تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-ئوبزور ›› دىنىي ئەسەبىيلىك توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم(ئەخمەتجان ھەسەن)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Halil
    ئادمىرال
    دەرىجىسى : 1
    جۇغلانما نۇمۇر : 17488
    Halil@qarluq.com
    0
    يازما سانى : 882
    باھا يازما سانى : 6
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-7-17 0:00:00
    ھازىر توردا : بار
    دىنىي ئەسەبىيلىك توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم(ئەخمەتجان ھەسەن)

    دىنىي ئەسەبىيلىك توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم
    ئەخمەتجان ھەسەن    
     
     
     
        دىنىي ئەسەبىيلىك - بۈگۈنكى دۇنيادىكى ھەر قايسى دىنلاردا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت. لېكىن ئۇ قايسى دىننى يېپىنچا قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقىشتىن قەتئىي نەزەر، ھەرگىز شۇ دىنغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. چۈنكى دىنىي ئەسەبىيلىك - ھەرگىز مەلۇم بىر دىنغا خاس نەرسە ئەمەس. ھەممىمىزگە ئايان، مەيلى خرىستىئان دىنى، ئىسلام دىنى، يەھۇدىي دىنى، ھىندى دىنى ۋە ياكى باشقا دىنلاردا بولسۇن، ئۇلارنىڭ مۇقەددەس دىنىي دەستۇرلىرىدا زوراۋانلىقنى ياكى تېررورلۇقنى تەكىتلەيدىغان ئىبارىلەر يوق. يەنە كىلىپ، شۇ دىنلارنىڭ ئېتىقادچىلىرى بولغان سانسىزلىغان ئېتىقادچى ئامما، ئۆز دىنلىرىدىكى ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى، بەخىت-سائادىتىگە پايدىلىق بولغان ئىلغار دىنىي ئەقىدىلەرگە تارىختىن بېرى ئەمەل قىلىپ، ۋارىسلىق قىلىپ كەلمەكتە. مانا بۇ خىل تىنچلىق ۋە تەرەققىياتقا ئىنتىلىدىغان ھەم ئۇنى قوغدايدىغان ئېقىم، بۈگۈنكى دۇنيادىكى دىنلاردىكى ئاساسىي ئىقىمدۇر. زوراۋانلىق، تېررورلۇقنى ۋاسىتە قىلغان بىر ئوچۇم دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر، بىرەر دىنغا، بىرەر دۆلەتكە ياكى بىرەر مىللەتكە ۋەكىللىك قىلالمىسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ يەر شارىنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىگە، جۈملىدىن مەلۇم بىر رايون ياكى دۆلەتنىڭ سىياسىي مۇقىملىقىغا ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا، بىر پۈتۈنلىكىگە، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە قانچىلىك دەرىجىدە خەۋپ ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىغا سەل قاراشقا قەتئىي بولمايدۇ.
     
        ئوتتۇرا شەرق رايونى بۈگۈنكى دۇنيادا، ئوخشىمىغان مىللەت، ئوخشىمىغان دىن ۋە مەزھەبلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان ھەم داۋاملىشىۋاتقان رايونلارنىڭ بىرى. بىر قىسىم كىشىلەر ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئاھالىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىگە قاراپ، ئەنە شۇ ئۇرۇش، توقۇنۇشلارنى نوپۇسنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقىنى تەشكىل قىلىدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى-ئىسلام دىنى پەيدا قىلغان، دىنىي ئەسەبىيلىك، تېررورلۇق- ئىسلام دىنىنىڭ مەھسۇلى دەپ قاراپ كەلمەكتە. بۇ خىل چېكىدىن ئاشقان خاتا قاراش، كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ غۇرۇرىغا تېگىپ، ئۇلارنىڭ نارازىلىقىنى ۋە غەزىپىنى قوزغىدى. بولۇپمۇ «11-سېنتەبىر» ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، كۆپلىگەن ئەرەب ئىسلام ئەللىرىدە ئىسلام دىنىنىڭ «ھەقىقىي مۇقەددەس نامىنى» قايتىدىن تىكلەپ، ئۇنى دىننى سىياسىيلاشتۇرۇپ، تەشكىلىي ئاپپاراتلاشتۇرۇپ، دىنىي ئەقىدە ۋە ئىدىيىلەرنى ئەسەبىيلەشتۈرۈپ، زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق پەيدا قىلىۋاتقان دىنىي ئەسەبىي تەشكىلاتلار ۋە دىنىي ئەسەبىي كۈچلەردىن پەرقلەندۈرۈش توغرىسىدىكى سادالار ھەممە يەرنى قاپلىدى. «11-سېنتەبىر » ۋەقەسىنى مۇسۇلمانلارنىڭ دىننى قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان مۇقەددەس ئۇرۇشى-«غازات» دەپ قاراش ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىكتۇر. شۇڭا، بۇ ماقالىدە مەن ئىسلام دىنىنىڭ دىنىي ئەھكاملىرى ۋە دىنىي ئەقىدىلىرىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئەسلى ماھىيىتى ۋە ئۇ تەشەببۇس قىلغان «غازات» ئۇرۇشى توغرىسىدا ئۆزەمنىڭ يۈزەكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتمەكچى.
     
        1. ئىسلام دىنى زوراۋانلىق بىلەن مۇناسىۋەتسىز
     
        ئەنئەنىۋى ئىسلام دىنى ئەھكاملىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «جىھات» (مۇسۇلمانلارنىڭ دىننى قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلىرى) - مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەش ۋە قوغداش يولىدا ئېلىپ بارغان تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئاتالمىش «جىھات»- ئىسلام دىنى ئەھكاملىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «جىھات» نىڭ ناھايىتى كىچىك بىر قىسمىدىنلا ئىبارەت. كىشىلەرنىڭ نەپسىگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىپ، ئۆز تېنىدىكى ھايۋانى خۇسۇسىيەتلەرنى يوقىتىپ، قەلبىنى پاكلاش، ئىش-ھەركىتىنى، سۆزىنى گۈزەللەشتۈرۈش يولىدا ئېلىپ بارغان تىرىشچانلىقلىرى ھەقىقى «جىھات» دەپ قارىلىدۇ. مانا بۇ، ئىسلام دىنى ئەھكاملىرىدا تەكىتلەنگەن «جىھات» نىڭ كەڭ دائىردىكى مەنىسى. قولىغا قورال ئېلىپ ئۇرۇش قىلىش - پەقەت تار مەنىدىكى «جىھات»تىن ئىبارەت. «كىچىك جىھات»-دىنىي ئەھكاملاردا شەرتلىك ئوتتۇرىغا قويۇلغان، يەنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان، دۆلەت بىرلىككە كەلگەن، تىنچلىق، ئاسايىشلىق بەرپا قىلىنغاندىن كېيىن، «كىچىك جىھات»نىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتىنىڭ يوقلىقى، پەقەت دۆلەت چەت ئەلنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچراپ، خەلقنى، دۆلەت زېمىنىنى قوغداشقا چاقىرىق قىلىنغاندا، ئاندىن كىچىك جىھات ئېلىپ بارسا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق خاتىرىلەر قالدۇرۇلغان. ئىسلام دىننىڭ مۇقەددەس دەستۇرى «قۇرئان كەرىم»دە، يەھۇدى دىنى مۇرىتلىرى ۋە خرىستيان دىنى مۇرىتلىرى (ناسارالار) ئەھلى كىتابلار دەپ قارالغان. ئىسلام دىننىڭ قارىشىچە، يەھۇدى دىنى، خىرىستىيان دىنى ۋە ئىسلام دىنى بىر ئىلاھلىق دىن بولۇپ، يەھۇدىلارغا، ناسارالارغا ۋە مۇسۇلمانلارغا ئاللا تەرىپىدىن كىتاب (تەۋرات، ئىنجىل، قۇرئاندىن ئىبارەت 3كىتاب )چۈشۈرۈلگەن ھەم ئۇلارغا ئاللا تەرىپىدىن پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن. خرىستيان دىنى ۋە يەھۇدى دىنى بىلەن ئىسلام دىنى ئوتتۇرىسىدا گەرچە ئوخشىماسلىقلار مەۋجۇت بولسىمۇ، خرىستيان ۋە يەھۇدىيلار مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن، يەنىلا تەڭرىنىڭ ۋەھىسىنى قوبۇل قىلغان «ۋەھى ۋە كىتاب چۈشكەن خەلق» دەپ قارىلىپ، ئۇلارنىڭ ئېتىقادى مەيلى مۇھەممەد پەيغەمبەر زامانىسىدا بولسۇن، ياكى تۆت چوڭ خەلىپە دەۋرى ۋە باشقا ئىسلام سۇلالىلىرى دەۋرىدە بولسۇن، قوغدىلىپ ئېتىبارغا ئېرىشىپ كەلگەن.
     
        تېررورچىلارنىڭ خرىستيان دىنى مۇرتلىرى ۋە يەھۇدى دىنى مۇرتلىرىنى خالىغانچە ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىشى، ئوت قويۇش، پارتلىتىش، ئايروپىلان بۇلاش ۋە بىگۇنا خەلقنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىشتەك رەزىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، يەر شارىنىڭ تىنچلىقىغا ئېغىر خەۋپ پەيدا قىلىشى، ھەقىقى ئىسلام تەلىماتىغا، «قۇرئان كەرىم»ۋە ھەدىس روھىغا پۈتۈنلەي خىلاپ ۋە تۈپتىن زىت. بۇ خىل زورلۇق ۋە تېررورلۇقنى ۋاسىتە قىلىپ، دۇنيا مىقياسىدا ۋەھىمە پەيدا قىلغان، چېكىدىن ئاشقان، قەبىھ ۋە بۇرمىلانغان دىنى ئەقىدىلەرنى دەستەك قىلغان ئەسەبىيلەشكەن دىنى تەلىماتلار، ئىسلام دۇنياسىدا ھەرگىز پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.
     
        ئۇنداقتا، ئىسلام دىنى زوراۋانلىق بىلەن مۇناسىۋەتسىز، دەپ قارىشىمىزنىڭ ئاساسى زادى نېمە؟ ھەممىمىزگە مەلۇم، بۈگۈنكى دۇنيادا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان دىنلارنىڭ ئىچىدە، شۇ دىن مەيدانغا كەلگەن ۋاقىتتىن تارتىپلا زوراۋانلىقنى، قىرغىنچىلىقنى، قان تۆكۈشنى تەشەببۇس قىلىشنى ئۆز دىنى تەشەببۇسىغا ئايلاندۇرغان دىن يوق دېيەرلىك. مەيلى يەھۇدى دىنى، خرىستيان دىنى، ئىسلام دىنى، بۇددا دىنى ۋە ياكى باشقا دىنلار بولسۇن، ھەممىسى بارلىققا كېلىشى بىلەن تەڭ ئىنسانلار ئارىسىدا مېھرى-مۇھەببەتنى ۋە گۈزەل ئەخلاقنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئۆز مىزانىغا ئايلاندۇرغان.
     
        «ئىسلام» دېگەن سۆز ئەسلىدە «ئۇرۇش»، «ئۆچمەنلىك»دېگەن سۆزلەرگە قارىمۇ-قارشى بولغان «تىنچلىق»دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان سۆز ئىدى. «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دىيىلگەن:«مەرھەمەتلىك ئاللانىڭ (ياخشى كۆرىدىغان )بەندىلىرى زېمىندا ئۆزلىرىنى تۆۋەن تۇتۇپ تەمكىنلىك بىلەن ماڭىدۇ،نادانلار ئۇلارغا (ياقتۇرمايدىغان)سۆز قىلسا،ئۇلار:‹سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمىز›دەيدۇ،(يەنى گۇناھ بولمايدىغان سۆزلەرنى قىلىدۇ.»(1)
     
        بۇ ئايەت، نېمە ئۈچۈن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن بۇرۇنقى دەۋرنىڭ «جاھالەت دەۋرى»،مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن كېيىنكى دەۋرنىڭ« ئىسلام دەۋرى»دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ بەرسە كېرەك.مەشھۇر ئىسلام ئالىمى ئەھمەد ئەمىن«ئىسلامنىڭ سۈبھى دەۋرى»ناملىق ئەسىرىدە:«‹جاھالەت› ‹بىلىم› دېگەن سۆزگە قارىمۇ-قارشى ئېيتىلغان سۆز ئەمەس، بەلكى ئۆچمەنلىك، چوڭچىلىق، يولسىزلىق، زوراۋانلىق، دېگەن مەنىدە ئېيتىلغان سۆزدۇر.»دەيدۇ.(2) يەنە شۇ ئەسەردە تەبەرىنىڭ «قۇرئان تەفسىرى»دىن نەقىل ئېلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن:«ئاللانىڭ بەندىلىرى رەھىمدىللىك بىلەن يولدا كېتىۋاتقاندا،باشقىلار ئۇلارغا زۇلۇم سېلىپ يولسىزلىق قىلسىمۇ،ئۇلار ئۇنداق قىلمايدۇ».(3) شۇڭا ئېيتىمىزكى،تىنچلىق ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي مەۋقەسى ۋە ئەڭ ئۇلۇغ غايىسىدۇر. ئىسلام دىنىنىڭ چىقىش نۇقتىسىمۇ «تىنچلىق» ئىدىيىسىدۇر. مەسىلەن، ئەينى ۋاقىتتا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەرەبلەر ياشاۋاتقان رايونلاردىكى قالاق قەبىلە ئىدىيىسى ۋە مۇستەبىت تۈزۈمنى تونۇپ يېتىپ، بۇ خىل ئىدىيە ۋە مۇستەبىت تۈزۈمنىڭ ئۇرۇشنىڭ پىلتىسى بولۇپ قىلىپ، جەمئىيەت تىنچلىقى ۋە ئىنسانلار ئەمىنلىكىگە پۇتلىكاشاڭ بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىسلام دىنى ئارقىلىق جاراڭلىق ۋە كەسكىن ھالدا شۇنداق خىتاب قىلغان: «ئىي ئىنسانلار! سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار پەقەت بىردۇر. سىلەرنىڭ ئەجدادىڭلارمۇ پەقەت بىردۇر. سىلەر ھەممىڭلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرى، ئادەم ئاتا تۇپراقتىن يارىتىلغان. ئەرەبلەر باشقا مىللەتلەردىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ. باشقا مىللەتلەرمۇ ئەرەبلەردىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ؛ ئاق تەنلىكلەر قىزىل تەنلىكلەردىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ، قىزىل تەنلىكلەرمۇ ئاق تەنلىكلەردىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگارىغا بولغان تەقۋادارلىق ۋە خىزمەتكە بولغان ئىخلاسمەنلىك جەھەتتىلا پەرقلىنىدۇ.» (4).
     
        مىلادى 622-يىلى (ھىجرىيىنىڭ بىرىنچى يىلى) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن، مۇھاجىر (ھىجرەت قىلغۇچى) لار بىلەن يەرلىكلەرنى قېرىنداشلاردەك ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۆز ئارا ياردەم بېرىدىغان، ئۆز ئارا كۆيۈنىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن قەبىلىلەرنىڭ يۇرتۋازلىق، تارمەھكىمچىلىك قارىشى ۋە ئۆز ئارا كەمسىتىش، ئۆچەكىشىش ئىدىيىسى ئىنكار قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى ئۆز ئارا كۆيۈنۈپ مېھرى-شەپقەت يەتكۈزۈش، قول تۇتۇشۇپ بىرگە ئالغا ئىلگىرلەش ئىدىيىسى ئالغان. بەزىلەر ئىسلام دىنىغا قارىتا خاتا چۈشەنچىدە بولۇپ، قانداقتۇ: «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىر قولىغا ‹قۇرئان› ئالغان بولسا، يەنە بىر قولىدا قىلىچ تۇتقان» دەيدۇ؛ يەنە بەزىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قورال كۈچى بىلەن باشقىلارنى ئىسلام دىنىغا مەجبۇرىي بەيئەت قىلدۇرغان، بولمىسا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە 36 قېتىم جەڭ بولامتى؟ يەنە كېلىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆزى 18 قېتىملىق جەڭگە قاتنىشارمىدى؟ دېيىشىدۇ. كۆپچىلىك بىلىشى كېرەككى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دىن تەرغىپ قىلىۋاتقان مەزگىللەردە دائىم قۇرەيىش ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ تۇراتتى، ئاخىر بولماي مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان ئىدى. مەدىنىگە بارغاندىن كېيىنمۇ تاجاۋۇزچىلارغا قارىتا سەۋر قىلىش، ئەپۇ قىلىش، يول قويۇش پوزىتسىيىسىدە بولغان. قۇرەيىش ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ زىيانكەشلىكى ھەددىدىن ئېشىپ چىدىغۇسىز دەرىجىگە، يەنى يول قويغۇسىز دەرىجىگە يەتكەندە، ئاندىن ئۆزىنى قوغداش، يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن دىننى قوغداش ئۈچۈن كۆرەش ئېلىپ بارغان. يۇقىرىقىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تىنچلىق ۋە ئۇرۇشقا تۇتقان پوزىتسىيىسى ناھايىتى ئېنىق ئىدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يەنە :«كىمكى باشقا ئۈممەتلەرگە (مىللەتلەرگە) زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈدىكەن ، مەن ئۇنىڭ دۈشمىنى بولىمەن»(5) دېيىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ھەقىقىي تىنچلىقپەرۋەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان ھەمدە تار مىللەتچىلىك، دىنىي ۋە مىللىي ئۆچمەنلىك ئىدىيىلىرىنى ئوچۇق ئىنكار قىلغان.
     
        «ئىسلام» دېگەن ئەرەبچە سۆز ئىككى خىل مەنىدە بولۇپ، بىرى «ئىتائەت قىلىش»، يەنە بىرى «تىنچلىق» دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ. ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچى «مۇسلىم» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ «ئىسلام » دېگەن سۆز بىلەن بىر يىلتىزدىن تۈرلىنىپ چىققاچقا، ئۇمۇ «ئىتائەت قىلغۇچى» ۋە «تىنچلىقپەرۋەر» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆمۈر بويى تىنچلىقنى تەشۋىق قىلغان ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىپ كەلگەن. ئۇزۇن يىللىق دىن تەرغىب قىلىش ھاياتىدا، ئىسلام دىنى ئارقىلىق ھەر قايسى ئەرەب قەبىلىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، خۇراپاتلىققا پاتقان، ئەخلاق ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان، ئۇرۇش ئۈزۈلمەيدىغان ئەرەب جەمىئىيىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئايلاندۇرۇپ، تىنچلىق ۋە تەرەققىيات دەۋرىگە باشلاپ كىرگەن. بەزىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن: «ئەڭ قىممەتلىك نەرسە نېمە؟» دەپ سورىغاندا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «جىسمىڭ ھەم تىلىڭ بىلەن مۇسۇلمانلارغا تىنچلىق ئېلىپ كېلىپ، كىشىنىڭ مېلى ۋە جېنىنى ئەمىن قىلغىنىڭدۇر»(6) دەپ جاۋاب بەرگەن. يەنە: «ئىسلامدىكى ئەڭ ئاددىي ئەمەل نېمە؟» دەپ سورىغاندا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام:«باشقىلارغا تائام بەرگىنىڭ، تونۇش ياكى ناتونۇش كىشىگە سالام بەرگىنىڭ»(7) دەپ جاۋاپ بەرگەن. مۇسۇلمانلار تۇرمۇشىنىڭ ھەممە جەھەتلىرىدە تىنچلىقنىڭ ئىزناسى بار. بۇنىڭ ئىچىدە كىشىنىڭ ئېسىگە ئاۋۋال كېلىدىغىنى، سالاملىشىش ئادەتلىرىدىكى ئىبارىلەردۇر. «ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم» مۇسۇلمانلار ئۆزئارا ئەھۋال سوراشقاندا ئېيتىلىدىغان سۆز بولۇپ، بۇنىڭدىكى «سالام» سۆزى ئامانلىق تىلەش مەنىسىدە، بۇ سۆزمۇ «ئىسلام»، «مۇسۇلمان» قاتارلىق سۆزلەرگە ئوخشاشلا «تىنچلىق»، «ئامانلىق»، «خاتىرجەملىك» مەنىسىنى بېرىدۇ. «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» سۆزىنىڭ تولۇق مەنىسى، «ئاللا سىزگە ئەمىنلىك بەرگەي» دېگەنلىك بولىدۇ. دېمەك، مۇسۇلمانلار ئۆز ئارا سالاملىشىش ئارقىلىق، دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. بىر «سالام» بىلەن ناتونۇشلار تونۇشىدۇ، تونۇشلارنىڭ بولسا مۇناسىۋىتى چوڭقۇرلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ كېتىدۇ. بىر «سالام» بىلەن ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئارازلىق تۈگەيدۇ، ئارازلىقنىڭ ئورنىنى ئۆز-ئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا ئەپۇ قىلىش ئالىدۇ.
     
        ئىسلام دىنى يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەندە، ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، جۈملىدىن مەككە، مەدىنە ۋە تائىف قاتارلىق شەھەرلەردە يەھۇدى ۋە خرىستيان دىنلىرىغا ئېتىقاد قىلۋاتقان ئەرەبلەر ۋە يەھۇدىيلار ياشايتتى. مۇھەممەد پەيغەمبەر دىن تارقىتىش جەريانىدا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلمىغانلارنىڭ ئۆز ئېتىقادىنى ساقلاپ قېلىشىغا رۇخسەت قىلغان. مەسىلەن، يەھۇدىيلار بىلەن «ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە چېقىلماسلىق، زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەسلىك، بىر-بىرىنىڭ دۈشمىنىگە ياردەم بەرمەسلىك، قايسى تەرەپ ھۇجۇمغا ئۇچرىسا، شۇ تەرەپكە ياردەم بېرىش، يەھۇدىيلار ئۆز دىنىدا قېلىش»(8) توغرىسىدا كېلىشىم تۈزگەن. قۇرئان كەرىمدە: «ئەپۇنى دوست تۇتقىن، ئەمرى-مەرۇپ قىلغىن ۋە نادانلار بىلەن تەڭ بولمىغىن.»(9) دېيىلگەن.
     
        ئىسلام دىنىنىڭ سىرتقا كېڭىيىش تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرى يېتىپ بارغان رايون خەلقلىرىنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن، بەزىلىرىنىڭ «جىزىيە»دىن قېچىپ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغانلىقىنى بىلەلەيمىز. «جىزىيە» تاپشۇرغانلارنىڭ ئۆز دىنلىرىغا ئېتىقاد قىلىشىغا يول قويۇلغان. (جىزىيە—نوپۇس بىجى ‹جان بىجى› پەقەت ئەرلەرلا تاپشۇراتتى، ئاياللار ۋە بالىلار تاپشۇرمايتتى.). كېيىنچە جىزىيىدىن قېچىپ ئىمان ئېيتقۇچىلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ كەتكەن. بۇنىڭدىن جايلاردىكى باش نازارەتچىلەرمۇ ۋەھىمىگە چۈشۈپ قالغان. ھەججاجنىڭ قول ئاستىدىكى ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭغا دوكلات قىلىپ:«مۇھاپىزەت قىلىنىۋاتقان خەلق بەس-بەستە ئىمان ئېيتىپ شەھەرگە كۆچۈپ كىرىۋاتىدۇ، باج-كىرىمىنىڭ مەنبەسى قۇرۇپ كەتتى» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن ھەججاج:«ئىمان ئېيتقانلارمۇ، ئېيتمىغانلارمۇ ئوخشاشلا جىزىيە تاپشۇرۇشى لازىم»(10) دەپ بۇيرۇق چۈشۈرگەن. مانا بۇ خاتىرلەر بىزگە، ئەرەبلەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئىمان ئېيتمىغان خەلقلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقىنى ئەينەن ئۇقتۇرۇپ بېرىدۇ. دېمەك، ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلمىغان خەلقلەر «جىزىيە» تاپشۇرۇش ئارقىلىقلا ئۆز ئېتىقادلىرىنى ساقلاپ قالغان. ئەمما، بۈگۈنكى دەۋردىكى، تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىقنى ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي غەرىزىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدىكى ۋاسىتە قىلىۋالغان، دىن بىلەن ھاكىمىيەت بىرلەشكەن «ئىلاھىي ھاكىمىيەت» قۇرۇش يولىدا پالاقلىشىپ يۈرگەن، ئوخشىمىغان مەدەنىيەت، ئوخشىمىغان ئېتىقاد ۋە قىممەت قارىشىغا ئىگە كىشىلەر ئارىسىدا ئىسلام دىنىنى پەرپا قىلىمىز دەپ بىلجىرلاپ يۈرگەن دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ تەلىماتلىرى ۋەبۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى، ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس دىنىي دەستۇرلىرىنىڭ روھىغا ۋە شۇ دىننىڭ تارقاتقۇچىسى بولغان مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ گۈزەل ئەخلاقىغا تۈپتىن خىلاپ ۋە زىت.
     
        2.ئىسلام تارىخىدىكى دىنىي ئەسەبىيلىك
     
        خۇددىي دۇنيادىكى باشقا دىنلار ۋە مەزھەبلەردە دىنىي ئەسەبىيلىك ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت بولغانغا ئوخشاش، ئىسلام دىنىدىمۇ دىننى بايراق قىلىۋالغان، دىننى سۈيئىستىمال قىلىۋاتقان، ئەسەبىيلەشكەن دىنىي ئەقىدىلەرنى دەستەك قىلىۋالغان ئەسەبىي تەشكىلاتلار ۋە دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر ھېلىھەم مەۋجۇت.
     
        ئىسلام تارىخىدا ئەڭ دەسلەپكى ئېكستىرىمىزمچى (دىنىي ئەسەبىي) سىياسىي مەزھەب خاۋارىجلار مەزھىبى بولۇپ، 7-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا يەنى ھەزرىتى ئەلىنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن. «خاۋارىج» دېگەن سۆز «چىقىپ كېتىش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، دېمەك ئۇلار ئەلىنىڭ سىپىدىن چىقىپ كەتكەنلەردۇر. ھەزرىتى ئەلى دەل مۇشۇ «خاۋارىجلار» تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇلار:« ئەلى مۇئاۋىيە ئوتتۇرىغا قويغان ‹قۇرئان كەرىم بويىچە ھۆكۈم قىلىش› تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ناھايىتى ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزدى، شۇنىڭ ئۈچۈن تىغ ئۇچىنى ئۇنىڭغا قارىتىپ ئۇرۇش قىلىشىمىز لازىم »(11)دەپ جار سالغان.ئۇلار ئەبۇبەكىر ۋە ئۆمەرنى ئېتراپ قىلغان، شۇنداقلا ئوسماننىڭ دەسلەپكى ئالتە يىللىق ھۆكۈمرانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، كېيىنكى ئالتە يىللىق ھۆكۈمرانلىقىنى ئېتىراپ قىلمىغان. ئەلى ھاكىمىيىتىنىڭ دەسلەپكى ۋاقتىنى ئېتىراپ قىلغان، ئەمما ئەلى مۇئاۋىيە ئوتتۇرىغا قويغان «قۇرئان كەرىم بىلەن ھۆكۈم قىلىش» تەلىپىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئەلىنى خائىن دەپ ھۆكۈم قىلغان. ئۇلار كېيىنكى ئۇممەۋىيىلەر ۋە ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ بارلىق خەلىپىلىرىنىمۇ زالىم، ئادالەتسىز،بىزنىڭ شەرتلىرىمىزگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان خەلىپىلەردۇر، دەپ قاراپ كەلگەن.
     
        خاۋارىجلار مەزھىبى ئىچىدىكى ئەڭ ئەسەبىي ئېقىم-ئەزراق ئېقىمى بولۇپ، بۇ ئېقىم:«خاۋارىجلار مەزھىبىدىكىلەردىن باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسىنى كاپىر دەپ قاراپ، ئۆز مەزھىبىدىكىلەرنىڭ باشقا مەزھەبتىكىلەرگە ئەگىشىپ، دۇئا-تىلاۋەت قىلماسلىقنى، باشقىلار بوغۇزلىغان ھايۋان گۆشىنى يېمەسلىكنى، باشقىلار بىلەن نىكاھلانماسلىقنى، باشقىلار بىلەن مىراسخورلۇق مۇناسىۋىتىدە بولماسلىقنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇلار خۇددىي جاھالەت دەۋرىدىكى ئەرەبلەر بىلەن مۇشرىكلارغا ئوخشاش، باشقا مەزھەبتىكى مۇسۇلمانلارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشتا باشقىدىن مۇراسىم ئۆتكۈزمىسە، مەزلۇم-ئاجىز ۋە بوۋاق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، دەرھال ئۆلتۈرۈۋەتكەن.»(12). بۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار يەنە:«بىزكى خاۋارىجلار مەزھىبىدىن باشقا ھەقىقىي ئىسلام ئېتىقادى مەۋجۇت ئەمەس، گۇناھ ئۆتكۈزدىمۇ ئىسلام مۇخلىسى ئەمەس»(13) دەپ جار سىلىپ يۈرگەن. خاۋارىجلار ئىدىيىدە ئىنتايىن چەكتىن ئاشقۇچىلار بولۇپ، چوڭ جىنايەت، ھەتتا كىچىك جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنى كاپىر دەپ قارايتتى.
     
        خاۋارىجلارنىڭ چېكىدىن ئاشقان تەلىماتلىرى ۋە تار نەزەرىيىلىرى باشتىن-ئاخىر مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ قاتتىق زەربىسىگە ئۇچراپ، بارا-بارا تارىخ سەھنىسىدىن چۈشۈپ قالدى، باشقا مەزھەبلەرگە بىر قەدەر يۇمشاق مۇئامىلە قىلىدىغان، تىنچلىققا مايىل ئابازىيە ۋە نەجداتلار مەزھىبىلا ھازىرقى كۈنگە قەدەر شىمالىي ئافرىقا رايونىدا كەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. مانا بۇنىڭدىن ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا يول قويۇش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدىكى كۆز-قاراش ۋە تەلىماتلارنىڭ ئۇزۇنغىچە مەۋجۇت بولالايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە يول تۇتقانلارنىڭ تامامەن يوقۇلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر ئاددىي ھەقىقەتنى چۈشىنەلەيمىز. بىز شۇنداق دەپ ئېيتالايمىزكى، «خاۋارىجلار» مەزھىبىنىڭ تەلىماتلىرىدەك چېكىدىن ئاشقان بۇرمىلانغان ئەقىدىلەر ئېتىقاد نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىسلامدا پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقاد ۋە ئەمەللىرىنىڭ توغرا-خاتالىقىنى پۈتۈنلەي «خاۋارىجلار» مەزھىبىنىڭ تەلىماتلىرىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئايرىشنىمۇ ھېچقانداق بىر مۇسۇلمان قوبۇل قىلالمايدۇ. 7-ئەسىردە مەيدانغا كەلگەن «خاۋارىجلار» مەزھىبى ئۆز دەۋرىدە كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ۋە نەپرىتىگە ھەم ھەر قايسى خەلىپىلىك سۇلالىلەرنىڭ ۋە باشقا ئىسلام پادىشاھلىقلىرىنىڭ قاتتىق زەربىسىگە ئۇچراپ، ئاخىرى چېكىدىن ئاشقان دىنىي تەلىماتلىرى پۈتۈنلەي يوقۇلۇپ، تىنچلىققا مايىل، باشقا دىن ۋە مەزھەبلەر بىلەن ئۆزئارا چىقىشىپ ئۆتەلەيدىغان تەلىماتلىرى بۈگۈنگە قەدەر ساقلىنىپ كەلدى. بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئىسلام دۇنياسىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم مۇسۇلمانلار ئۇسامە بىن لادىندەك تېررورچىنى ياقتۇرمايدۇ ھەم ئۇنىڭ دۇنيا تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى بۇزۇشتەك زوراۋان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلەيدۇ. خۇددىي 7-ئەسىردىكى ئېكستىرىمىزمچى مەزھەب «خاۋارىجلار» تارىخ سەھنىسىدىن يوقۇلۇپ بۈگۈنگىچە يېتىپ كېلەلمىگەنگە ئوخشاش، بۈگۈنكى كۈندىكى تېررورچى زوراۋانچى كۈچلەرمۇ تەدرىجىي ئاجىزلاپ ئاخىر يوقىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئاساسىي ئېقىمىغا تۈپتىن خىلاپ ۋە تامامەن زىت. چېكىدىن ئاشقان ،بۇرمىلانغان دىنىي ئەقىدىلەرنى دەستەك قىلغان دىنىي ئەسەبىيلىك- زورلۇق، تېررورلۇقنى ئۆز سىياسىي تەشەببۇسلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ۋاسىتىسى قىلغان بولۇپ، تارىختىن بۇيان بۇخىل ئېقىم ئىسلام دۇنياسىدا ئىنتايىن ئاز سانلىقنى تەشكىل قىلىپ كەلگەن. ئۇ تارىختىن بۇيان ھېچقانداق بىر ئىسلام خەلىپىلىكلىرىنىڭ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ياكى مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ قوللىشىغا ياكى ھېسداشلىقىغا ئېرىشكەن ئەمەس. ئۇنىڭ ئاقىۋىتى تارىختىمۇ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان، بۈگۈنكى كۈندىمۇ شۇنداق بولدى ھەم بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا، بۈگۈنكى كۈندە يۈز بېرىۋاتقان تېررورلۇقنى تارىخنى ئۆرنەك قىلىپ تۇرۇپ تەھلىل قىلساق، ئۇنىڭ يوقۇلىشىغا بولغان ئىشەنچىمىز ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. بىراق ئۇ ھەرگىز ئۆزلىكىدىن ياكى ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتنىڭ ۋە ياكى ئىلاھىي كۈچنىڭ ياردىمى بىلەن يوقالمايدۇ، بەلكى پۈتكۈل يەر شارىدىكى ئادالەتنى، ھەققانىيەتنى ياقىلايدىغان، تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە خاتىرجەملىكنى سۆيىدىغان ھەر قايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بولغاندىلا ، ئاندىن بۇ ئاپەت تۈپتىن يوقىلىدۇ، بۇنى تارىخ ئىسپاتلىغان.
     
        دىنىي ئەسەبىيلىك - ئىنسانىيەت تەرەققىيات تارىخىدىكى بىر خىل ئالاھىدە ھادىسە بولۇپ، ئىنتايىن ئۇزاق تارىخقا ئىگە. ئۇ، دىنىنىڭ بارلىققا كېلىشى، تەرەققىي قىلىشى ۋە بۆلۈنۈشىگە ئەگىشىپ، ھەر خىل تارىخىي، سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان. ئۇ بارلىققا كەلگەندىن باشلاپ تاكى ھازىرغىچە ھېچقايسى دىندا ئاساسىي ئېقىمنى شەكىللەندۈرەلىگەن ھەم ھېچقانداق ھۆكۈمەت، ھېچقانداق دىن ۋە ھېچقانداق ئېتىقادچى ئاممىنىڭ قوللىشىغا ۋە ھېسداشلىقىغا ئېرىشەلىگەن ئەمەس. ئىنتايىن ئاز ساندىكىلىرىنى قوللاشقا ئېرىشتى دېگەندىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئۆمرى ئۇزۇنغا بارمىغان، مەسىلەن، ئافغانىستاندىكى تالىبانلار ھاكىمىيىتى بۇنىڭغا ئەڭ ياخشى مىسال بولالايدۇ. دىنىي ئەسەبىيلىك - ئىنتايىن قويۇق دىنىي تۈس ئالغان بولۇپ، ھەمىشە چېكىدىن ئاشقان دىنىي قىزغىنلىققا ئەگىشىپ بارلىققا كېلىدۇ. ئۇلار سىياسىي مەقسەت-مۇددىئالىرىنى ۋە سىياسىي سۈيىقەستلىرىنى دائىم دىن ئارقىلىق يوپۇرۇپ، ئېتىقادچى ئاممىنى ئالدايدۇ. دېمەك، ئۇلارنىڭ زورلۇق-تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى، ھەمىشە دىننى يېپىنچا قىلىپ، ياكى دىننى بايراق قىلپ ئېلىپ بېرىلغاچقا، ناھايىتى كۈچلۈك ئالدامچىلىق ۋە قايمۇقتۇرۇش كۈچىگە ئىگە. ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقىنى دىن ئەمەس، بەلكى سىياسىي ھەرىكەت.ئەنە شۇ تېررورلۇقنى ئۇيۇشتۇرۇۋاتقان، پىلانلاۋاتقان، ئۇنىڭغا يەل بېرىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى بىر توپ چوڭ-كىچىك سىياسىي قارانىيەتچىلەر، سۈيىقەستچىلەر. ئىسلامنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدىكى تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى كېيىنكىلەرگە قىسمەن تەسىر كۆرسەتكەن، ھەتتا كېيىنكى تېررورچىلارنىڭ «ئۈلگىسى» بولۇپ قالغان. گەرچە ئەينى زاماندىكى تېررورچى ئېقىملار ئاللىبۇرۇن تارىخ سەھنىسىدىن يوقالغان بولسىمۇ، بىراق تېررورلۇق ئىسلام دۇنياسىدىن تەل-تۆكۈس يوقالغىنى يوق. ئۇ، دۇنيادىكى بارلىق تىنچلىقسۆيەر خەلقلەرنىڭ چۈشىنىش ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرگە زەربە بېرىشىگە ئەگىشىپ، چوقۇم يوقالغۇسى.
     
     
    _____________________
        ئىزاھلار:
     
    (1)«قۇرئان كەرىم» ، مۇھەممەد سالىھ ھاجى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى،1986-يىل مىللەتلەر نەشرىياتى نەشرى.
    (2)ئەھمەد ئەمىن: «ئىسلامنىڭ سۈبھى دەۋرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002-يىل نەشرى، 134-بەت.
    (3)يۇقىرىقى كىتاب بىلەن ئوخشاش، 135-بەت.
    (4)مۇھەممەد خۇزەرى(مىسىر) :«مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىل نەشرى، 387-بەت.
    (5)«ۋەز-نەسىھەتتە پايدىلىنىش ماتېرىيالى»، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئىسلام دىنى جەمئىيىتى2000-يىل نەشرى،387-بەت.
    (6)(7) يۇقىرىقى كىتاب بىلەن ئوخشاش، 371- ۋە 381-بەت.
    (8) مۇھەممەد خۇزەرى(مىسىر): «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىل نەشرى، 146-بەت.
    (9) «قۇرئان كەرىم» 99-ئايەت، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى.
    (10) مۇھەممەد ئەمىن (مىسىر) : «ئىسلامنىڭ سۈبھى دەۋرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002-يىل نەشرى، 194-بەت.
    (11)(12)(13)يۇقىرىقى كىتاب بىلەن ئوخشاش، 508-ۋە 512،513-بەتلەر.
     
     
    مەنبەسى: شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى 2005 -يىل 1 -سان


    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : دىنىي ئەسەبىيلىك , ئەخمەتجان ھەسەن , تېررورچىلار , , ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-3-12 4:13:09
    تەھرىر : abduhelil
    باھا : 0 كۆزىتىش : 3412
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证