تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› ئايرودۇرۇمنىڭ كىرىش ئىشىكى(ئادىل تۇنىياز)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    halil
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 2
    iuyghur@qq.com

    يازما سانى : 0
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئايرودۇرۇمنىڭ كىرىش ئىشىكى(ئادىل تۇنىياز)

    ئايرودۇرۇمنىڭ كىرىش ئىشىكى
    ئادىل تۇنىياز


    قىش كەپتۇ مەن كېلىشتىن بۇرۇن
    يول بويىغا ئاپئاق، ئۇشتۇمتۇت،
    ئاق تېرەكلەر قاچالمايۋاتقان
    دەۋەتقاندەك ئۈششۈك «دەرھال تۇت...»


    مەن كېلىشتىن بۇرۇن سېمونىت،
    مەن كەلگەندە چىقتىم مەرمەردىن،
    غەم كەلگەندىن كېيىنكى تاش مەن،
    كۆتۈرۈلمەس قانىتىم يەردىن.
     

    چۆچەكلەردەك بۇ ئىشىك بىلەن
    بارغىلى بۇلار جىمى شەھەرگە
    ئولتۇرۇپ بىر ئۇچار گىلەمگە
    شاڭخەي، توكيو يا ئەنقەرەگە؛
    كېسىپ ئۆتۈپ-يېرىم كېچىنى
    ھالال ئاي چىققان يېرىم قەشقەرگە.
     

    زالدىكى گىلەمدىن ئۈزدۈم بىر تال گۈل،
    بىر تال گۈلدەك ئۈزۈلمەس گۇمان.
    كۆكرەك قەپسىمدە قۇچقاچتۇر كۆڭۈل،
    دېرىزىدىكى گۈلمىدۇ، تۇمان؟
     

    ئايرىدۇرۇمنىڭ كىرىش ئىشىكى
    بىر يولوچىنى تونۇمىدى،
    مەڭگۈلۈك سەپەرگە چىققان چېغى.
    دىماقلىرىدا ئەتىر ھىدى،
    يېنىمدىكى قىز ئۆلگەن ئىدى،
    جىسىمنىڭ يالىڭاچ ھەر بىر قىسمىدا.
     

    بىر ئۆلۈك ئورۇندۇقتا مىدىرلىدى
    نۇرغۇن يىللار كېيىنكى ئۆلۈك.
    كۆنۈك مەن كۈندە بۇنداق ئۆلۈشكە
    مۇشۇنداق تۇرۇپ چۈش كۆرۈشكە...
     

    ئاسان ئەمەس ئاسمانغا چىقىش
    يۈزۈڭگە يېزىلمىغان بېلەت بىلەن،
    تام ئۇچۇق تىلدا بايان قىلغان ئىش ـــ
    ئاسماندىن ئايرىلىپ تۇرىسەن بىردەم.
     

    يېقىنلايمىز يېقىن نەرسىگە
    بىز سەپەرگە چىقساق ھەر قېتىم،
     

    ئورۇن بوشىتار بەدىنىم كىمگە؟
    مەڭگۈلۈك يولۇچى مېنىڭ ئېتىم.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئايرودۇرۇمنىڭ كىرىش ئىشىكى , ئادىل تۇنىياز , , ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-3-27 9:58:27
    تەھرىر : abduhelil
    باھا : 0 كۆزىتىش : 652
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证