تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› ئاتالغۇلارغا ئىزاھ ›› دىن-پەلسەپە ئاتالغۇلىرى ›› «قۇرئان كەرىم»نىڭ نازىل بۇلۇش باسقۇچلىرى ۋە ئۇنىڭدىكى ھېكمەت(نەزىرە مۇھەممەد سالىھ)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Halil
    ئادمىرال
    دەرىجىسى : 1
    جۇغلانما نۇمۇر : 17346
    Halil@qarluq.com
    0
    يازما سانى : 881
    باھا يازما سانى : 6
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-7-17 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    «قۇرئان كەرىم»نىڭ نازىل بۇلۇش باسقۇچلىرى ۋە ئۇنىڭدىكى ھېكمەت(نەزىرە مۇھەممەد سالىھ)

    «قۇرئان كەرىم»نىڭ نازىل بۇلۇش باسقۇچلىرى ۋە ئۇنىڭدىكى ھېكمەت
    نەزىرە مۇھەممەد سالىھ
     
     
     
       ئاللاھ تائالانىڭ ئىرادىسى بىلەن لەۋھۇلمەھپۇزغا پۈتۈلگەن«قۇرئان كەرىم» يەر يۈزىگە چۈشۈرۈلگۈچە ئىككى باسقۇچنى بېسىپ ئۆتكەن بۇلۇپ، بىرىنچى باسقۇچتا رامىزان ئېيىنىڭ قەدىر كېچىسى ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدىن دۇنيا ئاسمىنىغا بىر يولىلا تۇلۇقى بىلەن چۈشۈرۈلگەن. بۇنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە«قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېيىلگەن:{رامىزان ئېيىدا قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىدى، قۇرئان ئىنسانلارغا يېتەكچىدۇر، ھىدايەت قىلغۇچى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئاياتلەردۇر}(سۈرە قەدىر 1-ئايەت).{بىر قۇرئاننى ھەقىقەتەن مۇبارەك كېچىدە(يەنى شەبى قەدىر كېچىسى)دە نازىل قىلدۇق}(سۈرە دۇخان 3-ئايەت).     
     
     
       ئىككىنچى باسقۇچتا«قۇرئان كەرىم» دۇنيا ئاسمىنىدىن يەر يۈزىگە 23يىل جەريانىدا پارچە-پارچە ھالدا تەدرىجىي نازىل بۇلۇپ مۇكەممەل تاماملانغان. بۇ ھەقتە«قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېيىلگەن.{ قۇرئاننى كىشىلەرگە دانە دانە ئوقۇپ بېرىشىڭ ئۈچۈن ئۇنى بۆلۈپ-بۆلۈپ نازىل قىلدۇق، ئۇنى تەدرىجىي نازىل قىلدۇق}(سۈرە بەنى ئىسرايىل106-ئايەت). مەشھۇر ئىسلام ئالىمى جالالىددىن سۇيۇتى ئۆزىنىڭ«قۇرئان ئىلمىدىكى مۇكەممەللىك»دېگەن مەشھۇر كىتابىدا ئىبنى ئابباسنىڭ بۇ ھەقتىكى مۇنۇ سۆزىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتىدۇ:«‹قۇرئان كەرىم› رامىزان ئېيىنىڭ قەدىر كېچىسىدە بىر يولىلا، تۇلۇقى بىلەن دۇنيا ئاسمىنىغا نازىل قىلىنغان. ئاندىن كېيىن 20 نەچچە يىل جەريانىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا پارچە-پارچە ھالدا نازىل قىلىنغان». ئىككىنچى باسقۇچتا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بىلەن قۇرئاننى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام 23يىل جەريانىدا بۆلۈۆپ-بۆلۈپ تەدرىجىي ھالدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان بۇلۇپ، بۇ بىرىنچى باسقۇچتىكى بىر يولىلا تۇلۇقى بىلەن نازىل بۇلۇشتىن پەرقلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلىنغان«تەۋرات»،«ئىنجىل»،«زەبۇر»غا ئوخشاش ساماۋى كىتابلار بىر قېتىمدىلا نازىل قىلىنغان. ئەمما، «قۇرئان كەرىم» بولسا بۆلۈپ-بۆلۈپ، يەدرىجىي ھالدا نازىل قىلىنغان. بۇنداق نازىل قىلىنىش ھېچقانداق سەۋەبسىز، تاسادىبىي بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭدا پەرۋەردىگارنىڭ چوڭقۇر ھېكمىتى ۋە ئۇلۇغ قانۇنىيىتى بار ئىدى:                            
     
     
       1)«قۇرئان كەرىم»نىڭ پارچە-پارچە ھالدا بۆلۈپ نازىل قىلىنىشىدا، پەيغۇمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىي دەۋەت يولىدىكى ئىرادىسىنى مۇستەھكەم، قەدىمىنى پۇختا قىلىش مەقسەت قىلىنغانىدى. شۇڭا«قۇرئان كەرىم»دە ناھايتتى ئېنىق ھالدا مۇنداق دېيىلگەن:{«قۇرئان كەرىم نېمىشقا ئۇنىڭغا(پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا)بىر قېتىمدىلا نازىل قىلىنمىدى؟» دەپ سورالدى. سېنىڭ دىلىڭنى مۇستەھكەم قىلىش ئۈچۈن ئۇنى پارچە-پارچە نازىل قىلدۇق، ئۇنى ئايرىم- ئايرىم ھالدا نازىل قىلدۇق}(سۈرە فۇرقان32-ئايەت).          
     
       ئەينى دەۋرىدىكى نادانلىق، جاھىللىق، مەنمەنلىك يامرىغان ئەرەب جەمىئىتىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەردىن ناھايتتى كۆپ ئەزىيەتلەرنى چەككەنىدى. ئۇنى يالغانغا چىقىرىش، يەكلەش ۋە ھاقارەتلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يۈرىكىنى سىقىپ مەيۈسلەندۈرەتتى. پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ ھەق پەيغەمبىرىنى بۇ خىل غەم-قايغۇ، مەيۈسلۈكتىن خالاس قىلىپ، سەۋرگە ئۈندەش، ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىش، ئۇنىڭ دىنىي دەۋەت يولىدىكى ئىرادىسىنى مۇستەھكەملەش، ئاللاھنىڭ ھەق دىنىنىڭ غەلبىسىگە بولغان ئىشەنچىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قۇرئاننى 5ـــ10ئايەتتىن بۆلۈپ، ۋاقتى-ۋاقتىدا نازىل قىلىپ تۇراتتى. تۆۋەندىكى ئايەتلەردىن بىز بۇ خىل مەزمۇننى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۋالالايمىز:{ئۇلارنىڭ سۆزى سېنى قايغۇغا سالىدىغانلىقىنى بىز ئوبدان بىلىمىز، ئۇلار سېنى(ئىچىدە) ئىنكار قىلمايدۇ،(لېكىن ئۇلار تەرسالىقتىن ئىنكار قىلىدۇ)،(ھەقىقەتتە) زالىملار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ. سەندىن بۇرۇن ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرمۇ ئىنكار قىلىندى، ئۇلار ئىنكار قىلىنغانلىقىغا ۋە ئۆزلىرىگە يەتكەن ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلدى، ئاخىر ئۇلار بىزنىڭ ياردىمىمىزگە ئېرىشتى}(سۈرە33-34-ئايەتلەر).{(ئى مۇھەممەد!) سەن (مۇشرىكلارنىڭ سالغان جاپاسىغا) ئىرادىلىك پەيغەمبەر سەۋر قىلغاندەك سەۋر قىلغان}(سۈرەئەھقاف 35-ئايەت).                 
     
       2)ئاللاھ تائالانىڭ ھەربىر شەيئىنىڭ تەبىئىي قانۇنىيىتىگە مۇناسىپ ھېكمەت بىلەن قۇرئاننى بۆلۈپ-بۆلۈپ نازىل قىلىشى كىشىلەرنىڭ قۇرئاننىڭ چوڭقۇر مەنىلىرى ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىپ ئويلىنىشى، ئەتراپلىق پىكىر قىلىشى ۋە ئەقىل ئاساسىدا ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشى ۋە قۇرئاننى يادلىۋېلىشى ئۈچۈن ئەڭ توغرا يول ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زامانىدىكى ئەرەب جەمىئىتىدە نادانلىق ۋە ساۋاتسىزلىق ھۆكۈمران ئورۇندا بۇلۇپ، كىشىلەر ئوقۇشنى، يېزىشنى بىلمەيتتى. شۇڭا بۇ ھەقتە«قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېيىلگەن:{ئاللاھ ئۈممىلىرىگە(يەنى يېزىشنى ۋە ئوقۇشنى ئۇقمايدىغان ئەرەبلەرگە) ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر پەيغەمبەرنى(يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) ئەۋەتتى، ئۇ(يەنى پەيغەمبەر) ئۇلارغا قۇرئان ئايەتلەرنى ئوقۇپ بېرىدۇ، ئۇلارنى(گۇناھلاردىن) پاك قىلىدۇ، ئۇلارغا كىتاپنى(يەنى قۇرئاننى) ۋە ھېكمەتنى(يەنى پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىنى)ئۆگىتىدۇ، گەرچە ئۇلار ئىلگىرى ئوچۇق گۇمراھلىقتا بولسىمۇ}(سۈرە جۇمۇئە2-ئايەت) مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدا«قۇرئان كەرىم» بىر يولىلا تۇلۇق ھالدا نازىل قىلىنسا، ئۇنىڭ چوڭقۇر، ھېكمەتلىك مەنىلىرىنى ئويلاش ۋە پىكىر قىلىپ چۈشۈنۈش، يادلاش ئوقۇمىغان كىشىلەرگە ئەلۋەتتە ئېغىر كېلەتتى. ئەينى ۋاقىتتا ساھابىلار بۇنىڭغا تۇلۇق ئەمەل قىلغاچقا، ‹قۇرئان كەرىم›نىڭ ھەربىر ئايىتى ئۇلارنىڭ دىللىرىغا مەھكەم ئورناشقانىدى. تابىئىيلاردىن بولغان ئەبۇ نەزرە مۇنداق دېگەن:«ئەبۇ سەئىد خۇدرى بىزگە ‹قۇرئان كەرىم›دىن چۈش ۋاقتىدا بەش ئايەت، كەچتە بەش ئايەت ئۆگىتەتتى ۋە جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قۇرئاننى بەش ئايەت، بەش ئايەتتىن ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ بېرەتتى».
     
     
       3)«قۇرئان كەرىم»نىڭ پارچە-پارچە ھالدا بۆلۈپ نازىل قىلىنىشىدا، يۈز بەرگەن يېڭى ۋەقە-ھادىسلەرگە ماسلىشىش ۋە ئىسلام شەرىئىتىنىڭ پەيدىنپەي مۇكەممەللىشىپ، كىشىلەرنىڭ ئەمەلىي ھاياتىنىڭ ھەربىر كۆرۈنىشىدە ئۆزئىپادىسىنى تېپىشى مەقسەت قىلىنغانىدى. كىشىلەرنى زامانلاردىن بېرى ۋۇجۇدىغا سىڭگەن جاھىلىيەتنىڭ يامان ئادىتى، ئەخلاقلىرىدىن تەدرىجىي قول ئۈزۈپ، ئۇلارنىڭ دىلىغا ئىسلام دىنىنىڭ گۈزەل ئەخلاقلىرىنى ئورنىتىش، شەرىئەتتە پەرز قىلىنغان ناماز، روزا، زاكاتلارنى ئاستا-ئاستا ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىپ، ئۇلارنى ئىسلام دىنىنىڭ تەربىيىسىدە تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈش پەقەت مۇشۇ يول ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشاتتى. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ ھەرئىككى دۇنيالىق مەنپەئىتىگە پايدىلىق بولغان شەرىئەت ئەھكاملىرىنى بىرلا قېتىمدا ئەمەس، بەلكى ئۆزىگە ئەڭ مەلۇملۇق بولغان ئىنسان تەبىئىتىنىڭ قانۇنىيىتى بويىچە ئاز-ئازدىن، تەدرىجىي قۇبۇل قىلالايدىغان دەرىجىدە نازىل قىلدى. بىز«قۇرئان كەرىم»دىكى مەزمۇنلارنىڭ نازىل قىلىنىش تەرتىپىگە قارايدىغان بولساق،«قۇرئان كەرىم» دەسلەپتە كىشىلەرنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتەك زور گۇناھتىن چەكلەپ، نۇرغۇن پاكىتلار بىلەن ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە مايىل قىلىش، دىننىڭ تۈپ ئاساسلىرىدىن بولغان قىيامەت، تىرىلىش، ھېساب-كىتاب، دەۋزاخ، جەننەت ھەققىدىكى بايانلاردىن باشلانغان. ئاندىن تەدرىجىي ھالدا ئىبادەت قىسىمىغا يۆتكەلگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىجرەت قىلىشتىن ئىلگىرى ناماز پەرز قىلىنغان، ھىجرىيىنىڭ 2-يىلى زاكات ۋە رامىزان روزىسى، ھىجرىيىنىڭ 6-يىلى ھەج پەرز قىلىنغان. پەرۋەردىگارنىڭ ھاراقنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدىكى ھۆكىمىنىڭ «بەقەرە»،«نىسا» ۋە «مائىدە» سۈرىلىرىدە ئىلگىرى-كېيىن بۇلۇپ ئۈچ قېتىم نازىل قىلىنىشىمۇ دەل بۇنىڭ مىسالىدۇر.
                                              
     
       4)«قۇرئان كەرىم»نىڭ ئايرىم-ئايرىم نازىل قىلىنىشى ئۇنىڭ ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى، ھەممىنى بىلگۈچى، ھېكمەت ئىگىسى ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ھەق كىتاب ئىكەنلىكىنىڭ ئېنىق دەلىلىدۇر.«قۇرئان كەرىم» پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەزىدە بىر ئايەت ياكى بەش ئايەتتىن ئوخشىمىغان ۋاقىتلاردا نازىل قىلىنغان بۇلۇپ، ئۇنىڭ تۇلۇق نازىل بۇلۇپ تاماملىنىشىغا 23 يىل ۋاقىت كەتكەن. ئوخشىمىغان ۋاقىت ۋە دەۋرنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ، شۇنچە ئۇزاق ۋاقىتتا نازىل قىلىنغان«قۇرئان كەرىم» تۈزۈلۈش جەھەتتىكى پۇختىلىقى، مەنا جەھەتتىكى بىردەكلىكى، ئايەتلەر ۋە سۈرىلەر ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنىڭ جىپسىلىقى، ئۇسلۇبىنىڭ ئۆزئارا ماسلاشقانلىقى بىلەن ئاجرالماس بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئوخشايدۇكى، بۇ ھەق كىتابنى پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ قىلماسلىقتەك شەك-شۈبھىنى تامامەن يوق قىلىدۇ. ھەربىر ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن ئېنىقكى، شۇنچە ئۇزاق ۋاقىت، ئوخشىمىغان دەۋرلەرنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان. كائىنات ۋە ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ زور مەسىلىلەردىن ئەڭ ئۇششاق مەسىلىلەرگىچە تولۇق ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ مۇقەددەس كىتاب بەزىلەر گۇمانلانغاندەك ئىنسان تەرىپىدىن تۈزۈلگەن  بولسا، ئەلۋەتتە ئۇ بىز ھازىر كۆرۈۋاتقان«قۇرئان كەرىم»دىن پەرقلىق ھالدا، مەنە، شەكىل، ئۇسلۇپ ۋە باغلىنىش جەھەتتە خىلمۇخىللىق، ئۆزئارا ماسلاشماسلىق ۋە زىتلىققا ئىگە بولغان بۇلۇتتى. بۇ ھەقتى«قۇرئان كەرىم»دە ئېنىق ھالدا مۇنداق دېيىلگەن:{ئۇلار قۇرئان ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ ئەگەر قۇرئان(مۇشرىكلار بىلەن مۇناپىقلار گۇمان قىلغاندەك) ئاللاھدىن غەيرىنىڭ تەرىپىدىن بولغان بولسا، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭدىن نۇرغۇن زىددىيەتلەرنى تاپقان بۇلاتتى}(سۈرە نىسا 82-ئايەت).{ئەلىف،لام،را، بۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، ھەممىدىن خەۋەردار ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان، ئايەتلارنىڭ تۈزۈلۈشى پۇختا،(ئەقىدە، ئەھكام، ۋەز ۋە قىسسىلەر)تەپسىلى بايان قىلىنغان كىتاپتۇر}(سۈرە ھۇد 1-ئايەت).
     
    مەنبەسى: «شەرق يۇلتۇزلىرىنى ئىزلەپ»ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى.


    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : نەزىرە مۇھەممەد سالىھ , قۇرئان كەرى , نازىل بۇلۇش , شەرق يۇلتۇزلىرىنى ئىزلەپ
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-3-17 0:48:25
    تەھرىر : abduhelil
    باھا : 0 كۆزىتىش : 467
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证