ھەقىقەت بىلەن خاتالىق
ئالدىراش كىتىۋاتقان بىر ئادەم (يۇلۇچى) سىرلىق بىر ئىشىكنىڭ ئالدىغا كىلىپ توختاپ ئىشىكنى قېقىپتۇ . ھايال بولمايلا ئۆينىڭ ئىچىدىن بىرسى چىقىپتۇ :
-كىمنى ئىزدەيسىز ؟
-ھەقىقەتنى ئىزدەيتتىم .
-سىز خاتا كىلىپ قاپسىز ، مەن دىگەن خاتالىق ،—ھېلىقى كىشى شۇنداق دەپلا ئىشىكنى "گۈپپىدە" قىلىپ يېپىۋاپتۇ .
يۇلۇچى يەنە داۋاملىق ئىزدەشكە مەجبۇر بوپتۇ . ئۇ ئۇزۇن يوللارنى يۈرۈپ ، تاغ-دەريالارنى كېزىپتۇ . لېكىن ھەقىقەتنى زادىلا تاپالماپتۇ . ئاخىرى ئۇ "ھەقىقەت بىلەن خاتالىق ئۆز-ئارا رەقىپلەر ، خاتالىق ھەقىقەتنىڭ نەدىلىكىنى چۇقۇم بىلىدۇ" دەپ ئويلاپتۇ-دە ، دەرھال ئارقىسىغا يېنىپ ، يەنە خاتالىقنىڭ قېشىغا بېرىپتۇ .
-مەنمۇ دەل ھەقىقەتنى ئىزدەۋاتاتتىم ،- خاتالىق ئىشىكنى يەنە يېپىۋاپتۇ .
يۇلۇچى نىيىتىدىن زادىلا يانماپتۇ . ئۇ ئايلىنىپ –ئايلىنىپ يەنە خاتالىقنىڭ قېشىغا كىلىپ قاپتۇ . لېكىن خاتالىق زادىلا ئۇچۇق چىراي ئاچماپتۇ .
ئىشىكنىڭ توختىماي قېقىلىشىدىن خاتالىقنىڭ قوشنىسى ئويغىنىپ كەتكەن ئىكەن . يۇلۇچى ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا خاتالىقنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپ يۈرگەندە ، ئىشىك ئېچىلغان ئاۋاز ئاڭلىنپتۇ . يۇلۇچى قايرىلىپ قارىسا ، ھەقىقەت تۇرغۇدەك!!
ھەقىقەت –خاتالىقنىڭ قوشنىسى . كىشىلەر ھەقىقەتنى خاتالىقنىڭ ئىشىكىنى نۇرغۇن قېتىم ئۇرغاندىلا تاپالايدۇ .