شائىرنىڭ يولى
زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى
شېئىر ئەسلى تىم-تىم ئاققان جان ئىكەن،
نەپسىگە قارشى جىھاد، ئىسيان ئىكەن...
ئاق بېتى ئىمان، قۇرى ۋىجدان بىلەن،
ھەر ھەرىپ سۆيگۈ، سىياھى قان ئىكەن...
كۆرگىنىم چۈش، مۈلكى ئالەم ئۇيقۇدا،
تىن-نەپەستە ھال غېرىپ، ئۈلپەت رىيا.
ھەر قەدەم ئاھ ئىپتىدا، يوق ئىنتىھا...
ئەسلى ئىلھام قوزغىتار ئەزان ئىكەن...
ياندىشىپ باتىلغا پىكرۇ-مەسلىكىم،
بىلگىنىمدىن زور بولۇپ بىلمەسلىكىم.
ھېچ سوراپ باقماپتىمەن: مەن ئەسلى كىم؟
ئەمدى بىلسەم، شۇ بىلىشمۇ شان ئىكەن.
ياش يېتىپ، ئۈچ ئون يەنە بىر بەشتە مەن،
ھەققە قايتتىم، باش يېرىلغاچ دەردتە مەن...
ھەم شۇنىڭدىن تا بۇدەم ئۈزلەتتە مەن...
ئەسلى شائىرنىڭ يولى ئىھسان ئىكەن!
2011-يىل 21-مارت ئۈرۈمچى