇيغۇرنىڭ ئىشىنى پەقەت ناماز ئوقۇمايدىغان، ئانچە مۇنچە ھاراقمۇ ئىچىپ قويدىغان بالىلار چېپىپ يۈرۈپ ھەل قىلدى. شۇنى ئېسىڭزىدە تۇتۇڭكى ئۇيغۇر ھاراق ئىچىدۇ، لېكىن ئۆلتۈرمەي قان شورىمايدۇ. ئۇيغۇر ھاراق ئىچىدۇ، لېكىن ئۆز دەردى ئۈچۈن ئىچىدۇ، خەققە خۇشامەت ئۈچۈن ئەمەس. ئۇيغۇر مۇشت كۆتۈرىدۇ، خەقنىڭكىنى كۆتۈرمەيدۇ، ۋاقتى كەلسە بۇرنىڭىزنى قان قىلىدۇ، لېكىن ئۈن چىقارماي روھىڭىزنى پايخان قىلمايدۇ. ئۇيغۇر كۆرۈشكەندە سىزنىڭ قولىڭىزنى تۇتقان بارماقلىرى بىلەن يۈزىنى سىپايدۇ، نېمە ئۈچۈن؟ سىزنىڭ سالام ئارقىلىق بەرگەن ھۆرمىتىڭىزنى كۆزىگە سۈرمەك ئۈچۈن.
گۈلەن: كانفېسشېىنگە
«ئىسلام دىنى ئەرەپلەرگە چۈشكەن، ئەرەپلەر يالتىراپ تۇرغان ئېتىقاد قېلىچى بىلەن بەدىۋى،
شامانىست، بۇددىست، مانىيخىست، مۇشرىك، ئاتەشپەرەس، دىنسىز ھەق يولدىن خالىي
ئەجدادىمىزنى ئىمان يولىغا ، ھەقىقەت يولىغا باشلاپ كىرگەن، ئەرەپكە بولغان
ئۆچمەنلىك ئەمىلىيەتتە نېگىزى قەلبى " ئىسلامدىن قورقۇش كېسىلى " دىن
زەخمىلەنگەن ئاجىز، كېسەل، تەلۋە ، بەدەۋىلىك ، قىتۇغۇرلۇق، قارا نىيەتلىك...ئارىلاشقان
بىر زەئىپ روھتۇر، قېرىنداشلار ئاگاھ بولايلى»
مۆھتەرەم قېرىندىشىم
سىز بىلەن سالقىن كاللا بىلەن پىكىرلىشەيلى. سىز بىرقانچە تېمىغا تەڭلا چاپلىغان "ئەرەبلەر بىزنى شامانىزىمدىن، ئازغۇنلۇقتىن، قالاقلىقتىن قۇتقۇزۇپ ئىسلامغا مۇشەررەپ قىلدى...ئەرەبلەر قىلىچى بىزگە ھەقنى...." دېگەن مەنىدىكى گەپلىرىڭىزگە ئازراق پىشمىغان ئويلىرىمنى دەپ باقاي. سىز داۋا قلىۋاتقان مۇسۇلمانلىق بىلەن ئەمەس، ئالدى بىلەن دۇنياغا ئورتاق ئەخلاق ئۆلچىمى بويىچە قارىغاندا ئۇيغۇرنى مۇنداق كەمستىش، ئۇيغۇرنىڭ تارىخنى كەمسىتىش ئەخلاقسىزلىق. سىزنىڭ جەنۇبى سۇداندىكى مۇستەقىللىقنى تاللىغان خەلقنى مۇسۇلمان بولمىغانلىقى ئۈچۈنلا كەمستىكىنىڭىزمۇ ئوخشاشلا ئەخلاقسىزلىق. بۇنىڭغا يەنە ئىتىرازىڭىز بولسا، مەيلى.
تارىخ جەھەتتىن ئالغاندا بىزگە ئاللاھ ۋە ئاللاھ بەرگەن ئەقلىمىز گۇۋاھ بولسۇنكى، ئۇيغۇرغا ھىچ قايسى مىللەت بىر نەرسە ئۆگىتىپ قويغان، قالاقلىقتىن قۇتقۇزغان، ئۇيغۇرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ قويغان، يارىدەم قىلىپ ياۋلاردىن ئازات قىلىپ قويغان ئەمەس. خەلقئارا سودا، بىلىم ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يولى بولغان يىپەك يولىنى بەرپا قىلغان، يىپەك يولىنىڭ ساھىبخانى، پاسىبانى بولغان بوۋىلىرىمىز لازىم بولغان بىلىم، ئىددىيە، كەسىپ ۋە يوسۇنلارنى ئۆزى خالاپ، سوراپ، ئىزدەپ بېرىپ ئۆگەنگەنلا ئەمەس،ئوخشىمىغان خەلقتىن بىلگەنلىرىنىڭ كەم يەرلىرىنى تولۇقلاپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ دۇنياغا ئۆگەتكەن. خەنزۇلارغا بۇددا دىنى، مانى دىنى، نىستورىيان دىنى ۋە ئاخىرىدا ئىسلام دىنى ئۇيغۇرنىڭ ۋاستىسى بىلەن كىرگەن. سىز ھەممە نەرسىگە "دىن" نوقتىسىدىن قارىغۇچى بولغاچقا بىز خەنزۇلارغا ئۆگەتكەن تۆمۈر تاۋلاش، توپ قۇيۇش، كىۋەز تېرىش، بۇغداي تېرىش، كۆنچىلىك، يۇڭ توقۇمىچىلىق...قاتارلىقلارنى تەپسلى دېمىدىم. سىزنىڭ تارىخ قارىشىڭىز تەرجىمە قىلىنغان ئوتتۇرا مەكتەپ تارىخ كىتاپلىرىمىزدىكى بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار ئويدۇرۇپ چىقارغان كەكمەنىر شىئېرىلرىدىكى "خەنزۇلار ئەزەلدىن بولمىش ئۇستازىم" دېگەن سەۋىيەدە قاپتۇ. ئالماشتۇرغىنىڭىز "خەنزۇلار ئەزەلدىن بولمىش ئۇستازىم" دېگەندىكى خەنزۇلار دېگەننى "ئەرەبلەر" دېگەنگە ئالماشتۇرۇۋاپسىز خالاس. تارىخ قارىشىڭىز بىنورمال بولغاچ سىز خالىمىغان تارىخى پاكىتلارنى بىلىشتىن مەھرۇم قاپسىز.
ئۇيغۇرلارنىڭ غوللۇق ئەزاسى قارالغان قارلۇقلار تۈركلەر ئارىسىدا ئەڭ بۇرۇن مۇسۇلمان بولغان، شۇڭا پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسلىرىدىمۇ تۈركلەرنىڭ قىياپەتلىرى ۋە سالاھىيەتلىرى تىلغا ئېلىنغان. بوۋىمىز مەھمۇد قەشقەرىمۇ "تۈرك تىلى ئۆگىنىڭلار، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئۇزۇن داۋاملىشىدۇ" دېگەن ھەدىسنى تىلغا ئالغان. دىيارىمىزدا قارلۇق بوۋىلىرىمىزنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان يەر ناملىرى شەرقتە قۇمۇلدىن غەرپتە قەشقەرگىچە شىمالدا ئالتايدىن جەنۇپتا خوتەنگىچە تارقالغان. قارلۇقلارنىڭ دىيارىمزنىڭ ھەممە يېرىدە مەۋجۇدلۇقى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممە يەردە بولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. دېمەك پەيغەمبىرىمىز زامانىدىلا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىرى دەسلەپكى قەدەمدە سودىگەرلەر ئارىسىدا، تارقاق ھالەتتە بار ئېدى. ئۇيغۇرلار تۇنجى قەدەمدە ئىسلامغا ئەرەبنىڭ قىلىچى ۋاستىسى بىلەن ئەمەس پەيغەمبىرىمىز زامانىدا سودا تىجارەت ۋاستىسى بىلەن كىرگەن. كېيىن بۇ تىجارەتچىلەر پادىشاھلارغا تەسىر قىلىپ ئۇلارغا ھەقنى تونۇتقان. ئەگەر ئۇيغۇرلارنىڭ سودىگەر مىللەت ئىكەنلىكىنى، ئىقتىساد دېگەن بۇ نەرسىنىڭ دۆلەتتە قانداق ئورنى بارلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلسىڭىز ئۇلارنىڭ خاقانلىرىمىزغا تەسىر قىلالىشىنىڭ ۋەزنىنى ئاڭقىرالايسىز. ساتۇق بۇغراخان ئىسلامنى دۆلەت دىنى قىلىشتىن بۇرۇنلا ئوردۇكەنت قەشقەردە مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقى بولغان. ئەگەر تارىخنى سىرلىق دەپ بىلمەي، ئەقىل بىلەن تەھلىل قىلساق، مۇسۇلمانلار مەلۇم سالماقنى تەشكىل قىلمىغان دۆلەتتە خاقان دۆلەتتە ئىسلامنى جاكارلىسا چوقۇم تەختتىن غۇلاپ كېتىدۇ. ئۇيغۇرنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى بىرلا ساتۇق بۇغراخانغا تەۋە قىلىپ قويۇش ئىلمىيلىك بولمىغاننىڭ ئۈستىگە شەخسنىڭ قۇدرىتىنى ئىلاھىيلاشتۇرۇش نادانلىقىدىن باشقا گەپ ئەمەس. فارابى(872-960) بوۋىمىز 9-ئەسىردە ياشىغان دۇنياۋىي ئالىم، پەندە ئارىستوتىلدىن كېيىنكى ئىككىنچى ئۇستاز، ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى مۇھەممەد ئېدى. ئەگەر ئۇيغۇرلارنىڭ پەيغەمبەرىمىز زامانىدا مۇسۇلمان بولغانلىقىدىن شەكلەنسىڭىز 9-ئەسىردە ياشىغان فارابىنىڭ مۇھەممەد ئىسىملىك مۇسۇلمان داداسىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمانلىق تارىخى پەيغەمبىرىمىز دەۋرىدىن باشلانمىغان بولسا بىزدىن9- ئەسىردىلا مۇسۇلمانلار دۇنياسىغا مەشھۇر ئالىمنىڭ چىقىشىغا ئەقىل يەتكۈزەلمەيمىز. شۇڭا سىزنىڭ مۇسۇلمانلىق تارىخىمىزنى ئەرەبلەرنىڭ قىلىچىنىڭ تۆھپىسى دېيىشىڭىز ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەس. بۇنى مەن مۇستاپا كامال ھەققىدىكى مۇنازىرىدە بۇرۇن دەپ بولغان، سىز قەستەن ئاڭلىماسقا سېلىپ دەۋەرگەچكە قايتا ئەزۋەيلەپ قويدۇم.
ئۇيغۇرنىڭ قايسى مىللەتتىن ئۆگنىشى ئەسلى بىر نورمال ھادىسە. لېكىن بۇ يەردە سىزنىڭ خەقنى ئۇستاز بىزنى شاگىرىت؛ خەقنى باشلىغۇچى بىزنى ئەگەشكۈچى، خەقنى قېلىچ بىلەن ھەقىقەت تارقاتقۇچى بىزنى قورقۇپ، بويسۇنۇپ قوبۇل قىلغۇچى قىلىپ تەرغىپ قىلىشىڭىز، تەشۋىقاتقا چۈشىشىڭىز مېنىڭچە ھەرقانداق ئۇيغۇرنىڭ ئەقلىگە سىغمايدۇلا ئەمەس نېرۋىسىغا تېگىدۇ. بۇ قېلىپتىكى تەشۋىقىي تەربىيە، ئىددىيەۋىي خىزمەتنى سىز ئىشلىمىسىزڭىمۇ پىلانلىق ئىشلىنىۋاتىدۇ. بىز ئۆزىمىزنى داۋاملىق ئەگەشكۈچى، شاگىرىت دەپ تونۇساق، ئويىمىز، خۇيىمىز ۋە نەتىجىلىرىمىز بېقىندىغا لايىق بولىدۇ، دائىم ئەگەشكۈچى بولۇشتىن، شاگىرىت بولۇشتىن قۇتۇلالمايمىز. ئەگەر بۇ بىزنىڭ ئۆزىمىز ھەققىدىكى ھۆكۈمىمىزگە، باھايىمىزغا ئايلىنىپ، مىڭىمىزگە ئورناشسا ئىشلىرىمىزنى مۇستەقىل تەپەككۇر، مۇستەقىل ھەرىكەت، مۇستەقىل قارار بىلەن يۈرگۈزەلەرمىزمۇ؟ سىزچە بېقىندى، ياللانما، سۆرەلمە دېگەنلەر چىرايلىق ناممۇ؟
سىز ئىنى سىڭىزللىرىمىزنىڭ غېمىنى قىلمايسىز دەپ ئاغرىنىپسىز. مەن سىزگە دېسەم توغرىنى تەرغىپ قىلىپ خاتادىن توسىدىغانغا، ھەقنى سۆزلەپ ناھەقتىن ئاگاھلاندۇرىغانغا، پىكىرداشلارنى ياخشىلىق ئۈچۈن توپلايدىغانغا، جامائەتنىڭ خىزمىتىدە بولۇش تۈرلۈك گۇمان ۋە تۆھمەتلەرگە ئۇچرىمايدىغانغا بىر موھىت بولماي تۇرۇپ شۇ سىز دېگەن ئىشنى قىلغىلى بولمايدۇ. ئەگەر قىلماقچى بولغىنىمىز ئەلكۇيىدە گەپ قىلىش بىلەنلا ئەمەلگە ئاشىدۇ، دېسىڭىز، مېنى نېمە دېگۈزمەكچى بولسىڭىز شۇنداق دەۋاتىدۇ دەپ چۈشىنىۋېرىڭ. ياكى دېگۈزمەكچى بولغىنىڭىزنى بىر بىرلەپ يېزىڭ مەن ئەگىشەي.
رۇمەيسە:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم گۈلەن ئاكا!
ئىنكاسىڭىزغا جاۋاپ بەرگۈم بولسىمۇ سىزدەك بىر ئىلىم ئىگىسى بىلەن تالاش تارتىش قىلىشنى نامۇۋاپىق كۆرۈپ جاۋاپ قايتۇرمىغان ئىدىم.
گۈلەن ئاكا! مەن دېموكراتىرىيەنى دىنىىزغا قارشى قويمايمان ھەم قويمۇدۇم.
دېموكراتىرىيە ھەرگىز دىنىمزغا زىت ئەمەس. دېموكراتىرىيە كىشىلەرنىڭ باشلىقلىرىنى ئۆزلىرى تاللاپ چىقىشى،ئۇلار ياقتۇرمايدىغان بىرىنىڭ ئۇلارغا مۇسەللەت بولىۋالماسلىقى،ئۇلار قۇبۇل قىلالمايدىغان قانۇن-پىرىنسىپلارنى ئۇلارغا تاڭماسلىقى،پۇقرالارنىڭ باشلىقلىرىدىن ھېساپ ئېلىش، باشلىقلىرى خاتالاشقاندا قارشى چىقىش ھوقۇقى بولۇشى دېگەنلىكتۇر. بۇ ھەقىقىقي مەنىدىكى دېموكراتىرىيە.
ھەقىقىي مەنىدىكى دېموكراتىرىيە ئىسلام دىنىنىڭ ئىجادىيىتىدۇر. مانا بۇ ئىنسانلار تېخى يېقنقى يىلاردىن بېرى ئوتتىرىغا چىقارغان دېموكراتىرىيە تۈزۈمى ئىسلام دىنى 14 ئەسىر ئىلگىرى تۇنجى قارار قىلغان ھەق-ھوقۇقلارنىڭ بىر قىسمىدۇر.
خۇددى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە ئېيتقاندەك:
سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى باشلىقىڭلار سىلەر ياقتۇرىدىغان ۋە ئۇلارمۇ سىلەرنى ياقتۇرىدىغان ،سىلەر ئۇلارغا ياخشى تىلەركلەرنى تىلەيدىغان، ئۇلارمۇ سىلەرگە ياخشى تىلەكلەرنى تىلەيدىغان كىشىلىرىڭلاردۇر. سىلەرنىڭ ئەڭ يامان باشلىقىڭلار سىلەر ياقتۇرمايدىغان،ئۇلارمۇ سىلەرنى ياقتۇرمايدىغان،سىلەر ئۇلارغا لەنەت ئوقۇيدىغان،ئۇلارمۇ سىلەرگە لەنەت ئوقۇيدىغان كىشىلىرىڭلاردۇر .(ئىمام مۇسلىم)
مانا بۇ ھازىرقى دېموكراتىرىيە تەشەببۇس قىلىدىغان تۈزۈمدۇر.
ئەمدى مەن دېمەكچى بىز ئىنسانلارئۆزىمىزنىڭ كىشىلىك ئىجدىمائىي تۇرمۇشىنى بىخەتەر ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ،ئۆزىمىزگە رەھبەرلىك قىلىدىغان بىرەر توغرا دىنغا موھتاج. چۈنكى يەر يۈزىدە قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش ،جەمىيەت ئامانلىقىنى ساقلاش ۋە ئىنسانلارنىڭ خاتىرجەملىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە دىننىڭ كۈچىگە تەڭ كېلەلەيدىغان بىرەر كۈچ يوق. چۈنكى بىز ئىنسانلار تاشقى دۇنيارىمىزدا ئەمەس، بەلكى ئىچكى دۇنيرىمىزدا باشقۇرىلىمىز.كىشىلەرنىڭ ھەق -ھوقۇقلىرىنى ھىمايە قىلىدىغان ،ھەقسىزلىككە يول قويمايدىغان ،ئادالەتلىك بىر جەمىيەت بەرپا قىلشىتا،دۆلەت قانۇنلىرى ۋە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يېتەرلىك ئەمەس. چۈنكى جازادىن ،تۈرمىدىن ۋە جەرىمانىن قورقۇپ ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلار ۋە قورقۇپ تۇرۇپ ھەق - ھوقۇقلارغا ھۆرمەت قىلىدىغانلار ،قانۇننىڭ ئارغامچىسدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن چىقىش يولى تاپقۇچىلىك شۇنداق قىلىدۇ.ئۇلار قانۇننىڭ كونتىروللىقىدىن چىققان ھامان ئۆزلىرىنىڭ بىلگىنىنى قىلىدۇ.
ئەمما اللەتىن ئەيمىنىپ،ئۇنىڭ غەزىپىگە يۇلۇقۇشتىن قورققان ۋە ئۆز ۋىجدانىنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالغان ھالدا ، ھەق -ھوقۇقلارنى قوغدايدىغان ۋە ھاياتتىكى ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن تۇلۇق ئادا قىلىدىغانلار مەيلى .ئاشكارا ياكى يۇشۇرۇن بولسۇن ئۆزلىرىنىڭ ھېچ ۋاقىت ئاللاھنىڭ كونتىروللىقىدىن قېچىپ كېتەلمەيدىغانلىقىغا ھەقىقىي ئىمانى بولغاچ ئۇلار ئاللاھقا ئاسىي قىلىش،جەمىيەت ئامانلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە كىشىلەرنىڭ ھەق -ھوقۇقلىرىغا تاجاۋۇز قىلىشتىن قاتتىق ھەزەر قىلىدۇ-دە ھەر ئىشتا ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي بۇرچىنى ئادا قىلىشىنى ئاۋالقى ئورۇنغا قويىدۇ.
دىنمىز ھەممە ئىنسانلارنىڭ مۇسۇلمان بۇلۇشىنى خالايدۇلېكىن بىرىنى مۇسۇلمان بۇلۇشقا مەجبۇرلىمايدۇ. غەيرى مۇسۇلمانلارنى كەمسىتمەسلىكە،ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشقا تەكىتلەيدۇ.
شۇڭا مەن دېمەكچى قۇرئاننى ئۆزىگە قانۇن قىلىپ شۇ بويىچە ئىش تۇتۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام ئەخلاقى بىلەن ئۆزىنى زىنەتلىگەنلەرگە دېموكراتىرىيە كېرىكى يوق. دىنىمىز ھەممىدىن ئۈستۈن ۋە قىممەتلىكتۇر.
مەن ئۆزۈمنى دېموكراتىرىيە گە ھاجەتسىز دەپ قارايمەن. چۈنكى ماڭا قۇرئان ۋە ھەدىس يىتەرلىك. مانا بۇ مېنىڭ ھەقىقىي دېمەكچى بولغانلىرىم.
گۈلەن:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئەسلى مۇشۇ دېموكراتىيەنىڭ نېمىلىكى ھەققدىدە فرىيىدىم (ھۆرلۈك) ئىسىملىك قېرىندىشىمىز تەپسىلى توختىلىۋەتكەن بولسىمۇ بولغانىكەن. مەن بۇنى دېلياردىن تەلەپ قىلغاندەك قىلغان لېكىن ئۇ قېرىندىشىمىزمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى. مەنچە ھىكايىگە قىستۇرۇپ بايان قىلىدىغان ئوخشايدۇ.
دېموكراتىيە دېگەنلىك، جەمئىيەتنى تەرتىپلەش، ھاكىمىيەتنى تەشكىللەشتىكى بىر پىرىنسىپ. مەن بۇرۇنمۇ تىلغا ئالغان، مەسىلەن دوختۇرخانادا ئىچكى بۆلۈم، تاشقى بۆلۈم، ئاياللار بۆلۈم...لەر بولىدۇ. بۇ دۇنياغا ئورتاق، بۇ خرىستىياننىڭ، مۇسۇلماننىڭ غەرپنىڭ، شەرقنىڭ دەپ ئايرىلمايدۇ.
بۇ يەردىكى دېمو سۆزى ئاۋام دېگەن مەنىدە، كرات سۆزى ھوقۇق (كۈچ، قۇدرەت، نوپۇز) دېگەن مەنىدە. ئىستىمال مەنىسى ئاۋامنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزىشى دېگەن مەنىدە. ئاۋامنىڭ ھوقۇقى ۋەكىللەرنى سايلاش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ ۋە نازارەت قىلىش، ئېلىپ تاشلاش قاتارلىق كۆنكىرىت شەكىللەردە داۋام قىلىدۇ. دېموكراتىيەدە دۆلەت ئۈچ مۇستەقىل ئاپاراتتىن تەشكىل تاپىدۇ. بىرى ھۆكۈمەت، بۇ ئىجرا (قانۇن، ھوقۇق، سىياسەت، مەمۇرىيەت، ساقلىق، ئامانلىق...) قىلىش ئورگىنى. ئاۋامنىڭ ئىشلىرىنى ۋاكالىتەن يۈرگۈزىدۇ. يەنە بىرى پارلامىنت، پارلامېنت قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگىنى، تۈرلۈك قانۇنلارنى تۈزۈش، مۇنازىرە قىلىپ بېكىتىش، تۈزۈتۈش...ئۈچىنچى بىرى ئەدىلىيە (سوت)، بۇ ئورگان قانۇننى چۈشەندۈرۈش، تەدبىقلاش، كېسىم قىلىش قاتارلىق ئىشلارغا مەسئۇل. دېموكراتىك دۆلەتتە بۇ ئۈچ ھوقۇق ئايرىلغان بولۇپ بىر بىرىگە بېقىنمايدۇ. مۇستەقىل ئىش يۈرگۈزىدۇ. بۇنىڭدا ھوقۇقلارنىڭ تەڭپۇڭلۇق پىرىنسىپى تەكىتلەنگەن. ئەگەر بۇ ھوقۇقلارنىڭ مەلۇم بىرى كۈچىيىپ كەتسە باشقىلىغا دەخلى قىلىدۇ. شۇڭا بۇلار بىر بىرىدىن مۇستەقىل. مەن بىر ھەدىس ئاڭلىغان. بىرسى پەيغەمبىرىمىزگە ئوغرىدىن شىكايەت قىلىپ كەلگەن، ئۇ كىشىنىڭ شاھىدلىرى تولۇقكەن، پاكىتى باركەن، يەنە نېمە كەم؟ نىمىشقا پەيغەمبىرىمىز ئۆزىلا كېسىم قىلىپ، جازاغا بۇيرىمايدۇ؟ قازى، نازارەتچى، ئىجراچى قاتارلىق بۇ ئۈچ ھوقۇقنىڭ بىر ئادەمگە يىغلىپ قېلىپ ئادالەتسىزلىك مىراس، ئەنئەنە بولۇپ قالمىسۇن ئۈچۈن. پەيغەمبىرىمىزمۇ بۇ ئۈچ ئىشنىڭ ھەممىنى ئۆزەم قىلىمەن، دېمىسە بىزگە بۇلارنى بىرلەشتۈرىۋالغاننى بىزنىڭ، ئايرىغاننى غەرپنىڭ دېيىشىمىز قانداق گەپ؟ پەيغەمبىرىمىز نېمىشقا قىزىنى، يا بىرەر ئۇرۇق تۇغقىنىنى ياكى بىرەر ئۆزى مۇۋاپىق دەپ قارىغان كىشىنى ۋارىس قىلىپ بېكىتىۋەتمەيدۇ؟ مەنچە دېموكراتىيە ئۈچۈن. (كەچۈرۈڭلار، مەن بۇ ھەقتە ئالدىراپ دەپ سالدىم، بۇلارنى تەپسىلى بىلگۈچى مەن ئەمەس، پەقەت ياخشى نىيەتتە مەسىلىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن دەپ ئۆتۈپ كەتتىم)
دېمەكچىمەنكى دېموكراتىيە ئاللاھ ئادەم قىلىپ ياراتقان ھەرقانداق مىللەتتە ئەسلى بار. پەقەت بۇنى تەتقىق قىلىدىغان ئالىملار، تەدبىق قىلىدىغان ھاكىملارنىڭ چىققان چىقمىغانلىقى ۋە شۇ تەدبىق ۋە تەتقىقنى ئىزچىل داۋام قىلغان قىلمىغانلىقى بىلەن پەرقلىنىدۇ. شۇنى ئىتىراپ قىلىش كېرەككى مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىنلا ئەمەس غەربىي ياۋرۇپا ۋە شىمالىي ئامېرىكىدىن باشقا دۇنيانىڭ ھىچ يېرىدە ھۆكۈمرانلار جەمئىيەتنى، ھاكىمىيەتنى تەشكىللەشتە بۇ ھەقتىكى ئىلىمگە مۇراجەت قىلمىغان ياكى ئالىملىرىنىڭ مۇشۇ ھەقتە ئىزدىنىشىگە يول قويمىغان. مىسال ئالساق، چىڭ ئىمپىرىيىسىدە غەرپنىڭ تېخنىكىسى كېرەك قالغىنى زەھەر دېگەن، بۇ گەپ ھازىرغىچە نۇرغۇن مۇستەبىت ئەللەردە مودا.
بەزى كىشىلەر مۇنداق دەيدۇ. ئىسلام ھىققىدە سۆزلىگەنلەر مۇسۇلمان، دېموكراتىيە ھەققىدە سۆزلىگەنلەر غەرپپەرەس، ئەستەغفۇرۇللاھ، شۇنى چۈشەندۈرەلمىدىم، سۆزلەش ھوقۇقىمىزنى مۇشۇ مۇنبەر چەكلىۋەتسە سىز مۇسۇلمانلىقىڭىز نەدە بايان قىلىسىز؟ ماڭا دېموكراتىيە كېرەك ئەمەس، دېسڭىز مەن ئۇنداقتا بۇ يەردە سىزنى چەكلىۋەتسەم سىز بۇ گەپنى نەدە دەيسىز؟ كېرەك دېگەننىمۇ كېرەك ئەمەس دېگەننمۇ دەيدىغانغا بىر سورۇن كېرەك ئەمەسمىكەن؟ بۇ سورۇننىڭ ئېتى دېموكراتىيە بولماي نېمە؟
دېموكراتىيەنى خاتا چۈشەنگەنلەر ئىسلاملا بولسا ھەممە ئىش تۈزۈلىدۇ دەيدۇ. توغرا، سىزگە شۇنداق. ماڭمۇ شۇ. دۇنيادا سىز بىلەن مەنلا يوق. جەمئىيەت بار. جەمئىيەتنى قانداق باشقۇرىمىز؟ ياخشى قىلىقنىڭ مۇكاپاتى، يامان قىلىقنىڭ جازاسىنى كىم بېرىدۇ؟ ئاللاھ ئۇدۇنيادا بېرىدۇ، ئەمما ئىنسان بۇ دۇنيادا ياشايدىغان تۇرسا! قۇرئان بىلەن تۈزۈلىدۇ دەپ قارىدۇق، شىمالى ئافرىقا تۈزەلدىمۇ؟ ئوتتۇرا شەرق تۈزەلدىمۇ؟ جەنۇبى ئاسىيا تۈزەلدىمۇ؟ قۇرئاننى قانۇن قىلغان ئىراندا، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۇرۇقىدىن بولمىش شاھلارنىڭ ھاكىمىيىتىدىكى ئىوردانىيەدە، شەرئەت قانۇن قىلىنغان سەئۇدىدا سىز دېگەندەك ھەممە خەلق مۇسۇلمانلىقنىڭ ھوزۇرنى سۈرۈۋاتقان بولسا ئۆزىگە ئوت قويۇۋالاتتىمۇ؟ مىلتىققا قارشى نامايىش قىلاتتىمۇ؟ ھازىر نېمىشقا مۇسۇلمان دۆلەتلەر مالايسىيانى، ھىندونۇزىيەنى، تۈركىيەنى ماختايدۇ، ئەردوغاننى ماختايدۇ؟
شەخسكە ئىسلام كېرەك، ئەمما شەخس ئەركىنلىكىنىڭ كاپالىتى ئۈچۈن ئاۋۋال دېموكراتىيە كېرەك. ئۆيگە ئاتا كېرەك، ئانا كېرەك جەمئىيەتكە، دۇنياغا ئورتاق ئاتا (مۇستەبىت) كېرەك ئەمەس دېموكراتىك تۈزۈم كېرەك. ماڭا ئىسلاملا كېرەك، دېگەنلەرنى باشقۇرغۇچى، بۇ دىن مۇنبىرى ئەمەس دەپ قوغلىسا، دىن مۇنبىرىدىكىلەر بۇ دۇنيا ئىشلىرىنى تالىشىدىغان يەر ئەمەس دەپ قوغلىسا ئوتتۇرىدا ھىچ كىمنى قوغلىمايدىغان بىر مۇنبەر چىقىدۇ، ھەممىمىز شۇ يەرگە يىغىلىمىز، مانا بۇ دېموكراتىيە.
دېموكراتىيە ئىتىقاد ئەمەس، ئېكىن ئۇ بارلىق ئىتىقادلارنىڭ قوغۇدۇغىچىسى. بەزىلەر، دېموكراتىيە پىرىنسىپنى ھەقنىڭ قولىدىن ئېلىپ ئىنسانلارنىڭ قولىغا تۇتقازدى، ئىنساننىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاللاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئالماشتۇرماقچى دەپتۇ. شۇنى بىلىمىزكى ئاللاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقى بىۋاستە ئەمەلگە ئاشمايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ۋاكالەتچى لازىم، بۇ ۋاكالەتچىنى ئاۋام سايلىمىسا، نازارەت قىلمىسا، سوتقا تارتمىسا قانداقمۇ ئاۋامغا ۋەكىل بولالايدۇ؟ يەنە بەزىلەر دەيدۇ، دېموكراتىيە ئىنساننىڭ نەپىس-خاھىشى خالىغاننى قانۇنلاشتۇرىدۇ، ئىنسان ئاللاھ بۇيرىغاننى ئەمەس ئۆزى خالىغاننى قىلىدۇ. خوش، ئۇنداقتا ئاللاھ بېكىتكەن قانۇننى ئاللاھ ئۆزى ئىجرا قىلامدۇ ياكى ئىنسانمۇ؟ بىرسى تەختكە چىقىۋېلىپ، چەلپەكچىلەرنى سېتىۋېلىپ ئۆزىنىڭ نەپس خاھىشىنى سىزگە مانا مۇشۇ ئاللاھنىڭ بۇيرىغىنى شۇ دەپ ئاخبارات، مەسجىد، مەكتەپلەر ئارقىلىق سىڭدۈرسە قانداق قىلىسىز؟
بەزىلەرنىڭ دېموكراتىك ئەللەرنىڭ خاتالىقىنى دېموكراتىيەدىن كۆرۈشى بىلەن يەنە بەزىلەرنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئاجىزلىقىنى ئىسلامدىن كۆرگىنى ماھىيەتتە ئوخشاش.
يەنە بەزىلەر بىزگە ھازىرچە دېموكراتىيە كېرەك ئەمەس دەيدۇ، ئۇنداقتا ھەممىمىز بۇ يەردە مۇستاپا كامالنى مۇنازىرە قىلمايلى، ئۇ دېگەن داھى، بىزگە مۇقۇم تۇرمۇش كېرەك، ئۇ دېگەن مىليونلىغان ئىنسانغا مۇقۇم تەمىنات بەرگۈچى، بىزگە نان كېرەك ئۇ نان ياققۇچى...خوش، ناندىن قىل، ئوغا چىقسا نەگە برىمىز؟ مەيلىمۇ؟ داھىلىقىغا قوشۇلمىغانلارنى مۇتىئەسسىپكە چىقىرىپ سوتسىز، سوراقسىز قىرىپ تاشلىسا مەيلىمۇ؟ ئاۋال پۇلىمىزنى يىغىۋېلىپ، ئاندىن بىزگە جان باققۇدەك قىلىپ مۇقۇم تارقىتىپ بەرسە، يا ئۆلمەس، يا تىرىلمەس قىلىپ باقسا مەيلىمۇ؟ كاللىمىزنى ئەخلەت ئىددىيەلەر بىلەن تولدۇرۇپ بىزنى ھۆكۈمرانلىقىغا قۇل قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقسا مەيلىمۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم رۇمەيسە سىڭلىم
ۋاقىت قىستاپ قالدى، شۇڭا سىزگە ۋاقتىدا جاۋاپ يازالمىدىم، ھەم يازالمايمەن. مەن سىزنىڭ مۇ مۇنازىرىگە قاتنىشىپ تۇرغىنىڭىزدىن ئۈمىدلىنىپ قالدىم. مەسجىدلىرىمىزغۇ ئۇيغۇر قىزلىرىغا ئورۇن بەرمەگلىك، ئەمدى مۇنبەرلرىمىزمۇ سىلەرسىز كەسكىن مۇنازىرە قىلىشىپ كەتسەك بولمايدۇ. بىز مەيلى ئاكا بولايلى، ئاتا بولايلى ياكى ئۇكا بولايلى، ئاللاھ ئاتا قىلغان جىنس پەرقى سەۋەپلىك سىلەرنى چۈشىنەلمەي قالىمىز، مەلۇمكى، پەرقىمىز يالغۇز جىسمانى پەرق ئەمەس، بەلكى تەپەككۇر پەرقىمۇ قىسمەن مەۋجۇد. شۇڭا قىزلىرىمىز ۋە خانىملىرىمىزسىز قارارلىرىمىز ۋە مۇزاكىرەلىرىمىز كەمتۈگلۈكتىن، تەرەپتارلىقتىن ۋە تىيىزلىقتىن خالى بولالمايدۇ. مەن مۇشۇ كۈگىچە ئوقۇتقان، بىلىدىغان ئەلگە، ئىلىمگە پىداكار قىزلار ئوغۇللاردىن جىق. مۇشۇ نوقتىلاردىن ۋە سىزنىڭ ئىجتىھادىڭىز نوقتىسىدىن سىزنى جاۋابسىز قويۇشنى، توغرىسى سىزلەرگە جاۋاپ بەرمەسلىكنى دۇرۇس ئەمەس دەپ قارىدىم.
سىزنىڭ مېنىڭ كەمچىلىكىمنى بايقىغىنىڭىز ناھايىتى ياخشى بولۇپتۇ. مەن رازى، شۇڭا ئاشكارە دېۋىتىڭ. باشقا دوستلار ماڭا ۋەكىللىك قىلىۋالماي تۇرساڭلار، ھېلىمۇ بىز داۋاملىق ۋەكىللىك قىلىنىۋاتىمىز. تارتىنماي دەۋېرىڭ. ھەممىمىزنىڭ قۇلىقى سىزدە. دۇئا ۋە سالاملار بىلەن
گۈلەن ئاكىڭىز.
بەزى دوستلارنىڭ غەرپ ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرلىرىنى مۇنداق ئويلاپ قالدىم. بۇنىڭدا كۆرۈلۈش دەرىجىسىگە ئاساسەن تىزىلدى.
1. غەرپ=جىنسىي ئەركىنلىك، جىنسىي قالايمىقانچىلىق، بۇزۇقچىلىق، جىنىسبازلىق.
2. غەرپ=تاجاۋۇزچىلىق، مۇستەملىكىچىلىك، ئىقتىسادىي تاجاۋۇز.
3. غەرپ= قىرغىنچىلىق، ئاغدۇرمىچىلىق، ئالدامچىلىق
بۇنداق قاراشتىكىلەرگە دەيدىغىنىم بۇلار قايسى ئەلدە بولۇپ باقمىغان؟ بۇنىڭغا خەلق ياكى دېموكراتىيە جاۋاپكارمۇ؟ بۇلار قايسى ئەلدە كۆپ؟ غەرپتە بۇلار ئاشكارە، غەرپنىڭ تارىخى دۇنياغا ئايدىڭ، قىلىۋاتقانلىرى ئاخباراتقا ئوچۇق. سىزچە يېپىق نەرسنىڭ ھەممىسى يوق بولغانغا باراۋەرمۇ؟ سىز بىلىشكە قادىر بولمىغان تارىخ، بىلىشىڭىز مەنئى قىلىنغان تارىخ يوققا تەڭمۇ؟ سىز دۇنيانى، رىياللىقىڭىزنى كۆزىڭىزدە كۆرۈپ ئەقلىڭىزدە ھۆكۈم قىلىپ ياشاۋاتامسىز ياكى ئۆزگنىڭ ھۆكۈمىنى، كۈزەتكەنلىرىنى بىزگە دوراپ بېرىۋاتامسىز؟
يەنە بىرى پىسخولوگىيە نوقتىسىدىن ئىنسان نېمىگە تەشنا بولسا شۇنىڭغا ئائىت ئۇچۇرلارغا سەزگۈر بولىدۇ ۋە شۇلارنى ئىزدەپ كۆرىدۇ، شۇنىڭ پارىڭىنى تولا قىلىدۇ.
مەن يەنە ئىلتىماس قىلاي. يۈسۈپجان ياسىننىڭ ماقالىسى ئەستايىدىل يېزىلغان ماقالە. بۇ يەردە بىر قېتىم دېگەننى شەكىل ئۆزگەرتىپ تەكرارلاۋەرمەي. شۇ ماقالىگە رەددىيە بېرىڭلار. دىلمۇراتجاننىڭ يازغانلىرى رەددىيەنىڭ يېنىغا ئاران كېلىپتۇ. مېنى يىڭىش ئۈچۈن مۇنازىرە قىلماڭلار دېگەننى مەن ئۇركەش ئىسىملىك كىشىگە دېگەن. بۇ يەردىكى مەقسەد مۇنازىرىدىكى سەمىمىيلىكنى تەكىتلەش.
مېنىڭ پىكىرلىرىمگە رەددىيە بېرىۋاتىمەن دەپ قارىساڭلار نەقىل ئېلىپ بىرمۇ بىر رەددىيە بېرىڭلار. بولمىسا كىم بىلەن مۇنازىرە قىلىۋاتانلىقىڭلارنى بىلگىلى بولمايدىكەن. بولسا كىمنىڭ پىكرىگە قارشى نېمە دەۋاتقىنىڭلارنى دەپ قويۇڭلار.
سىڭلىمىزغا شۇنچە گەپ قىلساق ھىچ ئىنجا يوق. مەن كەمچىلىكىمنىڭ ئاشكارە بولۇشدىن قۇرقمىسام، ئاشكارە قىلىشتىن قورقۇپمۇ ئىشمۇ؟
گۈلەن: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مۇنبەردە مېنىڭ ئىسمىمنى ئاتاپ سۆز قىلغانلار يا مېنىڭ بۇرۇن دېگەنلىرىمدىن يا ئۆزەڭلەرنىڭ دېگىنىدىن نەقىل ئېلىڭلار. بولمىسا كىمنىڭ نېمە دېگىنى رۇشەن بولمايدۇ. يەنە بىرى مۇنازىرىدە مېنى يېڭىمەن دەيدىغانلارغا ئاخىرقى سۆزۈم، مېنى يەڭدىڭلار، مەن يىڭىلدىم، سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلەرگە توغرا. سۆزلەش كېرەك ئەمما بىلىپ، چۈشىنىپ، قائىدىگە سېلىپ، ھىچ بولمىغاندا ئۇيغۇر ئەخلاقىغا ئۇيغۇن قىلىپ سۆزلەش كېرەك.
بىز رىياللىقنى چۈشىنىشكە تىرىشىۋاتىمىز ھەم چۈشەنگەنلىرىمىزنى باغىرلىرمىز بىلەن ئورتاقلىشىۋاتىمىز.
مۇنازىرىدىن يەنە مۇنۇلارنى بايقىدىم: 1. كىشىلەرنى قارىمۇ قارشى ئىككى قۇتۇپلۇق تەپەككۇر ئۇسۇلىغا كۆندۈرۈش. مەنچە بۇ يەردىكى قەستەن قارىشلاشتۇرۇلغان ئۇقۇملار؛ غەرپ- شەرق، خىرىستىيان-ئىسلام، مۇسۇلمان- دىنسىز، سوتسىيالىزىم- كاپىتالىزىم، تەرەققىيات- قالاقلىق... ۋاھاكازالار. سىياسىيونلار، كارامەتچىلەر، زالىملار كۆپىنچە كاللىمىزدىكى مۇشۇ قارىمۇ قارشى ئۇقۇملاردىن پايدىلىنىدۇ. شۇنداقلا ئۇلار كاللىمىزنىڭ مۇشۇنداق قارىمۇ قازى ئۇقۇملارنىڭ جەڭ مەيدانىغا ئايلىنىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بىزنىڭ كاللىمىزغا بۇنداق زىددىيەسىز ئۇقۇملارنى زىتلەشتۈرۈپ تولدۇرغۇچىلارنىڭ مۇنداق جۈملىلىرى دائىم كۆزىمىزگە تاشلىنىدۇ، "مۇسۇلمان بولساڭ مۇنداق قىل، مۇسۇلمان دېگەن مۇنداق قىلىدۇ، ئۇيغۇر بولساڭ بۇنى قىل، بۇنداق دېمىگەنلەر ئۇيغۇر ئەمەس، يا بۇنى قىلىپ مۇسۇلمان بول، يا بۇنى قىلماي كاپىر......" شۇنداق دەۋاتقانلار مەقسەدلىك ھالدا كىشىلەرنىڭ تەبىئىي دىنى تۇيغۇلىرى ۋە مىللىي تۇيغۇلىرىنى دەستەك قىلىپ ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي مەقسىدىنى مىللەتلەشتۈرىدۇ ۋە دىنلاشتۇرىدۇ. شۇنداقلاردىن سوراپ باقساق بولىدۇ، ئۇيغۇرلۇقنىڭ، مۇسۇلمانلىقنىڭ ئۆلچىمى قاچاندىن باشلاپ سېنىڭ قارارىڭغا باغلىق بولۇپ قالدى؟ سەن نېمە سالاھىيەت بىلەن بىزنىڭ مۇسۇلمان-كاپىر، ئۇيغۇر-نائۇيغۇر، ئىلغار-قالاق، ئىللەتلىك-ئىللەتسىزلىكىمىزگە باھا بېرىدىغان، كېسىم قىلىدىغان ئورۇنغا ئېرىشىتىڭ، قانداق ئېرىشتىڭ؟ بۇنداق تەپەككۇرنى لوگىكىدا خاتا ئىككىلىك دەيدۇ. بۇنداق دېگەنلىك ئىككى ئۇقۇمنى قەستەن قارىمۇ قاشى قىلىپ دائىم كىشىلەرگە بۇنىڭ بىرىنى تاللاشنى تەلەپ قىلىشتۇر. بۇنداقلارنىڭ قارىشىچە چوقۇم ئىككىنىڭ بىرى بولۇش كېرەك، ئىككىلىسى بولۇشقا، ھىقايسى بولماسلىققا، ئۈچىنچى بىرى بولۇشقا بولمايدۇ. مىسالەن بۇلارنىڭ تەپەككۇرى بويىچە ئاسماندا قۇياش بولمىسا چوقۇم ھاۋا تۇتۇق بولىدۇ، ھاۋانىڭ تۇتۇق بولۇشى قۇياشنىڭ يوقلۇقى. بۇلارنىڭ دەستىكى دەل قۇياشقا ئوخشاش كىشىلەرگە تولىمۇ تونۇش شەيئى( كەڭەيتسەك ئىسلام، ئۇيغۇر، خىرىستىيان..)، بۇنداق شەيئىلەر كىشىلەرگە دائىم ھەمراھ بولغاچقا مەسلىنىڭ مەۋجۇد ياكى ئەمەسلىكىنى، ئېغىې يېنىكلىكىنى شۇ شەيئىگە باغلاپ قويسا ئەسلى مەقسەدنى يوشۇرماق ئاسان بولىدۇ. چۈنكى قۇياشنىڭ بولۇش بولماسلىقنىڭ ھاۋانىڭ تۇتۇق ئوچۇقلۇقى بىلەن سەۋەپ-نەتىجىلىك مۇناسىۋەتكە ئىگە ياكى ئەمەسلىكى ئادەتتە جىق كىشىلەرگە ئېنىق ئەمەس. شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئۇلار سورايدۇ، قۇياشلىق كۈنگە تۇرامسەن قۇياشسىز كۈنگىمۇ؟ بۇنى مۇستاپا كامال مۇنازىرىسىگە تەدبىقلىساق مۇستاپا كامال دېمەك تۈركىيەنىڭ مۇستەقىللىقى دېمەكتۇر. مۇستەقىللىقنى تالامسەن مۇستەملىكىلىكنىمۇ؟. يەنە مەسىلەن، بور دېگەن ئاق بولىدۇ، ئاق نەرسنىڭ ھەممىسى بور، ئاق بولمىغان نەرسە بور ئەمەس. بورنى ئاق دېمىگىنىڭ قارا دېگىنىڭدۇر، قايسىغا تۇرىسەن؟ بۇ يەردە كىشىنى ئالدايدىغان ئامىللار كۆپىنچە قۇياشلىق كۈنلەرنىڭ بۇلۇتسز بولۇشى ۋە جىق بورلارنىڭ ھەقىقەتەن ئاق بولۇشىدۇر. سىياسىيونلار، كارامەتچىلەر، زالىملار ، مۇستەبىتلەر دەل مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن كىشىلەرنى ئالدايدۇ. بۇنىڭغا قارشى چىققۇدەك زاماننىڭ، شارائىتنىڭ يېتىلىشىگە قارشى تۇرىدۇ، توسىدۇ. زالىملار، مۇستەبىتلەر ساددا مىللەتچىلەرنى، چەلپەكچىلەرنى، زامانقۇللارنى سېتىۋېلىپ، مەتبۇئاتلاردىن پايدىلىنىپ، جەمئىيەتتە مۇشۇ خىل تەپەككۇر ئۇسۇلىنى پەيدا قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، مۇستاپا كامال تۈركلەرنى مۇستەقىل قىلغان، بۈيۈك تۈرك مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ داھىسى شۇڭا دەخلىسىز ئۇلۇغ دەۋاتقانلار كىشىلەرنىڭ كاللىىسىغا داھى دېگەن ئۇلۇغ بولىدۇ، ئۇلۇغلۇق داھىدىلا بار،(ساختا زىددىيەتلەشتۈرۈلگەن ئىككى ئۇقۇم) مۇستاپا كامال دېمەك زامانىۋىي تۈركىيە دېمەكتۇر، دېگەندەك زىددىيەتسىز ئۇقۇملارنى زىتلاشتۇرۇپ كىشىلەرگە ئۆزى خالىغاننى تاللاتقۇزىدۇ. كارامەتچىلەر ئاۋال كىشىلەرنىڭ سەمىگە زىددىيەتسىز ئۇقۇملارنى ئىككلىك زىددىيىتىگە سېلىۋېتىپ، ياكى يوشۇرۇن ئەسكەرتىۋېتىپ قالغان "تەلىمات" لىرىنى بازارغا سېلىشقا باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاڭلىغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرى ماقالىنى ئوقۇشتىن، ياكى گەپنى ئاڭلاشتىن بۇرۇن تورمۇزلىنىپ قالىدۇ ياكى زىددىيەتلىك دەپ سىدۈرۈلگەن ئىككى ئۇقۇمنىڭ بىرىنى تاللاپ بولغان بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ماقالە ۋە نۇتۇقتىكى ئاساسلار توغرىدەكلا تۇيۇلىدۇ. يالقۇن روزى "بېكخام موھىممۇ ئېشەكمۇ" دېگەن ئۇيغۇرنىڭ پەزىلىتىگە ھاقارەت قىلغان ماقالىسىدا دەل شۇ زىددىيەتسىز ئۇقۇمنى زىتلەشتۈرۈپ ئوقۇرمەنگە بىرنى تاللىتىپ بولغاندىن كېيىن چىقارغان بىمەنە يەكۈنىگە بىرمۇنچە كىشىنى ئەگەشتۈرىۋالدى. بۇنى مىسال بىلەن يەنە يەشسەك گەپ تۈگمەيدۇ.
2. ئابىستىراكىت ئوقۇمنى كونكىرىتلاشتۇرۇش. مەسىلەن، مۇستاپا كامالغا تۈرك خەلقى باھا بېرىپ بولدى. مۇستاپا كامالغا تارىخ باھا بېرىپ بولدى. مۇستاپا كامالغا ئاللاھ باھا بېرىدۇ. بۇ يەردىكى تارىخ، تۈرك خەلقى، ئاللاھ دېگەن ئۇقۇملار ئابىستىراكىت ئۇقۇملار بولۇپ ئۇلارنىڭ كونكىرىت مەسىلىگە رۇشەن باھا بېرىشى ۋە باھالىرىنى بىزنىڭ بىلەلىشىمىز، كۆرەلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. ئۇلارنىڭ بۇ گەپلىرى بىر قارىسا توغرىدەكلا تۇيۇلىدۇ. ئۇنداقتا تۈرك خەلقى دېگەن زادى كىملەر، ئۇلارنىڭ باھا بېرىپ بولغىنىنى قانداق بىلدىڭ، سەن ھەر بىرىدىن سوراپ باققانمۇ؟ تارىخ دېگەن زادى قانداق نېمە، .ئۇنىڭ باھا بېرىش ئىقتىدارى بارمۇ؟ تارىخنى يېزىشقا پۇرستى بولغانلار يازامدۇ ياكى تارىخ ئۆزىنى ئۆزى يازامدۇ؟ ئەگەر ھەممە كىشىگە ئاللاھ باھا بېرىدىغان بولسا ئاللاھ بىزنى نېمىشقا تىلسىز، تەپەككۇرسىز ياراتمىدى؟
3. نامۇۋاپىق ئوخشۇتۇش. داھى دېمەك پادىچى، خەلق پادىدۇر. مۇستەقىللىق دېگەن ئېتىزدۇر داھى دېھقاندۇر. خەلق سۇدۇر، داھى سۇ باشلىغۇچى. بۇ يەردە كىشى ئاڭلىماققا قۇلاققا خوش ياقىدىغان گەپلەر خېلى بار. چۈنكى بۇ گەپلەر ئوبرازلىق، كۆز ئالدىغا كەلتۈرمەك ئاسان، چۈشەنمەكمۇ، چۈشەندۈرمەكمۇ ئاسان. لېكىن ئەمەلىيەت راست شۇنداقمۇ؟ بۇ يەردە ئىككى مەسىلە بار، بىرى ئىنساننى كەمستىش، كىشىلىرىمىزنى تۆۋەن كۆرۈش، يەنە بىرى مۇرەككەپ مەسىلىنى ئاددىلاشتۇرۇش. ئەگەر مۇشۇ ئوخشۇتۇش بويىچە بولىدىغان بولسا داھىلىق دېگەن موكۈشمەك ئوينىغاندىمۇ ئاسان بولغان بولىدۇ.
4. بىرلەشمەيدىغان، بىرلىشىشى مۇمكىن بولمايدىغان، مۇناسىۋەتسىز ئۇقۇملانى زورلاپ بىرىكتۈرۈش. مەسىلەن ئىسلام سوتسىيالىزىمى، ئىسلام دېموكراتىيىسى، ئىسلام پەن تەتقىقاتى...ئۇيغۇر پېنى، ئۇيغۇر ماتىماتىكىسى، ئۇيغۇر لوگىكىسى...
بىز ھەممىمىز ئىددىيەنىڭ خوجايىنى ۋە ئىددىيەنىڭ ئەگەشكۈچىسى. ئۇيغۇرلۇق تەبىئى تۇيغۇ لېكىن ئۇنىڭ پىزىكا بىلەن باغلىنىشى يوق، بىر ئادەمنىڭ پىزىكا بىلەن شۇغۇللىنىشى خۇسۇسى قىزىقىش، ئەگەر ئۇنىڭ مەقسىدى ئۇيغۇر فىزىكىسى يارىتىش بولسا ئۇ خاتا بىرلەشتۈرىۋالغان ۋە بىزنى ئالداۋاتقان بولىدۇ.
زامانىمىزدىكى چاتاقلار دۆلەتچىلىكنى مىللەتچىلىككە ئايلاندۇرۇش، مىللەتچىلىكى ئۈچۈن مىللەتلەرنى قۇربان قىلىش؛ دۆلەتچىلىكنىڭ مەزگىللىك مەنپەئەتى ئۈچۈن پەننى، ئىختىسادنى، مەدەنىيەتلەرنى، تەرەققىياتنى، موھتنى، بايلىقنى ۋەيران قىلىش؛ بىر مىللەتنىڭ مىللەتچىلىكىنى دۆلەتچىلىككە ئايلاندۇرۇپ باشقا مىللەتلەرنىڭ دىنىنى، مەدەنىيىتىنى دۆلەتلىنىشكە زورلاش...
قاتارلىق تەرەپلەردە ئىپادىلىنىۋاتىدۇ. بىز قاچان ئىددىيەلەرنىڭ كۆزەينىكىدىن قۇتۇلۇپ دۇنياغا كۆزىمىز بىلەن ئەقلىمىز بىلەن قاراشىنى ئۆگەنگەندە، ئۆگىتىلگەندە ۋە ئۆگنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەندە بۇ مۇنازىرىمىزمۇ ھەقىقى مۇنازىرىگە ئوخشايدۇ. ئۇيغۇردا ئات تاپقىچە ئېشەك مىن دېگەن گەپمۇ بولغاچقا داۋام قىلىپ تۇرايلى.
مەن 2009- يىلى 5-ئايدا "ئۇيغۇردا مۇنازىرە ۋە مۇنازىرە ئەندىزىسى" دەپ بىر يازما يازغان، مەرھۇم بەرقى مۇنبىرىگە شۇ يازمىنى تېپىشىپ بەرسەڭلار، بەكمۇ خوش بولغان بولاتتىم.
مەن ئۆزىمىزگە كۆڭۈل بۆلۈشنىڭمۇ مۇسۇلمانلىقىمزىدىكى ۋەزىپىمزىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىگە ئىتىقادلىقلارنى قايىل قىلالمىدىم. مۇنبەرلەردىكى پەلەستىن ئۈچۈن قايناشلاردىن تەشىۋىقات دېگەننىڭ نەقەدەر كۈچلۈك، خاسىيەتلىك قورال ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەي ئامالىم يوق. 2005-يىلى ئەنقەرەدە تۇنجى قېتىم پەلەستىنلىكلەرنى كۆردۈم ۋە تۈمەنلىگەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىدەك ھاياجانلاندىم. پەلەستىنلىكتىن جاۋاپ ھاياجانلىق قۇچاقلاش ۋە مەن تەسەۋۋۇر قىلغان غېرىپ دەرت تۆكۈش بولمىدى. كىينىشلىرى مەندىن ئېسىل. پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمالىرى ۋە بىر مىليات بەش يۈز مىليونغا يېقىن جوڭگۇ خەلقنىڭ قەلبىدىكى بىچارە پەلەستىنلىكنىڭ مەغۇرۇلۇقىغا گەپ كەتمەيتتى. سەن كىم؟ دېگەن سۇئال، مېنى ئىسەنكىرەتتى. ھاياجانلىق چۈشەندۈرۈشنى يەنە باشلىدىم. ماڭا تېخىمۇ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق چۈشەنچە بەردى"جوڭگۇ ئۇلۇق دۆلەت، ئامېرىكا ئىمپىرىيالىزىمىغا قارشى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتىپاقدىشى. ئامېرىكىنى كەلگۈسىدە پەقەت جوڭگۇلا مەغلۇپ قىلالايدۇ. غەپ مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى كۆرەشتە مۇسۇلمانلار جوڭگۇ تەرەپتە تۇرىدۇ. ئاڭلىسام كوڭزى جوڭگۇلۇقلارنىڭ پەيغەمبىرىكەن، كوڭزى ئەقىدىسى ئىسلامغا ئەڭ يېقىن. سىلەر مۇسۇلمان بولمىغان بىلەن مۇسۇلمانلىقنىڭ يولىدىكى كىشىلەر..." دەپ سۆزلەپلا كەتتى. ئۇزاق ئۆتمەي بىر كۈنى ماڭا "چاغىنىڭ مۇبارەك بولسۇن!" دېدى. مەن ئۇ كۈنى چاغانلىقىدىن بىخەۋەر ئىكەنمەن. نەدىن بىلگىنىنى سورىسام "سىلەرنىڭ دۆلەتتە ھۆكۈمەت يارىدىمى بىلەن ئوقۇۋاتقان پەلەستىنلىكلەر جىق، شۇلارىن ئاڭلدىم" دەيدۇ. كېيىن بۇ گەپلەرنى ئەرەبىستانلىق، ئىرانلىق، سۈرىيەلىك بالىلاردىن جىق ئاڭلىدىم. ئۇلارغا شۇنچە چۈشەندۈرۈپمۇ مېنىڭ ئۇيغۇرلۇقۇمنى يادىغا سالالمىدىم. نەدە كۆرسە "نىخاۋ" دېيىشىپ كېتىدۇ. قارىغاندا تەشۋىقات بۇ يەردىلا ئەمەس ئۇ يەردىمۇ كۈچلۈك ئوخشايدۇ. مۇستاپا كامالنىڭ تۈركىيەدىكى نوپۇزى بىلەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ قەلبىمىزدىكى ناتىۋانلىقى تەشۋىقات دېگەن بىر سۆزدە ئۇچرىشىدۇ.
قېرىندىشىمىز ۋولقاننىڭ يازغانلىرىنى ياندۇرۇپ ئىككى قېتىم ئوقۇدۇم. ماڭا ئىسلامنى دەۋەت قىلىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىپ ئۇيغۇرغا خەنسۇچە گەپ قىلىدىغان ئۇيغۇرلار خىيالىمغا كەچتى.
مەن بۇرۇن بىر ئىنكاسىمدا دېگەن. دوستلار قارشى تەرەپنى دائىم باشقا بىر ئىددىينىڭ تەشەببۇسچىسى دەپ قارىۋېلىپ شۇ ئىددىيىگە زىت كېلىدىغان بارلىق قاراشلارنى سۆزلەپ بېرىدۇ. ماڭا ماركا چاپلاپسىز، شۇ ماركىڭىزغا لايىق ئادەم ئەمەسمەن. ماركا چاپلىغانكەنسىز چاپلىغان ماركىڭىزنى چۈشەندۈرۈپ باققان بولسىڭىز قېرىنداشلار ماڭا چاپلاشسا چاپلاردى، چاپالنمىسا چاپلىماستى. بىز قازىسىمۇ، ئىجراچىسىمۇ، قانۇنچىسىمۇ بىرلا كىشى بولغان جەمئىيەتتە ئۇزاق ياشىغاچقا ھەممە ئادەمگە ئاشۇنداق كېسىم قىلىپ، ئىجرا قىلىپ كۆنۈپ قالدۇق. مەنچە زىيالىلار خەقنى ئۇنداقچى، بۇنداقچى دېيىشتىن ئاۋۋال زادى سەن رەددىيە بېرىۋاتقان نەرسە زادى نېمە؟ دۇنيادا ئەڭ ئاسىنى بىراۋنى غەرپپەرەس، دېموكراتچى، سوتسىيالىزىمچى...ۋاھاكازا قالپاقلار بىلەن كالتەكلىمەك، .ئەڭ تەسى شۇ قالپاقنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەك، ۋە ئاۋامغا بىلدۈرمەك. بۇ يەردە شۇنداق بىر مەككارلىق باركى ئەگەر سىز كەيدۈرىۋاتقان قالپاقنىڭ نېمىكىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇپ ئاندىن كەيدۈرسىڭىز ئاۋام قالپاقنىڭ ماسلاشقان ماسلاشمىغانلىقىنى بىلىپ قېلىپ سىزنى مات قىلىدۇ. شۇڭا قانچە ناتونۇش، قانچە كىشى بىلمەس قالپاقلارنى كىيدۈرسىڭىز شۇنچە ئاسان غەلىبە قىلىسىز. ئادەتتە ھەرقانداق تىلدا ئادەم تىللايدىغان سۆزلەر يات تىلدىن كەلگەن بولىدۇ. بۇ يەردىكى پىسخىك ئاساس ئوخشاش، يەنى خەققە بىلدۈرمەي ھاقارەتلەش مەقسىدىگە يېتىش. مەسىلەن ئۇيغۇرچىمزىدىكى لومودى، گۈيتوزا، لاكېلوزا دېگەن سۆزلەر خەنچىدىكى ئەڭ قەبىھ ھاقارەت سۆزلىرى. ئەڭ ئەجەللىك يېرى مۇشۇنداق ھاقارەت سۆزلىرىنى خەقنىڭ تىلىدىن كۆچۈرۈپ كەلگەنلەر جاھان كۆرۈش پۇرستىگە ئېرىشكەن ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەر.
ۋولقان قېرىندىشىم، بۇ يەردە گەپ سىزگە ئەمەس. مەن ۋاقتى كەگەندە ھىس قىغانلىرىمنى دەپ ئۆتۈپ كېتىمەن.
ئەمەلىيەتتە، سىز مەن دېگەنگە رەددىيە بەرمەي، مەن دېمىگەننى ماڭا كۈچەپ چۈشەندۈرۈپسىز.
مەن قاچان ئىسلام شەخسنىڭ ئىشى دېدىم؟ مەن قاچان ئىسلامنىڭ ھەق دىنلىكىنى ئىنكار قىلدىم؟
ئىسلام قانداقچە شەخسنىڭ ئىشى بولىدۇ؟ جوڭگۇدىكى ئون مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر قاچان بىر شەخس بولۇپ قالدى؟ تۆۋە ئەستەغفۇرۇللاھ.
ۋولقان قېرىندىشىم
مەن باشتىن بۇيان ئىنسانىيەت، دىن دېگەندەك ئابستىراكىت گەپلەنى قىلمىدىم. ئۇيغۇر تېخى ئۆزى قانۇن تۈزگىدەك بولمىدى، شۇڭا بىز ئۆزىمىز تۈزۈپ باقمىغان قانۇننى ئاللاھ قانۇنىنىڭ ئورنىغا دەسستىۋېلىشتىن يىراق. ماڭا ئىنكاس يازسىڭىز گەپ مۇشۇ يەرگىرەك چىشلىسە. ناۋادا ئۇيغۇرغا قانۇن تۈزۈش پۇرستى كەلسە خاتىرىڭىز مۇتلەق جەم بولسۇن، ئىسلامغا زىت قانۇن تۈزمەيدۇ. قانۇنغا ئاۋاز بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشسە ئىسلامغا زىت قانۇنغا ھەرگىز ئاۋاز بەرمەيدۇ. يەنە دەي گەپ ئىسلام-غەرپ مۇنازىرىسىدىن ئۆزىمىزگە قايتىپ كەلسە. غەرپ-ئىسلام مۇنازىرىسى دۇنيادا بىزسىزمۇ شۇنچە سۈپەتلىك داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مۇنازىرىنىڭ تەييار پورمىلىسى بەك تولا، بىز ئۇلارنى يادىلىۋالمىساقمۇ، بۇ يەرەد تارقاتمىساقمۇ ھازىرچە بەك چوڭ چاتاق چىقمايدۇ.
دېليار:
باش ئاخىرى يوق بولسىمۇ مۇنازىرىگە باشتىن ئاياق نەزەر سىلپ كۆڭلۈمدىن كەچكەنلەرنى يازماي تۇرالمىدىم :
تارىخىمىزنى ۋاراقلايدىغان بولساق بىز دۇنياۋى مىقياسىدا 13ئەسىردىن باشلانغان مۇڭغۇل ئىستىلاسىدىن 朱元璋غا (مىڭ سۇلالىسىنى قۇرغۇچىسى)ئوخشاش ھەربى ئىستېدات بىلەن قان كېچىپ جەڭ ئارقىلىق قۇتۇلمىدۇق ۋە ياكى ئىۋان ئۈچكە ئوخشاش كەسكىن مەيدان تۇتۇپ ئۆزىمىزنىڭ ھۆرلىكىنى ئېلان قىلمىدۇق.بەلكى دىنى ئىتىقادىمىزغا تايىنىپ ئۇلارغا گاھ مەيدان ئوقۇدۇق گاھ تەبلىخ ئىلىپ بېرىپ دىنىمىزنىڭ كاتتىلىقىنى سۆزلەپ تۇردۇق .بۇنىڭ نەتىيجسدە مۇسۇلمانلىقىنى ئېلان قىلىپ مۇڭغۇل نەسەبى بىلەن ئۆزىنىڭ خانلىقىنى دەلىللەيدىغان خانىدانلىقلارغا ئەسىرلەر رازى بولۇپ ياشىدۇق ،18ئەسىردىن كىيىن غەربنىڭ مۇستەملىكىسىگە قارشى ئارمىيە ۋە بىر قابىل گېنېرالنىڭ چىقماسلىقى سەۋەپ ئەرەب دۇنياسى خۇددى بىزنىڭ ئاتا بوۋلىرىمىغا ئوخشاش دىنى تۇيغۇلار بىلەن موللا مۇتەپپەككۇرلار ئارقىلىق غەرپكە قارشى مەنىۋىيەت جىڭى ئىلىپ بېرىۋاتىدۇ . بۇنىڭ نەتىجىسى قانداق بولار ؟ بۇ نۇقتىدا يەنىمۇ ئويلاپ باقسام بىزنىڭ ئاتا بوۋىلىرىمىز جىق ئىش قىلالايدىغاندەك تۇيغۇسىغا كېلىپ قالىمەن چۈنكى بىزلەر ئۇ مۇڭغۇل ھۆكۈمرانلارنى مۇسۇلمان قىلالىغان لېكىن ئەرەبلەرنىڭ غەرىپىنى ھازىر مۇسۇلمان قىلالىشى مۈنكۈنمۇ ؟ غەرب دۇنياسىدىكى ئەڭ ئۆتكۈر مۇتەپپەككۇرلار قارزاۋىنى نەسىر يازىدۇ شىئېر ئوقۇيدۇ دەپ ھىجىيىپ قويىدۇ ..ھەي
بىزنىڭ بوۋىلار تۇرپاندا ،قەشقەردە مۇڭغۇل نەسەبلىك خانلارنى ئاغدۇرۇپ باقتى لېكىن تورداشلارنىڭ بىلىدۇ ئۇ ئاغدۇرغۇچىلار ئاپاق خۇجا سىپىدىكى موللا كىشىلەر بولغاچقا بۇ يېقىنقى زاماندا بارلىققا كەلگەن «ئافخانىستان » بولۇش تەقدىرىگە قالدى ،يەنى ئۇلار قۇرغان بۇ چوڭ كىچىك ھاكىمىيەتلەرنىڭ ھازىرقى غەرب تالىبان ۋە ئافخانىستاننى قانداق سىستقان،سىستىۋاتقان بولسا بىزنىڭ بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى ياغۇچى زىيالىلىرىىمىز شۇنداق سېسىتىپ كەلدى شۇڭا ئىسمىنى تىلغا ئىلىپ يۈرمىسەممۇ بۇلارنىڭ نامىنى ھەمىمىز ئازدۇر كۆپتۇر ئاڭلىغان
تېمىنىڭ ئۆزىگە كەلسەك بۇ مۇنازىرىنىڭ قىزىپ قاينىشىدىكى سەۋەپ ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ مۇھىم مەۋجۇتلۇق تۈركى بولغان مىللى مۇھەببەت ۋە ۋە دىنى ئەقىدىسىنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىدا بولغانلىقى، تۆۋبە ۋە شۇ قاتاردىكى بىر قىسىم مۇنازىرچىلەرنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ ھازىرقى ۋە ئۆتمۈشى ھەققىدىكى مۇنازىرە دەسمايىسىنىڭ(بىلگە تونۇشىنىڭ ) يوقلىقى گۈلەن تورداشنىڭ سەمىمىيىتىنى تۇتقۇ قىلىپ مەيدانغا چىقىشى يەنە ئاتەشنىڭ 398قەۋەتتىكى ئىنكاسىدا بەكمۇ يالىڭاچ ئوتتۇرىغا چىقىپ قاپتۇ . مەن دىننى تۇتقا قىلغان تورداشلارنىڭ مەنىۋى تۆۋرىكلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئاتا بوۋلىرىمىزغا ئوخشاش ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەن ئەرەبلەرنىڭ يېقىنقى زاماندا دۇچ كەلگەن غەرب ئىستىلاسىغا قارشى ئېغىر سىياسىيلاشقان دىنى ئىنكاسلىرى ئىكەنلىكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلدىم شۇڭا ئۇلار ئىسلام ،شەرىئەت ،يەھۇدى دىگەندەك سۆزلەر بىلەن ھەممىنى چۈشەندۈرۇشكە دەرھال ئورنىدىن تۇرىدىكەن .
بۇنداق ئۇيغۇر ئەمىلىيىتىدىن يىراق ھاياجانلىق دىنى بايانلارنىڭ ئەمەلىيەتتە مىللىتىمىز ئۈچۈن ئەمىلى قىممىتىنىڭ ئازلىقىنى گۈلەن ئۆزىنىڭ مول كەچۈرمىشى ۋە ئىزدىنىش روھى بىلەن بەكمۇچوڭقۇر ھىس قىپتۇ ،مەنمۇ شۇ قاراشقا يەنى بىزنىڭ مۇڭغۇل ئىستېلاسىدىن ئالغان دەرس تارىخى كەچۇرمىشىمىزدىن قارىغاندا ئەرەبلەر دىننى سىياسىغا يۆلەپ كىشىلەرنىڭ دىنى تۇيغۇلىرىنى ئىنقىلابىيلاشتۇرۇش ھىچ بىر يەرگە بارالمايدۇ بەلكى تولا بولسا غەربنىڭ كۈچىگە باش قويۇپ ھاكىمىيىتىگە كېتىدىغان پۇلنى ھەل قىلىدىغان مۇسۇلمان ھۇكىمرانلارنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ (خۇددى بىزنىڭ مۇڭغۇل نەسەبنامىسىنى كۆتۈرۈپ تاشىقى ۋە ئىچكى دىپلوماتىيسىنى تەڭشەيدىغان خاندانلىقلىرىمىزدەك )
مىنىڭ گۈلەنگە ئوخشاش سەمىمى ئىزدەنگۈچى قېرىنداشلارغا تەكلىپىم :قارىسام گۈلەننىڭ دىمۇكراتىيە ھەققىدىكى بايانلىرى ئامېرىكىچە ،بۇنى مەن ئۆز مىللىتىنىڭ كەچۈرمىشى تارىخلىرىدىن بىرنچى نومۇرلۇق دەرس ئىلىپ پىكىر قىلىشقا جۈرئىتى يوق ھالدا ئەرەب ياكى ئىنگىلىسلارنىڭ ئاغزىدىكى گەپلەردىن چىقىش يولى ئىزدەپ قالىدىغان بالىلارغا ئوخشاتمىساممۇ پىكرى بالاغەتكە ئۇلىشالماققا توسقۇن قاتارىدا كۆرىمەن،ھەم بۇنى مۇسۇلمان خەلقىمىز قوبۇل قىلالمايدۇ ،مۇنازىرىلەردىن مەلۇمكى بىزنىڭ ھازىرقى روھى ھالىمىز ئاجىز ۋە چۈرۈك . يەنە بۇ ئاجىزلىق ۋە چۇرۇكلىك كەبى بىزنىڭ بۇ مۇنازىرىمىزلا ئەمەس پۇتۇن روھىيىتىمىز بايلىقلىرىمىزغا ئوخشاش باشقىلارنىڭ تالىشىدىغان زىمنى بولۇپ قىلىش تەقدىرىدىن قۇتۇلالمايدۇ. چۈشىنىشلىك قىلىپ ئيېتقاندا ھەر ئىشتىن ئاۋۋال مۇنازىرىدىن چوڭقۇر ھېس قىلغىنىم بىز بىر مىللەت سۈپىتىدە ئۆزىمىزنى تېپىۋېلىشقا كىملىكىمنى بىلىۋىلىشمىزغا مۇھتاج
گۈلەن:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
بىر مىللەتتىكى مەۋجۇدلۇق، مىللىي ئاڭ، قانداقتۇر بىر كىشى تەشەببۇس قىلغانغا پەيدا بولۇپ قالىدىغان بولمىسا مەۋجۇد بولمايدىغان نەرسە ئەمەس. تۈركلۈك، ئۇيغۇرلۇق ئاللاھنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان مەرھىمىتى. ئۇ ئەزەلدىن مەۋجۇد، ئاللاھنىڭ يارىتىش ئىرادىسىگە، ھىكمەتلىرىگە ۋە مەرھىمىتىگە لايىق ياشىيالىساقلا بۇ مەۋجۇدلۇق داۋام ئەتكۈسى. شۇڭا تۈركلەردىكى مىللىي ئاڭنى مۇستاپا كامالغا، ئۇيغۇردىكى مىللىي كىملىكنى توي خېتىگە، نوپۇس جەدىۋېلىگە باغلاپ قويۇشقا بولمايدۇ. تۈركلەر گەرچە ئەرەبلەر، بۇلغارلار، گرىكلار بىلەن ئەڭ يېقىن ۋە ئەڭ كەڭ مۇناسىۋەتتە بولغان بولسىمۇ ئانا تىلىنى يوقاتمىغان. ئانا تىلنىڭ مەۋجۇدلۇقى تىلغا باغلانغان مىللىي ئاڭنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى چۈشەندۈرىدۇ. مىللىي ئاڭ دېسە "تۈركلەر ئۇلۇق مىللەت! تۈركلۈك مەۋجۇدلۇقىمىزنىڭ ئاساسى!" دېگەندەك شۇئارنى توۋلىغانلار ئېسىمىزگە كېلىۋالمىسۇن. ئاللاھ ئۇيغۇر تۈركنىمۇ ئەرەبنىمۇ ئۆزى ياراتقان. شۇڭا بىزنى قايسىدۇر بىر داھى، ھۆكۈمەت، پارتىيە ياكى ئىسلاھاتچى ئۇيغۇر، تۈرك قىلىپ قويغان يوق. مىللەت ئاللاھ ياراتقان كۆللىكتىپ مەۋجۇدلۇق، ئاللاھنىڭ ئىنسانلارنى مىللەتلەرگە بۆلگەنلىكى قۇرئانىمىزدىن مەلۇم. مۇسۇلمانلىق شەخسى مەۋجۇدلۇق بۇنى تاللاش ئىنساننىڭ قولىدىن كېلىدۇ، ئۇيغۇرلۇق كوللىكتىپ مەۋجۇدلۇق، بۇنى بىز تاللىيالمايمىز. مىللىتىمىزنىڭ تارىختا ھەر خىل مىللەتلەردە ھەرخىل ئاتالغانلىقى نام مەسىلىسى ماھىيەت مەسىلىسى ئەمەس. بىزنىڭ ئىسمىمىزنى خەق نېمە دېسۇن، خەلقىمىز بەزىلىرى بىلىپ بىلمەي بەزىدە ئۇنداق بەزىدە مۇنداق دەپ تاشلىسۇن ئۇيغۇرلۇقىمىز ماھىيەتتىن چەتنىگەن ئەمەس.
تارىخمىزغا نەزەر سالساق شىمالى ئۇيغۇردا 1860-يىللىرى ئىلىدا ئىنقىلاپ بولغانغاندا قەشقەر، خوتەن، كۇچا، قاراشەھەر، تۇرپان، قۇمۇل ھەممە يەردە تەڭ بولغان. سىزچە ئۇلاردا ئۇيغۇرلۇق ئاڭ بولمىغان بولسا، ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرداشلىق ئېڭى بولمىغان بولسا تەڭ قوزغىلاتتىمۇ؟ 1912- يىللىرى قۇمۇلدا تۆمۈر خەلىپە قوزغالغاندا، تۇرپاندا مويدىن خەلىپە، جىمساردا توختاخۇن چامباشچى، قەشقەردە ھاشىم چامباشچى، سىيىت نوچىلار تەڭلا تەشكىلات قۇرمىغانمىدى؟ بۇ چاغلاردا ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۇيغۇرلۇق تەرغىباتىدا بولمىغان، مەمتىلى ئەپەندى مەيدانغا چىقمىغان ئىدىغۇ؟
مىللەتنىڭ تەقدىرىنى مەلۇم كىشىگە ياكى مەلۇم كىشىلەرگە باغلاپ قويۇش ئادەمنى قانچە ئاسان ئۈمىتلەندۈرسە شۇنچە ئاسان ئۈمىتىسزلەندۈرىدۇ. بۇنداق ئۈمىتلەنگۈچىلەر تېلۋىزوردا كىملەرنىڭدۇر ئۇيغۇرنى ئۇلۇق دەپ قويغىنىغا، ئۇيغۇردىن قايسىدۇر مەشھۇرنىڭ چىقىپ قالغىنىغا قاراپ ئۇيغۇرلۇق مەۋجۇدتەك بولمىسا يوقۇلۇپ كېتىۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولىدۇ. لېكىن مىللەتنىڭ مەۋجۇدلۇقىغا شۇ بىر ئىككى مەشھۇر ئەمەس، شۇلارنىڭ مەشھۇرلۇقىنىڭ كەينىدە تاغ بولۇپ يۆلەپ تۇرۇۋاتقان غايەت ئۇلۇغ بىر توپ ۋەكىللىك قىلىدۇ. شۇڭا بۈگۈنكى تۈركىيەنىڭ ۋە تۈركلەرنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى مۇستاپا كامالغىلا باغلاپ قويغىلى بولمايدۇ.
گۈلەن:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مەن بۇ يەردە مىللەتچىلىك تەشەببۇسىدا بولمۇدۇم ھەم بولمايمەن. چۈنكى مىللەتچىلىك ئايرىم چۈشەنچە، باشقا تەشەببۇس، سىستېمىلىق ئىدولوگىيە. مەن بۇنى چۈشەنمەيمەن. مەن ئۇ ئىلىمنى تەتقىق قىلمايۋاتىمەن. نېمىنى سۆزلىسەك بىلىپ سۆزلىگىنىمىز ياخشى. مەن پەقەت ئۇيغۇرلۇقتىن ئىبارەت تىل ئورتاقلىقىغا، غۇرۇر ئورتاقلىغا، تەپەككۇر ئورتاقلىقىغا، يۈرۈش-تۇرۇش ئورتاقلىقىغا ئىگە بىر كوللىكتىپ مەۋجۇدلۇق ھەققىدە پىكىر قىلىۋاتىمەن. ئۆزەم شۇ توپنىڭ ئىچىدە بولغاچقا بۇ ھەقتە تەپەككۇر قىلىشنى مەن تاللىۋالمىغان، بۇنى قانداقتۇر بىر ئۇلۇق مەقسەد ئۈچۈن قىلىۋاتقىنىم يوق. ئۆزەم ھەققىدە ئويلاپ يېشەلمىگەن سۇئاللىرىمنىڭ جاۋابى ئۇيغۇرلۇقۇمدىن تېپىلىۋاتقان بولغاچقا قېرىنداشلارنىمۇ ئاڭلاپ باقسۇن دەپ بۇ يەرگە يېزىۋاتىمەن. تىل ئورتاقلىقى مەدەنىيەت ئورتاقلىقىدۇر. ئۇيغۇرنىڭ قايغۇسىغا يىغلايدىغان ئادەم سىزگە تېلۋىزرودا، گېزىتلەردە كۆرسىتىلىۋاتقان پەلەستىندە، ئىراقتا، ئافغانىستاندا ئەمەس. بەلكى سىز ئېسىڭىزگىمۇ ئالالمايدىغان ئوكرائىناغا تەۋە قىرىمدىكى تاتارلاردا، ئىراققا تەۋە كەركۈكتىكى تۈركمەنلەردە، ئىرانغا تەۋە ئەزەربەيجاندىكى ئەزەر تۈركلىرىدە، روسىيەگە تەۋە تاتارىستاندا، رومىنىيىگە تەۋە گاگائۇز تۈركلىرىدە، ھونگىرىيەدىكى ھونلارنىڭ بۈگۈنكى ئەۋلادلىرىدا. ئافرىقىدىكى ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكىلەرنىڭ سىز ھەققىدە بىلمەسلىكىنى مۇسۇلمانلارنىڭ قېرىنداشلىقىنى بىلمەسلىكتىن كۆرەلمەيسىز، ياكى ئۇلارنى بۇ سەۋەپتىن ھەقىقى مۇسۇلمان ئەمەسكەنسەن دىيەلمەيسىز. كىم بىلەن تىل ئورتاقلىقىڭىز بولسا سىزگە شۇ ئەڭ بۇرۇن ئەڭ تەبىئى قايغۇرىدۇ. چۈنكى تىل بىرلىگى دىل بىرلىگىدۇر. بىر دوستىمىز لېتۋادا ياشايدىغا قارا چاي دەپ ئاتىلىدىغان تۈركى قەۋمدىن بولغان بىر ئانا بىلەن ئامېرىكىدا تونۇشۇپ قاپتۇ. قاراڭ، نوپۇسى ئىككى مىڭدىن ئاشمايدىغان شۇ كىشىلەرمۇ ئۇيغۇرنى بىلىدىكەن. ئۇ ئانا مۇساپىر ئۇيغۇر دوستىمىزغا يارىدەم بېرىپتۇ، بايراملاردا ئۆيىگە باشلاپ دىلىنى ئىللتىپتۇ. قارا چايلار مۇسۇلمان ئەمەس. پەقەت ئۇيغۇرنىڭ تىلىنى يۈزدە يۈز چۈشىنىدىكەن. دۇنيادا گېرمانىيە، ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى بار. بۇ مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسى تۈركلەرنىڭ مەكتىپى ئىچىدە (تۈركلەر بۇ ئورۇننى ئۇيغۇرغا ئارىيەت بېرىدۇ). چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئۆلۈم يېتىم، نەزىر چىراقلىرىنى تۈركلەرنىڭ زاللىرىدا قىلىدۇ. مۇساپىر ئۇيغۇرنىڭ ھېيىتى تۈركلەر بىلەن، ۋاپات بولسا قەبرىسىمۇ تۈركلەر قەبرىستانلىقىدا.
بىز كاللىمىزنى زىت ئۇقۇملار بىلەن تولدۇرۇپ قېرىنداشلىرىمىزغا ۋە تارىخمىزغا بۈگۈنكى تەشۋىقاتىمىز بىلەن، ئىدولوگىيەمىز بىلەن باققىنىمىز بىلەن دۇنيا سىزگە تىلىڭىزنىڭ كىم بىلەن يېقىنلىقى، مەدەنىيتىڭىزنىڭ كىمگە قانداشلىقى بىلەن باقىدۇ. مەدەنيەتتىكى ۋە تىلدىكى ئورتاقلىقنى بىز ئىددىيىمىز سەۋەبلىك ئىنكار قىلىپ دۇنياغا نەزەر سالساق، دۇنيا بىزگە مەدەنىيەت ۋە تىلدىكى ئورتاقلىقىمىز بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ. مۇئامىلە ئەمەلىي بولىدۇ، كۆرەلەيسىز، ھىس قىلالايسىز، نەزىرىڭىز، ئىددىيىڭىزخىيالىدۇر.
گۈلەن:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
بۇ مۇنازىرىگە قارشى تۇرغۇچى، مۇنازىرنىڭ ئەھمىيىتىنى يوققا چىقارغۇچىلاردىكى ئۈمىتىسىزلىك، چۈشكۈنلۈك كۆڭلۈمنى ئەزدى. ئۇلاردىكى بۇ پىكىرنى بىر قىسىم ناباپ زىيالىلىرىمىزدىكى ناباپ يازمىلار پەيدا قىلغان ياكى باھانە بىلەن تەمىنلىگەن.
بەزى زىيالىلىرىمىزنىڭ كۆزىگە بىر قىسىم سورۇنلاردىكى ھاراقتىن كېيىن دۇئا قىلىش، بىر قىسىملاردىكى تويدا ھاراق ئىچىش، گېپىگە بىر ئىككى ئېغىز خەنسۇچە قوشۇپ قويۇش ئاخىر زاماننىڭ ئالامىتىدەك كۆرۈنۈپ كەتتى. مەدەنىيىتىمىز بۇلغۇنۇپ كەتتىيەي، كىملىكىمىز ئاجىزلىشىپ كەتتىيەي، تۈگۈشۈپ كەتتۇقيەي دەپ مىللەتكە يۈكلىمىگەن توقا لەنەتلىرىمىز قالمىدى.
1940-يىللاردىن تا 1960- يىللارغىچە شىمال ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلىدا روسچە دېگەن ساماندەك جىق ئىكەندۇق. ھەتتا بالا دېگەننى مالچىك، ئۆي دېگەننىمۇ دوم دەيدىغان ھالغا كەپتىكەن. شۇ سۆزلەرنى ھازىر قايسى ئۇيغۇر ئىشلىتىدۇ؟ مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا كىشىلىرىمىزنىڭ ئېڭىغا پىنيىن ئارقىلىق ئىنقىلابىيلىقنى، خەنسۇچە سۆزلەر ئارقىلىق زامانىۋىيلىقنى سىڭدۈرمەكچى بولغان زوراۋانلار جوڭگۇ گوڭچەنداڭ جوڭياڭ ۋىيەنخۇي (جوڭگۇ كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتىتى) دېگەندەك جۈملىلەرنى ئۇيغۇرچىغا زورلاپ كىرگۈزۈپ خەقنى شۇنداق دېگۈزۈپتىكەن. قاراپ باقايلى ھازىر قانچىمىز شۇنداق سۆزلەيمىز؟ زامان ئۆتتى، "ئىنقىلاپ"لار تۈگىدى، ئۇيغۇرلۇق گۇم بولدىمۇ؟ ئۇيغۇرتىلى تۈگەشتىمۇ؟ كۆزىمىزنىڭ كۆرگىنىنى ھەق دەپ قالساق، ئىچىمىزدىكى بىچارىلىقنى، پۈچەكلىكىنى، ئۈمىتسىزلىكنى مىللەتكە دۆڭگەپ ئىچىمىزنى بوشتىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالىمىز.
قولىمىزدا قەلەم توختايدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرنى تىللاش ئەۋج ئالغان زامانلاردا نەدىكى ئورۇس جاسۇسلىرىنىڭ سەلبىي بايانلىرىنى ئالتۇن بىلىپ تەشۋىق قىلىپ يۈردۇق. ئەجەبا شۇ قەدەر خاراپ بولغان خەلق ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شىئېرلىرىنى يادا ساقلاپ قالالايتتىمۇ؟(ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئەسەرلىرى خەلق ئاغزىدىن رەتلەنگەن) خەلقىمىز شۇ قەدەر نادان، قالاق ھالەتتە قالغان بولسا نەۋايىنىڭ ئەڭ مۇكەممەل كۇللىياتى (تولۇق ئەسەرلىرى توپلىمى) ئۇيغۇرلار ئارىسدىن باشقا تۈركى مىللەتلەرگە قارىغاندا ئەڭ كۆپ، ئەڭ تولۇق تېپىلاتتىمۇ؟ ھەتتا مەركىزى ئۇيغۇر شەھەرلىرىدىن ئەڭ ئۇزاق لوپنۇردىنمۇ نەۋايى دىۋانلىرى تېپىلاتتىمۇ؟ ئەڭ يىراق يېزىلاردىمۇ ئۇيغۇر مۇقامىنى بىلىدىغان سازەندە، نەغمىچىلەر تېپىلاتتىمۇ؟ ئەڭ نامرات ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىدىنمۇ ھەپتىيەك تېپىلاتتىمۇ؟ دۇنيا بويىچە ئەڭ كىچىك قۇرئان خوتەننىڭ قاراقاشتىكى بىر يېزىدىن تېپىلاتتىمۇ؟ مۇزىكا، قۇرئان، كىتابقا ھەمراھ ياشىغان ئۇيغۇرنى قالاق دېسەك، خىيالى قورساقنىڭ نېرىسغا ئۆتمىگەن نەچچە مىيون خەقنى نېمە دەيمىز؟ خەلقىمىز شۇ قەدەر نادان، قالاق بولسا ھۆرلۈك ئۈچۈن 1912، 1930، 1940-يىللاردا نەچچە يۈزمىڭلاپ قۇربان بېرەتتىمۇ؟ باشقىلارنى قويۇپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداشلىرىمزنى ساناپ باقايلى، ئۇيغۇردەك پىداكار، قورقماس، شەھىدانە پەرزەنتلىرى بار يەنە كىم بار؟ ئادەم ئۈمىتسىزلەنسە غۇۋا سايىسىمۇ دۈشمەن كۆرۈنىدۇ، ئايدەك چىرايىمۇ لايدەك كۆرۈنىدۇ. بۈگۈن ئۇنى ھاراقكەش، دىنسىز، بۇنى چاكىنا مەۋقەسىز دەپ ئۇيغۇرنى كەمسىندۈرىشىمىز قەلەمكەشلىرىمزدىكى ئۈمىتسىزلىك بولماي نېمە؟
بۇ يەردە بىر قانچەيلەننىڭ ئۇيغۇر دېگەننى ئۇرغۇي دېيىشى، ھاراق ئىچىپ دۇئا قىلىشى قورقۇنچلۇق ئەمەس. شۇ ھاراق ئىچىپ دۇئا قىلىۋاتقانلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرنىڭ ئىتىقادىنى ھاقارەتلىسەڭ يۈزۈڭگە تۈكۈرىدىغانلار بار،(مەن 2009-يىلى 1-ئايدا ئۈرۈمچىدە شۇنداق ئىشقا دۇچ كەلگەن. بىر سورۇندا ھاراق ئىچىۋاتقانلارغا مۇسۇلمان دېگەن...دەپ سىناپ باقسام تاس قالدىم ئۆلگىلى) ئۇيغۇر قىزىغا كۆز قىزارتساڭ قارنىڭنى يارىدىغانلار بار. مەنچە خەتەرلىكى بىر قىسىم ئۇيغۇلارنىڭ بىلمەستىن، كۆنگەنلىكتىن خاتا ئىشلارنى قىلىپ قويۇشى، سۆزلەپ قويۇشى ئەمەس، ئەڭ خەتەرلىكى كوللىكتىپ مەۋجۇدلۇقىمىزغا قىلىنغان ھاقارەت، تەھدىت ۋە مۇتىھەملىككە ئەل بېشىغا ئالغانلارنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇشى. ئۇيغۇرنى ئۇنداقچى، مۇنداقچى دەۋاتقانلاردىن شۇنى سورۇرغۇم بار، سىز نېمىچى؟
مۇستاپا كامالغا باھا بەرگەنلەرگە قارشىلار ئىچىدە، ئاتا تۈركتەك داھى چىقمىغان مىللەتنىڭ ئۇنىڭغا باھا بېرىش ھوقۇقى يوقەي، تۈركتەك داھىسىنى ئۇلۇقلىيالمىغان مىللەتنىڭ باھا بېرىش ھوقۇقى يوقەي، ئۆزىمزىنىڭ ھالى چاغلىق تۇرۇپ خەققە باھا بېرەمدۇقەي...دېگەندەك قاراشلانى بازارغا سېلىۋاتقانلارغا جاۋابىم يۇقارقىدەك.
گۈلەن:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
بۇ يەردە ئىتىقاد تونىنى كېيىپ مۇنازىرىگە كىرگەن دوستلارغا دەيدىغىنىم، ئەقىدىڭىزگە ۋە ئەقىدىمىزگە خىلاپ گەپ قىلىۋاتامسىلەر قانداق؟
1. مۇستاپا كامالنىڭ ئەجدادى سىز داۋا قىلغاندەك، راستىنلا تۈرك ئەمەس يەھۇدى بولسا كېرەك يوق. چۈنكى دىنىمىزدا ئىنسان مۇسۇلمان بولۇپ تۇغۇلىدۇ دەپ قارايمىز. پەن بويىچە قارىغاندا ئىنساننىڭ قايسى مىللەت بولۇشى تۇغما ئامىل ئەمەس. مىللىي تۇيغۇ ئىجتىمائى موھىتنىڭ مەھسۇلى.
2. بىر ئادەمنىڭ گېپى چىقىپ بولغىچە دىندارمۇ-ئەمەسمۇ دەپ تالىشىش دۇنيادىكى ئەڭ ئاسان ئىش. كىتاپ ئوقۇشقتىن كىتابنىڭ ھەققىدىكى پاراڭنى ئاسان چاغلايدىغان كىشىلەر ئەمەلىيەتتە مۇسۇلمانلىقنىڭ ماھىيىتىگە ئەمەس ئەمەس كۆرۈنىشىگە مەپتۇن كىشىلەر بىلەن ئوخشاش..
3 . مۇستاپا كامالنى تۈرك ئەمەس دەيسىلەر، بۇ گېپىڭلار شۇنداق يايغىنكى ھەتتا ئۇيغۇردا بۇ سۆزنىڭ ۋارىيانتلىرى بار. بىزدەمۇ بىرسىنى سېستىماقچى بولسا تۇققانلىرىنىڭ بىرىنى ياتقا چىقىرىش ئومۇمىيۈزلۈك، پەقەت تۈركىيەدە يەھۇدىغا بىزدە خەنسۇغا چىقىرىشىدۇ. بۇ گەپ تۈركىيەدە ھېلىمۇ كەڭرى، مەسىلەن، ئابدۇللاھ گۈلنىڭ ئەجدادىنى كۈرت، ئەردوغاننىڭ ئاتىسىنى گۈرجىستانلىق(گىروزىن)...ۋاھاكازالار تۈركىيەنىڭ تاراتقۇلىرىدا بەك يايغىن.
4. مۇستاپا كامالنى بۇزۇققا چىقىرىشمۇ، ئورتاق مىللىي ھادىسە. چۈنكى بىرقىسىملارنىڭ كاللىسى جىنسىي تۇيغۇلارنىڭ قۇماندانلىقىدا تەپەككۇر قىلىدۇ. بىزدە "ئىستىلى چاتاق" دېگەن گەپ مودا، تۈركىيەدىمۇ شۇ. گەرچە دىنىمزدا يالغانچىلىق زىناخورلۇقتىنمۇ ئېغىر ئېلىنىدىغان گۇناھ بولسىمۇ(بۇ ھەقتە ھەدىس بار)، بىرسىنىڭ يالغانچى دەپ سېسىتىلغىنىنى بۇزۇق دېيىلگىنىدىن پەۋقۇلاددە ئاز ئۇچرىتىمىز. بىر قىسىملارنىڭ كۆزىگە شۇ ئىشتىن باشقىسى كۆرۈنمەيدۇ.
شۇ نەرسە قىزىقكى، بىر ئادەمگە باھا بەرگەندە نېمە قىلغانلىقى، نەتىجىسى، تەجرىبىسى، ئىبرەتلىرى قاتارلىق ئەھمىيەتلىك نوقتىلار باھانىڭ مەركىزىدە بولماي، شۇ كىشىنىڭ ئىتىقادى، نەسەبى، ئائىلىسى، كىشىلىكى قاتارلىق خۇسۇسىي ئامىللار تالاشتا قالىدۇ. چۈنكى بىرسىنى ئۇنداقچى، بۇنداقچى دېمەك ئاسان بولغان بىلەن، قىلغان ئىشىغا، نەتىجىسىگە، تەجرىبە ساۋاقلىرىغا باھا بېرىشكە ئەقىل كېتىدۇ. "سىلەرگە ئەقىل كەلگەندە غال-غال تىترەيسىلەر"
دۇراك:
سىزگە ئارتۇق گېپىم يوق، بەزى سۇئاللارنى ئىنكاسىڭىزدا سوراپسىز ، نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بولىدۇ دەپ، بۇنى كېيىن سىزگە ئىسلامغا كىرىشكە پۇرسەت بولۇپ قالسا ياكى ئاللاھ ئىگەمنىڭ ھىدايەت نۇرى قەلبىڭىزگە چۈشكەندە ئۆزىڭىز تەبىى چۈشىنىپ كېتىسىز ، ئامان بولىڭىزلەر .
گۈلەن:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مۇنازىرىنى مۇنداق ھاياجانلىق چاقىرىقلار، نەسىھەتلەر، دەۋەتلەر بىلەن باشلاپ، بۇلار ئەسقاتمىسا خەقنىڭ ئىتىقادىغا ھاقارەت قىلىش بىلەن ئاياقلاشتۇرۇش كىشىنى بەك ئېچىندۇرىدۇ. بۇنداق نادانلىق تارىختىمۇ بولغان. مەسىلەن ئۇلۇق ئالىم ئىبىن سىنانىڭ "تىببىي داستان" ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق قۇرلار بار
مېنى كاپىر دېمەك ئەمەستۇر ئاسان،
ھەممىدىن مۇستەھكەم مەندىكى ئىمان.
يۈز يىلدا بىر كېلۈر مەن كەبى ئىنسان،
دېمەك دۇنيادا يوق مەندەك مۇسۇلمان .
ئەمەلىيەت ئىبىن سىنانىڭ دېگىنىنى ئىسپاتلىدى، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىدىن ئىبىن سىنادەك بىر ئالىم ئاۋال يۈز يىلدا بىر چىققان بولسا، 13-ئەسىردىن كېيىن نەچچە يۈز يىلدا بىرسىمۇ مەيدانغا چىقمىدى. ئەينى دەۋردە ئىبىن سىنانى تەنقىد قىلغانلارنىڭ بۇ زاتقا قارشى چىققۇدەك بىلىمى بولمىغاچقا ئۇنىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن پۇخادىن چىققان. شەخسكە چوقۇنۇش ياكى چوقۇندۇرۇش ئەۋج ئالغان، مۇستەبىتلىك ئۇزۇن داۋام قىلغان، بېكىك جەمئىيەتتە كىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى چۆكۈرمەكچى بولغانلار دائىم ئۇنىڭ شەخسىيىتىنى كۆتۈرۈپ قوپىشىدۇ. چۈنكى بۇنداقلار ياشىغان موھىتى سەۋەبلىك 1. بىر ئادەمنى مەلۇم ئىددىيەنىڭ كونكىرىت سىموۋولى دەپ بىلىپ قالىدۇ. چۈنكى مۇنداق جەمئىيەتتە بىر كىشى بىر سىياسىي ئىدولوگىيەگە ئۇزاق مەزگىل ۋەكىللىك قىلىدۇ. 2. بىر قەۋمنىڭ تەقدىرىنى دائىم بىر ئادەمنىڭلا تەدبىرىگە باغلاپ چۈشىنىپ قالدۇ. 3. جەمئىيەتتىكى چوڭ ئىجتىمائى مەسىلىلەرنى شەخسنىڭ خۇسۇسىي مىجەز مەسىلىسى سۈپىتىدە ئاددى چۈشىنىۋالىدۇ. يەنى جەمئىيەتنى شەخسلەشتۈرۈپ چۈشىنىدۇ. مۇشۇ مەنىلەردە ئۇلارنىڭ بىر كىشىگە قارشى تۇرغىنى ئۆزىگە خۇددى بىر ئىجتىمائىي قۇرۇلمىغا ياكى بىر ئىدولوگىيەگە تاقابىل تۇرۇۋاتقاندەك "ئىنقىلابىي" تۇيۇلۇپ كېتىدۇ.
يەنە بىرى ئاخبارات، يىغىلىش، تەشكىللىنىش ئەركىنلىكى بولمىغاچقا قەلبىدىكى تەلەپ ۋە نارازلىقلىلىرىنى مۇۋاپىق شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇش ئادىتى يېتىلدۈرەلمىگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ساغلام، ئىلمىي مۇنازىرە كۆلەملەشمىگەن بولغاچقا مۇنازىرىچىلىك كىشىنىڭ ئادىتىگە ئايلانمىغان بولىدۇ. شۇڭا مۇنازىرە بىلەن تىللىشىش پەرقلەندۈرۈلمەيدۇ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ دۆلەتنىڭ ئاساسىنى قانۇن، بايلىقنىڭ ئاساسىنى كەسىپ(ھۈنەر)-مىھنەت-تىجارەت، بىلىمنىڭ ئاساسىنى مۇنازىرە دەپ چۈشەندۈرىدۇ. بوۋىمىزنىڭ تەبىرىچە بىلىم مۇنازىرە بىلەن ۋايىغا يېتىدۇ، مۇنازىرە بىلىمنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈندۇر. شۇڭا ئاۋال بىلىم ئېلىش، ئاندىن ئۇنى مۇستەھكەملەش، تەدبىقلاش، سىناش ئۈچۈن مۇنازىرە قىلىش يۈسۈپ بوۋىمىزنىڭ تەشەببۇسىدۇر.
گۈلەن خۇلاسە ئورنىدا
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئەڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان ۋە ئەڭ كۆپ ئىنكاس يېزىلغان بۇ مۇنازىرە قارىغاندا ئاخىرلاشقاندەك قىلىدۇ. مېنىڭ مۇستاپا كامالنى داھى ياكى داھى ئەمەس دېگەنگە باھا بېرىش ئۈچۈن ئەركىن سىدىق ئاكىمزنىڭ بۇ ھەقتىكى ماقالىلىرنى ئوقۇپ ئاندىن باھا بېرىش ھەققىدىكى تەشەببۇسۇم سۇغا چىلاشتى. مەنچە مۇنازىرنى مۇشۇ تېمىغا يېقىنالشتۇرساق بىزگە نەپ بېرىدىغان بىلىملەرگە ئېرىشەلەيتتۇق.
قىزىق يېرى مۇستاپا كامالنى قارىلىغان دوستلار بىن لادىن، قازافى، ساداملارنى ئاقلاپ ئۇزۇن ئۇزۇن تالاشتى، ھەتتا بۇنى باشقىلارنىڭ مۇسۇلمانلىقىغا باھا بېرىشىنىڭ ئاساسىغا ئايلاندۇردى. ئۇلارچە ئاتا تۈركنى ئاقلىغانلار كاپىر سادامنى ئاقلىغانلار مۇسۇلمان بولۇپ چىقتى.
ھازىرغىچە بولغان مۇنازىرىدە ئۇتۇپ چىققىنى يۈسۈپجان ياسىن بولدى. چۈنكى ئۇنىڭ "مۇستاپا كامال دىنسىزمۇ ياكى تەقۋادار مۇسۇلمانمۇ" دېگەن ماقالىسىگە رەددىيە بېرەلىگۈدەك بىر كىشى چىقمىدى. كېيىنكى ماقالىسى تېخىمۇ رەددىيەسىز، جاۋاپسىز قالدى. باشقىلارنىڭ ئىمانىغا بىر ئىككى ئېغىز سەت گەپ ياكى تۆھمەت بىلەن ھۆكۈم قىلالايدىغان قېرىنداشلار، يۈسۈپجان ياسىننىڭ ماقالىسىگە خەقنىڭ ئەسەرلىنى چاپلىماي، كۆچۈرۈپ كەلمەي، تەرجىمە قىلماي تۇرۇپ ئىككى بەت مەنتىقىلىق رەددىيە بېرەلمىدى.
تەشۋىقاتچىلىق قىلىش، بۇ ئاقمىسا غەرپ دۈشمەن كۈچلىرىگە دۆڭگەش، ئەقىل بىلەن تاقابىل تۇرالمىسا كاپىرغا، خىرىستىيانغا، بۆلگۈنچىگە چىقىرىش، پەقەت ئامال بولمىغاندا تاياق توقماققا، قىيىن قىستاققا ئېلىش بىر قىسىم تور تەقۋالىرىنىڭ زامانغا ماس تەپەككۇر ئۇسۇلى. ھازىر مۇنازىرەدە يەنە مۇشۇ ئۇسۇل ئاقارمۇ؟
شۇنداق قىلىپ ئۇزۇنغا سوزۇلغان بۇ مۇنازىرە مۇشۇ يەردە تۈگىگەندەك تۇرىدۇ. مەن بىر ئامېركىلىق ئۇيغۇرشۇناسنىڭ ئۆيىدە «ماناس» داستانى توغرۇلۇق پاراڭغا ئىشتىراك قىلغانتىم. ئارىمىزدىكى قىرغىز پروفېسسورغا چاخچاق قىلىپ « مەن ئوغلۇم بولغاندا ئىسمىنى ماناس قويىمەن» دېسەم چىرايى ئۆزگىرەپ كەتتى. قويسام بولماسمىش. گېپىمىزنى تىڭشاپ تۇرغان ئامېرىكىلىق پروفېسسور، قارا، مانا بۇ مۇستاپا كامالنىڭ فامىلىسىنى تۈركلەرنىڭ مۇقەددەسلەشتۈرېۋىلىشىنىڭ سەۋەبى» دېدى. مەن قايىل بولمۇدۇم. ئۇنىڭ قارىشىچە تۈركى مىللەتلەردە ئۇلۇقلار بىر بولسا ئىلاھى نەسەبكە باغلىنارمىش، يەنە بىر بولسا ئىلاھقا ئايلاندۇرۇلارمىش. مەن يەنە قايىل ئەمەس، ئەمما ئاتا تۈركنىڭ نەسەبىنى بۇزۇققا، يەھۇدىغا چىقىرىۋاتقانلارنىڭ گەپلىرىدىن بىر نەرسىنى ئىلغا قىلغاندەك بولدۇم. دېمىسىمۇ، بىزدىكى موھـتىرەملەرنىڭ تەرجىمھالىدا ئەجدادلىرىنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىناتتى.