تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› سىياسى شەخسلەر ›› مۇستاپا كامال بىلەن ماكئارتۇرنىڭ سۆھبىتى(يۈسۈپجان ياسىن)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    hunwolf
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13273
    uygurtuku@yahoo.com.cn

    يازما سانى : 42
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-2-28 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    مۇستاپا كامال بىلەن ماكئارتۇرنىڭ سۆھبىتى(يۈسۈپجان ياسىن)

     

    مۇستاپا كامال بىلەن ماكئارتۇرنىڭ سۆھبىتى

    يۈسۈپجان ياسىن

     

     

       

       مۇستاپا كامال(1881-1938) تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى. فەتخى بولايىرنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، تۈرك مۇستەقىللىق ۋە ھۆرلۈك داستانىنىڭ باش قەھرىمانى ۋە ئاساسلىق ئاپتورى.①  

    مۇستاپا كامال  گۇمران بولغان بىر دۆلەتتە زەربە يىگەن بىر ئامىيە ۋە ھالىدىن كەتكەن ئۈمۈتسىز بىر مىللەتتىن يېڭى تۈركىيەنى ياراتقان، روھ قۇدرىتىنىڭ ھەر قانداق قۇرالدىن كۈچلۈك ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلىغان تەڭداشسىز سىياسىيون ۋە بۈيۈك قۇماندان. ئۇ  تۈركىيەدىكى يېڭىلىنىشنى ھەرقانداق دۆلەتتىن تىز ۋە شۇ قەدەر چوڭقۇر ھالدا  ئۇتۇقلۇق ئېلىپ بېرىپ، مىللەتكە مىللىي كېلىچەكنىڭ ئاساسىنى تىكلىگەن  جاسارەتلىك ئىسلاھاتچى. تۈرك مىللىتىنىڭ تەربىيىچىسى ۋە  يىتىشتۈرگۈچىسى.②

      ئەنگلىيىلىك مۇتەپەككۇر ئارنولد توينبېنىڭ سۆزى بىلەن ئېيىتقاندا، مۇستاپا كامال غەرپ دۇنياسىدىكى رۆنېسانس(ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ گۈللىنىشى)، رېفورماسيۇن(دىنىي ئىسلاھات)، بىلىم ۋە تەپەككۇر ئىسيانى، فرانسىيە ئىنقىلابى ۋە سانائەت ئىنقىلابىنى  پەقەت بىر ئۆزىلا  تاماملىغان بۈيۈك مىللىي قەھرىمان ئىدى.③ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى مۇستاپا كامالنىڭ  تۆھپىسىنى خاتېرىلەش ئۈچۈن،  1934 – يىلى 6 – ئاينىڭ 21 – كۈنى قوبۇل قىلىنغان قانۇننىڭ  قارارى بويىچە،   ئۇنىڭغا <<ئاتا تۈرك >>( <<تۈرك مىللىتىنىڭ ئاتىسى>>دېگەن مەنىدە) دېگەن ئۇلۇغ نامنى بەر گەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۇنى <<پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن غۇرۇر ۋە شەرەپنىڭ سىمۋولى>>④ دېگەن نام بىلەن خاتېرىلىدى.

    20 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ سىياسىيونلارنىڭ بىرى، ھېچبىر مىللەتكە نىسىپ بولمىغان جەسۇر ۋە بۈيۈك ئىنقىلاپچى مۇستاپا كامال ئاتا تۈركنىڭ سىياسىي، ھەربىي  ۋە دېپلۇماتىيىدىكى  ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى ۋەزىيەتنىڭ  تەرەققىياتى ھەققىدىكى ئالدىن كۆرەرلىكى ئىدى. ئاشۇ مەزگىللەردە ئۇ نۇرغۇن كىشىلەر ھىس قىلالمىغان بەزى ھەقىقەتلەرنى سېزىپ، شۇ بويىچە نىشان ۋە تەدبىرلەرنى بەلگىلىگەن. <<يولدا كىتىۋاتقان بىر يولۇچىنىڭ پەقەت ئۇپۇقنىلا كۆرىشى كۇپايە قىلمايدۇ. چۇقۇم ئۇپۇقنىڭ ئۇ قېتىنىمۇ كۆرىشى ۋە بىلىشى كىرەكتۇر >> ⑤ دېگەن سۆزى ئۇنىڭ يىراقنى كۆرىدىغان داھىيلىك ئالاھىدىلىگىنى مۇناسىپ ھالدا ئىپادىلىگەنلىكىنىڭ  بىر بەلگىسى ھېساپلىنىدۇ.  ئۇنىڭ بۇ ئالاھىدىلىگى چەتئەللىك نۇرغۇن سىياسىيونلار تەرىپىدىن يۇقىرى باھالانغان ۋە تارىختا مۇستاپا كامال توغرىسىدا پەخىرلىك ھالدا سۆز  ئېچىشنىڭ مۇھىم بىر ئاساسىغا ئايلانغان. بۇ ھەقتە ئەنگلىيە ئەلچىسى پېرسى لورېن مۇنداق دەيدۇ: <<قاراشلىرى شۇ قەدەر كەسكىن ۋە نۇقسانسىز  ئىدىكى، ۋەقەنىڭ يۈزلىنىشى ، خەلقنىڭ تۇيغۇلىرى ۋە تۈركىيە  ئىشلىرىغا  دائىر سەزگەنلىرى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە توغرا چىقاتتى.>>⑥ ئامېرىكىنىڭ سابىق پېرىزدىنتى ف. كېنېديمۇ :<<ئاتاتۈرك دېگەن نام كىشىگە مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئۇلۇغ ئىنسانلىرىدىن بىرىنىڭ تارىخىي ئۇتۇقلىرىنى، تۈرك مىللىتىگە ئىلھام بەرگەن رەھبەرلىكىنى، زامانىۋىي دۇنيانى چۈشۈنىشتىكى ئالدىن كۆرەرلىگىنى ۋە ھەربىي قوماندان سۈپىتىدىكى قۇدرەت ۋە جاسارىتىنى ئەسلىتىپ تۇرماقتا... شۈبھىسىزكى، ئاتاتۈركنىڭ  تۈركىيەدە ئېلىپ بارغان چوڭقۇر ۋە كەڭ ئىنقىلابلىرىدەك، بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يەنىمۇ غەلىبە بىلەن ئىپادىلىگەن باشقا بىر ئۈلگىنى كۆرسىتىپ بەرگىلى بولمايدۇ>> ⑦ دېگەن ئىدى. 

       ھەقىقەتەن، تۈرك مىللىتىنىڭ ھۆرلۈك–ئازاتلىقىنى،  تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى ۋە ئۇنىڭ سىياسىي، مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى كاپالەتلەندۈرگەن كۈچ مۇستاپا كامالنىڭ ئالدىن كۆرەرلىگى ئىدى. مىللىي  كۈرەش(قۇتۇلۇش ئۇرۇشى) دەۋرىدە مۇستاپا كامالنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكى نەتىجىسىدە قوبۇل قىلىنغان قارارلارنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور بولغان. بۇ قارارلار نەتىجىسىدە تۈرك مىللىتى بۈيۈك غەلىبىلەرگە ئېرىشىپ يېڭى تۈركىيەنى ياراتقان. مۇستاپا كامالنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكىنى يالغۇز مىللىي ئىنقىلاپ دەۋرىدىكى ۋەقەلەردىنلا ئەمەس، بەلكى يەنە بۇ ئىنقىلاپتىن بۇرۇن ۋە كېيىن يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىنمۇ ئېنىق كۆرۈۋالغىنى بولىدۇ. مۇستاپا كامال 1 – دۇنيا ئۇرۇشىغا دائىر پەرەزلىرىدە، ئۇرۇشنىڭ تۈركىيىنىڭ مەنپەتىگە پايدىسىز ھالدا ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى، تۈرك تۇپراقلىرىنىڭ  ھۆرلۈكى ئۈچۈن پەقەت   بىر مىللىي ئارمىيە قۇرۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئېنىق تونۇپ يەتكەن.مۇستاپا كامال قوماندانلىقىدىكى مانا شۇ قەھرىمان تۈرك مىللىي ئارمىيىسىدەك مۇستەملىكىچى قوشۇنغا ئەڭ ئېغىر زەربە بەرگەن يەنە بىر ئارمىيە تارىختا كۆرۈلگەن ئەمەس.⑧

    مۇستاپا كامال دۇنيا ھەققىدىكى سىياسىىي مەسىلىلەرگە   يېقىندىن  دىققەت قىلغان ۋە ھەر بىر تېما ئۈستىدە ناھايىتى توغرا تەھلىللەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.  مۇستاپا كامالنىڭ ئالەمدىن ئۆتكىنىگە يەتمىش يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭ دۇنيانىڭ كېيىنكى سىياسىي ھالىتىنىڭ يۈزلىنىشى ھەققىدە دېگەنلىرى مۇشۇ جەرىياندا بىرمۇ بىر رىئاللىققا ئايلىنىپ تولۇق ئىسپاتلاندى. بولۇپمۇ  مۇستاپا كامالنىڭ ماكئارتۇر بىلەن كۆرۈشكەندە  قىلغان سۆزلىرىنىڭ  بۇ جەھەتتىكى ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور بولۇپ، بۇنى ئۇنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئالدىن كۆرۈش ئىقتىدارىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئۈستۈنلىكىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك دەلىلى دېيىشكە بولىدۇ.

     1932 – يىلى ئامېرىكا قۇرۇغلۇق ئارمىيىسىنىڭ  شىتاپ باشلىقى، گېنېرال دوگلاس ماكئارتۇر ( 1880 – 1964) تۈركىيەنى زىيارەت قىلغان. زىيارەت مەزگىلىدە ئۇ مۇستاپا كامال بىلەن كۆرۈشۈپ،  شۇ ۋاقىتتىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ  سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ يۈزلىنىشى ۋە  تەرەققىياتى ئۈستىدە ناھايىتى قىزغىن سۆھبەتلەشكەن. مۇستاپا كامال ماكئارتۇرنىڭ دۇنيانىڭ ، جۈملىدىن ياۋروپانىڭ  كېيىنكى  ۋەزىيىتىىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى  سۇئاللىرىغا جاۋاپ بەرگەندە، ياۋروپا ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن  گېرمانىيىنىڭ مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكى ۋە گېرمانىيىنىڭ يېڭى بىر سىياسىي ئېقىمنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ياۋروپانىڭ ئومۇمىي ھالىتىدە جىددىي ئۆزگىرىش ياسايدىغانلىقىدىن بىشارەت بىرىپ، <<ۋېرسال كېلىشىمى 1 – دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ سەۋەپلىرىدىن ھېچبىرىنى بىكار قىلالمىدى. ئەكسىچە تۈنۈگۈنكى ئاساسلىق رەقىپلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھاڭنى  ئىنتايىن چوڭقۇرلاشتۇرىۋەتتى. غالىپلار يېڭىلغانلارغا تېنچلىق شەرتلىرىنى مەجبۇرىي قوبۇل قىلدۇرغان چاغدا، بۇ مەملىكەتلەرنىڭ ئېتنىك ھالىتى، رايۇنلار سىياسىيىسى(گېئوپولىتىكا) ۋە ئىقتىسادىي ئالاھىدىلىكلىرىگە نەزەر سالمىدى، پەقەت دۈشمەنلىك تۈيغۇسى بىلەنلا ھەرىكەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بۈگۈنكى كۈنىمىزدىكى تېنچلىق دەۋرى  پەقەت < قۇرال تاشلاش> تىن ئىبارەت بولدى. ئەگەر سىىلەر ئامېرىكىلىقلار ياۋروپا ئىشلىرىغا ئارىلىشىشتىن يىراق تۇرساڭلار، بۇ <قۇرال تاشلاش> دەۋرى ئۇزۇن داۋام قىلىدۇ ۋە ئاخىرى بىر كۈنى تېنچلىق يارىتىلىدۇ. مېنىڭچە ، تۈنۈگۈنكىگە ئوخشاش ئەتىمۇ ياۋروپانىڭ كەلگۈسى گېرمانىيىنىڭ ھەرىكىتىگە باغلىق بولىدۇ.  كۈچلۈك بىر ھەرىكەتچان خاراكتېرگە  ئىگە بولغان 70 مىليۇنلۇق تىرىشچان ۋە ئىنتىزامچام بىر مىللەت قايناق مىللىي ھىسياتىنى قامچىلاپ بىر سىياسىي دولقۇنغا ئۆزىنى ئاتسا ، ۋېرسال كېلىشىمىنى بېكار قىلىپ تاشلايدۇ>> ⑨ دېگەن. مۇستاپا كامال يەنە گېرمانىيەدە باش كۆتۈرۈش ئېھتىمالى بولغان سىياسىي ئېقىمنىڭ ھوقۇق بېشىغا چىقسا، ئۆز تەرەققىياتىنى  مىللىي روھنىڭ  ئۈستىگە قۇرۇپ،   ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەنگلىيە بىلەن رۇسىيىدىن باشقا پۈتكۈل ياۋروپانى ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئالغۇدەك دەرىجىدە ئارمىيە قۇرۇپ چىقىپ،  يېڭى دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغايدىغانلىقىنى، بۇ ئۇرۇشتا  فرانسىيەنىڭ ھەربىي جەھەتتە ھېچقانچە مۇھىم رول ئوينىيالمايدىغانلىقىنى، ئەنگلىيەنىڭ  ئۆزىنى قوغداش  ئۈچۈن فرانسىيىگە ئىشەنچە قىلالمايدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېگەن : << گېرمانلار ئۆزىنى سىياسىي بىر دولقۇنغا ئاتسا ، 1940 – 1945 – يىللاردا ئۇرۇش قىلىدۇ. بۇ ئۇرۇش ناھايىتى قانلىق بولىدۇ. فرانسۇزلار ئەمدىلىكتە كۈچلۈك بىر ئارمىيە قۇرۇش سالاھىيىتىنى يوقاتتى. شۇ سەۋەپلىك ئېنگلىزلار ئۆز ئارىلىنى قوغداش ئۈچۈن فرانسۇزلارغا ئىشەنمەيدۇ.ئىتالىيانلار ئۇرۇشنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ قالالىسا ، ئۇرۇشتىن كېيىنكى تېنچلىقتا مۇھىم رول ئوينىيالايدۇ. ئەمما مۇسسىلىنىنىڭ قارانىيىتى تۈپەيلىدىن بۇنى قىلالمايدۇ . شۇنىڭ بىلەن گېرمانلار ئەنگلىيە  بىلەن رۇسىيەدىن باشقا پۈتكۈل ياۋروپانى ئىشغال قىلىدۇ.>> ⑩ مۇستاپا كامال گېنېرال ماكئارتۇر بىلەن بولغان بۇ سۆھبىتىدە ئامېرىكىنىڭ 1 – دۇنيا ئۇرۇشىدىكىگە ئوخشاش بۇ ئۇرۇشتىمۇ بىتەرەپ ئورۇندا تۇرالمايدىغانلىقى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇشقا قاتنىشىشى بىلەن گېرمانىيەنىڭ مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى، لېكىن ئەڭ زور غەلىبىگە  سوۋېت ئىىتىپاقىنىڭ  ئېرىشىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، سوۋېت، ياپۇن تەھدىتلىرى ئۈستىگە دىققىتىنى ئاغدۇرۇپ مۇنداق دېگەن : << ياۋروپادا يۈز بېرىدىغان ئۇرۇش پەقەت ئامېرىكا ئارىلاشقاندىلا ئاخىرلىشىدۇ. ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىدىغىنى ياكى ئەنگلىيە ياكى فرانسىيە ۋە ياكى گېرمانىيەمۇ ئەمەس. ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىگە پەقەت بولشېۋىك رۇسىيە ئېرىشىدۇ. رۇسىيەنىڭ يېقىن قوشنىسى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئەڭ كۆپ ئۇرۇشقان بىر مىللەت بىز تۈركلەر ئۇيەردىكى ۋەقەلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىمىز. تەھدىتنى  پۈتكۈل ئۇچۇق قىياپىتى بىلەن كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز. ئويغانغان شەرق خەلقلىرىنىڭ تۇيغۇسىدىن ناھايىتى ياخشى پايدىلانغان، ئۇلارنى ماختاپ ئۆچمەنلىكىنى قوزغاشنى بىلگەن بولشېۋىكلار يالغۇز ياۋروپادىلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئاسىيادىمۇ قورقۇنچ پەيدا قىلىدىغان بىر  كۈچكە ئايلانماقتا. مەن شۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىمەنكى، ياۋروپا سىياسىيونلىرى ئاساسلىق زىددىيەت تېمىلىرىنى ھەر تۈرلۈك ئىگوئىزم ( ئۆزەمچىلىك – شەخسىيەتچىلىك) دىن  يىراق تۇرۇپ، پەقەت ئومۇمىي مەنپەئەت نوقتىسىدىن قولغا ئالمىسا، ھالاكەتنىڭ ئالدى  ئېلىنمايدۇ. ياۋروپانىڭ مەسىلىسى نۆۋەتتە ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئەمەس. بۈگۈنكى كۈندە ياۋروپانىڭ شەرقىدە بارلىق مەدەنىيەتكە، يەنە كېلىپ ئىنسانىيەتكە دەھدىت سېلىۋاتقان يېڭى بىر كۈچ ئوتتۇرىغا چىقتى. پۈتۈن ماددىي ۋە مەنىۋىي ئىمكانىيەتلەرنى توپلاپ بىر دۇنيا ئىنقلاۋى ئۈچۈن سەپەرۋەر قىلىدىغان بۇ قورقۇنچلۇق كۈچ ياۋروپا ۋە ئامېرىكىلىقلارمۇ بىلمەيدىغان يېپيېڭى سىياسىي ئۇسۇللارنى يۈرگۈزمەكتە ۋە رەقىپلىرىنىڭ ئەڭ كىچىك خاتالىقلىرىدىنمۇ  پايدىلانماقتا. قارىشىمچە ياۋروپادا پارتلايدىغان ئۇرۇش ئاسىياغا كېڭىيىدۇ. ياپۇنىيە ئاسىيا ھەققىدە زۆرۈرىيەتسىز قەھرىمانلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.>> ⑾

          ھەقىقەتەن، 2- دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشى، ئۇرۇشنىڭ پۈتكۈل جەرىيانى، ئۇرۇشقا قاتناشقان دإلەتلەرنىڭ  رولى، ئورنى، تەقدىرى ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى دۇنيانىڭ سىياسىي خەرىتىسى دەل  مۇستاپا كامالنىڭ 1932 – يىلى دېگىنىدەك بولدى. 2- دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ <<ئۇرۇش ئىلاھى>> دېگەن نامغا ئىرىشكەن ماكئارتۇرمۇ مۇستاپا كامالنىڭ ئاشۇ قېتىمقى سۆھبەتتە دېگەن سۆزلىرىنىڭ كەينى  كەينىدىن ئەمەلىيەتكە ئايلانغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشكە مۇۋاپپەق بولدى. شۇ ۋەجىدىنمۇ  ماكئارتۇرنىڭ مۇستاپا كامالغا بولغان قايىللىقى ۋە ھۆرمىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان ئىدى. ئۇ مۇستاپا كامالغا <<قوماندان، سىياسىيون، دەۋرىمىزنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ رەھبەرلىرىدىن بىرى ئىدى. ئۇ تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھەقلىق ئورنىنى قولغا كەلتۈردى. يەنە كېلىپ ئۇ تۈركلەرگە بىر مىللەتنىڭ ئۇلۇغلىقىنىڭ ئۇل تېشىنى تەشكىل قىلىدىغان ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە تايىنىش تۇيغۇسىنى ئاتاقىلدى. مەن ھەربىي تالانت بىلەن ئىدىئالنى ئاتاتۈركتەك ئۆزىدە بىرلەشتۈرگەن باشقا بىر ئادەمنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمەن. مەن ئاتا تۈركنىڭ سادىق دوستلىرىدىن بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇيۇك ئىپتىخار ھېس قىلىمەن>>⑿  دەپ باھا بەرگەن.

         مۇستاپا كامال بىلەن ماكئارتۇرنىڭ ئاشۇ قېتىمقى سۆھبىتىدە   بىزنىڭ ھەممىدىن بەكرەك دىققىتىمىزنى تارتقىنى ئۇنىڭ سوۋېتلەر ئىتتىپاقى ھەققىدىكى تەھلىلى ھىساپلىنىدۇ. مۇستاپا كامالنىڭ دېگىندەك، ياۋروپادىكى ئۇرۇشنىڭ ئەڭ چوڭ غالىپ كەلگۈچىسى، گېرمانىيەنىڭ مەغلۇبىيىتىدىن ئەڭ چوڭ نىسىۋىگە ئىرىشكەن سوۋېت روسىيىسى(سوۋېتلەر ئىتتىپاقى) بولدى. سوۋېت رۇسىيىسى ئۇرۇشنىڭ ئارقىدىنلا پۈتكۈل شەرقىي ياۋرۇپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلىدى. بۇيەردە  شۇنىمۇ قىستۇرۇپ ئۆتۈش زۆرۈركى، سوۋېت تەھدىتى ۋە كېڭەيمىچىلىكى ھەققىدە ئالدىدىنئاللا ئىنتايىن توغرا تەھلىل يۈرگۈزگەن مۇستاپا كامال يەنە سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ  ھالاكىتى ياكى پارچىلىنىشى ھەققىدىمۇ ئۆزىنىڭ قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ  1936 – يىلى بولۇپ، ئۇ چاغدا تېخى 2 – دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىمىغان ۋە سوۋېتلەر ئىتتىپاقىمۇ زور بىر كۈچكە ئايلانمىغان ئىدى.  

        مەلۇمكى، 1985– يىلى سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدا ھوقۇق بېشىغا چىققان گورباچېفنىڭ  گلاسنوست (ئېچىۋىتىش) ۋە پېرېسىترويكا (تۈزۈم ئۆزگەرتىش) سىياسىتىنى يۈرگۈزىشى نەتىجىسىدە يەتمىش يىل  داۋاملاشقان كومۇنىستىك سىستېما ھالاك بولدى، سوۋېتلەر ئىتتىپاقى تارقىلىپ كەتتى. 1991– يىلى 12– ئايدا رۇسىيە، ئۇكرائىنا ۋە بېلىرۇسىيىنىڭ << مۇستەقىل دإلەتلەر بىرلەشمىسى >> نى قۇرغانلىقىنى  ئىلان قىلىشى بىلەن سوۋېتلەر ئىتتىپاقى تارىخقا  ئايلاندى.

    شۆبھىسىزكى، سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ تارقىلىپ كېتىشى 20- ئەسىردىكى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ھادىسىلەرنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ. چۈنكى رۇسىيە فىدىراتسىيىسى بىلەن بىرلىكتە سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنى تەشكىل قىلغان 14 جۇمھۇرىيەتنىڭ مۇستەقىللىق ئىلان قىلىشى  ئوتتۇرا ئاسىيا، كاۋكاز ۋە شەرقىي ياۋروپادىكى رايون تەڭپۇڭلىقىدا پەرقلىق كۆلەم پەيدا قىلدى. بۇ يەردە بىزنىڭ ئەڭ كۈچلۈك  دىققىتىمىزنى تارتىۋاتقان نوقتا  مۇستەقىللىققە ئىرىشكەن جۇمھۇرىيىەتلەردىن بەشىنىڭ تۈركىي مىللەتلەردىن بولىشى ئىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا خەرىتىسىدىن ئورۇن ئالغان بۇ تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ  نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قاتارلىق مول يەر ئاستى بايلىقلىرىغا ئىگە بولىشى  <<ياۋرو-ئاسىيا>> دەپ ئاتالغان ۋە تۈركىيەنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالغان رايوننى دۇنيانىڭ مۇھىم تېمىسىگە ئايلاندۇردى.

    تۈركىيەنىڭ بالقان، كاۋكاز ۋە شەرقىي ئاق دېڭىز رايونلىرىنىڭ كىسىشكەن سىزىقلىرىنىڭ  دەل ئوتتۇرا نوقتىسىدا بولىشى ھازىر ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ۋە پۈتكۈل دۇنيانىڭ دىققىتىنى تۈركىيەگە مەركەزلەشتۈرۈشكە يۈزلەندۈرمەكتە . بۇنداق ئەھۋالدا تۈركىيەنىڭ قىلىدىغان ئەڭ زۆرۈر ئىشى دۇنيادىكى پۈتۈن دۆلەتلەر بىلەن دوستانە ئالاقە ئورنىتىش ۋە گېئوپولىتىك (رايون سىياسىيىسى) تېمىلىرىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئۆز پايدىسى ئۈچۈن قوللىنىشتۇر. بۇ يەردە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش زۆرۈر بولغان مۇناسىۋەتلىك نوقتىمۇ دەل 1936- يىلى مۇستاپا كامالنىڭ چانقايادىكى بىر قېتىملىق كەچلىك تاماقتا ئەتراپىدىكىلەرگە رۇسىيىنىڭ گەلگۈسى ھەققىدە سۆزلىگەن تۈۋەندىكى سۆزىدۇر: << بىراز تەخر قىلىڭلار... يۇرت تېنچلىققا،  دۇنيا تېنچلىققا تولىدۇ، چۈنكى  ئاتمىش  يىلدىن كېيىن رۇسىيە  ئاتمىش پارچىغا بۆلۈنىدۇ.  بۇ  ئەۋلاد بولشېۋىك ئىنقىلابىنى ئېلىپ باردى . ئۇلار قان قۇسسا  قىزىلچا  يىگەنتىم  دەيدۇ. ئوغۇللىرىمۇ دادىلىرىنىڭ تەرىپىگە ماڭىدۇ. ئەمما، ئۇنىڭدىن كېيىنكى  ئەۋلاد رۇسىيىنى ئاتمىش پارچىغا بولىۋىتىدۇ. بۈگۈن سوۋېتلەر ئىتتىپاقى دوستىمىز، قوشنىمىز، ئىتتىپاقدىشىمىز. بۇ دوستلۇققا ئىھتىياجىمىز بار. لېكىن، ئەتە نىمە بولىدىغانلىقىنى بۈگۈن ھېچكىم كىسىپ بىر نىمە دېيەلمەيدۇ. بۈگۈن رۇسىيىنىڭ قولىدا چىڭ تۇتۇلغان مىللەتلەر  ئالقىنىدىن چىقىپ كىتىدۇ. دۇنيا يېڭى تەڭپۇڭلۇققا ئېرىشىدۇ. مانا شۇ چاغدا تۈركىيە نىمە قىلىشنى بىلىشى كېرەك. بىزنىڭ بۇ دوستىمىزنىڭ ئىدارىسى ئاستىدا تىلى بىر، ئېتىقادى بىر، ئۆزى(ئىرقى) بىر قېرىنداشلىرىمىز بار. ئۇلارغا ئىگە بولۇشقا تەييار تۇرىشىمىز كېرەك. تەييار  تۇرۇش  پەقەت ئۇ كۈننى جىمجىت تۇرۇپ كۈتۈش دېگەنلىك ئەمەس. تەييارلىنىش كېرەك. مىللەتلەر بۇنىڭغا قانداق تەييارلىنىدۇ ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن مەنىۋىي كۆۋرۈكنى ساغلام  تۇتۇش كېرەك. تىل بىر كۆۋرۈك، ئىتىقاد بىر كۆۋرۈك، تارىخ بىر كۆۋرۈك. يىلتىزىمىزغا قايتىپ، ۋەقەلەر تەرىپىدىن بولۈنگەن تارىخىمىز ئىچىدە پۈتۈنلىنىشىمىز كېرەك. ئۇلارنىڭ بىزگە يېقىنلىشىشىنى كۈتۈپ تۇرماي، بىز ئۇلارغا يېقىنلىشىشىمىز كېرەك. رۇسىيە بىر كۈنى تارقىلىپ كېتىدۇ. ئۇ چاغدا تۈركىيە ئۇلار ئۈچۈن ئۆرنەك بىر دۆلەتكە ئايلىنىدۇ.>> ⒀مۇستاپا كامال بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى 1933 – يىلىمۇ بىر قېتىم تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېگەن : << شەرقتىن ھازىر كۆتۈرىلىدىغان قۇياشقا قاراڭلار ! بۈگۈن تاڭنىڭ سۈزۈلگەنلىگىنى قانداق كۆرگەن بولسام، يىراقتىن پۈتۈن شەرق مىللەتلىرىنىڭمۇ ئويغۇنىشىنى شۇنداق كۆرۈپ تۇرىۋاتىمەن. مۇستەقىللىققە  ۋە ھۆرىيەتكە ئىرىشىدىغان تېخىمۇ كۆپ قېرىنداش مىللەت  بار. ئۇلارنىڭ يېڭىدىن تۇغۇلىشى شۆبھىسىزكى، ئىلگىرلەش ۋە گۈللىنىشكە يۈزلەنگەن ھالدا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ مىللەتلەر بارلىق قېيىنچىلىق ۋە تۇسالغۇلارغا دۇچ كەلسىمۇ، ئۇلارنى يېڭىپ ئۆتۈپ، ئۆزلىرىنى كۈتۈۋاتقان كېلىچەككە ئىرىشىدۇ.>>(14) 

           20 – ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ۋە تۈركىيەنىڭ 21 – ئەسىردە ياۋرو-ئاسىيا ئۈچۈن بىر ئاچقۇچ دۆلەتكە ئايلىنىدىغانلىقىنى مۇستاپا كامالنىڭ  بۇنىڭدىن يەتمىش نەچچە يىل ئىلگىرى تولۇق كۆرۈپ يەتكەنلىكى ئۇنىڭ ئۈستۈن سىياسىي سەزگۈرلىگىنىڭ بىر دەلىلى ھېساپلىنىدۇ.

           ھەقىقەتەن يۇقىرىدىمۇ كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، مۇستاپا كامالنىڭ تۈركىيە ۋە  دۇنيا ئىشلىرىغا ئائىت ھۆكۈملىرى پۈتۈنلەي توغرا چىققان.  <<ئىنقىلاپ تارىخى ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق نوقتىسىدىن ئاتاتۈرك >> دېگەن كىتاپتا مۇستاپا كامالنىڭ ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئېيتىلغان سۆزلىرىنىڭ توغرىلىقى مۇنداق يەكۈنلەنگەن : <<... بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولىدىغانلىقىمىز، 2- دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پارتلايدىغانلىقى، كرال ئېدۋاردنىڭ يات دىندىكى سىمپىسون ئۈچۈن تەختتىن ئايرىلىدىغانلىقى، مۇسسولىنىنىڭ خەلق تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقى، 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىكى رۇمۇنىيىنىڭ تەقدىرى ۋە خاتاي مەسىلىسىدىكى فرانسىيىنىڭ مەيدانى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى توغرا تەخمىن قىلىنغان ۋەقەلەردۇر... >>(15)

           بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىنىڭ سىياسىي، دىن، مەدەنىيەت ۋە خەلقارا مەسىلىلەر ھەققىدىكى يۇقىرى قىممەتكە ئىگە كاتتا ئەسەرلىرى بىلەن پۈتكۈل دۇنيادا كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلغان تۈرك ئالىمى ھارۇن ياخيا ( 1956 – تۇغۇلغان ) مۇستاپا كامالنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي ئىقتىدارىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى  ئۈستىدە توختالغاندا، <<ئاتاتۈرك تۈرك مىللىتىنىڭ يىتىشتۈرگەن ئەڭ تەڭداشسىز سىياسىي تالانت ئىگىسى، ئەڭ كۈچلۈك دإلەت خادىمى، شۆبھىسىزكى ئەڭ بۈيۈك قۇماندانىدۇر. مەيلى تۇغما ئىقتىدارى، مەيلى ھاياتىدا ئىرىشكەن ئالاھىدىلىكلەر جەھەتتىن بولسۇن، ئىنتايىن ئۈستۈن ۋە مۇنەۋۋەر خاراكتېرگە ئىگە ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستۈن ھەربىي تالانتى ئالدىن كۆرەرلىگى، توغرا قارار چىقىرىشى، جاسارەتلىكى، ئىردىسىنىڭ كۈچلۈكلىكى، قىزغىنلىقى، قەتئىيلىكى ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر بىلەن ئىپادىلەنگەن . ئۇنىڭ بۇ خىل ھەربىي  ۋە سىياسىي تالانتى پۈتكۈل  دۇنيا تەرىپىدىن مۇنازىرىسىز قوبۇل قىلىنغان >> (16) دەيدۇ.

     بۇ ئالاھىدىلىكلەر ئىچىدە بىزنىڭ بىراز چۈشەنچە بىرىپ ئۆتىدىغىنىمىز مۇستاپا كامالنىڭ ئالدىن كۆرەرلىگى بىلەن توغرا قارار چىقىرىش ئىقتىدارىدۇر. بۇ خىل ئىقتىدار  ھەممىدىن ئاۋۋال مۇستاپا كامالنىڭ ئەقىلچى  ۋە مەنتىقىلىق ئادەم ئىكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ئۇنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتى ئەقىل بىلەن مەنتىقىگە تايانغان. مۇستاپا كامالنىڭ ئۆزىمۇ  <<بىزنىڭ ئەقىل، مەنتىقە ۋە پاراسەت بىلەن ھەرىكەت قىلىشىمىز ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىگىمىزدۇر. پۈتۈن ھاياتىمىزنى تەشكىل قىلغان ۋەقەلەر بۇ ھەقىقەتنىڭ دەلىلىدۇر>>(17)  دېگەن ئىدى. مۇستاپا كامالنىڭ ۋەقەلەرگە يېقىنلىشىشى پۈتۈنلەي مەنتىقىلىق ۋە ھەقىقەتچىللىك(ئەمەلىيەتچىللىك) بىلەن بولغان. تۈرك مىللىتىگە ھەر ۋاقىت ھەقىقەتنى سۆزلىگەن ۋە تەۋسىيە قىلغان. << دۇنيادا ھەر بىر نەرسە ئۈچۈن، مەدەنىيەت ئۈچۈن، ھايات ئۈچۈن، مۇۋاپپىقىيەت ئۈچۈن، ئەڭ ھەقىقىي رەھبەر ئىلىم – پەندۇر >>(18)   دېيىش ئارقىلىقمۇ ئەقىل بىلەن بىلىمگە بولغان ئىتىبارنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگەن ۋە ھەقىقەتكە پەقەت مۇشۇ يول بىلەنلا ئىرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

    مۇستاپا كامالنىڭ ئەقىلچىلىكىنىڭ مۇھىم بەلگىلىرىدىن بىرىمۇ دەل ھەر ۋاقىت تەپەككۇر قىلىپ، بىر قانچە قەدەم يىراق مۇساپىنى ۋە تۈرلۈك ئېھتىماللىقلارنى نەزەرگە ئېلىپ، پىلانلىق ۋە پراگراممىلىق ھەرىكەت قىلىش ئىدى. شۇڭا، ئۇنىڭ مىللىي مائارىپ چۈشەنچىسىدىمۇ تۈرك ئەۋلادلىرىنى ۋەزىيەتكە ئالدىن ھۆكۈم قىلالايدىغان ياكى  يىراقنى كۆرۈدىغان ئىقتىدارغا ئىگە قىلىپ تەربىيىلەش تەۋسىيە قىلىنغان.(19)  بۇنىڭ تۈركىيەنىڭ مەۋجۇتلىقى ۋە ئىستىقبالى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئىنتايىن زىچلىقىنى ياخشى چۈشەنگەن مۇستاپا كامال <<يىتۈشتۈرۈلىدىغان بالىلىرىمىزغا ۋە ياشلىرىمىزغا ئۈگىتىدىغان  تەربىيىنىڭ چېكى قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ئەڭ ئاۋۋال ۋە ھەربىر نەرسىدىن بۇرۇن  تۈركىيەنىڭ كېلىچىكىگە، ئۆز خاسلىقىغا دۈشمەن بولغان پۈتكۈل ئېلېمىنتلار بىلەن كۈرەش قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈگىنى ئۈگىتىش كېرەك >>(20)  دېيىش ئارقىلىق ھەر بىر تۈرك ئەۋلادىغا  تۈركىيە دۇچ كېلىشى ئېھتىمال  بولغان مەسىلىلەرنى ئالدىن كۆرۈش ۋە  ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى  يىتىلدۈرۈشنىڭ زۆرۈرلىگىنى كۆرسەتكەن.

    دېمەك، ئالدىن كۆرەرلىك مۇستاپا كامالنىڭ مىللەت قارىشى، سىياسىي-- ھوقۇق چۈشەنچىسى، دېپلوماتىك ئالاقىسى، ھەربىي تەدبىرى، مەدەنىيەت ۋە تەرەققىيات ئېڭىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاساسلىرىدىن بىرى ئىدى. ئۇ مۇشۇ ئاساسقا تايىنىپ،  قۇتۇلۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ ، يېڭى تۈرك دۆلىتىنى ياراتتى، تۈرك مىللىتىنى مەدەنىي مىللەت سەۋىيىسىگە يەتكۈزۈپ، ياۋروپانىڭ قەدىرلىك بىر ئەزاسىغا ئايلاندۇردى.

     

    پايدىلانغان ماتېرىياللار :

     

    ① ② ③ ⑦ ⑧ (12)  ھارۇن ياخيا : << ھەربىي ئاتاتۈرك >> ، تۈركچە، ئىنتېرنېتتىن ئېلىندى.

    ④ ئۇغۇر يىغىت: <<ئاتاتۈركنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلىك چۈشەنچىسى>>،<< بىرىنجى قېتىملىق ئاتاتۈرك ۋە تۈرك خەلق سېمپوزيۇمى باياناتى>>، تۈركچە، ئىنتېرنېتتىن ئېلىندى.

     

    ⑤ ⑨ ⑩  ⑾⒀⒁⒃ھارۇن ياخيا : <<ئاتاتۈرك  ئېنىسكىلوپېدىيىسى>> ،تۈركچە ، 2 – جىلد، ئىنتېرنېتتىن ئېلىندى.

     

    ⑥  سادى ئىرماق : <<ئاتاتۈرك بىر دەۋرنىڭ ئېچىلىشى>> ، تۈركچە، 334- بەت ، 1984 – يىلى ، ئىستانبۇل.

     

           (15) ئەمرە كونگار : <<ئىنقىلاپ تارىخى ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق  نوقتىسىدىن ئاتاتۈرك >> ، تۈركچە، 140-- بەت، 1999 – ئىستانبۇل.

        

      ⒄⒅⒇ھارۇن ياخيا : <<مۇستاپا كامالنىڭ ۋەتەن ۋە  مىللەت  مۇھاببىتى>> ،تۈركچە، ئىنتېرنېتتىن ئېلىندى.

     

    ⒆ھارۇن ياخيا : << ئاتاتۈرك  ۋە  ياشلار >>، تۈركچە ، ئىنتېرنېتتىن ئېلىندى.

     

     

     

     

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : مۇستاپا كامال , ماكئارتۇر , 2- دۇنيا ئۇرۇشى , سوۋىتلەر ئىتتىپاقى
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-3-26 8:37:45
    تەھرىر : abduhelil
    باھا : 0 كۆزىتىش : 1886
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证