تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى: پەرىشتەمگە دەيدىغانلىرىم
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    zakirjanmejid
    كوماندېر
    دەرىجىسى : 3
    جۇغلانما نۇمۇر : 12658
    zakirjan@sina.cn
    525140281
    يازما سانى : 34
    باھا يازما سانى : 3
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-4-9 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى: پەرىشتەمگە دەيدىغانلىرىم

    پەرىشتەمگە ئېيتماقچى بولغانلىرىم...
    زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى

     


    سۈكۈتتىن ئۆزگە ھېچ تاللىشىممۇ يوق
    بىلسەڭلەر پۈتۈكچى ئىككى پەرىشتەم...
    بۇ دەرتلىك يۈرەككە، يۈرەككە دەرتلىك
    بەلكىم بىر ئۆلۈملا بولغۇسى مەلھەم...


    ئويلىدىم: ساقلاشنىڭ ئۆزى بىر قېچىش
    بولسا، بۇ قاچقۇن دەپ قويۇڭلار پۈتۈپ.
    شۇ ئۇلۇغ مەقسەتنى دېمىسەم بۈگۈن
    نە قىلاي بۇنچە كۆپ ھەسرەتنى يۈتۈپ...


    چۆچەكتەك ھاياتتا ياشىدىم، بىراق
    كۆرمىدىم چىن تۆمۈر، مەختۇمسۇلانى..
    كۆرمىدىم ئىجابەت قىلىنىپ تىلەك،
    مەزلۇملار بېشىدىن يۈتكەن بالانى...


    تىرىشتىم ئۇنتۇلۇپ كېتىشكە تۈگەل،
    بۇ رەزىل چۆچەكنى، دەردنى، قازانى...
    شۇ ئۇنتۇش ئىچىدە كەتسەم ئۇنتۇلۇپ،
    بىر چامدام قىسقارسا دەرتنىڭ پايانى...

    يېزىڭلار، پىنھان شۇ قەلبىمنى قوشۇپ
    كېچەي بۇ دۇنيانىڭ مېھرىدىن، دېگەن.
    چۈنكى، مەن دۇنيانى كۆردۈم قايتىدىن،
    كېچىشتىن بىخلانغان كۆزلىرىم بىلەن.


    كۆز ئاچقان كۈنۈمدىن بېرى دۇنياغا ،
    سىر بولۇپ تۇيۇلدۇم ئۆزۈمگە ئۆزۈم...
    مەشرەپتىن ئۇدۇم بوپ قالغاچمۇ ماڭا،
    ئاھ، دار! دەپ ئويغانغان مۇھەببەت، كۆيۈم...


    يېزىڭلار: كېپەن بوپ كېتەر ئارمىنى،
    ئاچاي دەپ، ئاخىرەت يۇرتىدا چېچەك...
    شۇملۇقلار يانپاشقا ئالدى ئاخىرى،
    كىم پاناھ بولۇر، ھەق ئۆزۈڭدىن بۆلەك...


    ئىنساندىن ھېچنىمە كۆتۈپ باقمىدىم،
    كۈتسەم ھەم مەنچىلىك چۈشەنمەس مېنى.
    ئاسماندىن زاكىر دەپ چۈشكەن ئېتىممۇ
    ئۈندەر ئاھ كۈتۈشكە ھەقتىن رىزقىنى...


    كۆز، قۇلاق، ئېغىزدا ئوينايدۇ ساما
    بەربادلىق، مەن ئەسلا كۈتۈپ باقمىغان.
    يېزىڭلار پەرىشتەم، يېزىڭلار قېنى،
    ئاھ، مەندەك كۈندىدۇر قايسى موسۇلمان؟


    مەن پەقەت ئۆلۈمنى تاللىغىنىم يوق،
    بەرىبىر ئۇ ھامان تاللايدۇ مېنى...
    شۇنداق بىر كۈن كەلسە، مەيلى چېپىلسام،
    سائادەت قوياشى سۆيسە ھەممىنى...

     

    2011-يىل 8- مارت
     
     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : پەرىشتە , زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-3-24 21:29:48
    تەھرىر : zakirjanmejid
    باھا : 0 كۆزىتىش : 345
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证