تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› ئاتالغۇلارغا ئىزاھ ›› دىن-پەلسەپە ئاتالغۇلىرى ›› «قۇرئان كەرىم»نىڭ نازىل بۇلۇشى توغرىسىدا(نەزىرە مۇھەممەد سالىھ)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Halil
    ئادمىرال
    دەرىجىسى : 1
    جۇغلانما نۇمۇر : 17346
    Halil@qarluq.com
    0
    يازما سانى : 881
    باھا يازما سانى : 6
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-7-17 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    «قۇرئان كەرىم»نىڭ نازىل بۇلۇشى توغرىسىدا(نەزىرە مۇھەممەد سالىھ)

    «قۇرئان كەرىم»نىڭ نازىل بۇلۇشى توغرىسىدا
    نەزىرە مۇھەممەد سالىھ
     
     
     
        «قۇرئان كەرىم» ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى بۇلۇپ، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندىن باشلاپ، تا ھازىرغىچە1400يىلدەك ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىدە تەڭداشسىز ئۇلۇغ كۈچ-قۇدرىتى ۋە رولىنى يۇقاتماي كەلمەكتە. ئۇ ھەممىنى كونىراتقۇچى ۋاقىت ئۈستىدىن غالىپ كېلىىپ، ئوقۇغانسىرى يېڭىچە مەنىلەرنى ئاتا قىلىشتەك قۇدرەت ۋە تىل، شەرىئەت، ئىلىم-پەن جەھەتتىكى مۆجىزىلىرى بىلەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ دىنشۇناسلىق ساھەسىدىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك تەتقىقات تېمىسى بۇلۇپ كەلمەكتە.«قۇرئان كەرىم»نىڭ نازىل بۇلۇشى«قۇرئان كەرىم» ھەققىدىكى باشقا تېمىلارنى تەتقىق قىلىشتا ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدىغان تۇنجى ۋە ھالقىلىق تەتقىقات مەسىلىسىدۇر.                                            
     
        «قۇرئان كەرىم»نىڭ نازىل بۇلۇش سەۋەبلىرى            
     
        «قۇرئان كەرىم»نىڭ نازىل بۇلۇش سەۋەبى پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى ۋە مۇشۇ ئاساستىكى ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك قوش يۆلىنىشلىك مەسىلە بۇلۇپ، ئۇنى تۆۋەندىكىدەك نۇقتىلارغا يىغىنچاقلاش مومكىن.                  
     
        1.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ۋەھىيسى بويىچە، ئەينى ۋاقىتتىكى بۇتپەرەسلىك، نادانلىق، جاھىلىيەت بىلەن تولغان ئەرەب جەمىئىيىتىدە زور جۈرئەت ۋە جاسارەت بىلەن ھەق دىنغا دەۋەت قىلىشنى باشلىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتىنى قۇبۇل قىلىپ، بىر تۈركۈم كىشىلەر ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولدى. بارا-بارا مۇسۇلمانلارنىڭ سانى كۆپەيدى. ئىسلام دىنى دىل بىلەن ئىمان ئېيتىشنىلا ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەمەل قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغان دىن ئىدى. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا يۈز بېرىۋاتقان تۈرلۈك ھادىسلەرگە ئىسلام دىنىنىڭ شەرىئەت بويىچە توغرا يول كۆرسىتىشى يۈزىسىدىن، بىرەر ھادىسە، ۋەقە يۈز بەرگەندە، شۇ توغرىسىدا«قۇرئان كەرىم»دىن مەلۇم ئايەتلەر نازىل قىلىناتتى.                                                   
     
        2.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىنى كىشىلەرگە يەتكۈزگۈچى ھەق پەيغەمبەر بۇلۇش سۈپىتى بىلەن كىشىلەر سورىغان تۈرلۈك مەسىلىلەرگە ئىسلام شەرىئىتى بويىچە پەتىۋا بەرگۈچى ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مانا مۇشۇنداق بىرەر مەسىلە توغرىسىدا كىشىلەردىن سورالغان چېغىدا، ئۇنىڭ بۇ ھەقتە توغرا ھۆكۈم بايان قىلىشى ئۈچۈن«قۇرئان كەرىم»دىن ئايەتلەر نازىل قىلىناتتى. مەسىلەن ئىسىلام دىنىدىن ئىلگىرىكى ئەرەب جەمىئىتىدە ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش كىشىلەر ئارىسىدا ئومۇملاشقانىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلىشنى باشلىغاندىن كېيىن، كىشىلەر بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سورىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھاراق ۋە قىمارنىڭ كىشىلەرگە جىسمانىي، روھىي ۋە ئىقتىسادى جەھەتتە كەلتۈرىدىغان زىيان ۋە بالايىئاپەتلىرى نەزەردە تۇتۇلۇپ، ئۇنىڭ مۇسۇلمانلارغا ھارام قىلىنغانلىقى بايان قىلىنىپ،«قۇرئان كەرىم»دە تەدرىجىي يۇسۇندا مۇنۇ ئايەتلەر نازىل بولغان { (ئى مۇھەممەد!)سەندىن ھاراق ۋە قىمار توغرىسىدا سورىشىدۇ، سەن ئۇلارغا:«بۇنىڭ ھەرئىككىسىدە چوڭ گۇناھ ۋە كىشىلەرگە(ئازغىنا ماددى) پايدىمۇ بار، لېكىن ئۇلاردىكى گۇناھ پايدىغا قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ» دېگىن... } (سۈرە بەقەرە219-سۈرە){ئى مۆمىنلەر! سىلەر مەس بولساڭلار، يول ئۈستىدە بولغانلار(بۇنىڭدىن)مۇستاسنا،-غۇسلى قىلمىغۇچە نامازغا يېقىنلاشماڭلار...}(سۈرە نىسا43-ئايەت).{ئى مۆمىنلەر! ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، بۇتلار(يەنى چوقۇنۇش ئۈچۈن تىكلەنگەن تاشلار)غا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش شەيتاننىڭ ئىشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر، بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بۇلۇڭلار}(سۈرە مائىدە90-ئايەت).                            
     
        3.«قۇرئان كەرىم»نىڭ نازىل قىلىنىشىدىكى تېخىمۇ مۇھىم بىر سەۋەب شۇكى، ئىنساننى كىشىلىك ھاياتتىكى تۈرلۈك خاتا، قىڭغىر يوللاردىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنى مەڭگۈلۈك ھىدايەت ۋە بەخىت-سائادەت يولىغا باشلاش بۇلۇپ، ئۇنىڭدا تەۋھىد، ئىمان، ئىسلامنىڭ پەرز-ئەھكاملىرى، ئاللاھ تائالانىڭ شەخىسنىڭ ۋە جەمىئەتنىڭ نورمال ھاياتى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن شەرىئەتلىرى تەبىئىي رەۋىشتە پاساھەتلىك تىل ۋە گۈزەل ئۇسلۇپ بىلەن بايان قىلىپ بېرىلگەن. شۇڭا«قۇرئان كەرىم»دىكى ھەربىر ئايەت ۋە سۈرىلەرنىڭ نازىل قىلىنىشىنى بىرەر ۋەقە-ھادىسە ياكى مەسىلىلەر ھەققىدە سورالغان سۇئاللار بىلەنلا باغلاپ چۈشەنمەستىن، بەلكى ئۇنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئەڭ مۇھىم مەقسەت ئۈچۈن نازىل قىلىنغانلىقىنى ئەڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قۇيۇش كېرەك. بۇ ھەقتە ئىسلام ئالىمى جەئبەرى مۇنداق دېگەن:«‹قۇرئان كەرىم› چوڭ ئىككى تۈر بويىچە نازىل بولغان، بىر تۈرى ۋەقە-ھادىسلەر ۋە سۇئاللار بىلەن مۇناسىۋەتسىز ھالدا مۇستەقىل نازىل قىلىنغان؛ يەنە بىر تۈرى يۈز بەرگەن ۋەقە ھادىسە ياكى سورالغان مەسىلىلەر ئاساسىدا نازىل قىلىنغان».
     
    مەنبەسى: «شەرق يۇلتۇزلىرىنى ئىزلەپ»ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى 


    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : «قۇرئان كەرىم»نىڭ نازىل بۇلۇشى توغرىسىدا , نەزىرە مۇھەممەد سالىھ , قۇرئان كەرىم , مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام , نازىل بۇلۇش , شەرق يۇلتۇزلىرىنى ئىزلەپ
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-3-15 8:36:35
    تەھرىر : abduhelil
    باھا : 0 كۆزىتىش : 706
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证