تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› تىل ۋە تىلشۇناس(ئادىل تۇنىياز)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    halil
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 2
    iuyghur@qq.com

    يازما سانى : 0
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    تىل ۋە تىلشۇناس(ئادىل تۇنىياز)

    تىل ۋە تىلشۇناس

    ئادىل تۇنىياز
     
     
    تىل بىز بىلەن، تىلشۇناس قىنى؟
    ئاق قەغەزدە ھازىدار سۆزلەر.
    قارا سۆز ئىزلەر كىرپىكىنى،
    كوچا تەۋرەيدۇ ياش يۇقى كۆزلەر.
     
     
    كەتتى كوچىمىزدىن ئىمىن تۇرسۇن،
    تىرەكلەر توختىدى ئۆز ئىزىدا.
    بىر توپ ئۇيغۇر تالادا تۇرسۇن،
    ئاقساقىلىنىڭ نامىزىدا.
     
     
    ئاسمان گۈمبىزىدە كۈن ۋە ئاي بار،
    كەم يېرىنى ئىنسانلار قۇرسۇن.
    ئالەم تىلىنى بىلمىسە ئۇلار،
    ئۇلار ئالەمنىڭ سىرتىدا تۇرسۇن.
     
     
    «قازان ئېيتار تۈۋىم ئالتۇن
    چۆمۈچ ئېيتار مەن نەدە مەن»*
    دۇنيا سۇلتانىدىن كىمگە قالسۇن؟
    ئۆلۈم ئاتلىق بىر شەھەردە مەن.
     
     
    ئاسماندىن پەس بىر قانچە ئادەم
    مۇزدەك بوشلۇقتا تۇرىدۇ ماراپ،
    تارىمدىن چىققان بىر تامچە ئادەم
    كەڭ ئانا تۇپراققا كەتتى تاراپ...
     
     
    ھاياتىمىز ئوخشار تىلماچقا،
    بىر ھەرپ بىز بىلەن ئۆلۈم ئارىسى.
    تىلشۇناس ئۆلۈمنى تەتقىق قىلماقتا،
    بىز مەڭگۈلۈك تىلنىڭ ۋارىسى.
     
     
     
    بۇ ماقال «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىن ئېلىندى.*
     


    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : تىل ۋە تىلشۇناس , ئادىل تۇنىياز , ئىمىن تۇرسۇن , , ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-3-27 9:43:12
    تەھرىر : abduhelil
    باھا : 0 كۆزىتىش : 430
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证