بەخت
ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن
توشقان ،
قېچىپ يۈرەر چاتقاللىقتا،
سۇقۇنۇپ داڭگالمۇ داڭگال ،
ئوۋچى
قوغلاپ كىلەر تاپ بېسىپ،
ئۇ توختىسا توشقانمۇ توختار .
قۇلىقىنى يۇپۇرۇپ دەرھال ...
توشقان قاچار...
ئوۋچى ھارسا مەندىن بىزەر دەپ ،
ئوۋچى قوغلار ،
توشقان ھېرىپ تۇتۇق بىرەر دەپ .
توشقان يانماس پەيلىدىن .
ئوۋچى كەتمەس مەيلىدىن ...
توشقان-بەخت ،
ئوۋچى-مەن .
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى 1999-يىلى 1-نويابىردىكى سانىدىن ئېلىندى.