ئاچىچىق
ئوسمانجان ئىسمائىل(دولانى)
ئاچىقىڭ بولسىمۇ قانچىلىك يامان،
پەس كويغا چۈشۈپ قالار بىر كۈنى ھامان.
بىھۇدە ئاچچىقتىن قىلچە پايدا يوق ،
ئاچچىق ئۇ ئېلىپ كىلەر ساڭا ھەم زىيان.
ئاچچىقىڭ كەلگەندە تۇتقىن ئۆزۈڭنى،
ئەقىلنىڭ ئۈستىگە چىقمىسۇن ھىسيات .
چىقسىلا توسارئۇ ئەقىل كۆزۈڭنى،
كۆتۈرەلمەي قالىسەن ئاخىر يۈزۈڭنى.
كۆپ ئاچچىق ئادەمنى ئاسان قېرىتۇر،
نى داغدام يولۇڭغا تىكەن ئۈندۈرۇر.
«يولۋاسنى يەڭگەنلا باتۇر ئەمەستۇر ،
ئاچچىقنى ئەڭگىنىڭ ھەقىقي باتۇر.»