تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› ئەدىپ-مۇتەپەككۈرلەر ›› شەرق تېمىلىرىنىڭ رۇس ئەدەبىياتىدا تەسۋىرلىنىش مەسىلىسى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    hunwolf
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13273
    uygurtuku@yahoo.com.cn

    يازما سانى : 42
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-2-28 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    شەرق تېمىلىرىنىڭ رۇس ئەدەبىياتىدا تەسۋىرلىنىش مەسىلىسى



      

    شەرق تېمىلىرىنىڭ رۇس ئەدەبىياتىدا تەسۋىرلىنىش  مەسىلىسى

     

    فىكرەت تۈركمەن*

     

    تۈركچىدىن يۈسۈپجان ياسىن  ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرغان

    مەنبەسى : ‹‹دۇنيا ئەدەبىياتى›› ژورنىلى، 2009-يىلى، 4-سان.

     

    يازغۇچىلار ۋە شائىرلار ئۆز مەملىكىتىنىڭ كۈلتۈرىدىنلا ئەمەس، يەنە باشقا مەملىكەتلەرنىڭ كۈلتۈرىدىنمۇ ئۇزۇق ئالىدۇ. رۇس ئەدەبىياتچىلىرىدىن ئالېكساندىر سېرگېيېۋېچ پۇشكىن ئۆز ئەسەرلىرىدە شەرق تېمىلىرىگە ئورۇن بېرىش بىلەن دىققەتنى تارتىدۇ. پۇشكىن رۇس ئەدەبىياتىدا شەرقنى تۇنجى قېتىم رېئالىستتىك(رېئالىزملىق)  ئۇسۇل بىلەن تەسۋىرلىگەن، بولۇپمۇ ئۇنىڭ شېئىرلىرى شەرق تېمىلىرىنىڭ تەسىرى ئاستىدا يېزىلغان.

     

    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر:  رۇس ئەدەبىياتى، ئالېكساندىر سېرگېيېۋېچ پۇشكىن، شەرق تېمىلىرى، تۈرك كۈلتۈرى.

      

    شەرق بارلىق مەدەنىيەتلەر ئۇزۇق ئالغان بىر زىمىن. غەرپ شەرقنى ھەم ئۆزىدىن پەرقلىق ھەم يىراق دەپ قارىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن ئۇزۇق ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا ھەيران قېلىشتىن خالى بولمىغان. رۇسىيە ئۈچۈن بولسا شەرق تېخىمۇ پەرقلىق بىر مەنىگە ئىگە. بۇ ھەقتە رۇسىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ پىكرى بىردەك. شەرق ئۇلار ئۈچۈن ياۋروپادىن يېقىنراق.

    <<غەربىي ياۋروپا ئاھالىلىرىنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ نەزىرىدە <شەرق> سۆزى ھەممىدىن ئاۋۋال دېڭىزنىڭ نېرىسىدىكى مۇستەملىكىلەرنى ياكى قورقۇنچلۇق ئوسمانىيلار ئىمپېرىيىسىنى كۆرسىتەتتى، يەنى شەرق ئۇلارنىڭ يۇرتىدىن نەچچە يۈز ۋە نەچچە مىڭ كىلومېتىر يراقلىكتىكى يەرلەر  ھېساپلىناتتى. رۇسىيىدىكى ئەھۋال پەرقلىق ئىدى. رۇس دۆلىتى 16- ئەسىردىن ئېتىبارەن ئاسىيادىكى رايونلارنىمۇ ئۆز تەۋەلىكىگە قوشۇۋېلىشقا باشلىدى. شۇ سەۋەپلىك،  شەرق رۇسلار ئۈچۈن ھېچقاچان يىراق  ۋە يات بىر زېمىن ئەمەس ئىدى.>>(1)

    بۈيۈك رۇس يازغۇچىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئۆز ئەسەرلىرىدە شەرق بىلەن مۇناسىۋەتلىك تېمىلارغا ئورۇن بەرگەن. ئەلۋەتتە بۇ يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىگە شەرق بىلەن مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنىڭ كىرگۈزىلىشىدىكى سەۋەپلەر ئارىسىدا ئۇلارنىڭ شەخسىي مايىللىقى بىلەن بىرلىكتە يەنە شۇ دەۋرنىڭ ئىقتىسادى ۋە سىياسىي ئەھۋاللىرىنىڭ تەسىرىمۇ بار ئىدى.

     چار رۇسىيە كېڭەيمىچىلىك ئارقىلىق زىمىن دائىرىسىگە ئوخشىمىغان كۈلتۈردىكى  ھەر خىل خەلقلەرنى قوشۇۋالدى. يېڭىدىن قولغا كىرگۈزگەن زىمىندىكى خەلقنى ۋە ئۇزىنىڭ كەڭ ئىشغالىيەت پاسىلىغا يېقىن جايلاردا ياشايدىغان خەلقلەرنى چۈشۈنىش بۇ دۆلەتنىڭ  ئاساسلىق ۋەزىپىلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. بۇ خىل سىياسىي مۇھىتنىڭ تەسىرىدە رۇس يازغۇچى ۋە شائىرلىرىمۇ بۇ مىللەتلەرنى چۈشۈنىش ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى ھىس قىلغان ئىدى.

     نۇرغۇن يازغۇچى ۋە شائىرلار پەقەت ئۆز مەملىكىتىنىڭ مەنبەلىرىدىنلا ئەمەس، يەنە باشقا كۈلتۈرلەردىنمۇ ئۇزۇق ئېلىش ئارزۇسىدا بولغان.  باشقا كۈلتۈرلەرنى ئۆز ئەسەرلىرىدە تەسۋىرلەش ماھارىتى ئۆتكەن ئەسىرلەردە ئىنسانلارنى ئەدەبىيات ۋاسىتىسى ئارقىلىق ھەر خىل كۈلتۈر بىلەن ئۇچرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىرىشتۈردى. رۇس ئەدەبىياتى خەلقنى ھەر خىل كۈلتۈر بىلەن  ئۇچراشتۇرۇش جەھەتتە ئالاھىدە  بىر كاتېگورىيىدىن ئورۇن ئالىدۇ.  رۇسلارنىڭ   نۇرغۇن يازغۇچىلىرى مەملىكەتنىڭ سىرتىغا چىققان ۋە ئۆز مىللىتىنى ھەر خىل كۈلتۈر ۋە چۈشەنچىلەر بىلەن ئۇچراشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى مۇۋاپپىقىيەتلىك ئورۇندىغان.  

    بۇ خىل يازغۇچى ۋە شائىرلار ئىچىدە ئالدى بىلەن خىيالىمىزغا كىلىدىغىنى ئالېكساندىر سېرگېيېۋېچ پۇشكىن(2)، لېۋ. نېكولايېۋېچ تولستوي(3)  ۋە مىخائىل يۇرېۋىچ لېرمانتوف(4)  قاتارلىقلاردۇر. بۇ يازغۇچى ۋە شائىرلارنى ئۆز مەملىكىتىدىكى باشقا زىيالىلاردىن پەرقلەندۈرگەن ۋە ئۇلارنى ئۇنتۇلماس كىشلەر قاتارىغا قوشقان سەۋەپلەر ئىچىدە ئۇلارنىڭ يېزىقچىلىق سەنئىتى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. لېكىن، يەنە بىر خىل سەۋەپ بولسا ئۇلارنىڭ باشقا يازغۇچىلاردىن پەرقلىق ھالدا ئەدەبىياتقا <<تۇنجى>>لىق خۇسۇسىيەتنى بەرگەنلىكىدۇر.

    بۇ يەردە ئىسمى تىلغا ئېلىۋاتقان بۇ يازغۇچى  ۋە شائىرلاردىن بۇرۇن رۇس ئەدەبىياتى  رومانتىزم ۋە كلاسسىزم ئېقىملىرىنىڭ تەسىرى ئاستىدا قالغان. بۇ دەۋردىكى رۇس يازغۇچى ۋە شائىرلىرى ياۋروپا ئەدەبىياتىنى تەقلىد قىلغان ۋە ئومۇمەن جەمئىيەتتىكى  رېئال ھالەت بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئەسەرلەرنى يازغان. بۇ تەقلىدى ئەسەرلەردە مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغىنى تىل ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئىدى. ئەسەرنىڭ مەزمۇنى رۇس كىشىلىرىنىڭ ھاياتىنى ئەكىس ئەتتۈرمەيتتى.

    رۇسىيىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتى تۇنجى قېتىم پۇشكىننىڭ شېئىرلىردا ئوتتۇرىغا چىقتى. پۇشكىن رۇس كىشىلىرىنى ۋە رۇس يېزىلىرىنى شۇ ۋاقىتقا قەدەر تېخى ئومۇملاشمىغان  رېئالىستتىك بىر شەكىلدە تەسۋىرلىدى. شائىر ئاددىي كىشىلەرنى تەسۋىرلەش بىلەن بىرلىكتە ئىسىلزادىلەر دەپ ئاتالغان كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇھىتنىمۇ ئەمەلىي كۆزىتىشلىرى ئاساسىدا تەسۋىرلىدى.

    بۇ ئەسىرىمىزدە بۈيۈك رۇس شائىرى پۇشكىننىڭ ئەسەرلىرىدىكى شەرق ئۇقۇمى ۋە بۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن مەنا ھەققىدە توختىلىمىز. بۇنىڭ بىرىنچى سەۋەبى ئۇنىڭ رۇس ئەدەبىياتىدا تۇنجى قېتىم شەرقنى رېئالىستتىك ئۇسۇل بىلەن تەسۋىرلىگەنلىكى، يەنە بىر سەۋەبى ئۇنىڭ كېلىپ چىقىش جەھەتتە شەرقلىق بولۇشى ئىدى.(5)

    1799- يىلى 5- ئاينىڭ 26- كۈنى موسكۋادا تۇغۇلغان ئا. س. پۇشكىن 1837- يىلى 1- ئاينىڭ 29- كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن. قىسقىغىلا ھاياتىدا ناھايىتى نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ياراتقان شائىر رۇس ئەدەبىياتىنىڭ قۇرغۇچىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان. دادا تەرەپتىن نەسەپلىك بىر ئائىلىگە مەنسۇپ بولغان بۇ شائىر سەككىز يېشىدا فرانسۇزچىنى، ئۇنىڭدىن كېيىن باشقا غەرپ تىللىرىنى ئۆگەنگەن. ئۇنىڭ غەرپ مەدەنىيىتى بىلەن كىچىك چېغىدىلا تۇنۇشىشى كېيىن ئىجادىيەت سەنئىتىنى غەرپ مەدەنىيىتىگە ئەمەس، بەلكى  شەرققە بۇرۇشىغا سەۋەپ بولغان.

    1837- يىلى بىر قېتىملىق دۇئېلدا ھاياتىدىن ئايرىلغان شائىر 38 يىللىق  ئۆمرىدە يازغان نەچچە ئون ئەسەرلىرى ئارقىلىق رۇس ئەدەبىياتىدا مۇناسىپ ئۇرۇنغا ئىرىشكەن.

    پۇشكىننىڭ پروزا ساھەسىدىكى تۇنجى ئەسىرى 1827- يىلى يېزىشقا باشلىغان <<بۈيۈك پېتېرنىڭ ھارۋىسى>> دېگەن ئەسەردۇر. بۇ ئەسەردە شائىرنىڭ ئۆز بىيوگرافىيىسىنىڭ ئاساس قىلىنغانلىقى تەسەۋۋۇر قىلىنماقتا. 1830-يىلى ئىلان قىلىنغان <<بېلكىن ھىكايىلىرى>> بولسا يەڭگىل ئىپادىلەش شەكلى ۋە رېئالىستتىك ئۇسۇلى  بىلەن  رۇس ئەدەبىياتى ئۈچۈن بىر بۇرۇلۇش نوقتىسىنى تەشكىل قىلغان. 

    ئاپتورنىڭ <<ماچا قىزى>>، <<بېلكىن ھېكايىلىرى>>، <<ئېتىشىش>>، <<شىۋىرغان>>، <<ئۆتەڭ خوجايىنى>>، <<تاۋۇت ياسىغۇچى>> قاتارلىق ھېكايىلىرى  تۈركچىگە كۆپ قېتىم تەرجىمە قىلىندى.(6)

    <<ماچا قىزى>>دا شائىر پېتېربورگ جەمىئىيىتىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ھېكايىنىڭ باش قەھرىمانى ھېرمانن ئاينىغان بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ ئەڭ تىپىك ئۆرنىكى سۈپىتىدە تۇنۇتۇلغان. بولوپمۇ ئەسەردە بىر ئىسىلزادە ئايالنىڭ ياتاق ئۆيىنىڭ  رېئالىستتىك بىر مېتود بىلەن تەسۋىرلىنىشى رۇس ئەدەبىياتىدا مۇھىم بىر يېڭىلىق  ھېساپلىناتتى.

    شەرق تېمىسى پۇشكىن شېئىرلىرىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان دېيىشكە بولىدۇ. پۇشكىننىڭ ئەسەرلىرىدىكى تۈرك تەسىرى شېئىرلىرىدىمۇ ئېنىق كۆرۈلگەن. تۈرك ياكى ئومۇمىي بىر چۈشەنچە بىلەن ئېيتقاندا، شەرق تەسىرى پۇشكىننىڭ شېئىر سەنئىتىگە پەرقلىق بىر تۇيغۇنى بېغىشلىغان. بۇ يەردە بىزنىڭ ئالدى بىلەن تەھلىل قىلىدىغىنىمىز شائىرنىڭ 1826- يىلى يازغان <<ئەي گۈزەل قىز مەن سېنىڭ ئەسىرىڭ>> دېگەن شېئىرىدۇر. سەككىز مىسرادىن تەشكىل تاپقان بۇ شېئىردا  پۈتۈنلەي شەرق شېئىرىنىڭ تەسىرى كۆرۈلگەن. پۇشكىننىڭ سەنئىتىدىكى شەرق تەسىرىنىڭ شائىرنىڭ 1820-يىلى بىساربىيىدە تۇغان چاغلىرىدا شەكىللەنگەنلىكى تەسەۋۋۇر قىلىنماقتا. شائىرنىڭ تۈركىيىدىن بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەن كالىپسو پولىخرونى ئىسىملىك بىر رۇم قىزىدىن ناھايىتى نۇرغۇن تۈركچە ناخشا ۋە شېئىرلارنى ئۆگەنگەنلىكى مەلۇم. <<ئەي گۈزەل قىز مەن سېنىڭ ئەسىرىڭ>> دېگەن شېئىرىدا شەرق تەسىرى ئېنىق ھىس قىلىنىدۇ:

    ئەي گۈزەل قىز مەن سېنىڭ ئەسىرىڭ،

    بىراق، ساڭا ئەسىر بولۇشتىن نومۇس قىلمايمەن.

    ئورماندىكى ئاشىقلارنىڭ قاناتلىق شاھى

    چاتقالدىكى بۇلبۇلغا ئوخشاش،

    قەدىرلىك ۋە گۈزەل گۈلنىڭ يېنىدا

    شېرىن بىر ئاسارەت ئاستىدا ياشاپ،

     قاراڭغۇ كىچىدە

    ئۇنىڭغا ناخشا ئېيتىمەن.

    شائىرنىڭ 1822- يىلى يازغان <<گرېچانكې>>(<<رۇم قىزىغا>>)دېگەن شېئىرىنىڭ يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان رۇم قىزىغا ئاتاپ يېزىلغانلىقى ۋە شائىرنىڭ بۇ قىزغا بەكلا ھەۋەس قىلغانلىقى رۇس ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرى تەرىپىدىن بىلدۈرۈلمەكتە.(7) ھەقىقەتەن،  <<گرېچانكې>> دېگەن شېئىر رۇم ياكى يۇنان موتىفلىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى شەرق موتىفلىرى بىلەن تولغان ئىدى. بولۇپمۇ بۇ شېئىردىكى يۇنانلىق قىزنىڭ ئىستانبۇلدا ئوسمانىيلار كۈلتۈرى ئىچىدە يىتىشكەن بىر قىز ئىكەنلىكى شائىرنىڭ تۈرك كۈلتۈرىدە يىتىشكەن بىر ئىنسانغا بولغان قىزىقىشى سۈپىتىدە قولغا ئېلىنغان.

    سەن، سەمىمىي سالاملىرىڭ،

    شەرققە خاس سۆھبەتلىرىڭ،

    ئەينەكتەك نۇر چاقنىغان كۆزلىرىڭ بىلەن،

    شائىرلارنىڭ ئىلھام ئوتلىرىنى

    ئۇلغايتىش ئۈچۈن يارىتىلغانسەن.

     

    سۆزلە، لايلانىڭ شائىرى،

    ئۇلۇغ خىيالغا بېرىلىپ،

    سىنىڭ ئۆزگەرمەس غايەڭنى قاچان مەدھىيىلىدى؟

    سەمىمىي ۋە دەردمەن شائىر،

    سەندىن باشقا كىمنى تەسۋىرلىدى؟

     

    شائىرنىڭ 1827-يىلى يازغان <<گۈل ۋە بۇلبۇل>> دېگەن شېئىرىمۇ يەنە شەرق تەسىرى ئېنىق كۆرۈلگەن ئەسەرلىرىنىڭ بىرى ئىدى. پۇشكىندىن بۇرۇنقى رۇس شېئىرىيىتىدە گۈل ۋە بۇلبۇل تېمىسىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ تەسۋىرلىگەن باشقا ئۆرنەكلەر يوق دىيەرلىك ئىدى. بۇ شېئىردە شائىر ئومۇمەن دىۋان شېئىرىنىڭ ئۇسلۇبىنى تەدبىقلىغان:

    باغدىكى جىمجىتلىقتا، باھار كىچىسىنىڭ تومانلىرىدا،

    گۈلگە قاراپ سۆزلەيدۇ شەرق بۇلبۇلى،

    بىراق، خۇشبوي گۈل  بۇنى سەزمىدى، 

    ئاشىقى  سۆزلىسە  مىدىرلاپ قويۇپ مۈگىدەپ  قالدى.

     

    ھۇشۇڭنى تاپ، ئەي شائىر،  ئىستىكىڭ  نىمە؟

    ئۇ ئاڭلىمىغاچ سۆزۇڭنى،  سەزمىدى سېنى.

    قانداق بىر جانلىقسەن، سۆزۈڭ قالدى جاۋاپسىز.

     

    ئا.ۋ. ئازبۇكىنا پۇشكىن بىلەن ئا. ۋ. كولتسوفنىڭ ئەسەرلىرىدىكى <<گۈل ۋە بۇلبۇل>> تېمىسىنى تەتقىق قىلىپ، <<رۇس شېئىر سەنئىتىدە گۈل ۋە بۇلبۇل بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇ شەرق موتىفى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. گۈل ئىككىنچى ئورۇنغا قويۇلغان.   بۇلبۇل ئاجايىپ گۈزەل سايرىغاچقا، باش قەھرىمان سۈپىتىدە بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلغان>>(8)دەيدۇ. بۇ تەتقىقاتچى رۇس شائىرلىرىنىڭ بۇ خىل شەرق موتىفلىرىگە يۈزلىنىشىنىڭ سەۋەبى سۈپىتىدە كلاسسىزم دەۋرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ۋە رۇس شائىرلىرىنىڭ مۇھەببەت تېمىسىنى يارىتىش ئۈچۈن شەرق ئەدەبىياتىغا يۈزلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن، بۇ خىل يۈزلىنىش نەتىجىسىدە  پەرقلىق  ئەھۋاللار  مەيدانغا كەلگەن.  پۇشكىن بىر شائىر سۈپىتىدە ئۆزىنى بۇلبۇلغا ئوخشاتقان ۋە گۈزەللىك ئۈچۈن سايرايدىغان بۇلبۇلنى شائىر سۈپىتىدە كۆرگەن.

    پۇشكىننىڭ ئىجادىيىتىدىكى شەرق تەسىرىنى پەقەت شائىرنىڭ مۇھەببەت ھاياتىنى ۋە سۆيگۈ شېئىرىنى ئاساس قىلغان دېيىش توغرا ئەمەس. شائىرنىڭ شەرققە بولغان ھەيرانلىقى يالغۇز شەرقلىقلەرنىڭ سۆيگۈ دۇنياسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان ئەمەس،شائىر  يەنە دىن ھەققىدىمۇ  ناھايىتىقىزغىن پىكىر يۈرگۈزگەن. ئۇنىڭ ئىسلامىيەتنى تەسۋىرلىگەن شېئىرلىرىنى ئوقۇسا شائىرنىڭ ئىسلامىيەتنى بەكلا ياقتۇرغانلىقى ئاسانلا مەلۇم بولىدۇ.

    شائىرنىڭ 1821- يىلى يازغان <<گۇرزافتىكى  بىر نامرات  مۇسۇلمان>> دېگەن شېئىرى شائىرنىڭ ئىسلام دىنىغا ئىشىنىدىغان  ئىنسانلارنىڭ  تۇرمۇشتىكى ئاددىي – ساددىلىقىغا بولغان ھەيرانلىقىنى ناھايىتى ياخشى ئوتتۇرىغا قويغان.  شېئىر گۇرزافتىكى نامرات، ئەمما نۇمۇسچان ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئەينەن كۆرسىتىپ بەرگەن:

    گۇرزافتا بىر نامرات مۇسۇلمان،

    يېقىنقىچە  خوتۇن ۋە بالىلىرى بىلەن بىللە ياشايتتى؛

    بارلىق روھى بىلەن مۇقەددەس قۇرئانغا ئىشىنەتتى

    ۋە تەقدىرىدىن رازى ئىدى.

    مەھمەت(ئىسمى)ھەر كۈنى دىققەت بىلەن

    ھەسەل ھەرىسى ۋە قوي پادىسىغا،

    ئۈزۈملۈك بېغىغا قارايتتى؛

    باشقا ئىشنى ئويلىماي

    ئايالىنى سۆيەتتى، بۇنى  بىلگەن فاتىمە

    ھەر يىلى ئونىڭغا بىر بالا تۇغۇپ بىرەتتى.

     

    شېئىرنىڭ داۋامى بارغا قانائەت قىلىدىغان ئىنسانلارنىڭ پەخت تۇيغۇسى فاتىمەگە ئالاقىدار موتىفلار ئارقىلىق بىرىلگەن.

    شائىر پەقەت ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغان ۋە پۈتكۈل ئۆمرۈنى ئۇنىڭغا ئاتاپ نومۇس ۋە ئەدەپ بىلەن ياشىغان ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى ئۆز شېئىرىدە تەسۋىرلەش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان، بەلكى يەنە مۇھەممەد پەيغەمبەرنىمۇ ئەسلىگەن. شائىرنىڭ 1825- يىلى يازغان <<قوغلاپ  تۇتۇش كۈنى، سىرلىق غاردا>> دېگەن شېئىرىدا مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى بىۋاسىتە تىلغا ئېلىنمىسىمۇ،  ئۇنىڭ دۈشمەنلىرى ئىزدەپ يۈرگەن چاغلاردا بىر غاردا يۇشۇرۇنۇپ قۇتۇلۇپ قالغان مۇھەممەد پەيغەمبەرگە بېغىشلانغانلىقى مەلۇم.  

    ئۇنداقتا، رۇس شائىرىنىڭ مۇھەممەد پەيغەمبەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر شېئىر يېزىشىغا تۈرتكە بولغان ئامىل قايسى؟ شېئىرنىڭ يېزىلغان ۋاقتى نەزەرگە ئېلىنسا، شائىرنىڭ بۇ ۋاقىتتا سۈرگۈندە ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. شائىرنىڭ بۇ ئېغىر كۈنلەردە <<قۇرئان كەرىم>>نى ئوقۇپ روھىنى تەسكىن تاپقۇزغانلىقى تەسەۋۋۇر قىلىنىدۇ. <<قۇرئان كەرىم>> 19- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بىر قانچە قېتىم رۇسچىغا تەرجىمە قىلىنغان.

    ئالېكساندىر سېرگېيېۋىچ پۇشكىننىڭ شېئىرلىرىدىكى شەرق موتىفلىرى ئەلبەتتە بۇ يەردە كۆرسىتىلگەن ئۆرنەكلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان ئەمەس. شائىرنىڭ شەرقنى چۈشىنىشىدە ۋە ئۇنى شېئىرىگە بىر ماتېرىيال قىلىپ قوللىنىشىدا  تۈرك ئوسمانىيلار كۈلتۈرىنىڭ زور ھەسسىسى بار. پۇشكىننىڭ مەيلى ئۆز مەملىكىتىدىكى ساياھىتى بولسۇن، ياكى كېيىنچە ئەرزۇرۇمغا   قىلغان سەپىرى بولسۇن، بۇلار ئۇنىڭ ئەتراپتىكى  خەلقلەرنىڭ كۈلتۈرەل ئۆلچەملىرىنى ئەستائىدىل تەكشۈرۈشىگە سەۋەپ بولغان. ئۆمۈر بويى چەتئەلگە چىقىشنى ئارزۇ قىلغان شائىر چار رۇسىيە ھاكىمىيىتىگە قارىتىلغان تەنقىدى قاراشلىرى سەۋەبىدىن بۇنداق ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىنغان ئىدى. لېكىن، 1829-يىلى پارتلىغان رۇس -- ئوسمانىيلار ئۇرۇشى سەۋەبىدىن ئۇنى ئالدىنقى سەۋەپكەئەۋەتىشكە رۇخسەت قىلىنغان.(9)

      1839- يىلى نەشىر قىلىنغان <<ئەرزۇرۇمغا ساياھەت>> دېگەن ئەسەر شائىرنىڭ تۇنجى قېتىملىق چەتئەل تەسىراتلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش جەھەتتە ئالاھىدە بىر ئەھمىيەتكە ئىگە. س. ۋ.سوپلېنكوف رۇسىيىدىكى شەرق ئۇقۇمى مۇلاھىزە قىلغان بىر ئەسىرىنىڭ كىرىش سۆزىدە:<<ئەرزۇرۇم يولى... رۇسىيىنىڭ ئاسىيا يولى ھىساپلىنىدۇ. بىز بۇ يولنى پۇشكىننىڭ كۆزى بىلەن كۆرۈشكە ئادەتلەندۇق. ئۇنىڭ ئەسىرىدە بۇ شەھەر ۋە بۇ شەھەرگە قىلىنغان سەپەر سىمۋوللۇق بىر مەنىگە ئىرىشكەن. شائىر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەرزۇرۇم پۈتۈن شەرققە سىمۋول قىلىنىدۇ. بۇ يەردە پۇشكىن ھەقىقىي شەرق تەسرىگە ئىرىشكەن، ھەمدە ئۆزىنى  ئۈمىتسىزلەندۈرگەن ئەھۋالنىمۇ ئۇچراتقان. ئەرزۇرۇم يولى رۇسلارنىڭ ئاسىياغا كىرگەنلىكىنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ شەرق دۇنياسى بىلەن ئورناتقان  مۇناسىۋىتىنىڭ سىمۋولىدۇر.>>(10)دەيدۇ.

    شائىرنىڭ 1829- يىلى رۇس ئارمىيىسىنىڭ ئەرزۇرۇمغا قىلغان يۈرۈشىگە قاتنىشىشى ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتقا قەدەر باشقىلاردىن ئاڭلاش ۋە ھەر خىل مەنبەلەرنى ئۇقۇش ئارقىلىق چۈشەنگەن شەرق دۇنياسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىرىشتۈرگەن. لېكىن، شائىرنىڭ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش ئىستىكىئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭدا بىر خىل ئۈمىتسىزلىكنىڭ پەيدا بولۇشىغىمۇ سەۋەپ بولغانلىقى مەلۇم. بۇ خىل ئۈمىتسىزلىكنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى ئۇرۇش ئىچىدىكى بىر مەملىكەتنىڭ شەھرىنى كۆرۈش ئىدى. ھەر قانداق نەرسىنى ۋەيران قىلغان ئۇرۇشتا بىرەر يەرنىڭ ئامان قېلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. 

    شائىرنىڭ سەپىرى شەرق تەسىراتى بىلەن تولغان. شائىر ئەمدىلىكتە كاۋكاز تاغلىرىدىن ئۆتۈپ شەرقنى كۆرۈشكە باشلىغان. شائىرنىڭ تۇنجى بولۇپ كۆرگىنى شەرققە ئائىت مىنارە دېگەن بىر قەلئە ئىدى. شائىر ئەسىرىنىڭ بىرىنجى بۆلۈمىدە بۇنى مۇنداق  چۈشەندۈرىدۇ:<<تۇنجى بولۇپ دىققەتنى تارتقان يەر مىنارە قەلئەسى ئىدى. ئۇنىڭغا يېقىنلاشقاندا ئەترىتىمىز چىنار ۋە ئىخلامۇر دەرىخى بىلەن قاپلانغان قۇرغانلار ئارىسىدىكى تۈزلەڭلىكتىن ئۆتتى.... ئوڭ تەرەپتە قارلىق كاۋكاز تاغلىرى كۆزنى چاقنىتىپ تۇراتتى، ئالدىمىزدا ئورمان بىلەن قاپلانغان بىر تاغ كۆككە تاقىشىپ تۇراتتى، ئۇنىڭ ئارقا تەرىپىدە قەلئە بار ئىدى. قەلئەنىڭ ئەتراپىدا تاتاربۇت دېگەن  ۋەيران بولغان بىر يېزىنىڭ ئىزلىرى كۆرۈلۈپ تۇراتتى.... پەقەت بىرلا مۇنار ئىلگىرى بۇ يەردە  بىر يېزىنىڭ بولغانلىقىدىن بىشارەت بىرىپ تۇراتتى. مۇنار قۇرۇپ كەتكەن بىر دەريانىڭ بويىدىكى تاش دۆۋىلىرى ئارىسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. مۇنارنىڭ ئىچ پەشتاقلىرى بوزۇلمىغان ئىدى. مەن ئەمدى موللىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بولمايدىغان پەشتاق سۈپىسىغا كەلدىم.  ئۇ يەردە خەت يېزىپ قۇيۇشنى ياخشى كۆرىدىغان سەيياھلارنىڭ كىسەك ئۈستىگە ئۇيغان ناتۇنۇش ئىسىملارنى ئۇچراتتىم.>> ئاپتور بۇ بايانلىرىدا جانلىق ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق  ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان.

    ئۇنىڭدىن كېيىن شائىر ۋلادىكاۋكاز  شەھەرچىسىگە يىتىپ كەلگەن. بۇ رايۇندا ياشايدىغان ئوسېتلەر  شائىرنىڭ بايانلىرىدا تىپىك شەرق ئەنئەنىسى بويىچە تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بىر خەلق سۈپىتىدە تۇنۇتۇلغان. بولۇپمۇ شائىر ۋلادىكاۋكازنىڭ ئىلگىرىكى نامىنىڭ <<قاپقاي>> ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. بەزى تەتقىقاتچىلار بۇيەرنىڭ ھەقىقەتەن <<قوۋۇقكۆي>> دېگەن بىر قەدىمىي  يۇرت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.(11)بۇ يەر ھەققىدە پۇشكىن مۇنداق يازغان:<<ئۇ يەر(ۋلادىكاۋكاز شەھەرچىسى)نى ئوسېت يېزىلىرى ئۇراپ تۇراتتى. مەن بۇ يېزىلارنىڭ بىرىنى زىيارەت قىلدىم ۋە بىر مىيىت نامىزىنى ئۇچراتتىم. خەلق توپلاشقان ئىدى. ھويلىدا ئىككى ئۆكۈز قېتىلغان بىر ھارۋا  تۇراتتى. ئۆلگۈچىنىڭ تۇغقانلىرى ۋە يېقىنلىرى تەرەپ - تەرەپتىن يۈز كۈزلىرىنى چاۋاكلاپ يىغلاپ چىقىپ كەلدى... ئۆلۈمگە كەلگەن كىشىلەردىن بىرى  مەرھۇمنىڭ قۇرالىنى ئېلىپ ئۇنىڭغا ئوق قاچىلاپ مېيىتنىڭ يېنىغا قويدى... ئەپسۇس، ھىچكىم بۇ مۇراسىمنى ماڭا چۈشەندۈرۈپ قويمىدى.>>(12)

    ئا.س. پۇشكىن ئۆز ئەسىرىدە يولدا ئۇچراتقان تۈرك  ھامماملىرىنى، تېخىمۇ توغرىسى شەرق خەلقلىرىنىڭ يۇيۇنىش ئۇسۇللىرىنى ئىپتىخارلىق بىلەن تىلغا ئالغان. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق  دەيدۇ:<<بىر پارس مىنى ھاممامغا ئېلىپ باردى. ئېسسىق سۇ قىياغا ئويۇلغان بىر ھاممامغا ئېقىپ باراتتى. مىنى بىر تاتار ھاممامچىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئۇنىڭ كىبىرلىك ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمىساقمۇ، لېكىن بۇ ھالىتى ئۇنىڭ  مۇشۇ ئىشنىڭ ئۇستىسىغا ئايلىنىشىغا توسقۇن بولمىغان. ھەسەن مىنى ئىسسىق تاش تاختاي ئۈستىگە ياتقۇزدى. ئۇنىڭدىن كېيىن مىنىڭ بەدىنىمنى  مۇجۇپ ئوۋىلاپ، مۇشتى بىلەن چىكىشكە باشلىدى. مەن ھىچ بىر ئاغرىقنى سەزمىدىم، ئەكسىچە ئۆزۈمنى ئىنتايىن يىنىك ھىس قىلدىم.>>(13)شائىر تىفلىستە كۆرگەن بۇ ھاممام ھەققىدە ھەيرانلىق بىلەن سۆز ئاچىدۇ .

    شائىرنىڭ سەپەر تەسىراتلىرىدىكى شەرق ۋەقەلىرى تەبىئىي ھالدا شەرققە ئائىت سۆزلەر بىلەن تولغان. ئەسەرنىڭ تۆتىنجى بۆلۈمى پۈتۈنلەي ئەرزۇرۇمغا بېغىشلانغان. بۇ بۆلۈمدە شائىر يەر ۋە كىشى ئىسىملىرىنى تۈركچە شەكلى بىلەن يازغان. بۇ شۇ دەۋر ئەدەبىياتى ئۈچۈن بىر يېڭىلىق سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشقا تىگىشلىك ئەھۋال ئىدى.  شائىر مۇنداقيازىدۇ: <<كۆۋرۈك چابان كەپرى دەپ ئاتىلىدۇ. كۆۋرۈكتىن نەچچە قەدەم يىراقلىقتىكى كارۋان ساراينىڭ خارابىلىرىنى ئايلاندىم.>>، <<ھەسەن قەلئەسى ئەرزۇرۇمنىڭ ئاچقۇچى ھىساپلىنىدۇ. شەھەر قەلئەدىن تاج  تاقىغان بىر قىيانىڭ ئاستىغا قۇرۇلغان... لاگىرىمىز قەلئەنىڭ ئالدىدىكى كەڭ بىر تۈزلەڭلىكتە قۇرۇلدى.  بۇ يەردە مەن ئىچىدە  ئارشاڭ بار بىر يومىلاق تاش ئۆينى زىيارەت قىلدىم.>> 

    شائىر بەشىنجى بۆلۈمدىمۇ ئەرزۇرۇم بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئەھۋالىدىن سۆز ئېچىپ مۇنداق دەيدۇ: <<ئەرزۇرۇم ئاسىيا تۈركىيىسىنىڭ پايتەختى ھىساپلىنىدۇ. ئۇنىڭ 100مىڭئاھالىسى بار. لېكىن ئاھالىنىڭ سانى بۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك بولسا كېرەك. ئۆيلەر تاش، چاتقال ۋە ئوت - چۆپلەر بىلەن قاپلانغان.  ئىگىزدىن قارىسا بۇلار شەھەرگە  قورقۇنچلۇق بىر تۈس بىرىدۇ.>>

    شائىر ئەسىرىنىڭ ئاخىرىدا  شۇ ۋاقىتقا قەدەر رۇسلارنىڭ كاللىسىدا شەكىللەنگەن شەرقنىڭ بايلىقلىرى ھەققىدىكى چۈشەنچىنىڭ مۇبالىغە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېگەن:<<ئاسىيانى ھەشەمەتلىك دەيدىغان  بۇ سۆز ھەر ھالدا نامرات رىتسارلارنىڭ يالىڭاچ تاملىق ئۆيلەرنى ۋە قەلئەلەردىكى دۇپ ياغىچىدىن ياسالغان ئورۇندۇقلىرىنى تاشلاپ ئەھلى سەلپ يۈرۈشىگە چىقىپ، تۇنجى قېتىم ئىسىل ساپالارنى، رەڭدار گىلەملەرنى ۋە تۇتقۇچى ھەر خىل رەڭلەردە بىزەلگەن خەنجەرلەرنى كۆرگەن چاغلىرىدا شەكىللەنگەن.>>

    ئا. س. پۇشكىننىڭ <<ئەرزۇرۇمغا ساياسەت>> دېگەن ئەسىرىگە ئەتراپلىق باھا بەرگەن ھېنرى ترويات ئاپتورنىڭ ئەرزۇرۇمدىكى ۋابا كىسىلىگە بولغان ھەقىقىي مەۋقەسى ھەققىدە توختالغان. ھېنرى ترويات پۇشكىننىڭ تۈركلەرنىڭ ۋابا كىسىلىگە گرىپتار بولغان كىشىلەرگە قارىتا ئىنسانىي مۇئامىلىدە بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ <<ياۋروپالىقچە  ئەندىشىدە بولغانلىقىمدىن قاتتىق نومۇس قىلدىم>> دېگەن سۆزىگە <<7-ئاينىڭ 21-كۈنى... پۇشكىن ۋابا كىسىلى بار ھىچقانداق كىشى بىلەن كۆرۈشمەي ئەرزۇرۇمدىن ئايرىلدى>> دېگەن ئىزاھنى قوشۇپ قويغان.(14)

    شۆبھىسىزكى، پۇشكىن شۇ ۋاقىتقا قەدەر ئاڭلىغانلىرى ۋە  ئوقۇغانلىرىغا تايىنىپ ئېڭىدا بىر شەرقنى ياراتقان. ئەپسۇسشائىر  ھەقىقىي شەرقنى خېلى يىللاردىن كېيىن كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بولغان. ئەمما، شائىر ئېڭىدىكى بىلەن ئەمەلىيەتتىكى شەرقنى بىربىرىگە جىپسىلەشتۇرەلىگەن ساناقلىق سەنئەتكارلارنىڭ بىرى ئىدى. باشقىلىرى بولسا شۆبھىسىزكى تولستوي ۋە لېرمانتوف قاتارلىق سەنئەتكارلار ئىدى. شەرقنى چۈشىنىپ ئەسەرلىرىدە تەسۋىرلىگەن ئەدەبىياتچىلار تەبىئىي بىر مەنبەگە ئىرىشىش ئىمكانىيىتىنى ئۆز  قابىلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئۇتۇق قازانغانىدى. بۇلاردىن تولستوينىڭ رېئالىزملىق، لېرمانتوف بىلەن پۇشكىننىڭ رومانتىزملىق  يازغۇچىلاردىن بولۇشى باشقىچە بىرتەسىر پەيدا قىلمىغان.

     

    * پروفېسسور، دوكتۇر فىكرەت تۈركمەن تۈركىيىدىكى ئەگە ئۈنىۋېرسىتىتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتلىرى ئىنىستىتوتىنىڭ مۇدىرى.

     

    ئىزاھلار

    (1) س. ۋ. سوپلېنكوف:<<ئەرزۇرۇم يولى>>، 5-بەت، 2000-يىلى، موسكۋا.

    (2)  <<ئالېكساندىر سېرگېيېۋىچ پۇشكىن>>، <<ئانا بىرىتانىچە>>، 26-توم، 75-،77- بەتلەر،1987- يىلى، ئەنقەرە.

    (3) <<لېۋ نىكولايېۋىچ تولستوي>>، <<ئانا بىرىتانىچە>>، 30-توم، 108-،109- بەتلەر، 1987- يىلى، ئەنقەرە.

    (4)فىكرەت تۈركمەن: <<مىخئىل يۇرېۋىچ لېرمانتوف ۋە ئاشىق غېرىپ ھىكايىسى>>، <<10- قېتىملىق خەلقارا كىباتەك تۈرك ئەدەبىياتى يىغىنى بىلىملىرى>>،137-،141-بەت، 2005-يىلى، 5- ئاينىڭ 11- كۈنىدىن 16- كۈنىگىچە، كىيېف.

    (5)  <<ئالېكساندىر سېرگېيېۋىچ پۇشكىن>>، <<ئانا بىرىتانىچە>>، 26-توم، 75-بەت،1987 - يىلى، ئەنقەرە.

    (6) ئالېكساندىر سېرگېيېۋىچ پۇشكىن: <<تاللانما ھىكايىلار>>،1997-يىلى، ئىستانبۇل، ئېپسىلون نەشرىياتى.

    (7)  خ. س. كىروف: <<پۇشكىننىڭ يۇنان قىزى>>، <<تارىخىي ئۇچۇرلار>>، 1884- يىلى، 2- سان، 337-بەت.

    (8)ئا. ۋ. ئازبۇكىنا: <<ئا.س. پوشكىن ۋە ئا.ۋ.كولتسوۋانىڭ شېئىرلىرىدىكى خەلقارالىق بىر تېما -- گۈل ۋە بۇلبۇل>>، <<ئا.س پۇشكىن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200-يىللىقىنى تەبرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن  خەلقارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ماقالىلىرى>>، 1998- يىلى، قازان دۆلەت ئۈنۋېرسىتېتى.

    (9) س. ۋ. سوپلېنكوف: <<ئەرزۇرۇم يولى>>، 5-بەت، 2000-يىلى، موسكۋا.

    (10)س. ۋ. سوپلېنكوف: <<ئەرزۇرۇم يولى>>، 5-بەت، 2000-يىلى، موسكۋا.

    (11)ئىسمائىل كايناك: <<ئالېكساندىر سېرگېيېۋىچ پۇشكىننىڭ ئەسەرلىرىدە تۈرك- ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئىزلىرى>>،90 -بەت، 1976-يىلى، ئەنقەرە.

    (12)ئا.س. پۇشكىن: <<ئەرزۇرۇمغا ساياھەت>>، 1839-يىلى، موسكۋا.

    (13)ئا.س. پۇشكىن: <<ئەرزۇرۇمغا ساياھەت>>، 1839-يىلى، موسكۋا.

    (14)ھېنرى ترويات: <<كلاسسىكلار ئۈچۈن ياردەمچى ئەسەرلەر- پۇشكىن>>(2-توم)، 92-بەت،1964 -يىلى، ئەنقەرە.

     

     

     

     

     

     

     

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : پۇشكىن , شەرق ئەدەبىياتى , ئەرزۇرۇم , شەرق جەمئىتى
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-4-4 17:07:28
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 224
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证