تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› ئەسلى قانداق ئۆزىمىز(روزى مۇھەممەت ئاھۇ)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Xongkar
    ماتروس
    دەرىجىسى : 5
    جۇغلانما نۇمۇر : 347
    595652605@qq.com
    595652605
    يازما سانى : 18
    باھا يازما سانى : 5
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-3-22 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئەسلى قانداق ئۆزىمىز(روزى مۇھەممەت ئاھۇ)

    ئەسلى قانداق ئۆزىمىز
    روزى مۇھەممەت ئاھۇ


    كۆزلىرىمىز كۆرەلمەيدۇ يىراقنى،
    پۇتلىرىمىز سەرسان شۇنچە يوللاردا.
    ئۆچۈرۋېتىپ قەستەن نۇرلۇق چىراقنى،
    قاراڭغۇدا تەمتىرىدۇق، سىيلاپ قوللاردا.


    بەزىلەرنى ئۇنداق دىدۇق، بەزىلەر مۇنداق،
    ئويلىمىدۇق، زادى قانداق ئەسلى ئۆزىمىز.
    قۇرۇپ كەلدۇق بىرىمىزگە بىرىمىز توزاق،
    قىزارمىدى كۆيدۈرگۈلۈك قىلىپ يۈزىمىز.


    بىرى كۈلسە ئاڭا ھەسەت قىلىپ يىغلىدۇق،
    ئۇنتۇپ كەتتۇق خەلىق ئاۋام دىگەننى.
    ياخشىلارنىڭ يۈرىكىنى ئىسىت... تىلغىدۇق،
    كۆرەلمىدۇق پۇزۇر كىيگەن، تاتلىق يىگەننى.


    بېسىپ كەتسە يۈزىمىزنى ياش بىلەن چاپاق،
    ئۆزگىلەرنىڭ چىرايىدىن ئىزلىدۇق ئېۋەن.
    «خوش»، «شۈكرى»گە كۆنۈپ كەتكەن تىلىمىز، بىراق،
    نادانلىق ۋەقالاقلىققا قىلمىدۇق ئېرەن.


    پو ئېتىشتا يول بەرمىدۇق بىر –بىرىمىزگە،
    ھەممە ئەلنىڭ ئالدى بىز دەپ داڭ سالدۇق،تېخى.
    ئۆزلىرىمىز ئىگە بولماي ئۆز سۆزلىرىمىزگە،
    بولۇپ كەتتۇق ھەشىمەتتە پەسلەرچە سېخى.


    ئۇنداق ئىدۇق، مۇنداق ئىدۇق، دىدۇق ئەسلىمىز،
    ھەم ئۇلاردىن پەخىرلىنىپ كەردۇق بىز كۆكرەك.
    ئەسىر ئاتلاش ئالدىدىمۇ شۇدۇر ھالىمىز،
    بىرلىرىمىز «ئاق»قا ئۈلپەت بىرلىرىمىز مەستتەك.


    ئەۋج ئالدى ئارىمىزدا رەزىل ئىللەتلەر،
    چىن ئۇيغۇرنىڭ قېنى ئەمەس تۇمۇرىمىزدىكى.
    نەگە بېرىپ، نەدە تۇردى باشقا مىللەتلەر،
    ئەڭ بىچارە چېغىمىز بۇ ئۆمرىمىزدىكى.
     


    مەنبەسى: شىنجاڭ ئاياللىرى ژورنىلى 1997-يىللىق 4-سانىدىن ئېلىندى



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئەسلى قانداق ئۆزىمىز , روزى مۇھەممەت ئاھۇ
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-4-3 20:42:55
    تەھرىر : abduhelil
    باھا : 1 كۆزىتىش : 282
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证