تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-ئوبزور ›› كەچۈر ئانا تىلىم(ئوسمانجان ئىسمائىل)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى
    كەچۈر ئانا تىلىم(ئوسمانجان ئىسمائىل)

    كەچۈر ئانا تىلىم
     
    ئوسمانجان ئىسمائىل (دولانى)
     
     
       ئانا تىلىم، مېنى كەچۈر ...
     
       ئانا تىلىم، سەن مېنى باغرىڭغا باستىڭ، ئۆزۈڭنىڭ روھى ئوزۇقۇڭ بىلەن مېنى پەرۋىش قىلدىڭ، مەن سېنىڭ ئىللىق باغرىڭدا ئوزۇقلاندىم، تەربىيلەندىم...
     
       ئانا تىلىم مەن سەن ئارقىلىق ئۆزۈمنى تونۇدۇم ،يۇرتۇمنى تونۇدۇم ،ئاتا-ئانامنىڭ مۇبارەك نامىنى سەن بىلەن بىلدىم .سەن ئارقىلىق مىنى ياراتقۇچنىڭ مۇقەددەس ھەدىسلىرىنى بىلدىم ،نەسىھەتلىرىنى ئاڭلىدىم قانداق ئادەم بولۇش كىرەكلىكىنى ئۈگەندىم .
     
       ئاناتىلىم، مەن سەن ئارقىلىق  ئۆز بۇرچۇمنى ،مەسئولىيتىمنى بىلدىم ،سەن ئارقىلىق كىيىنكى نىشانلىرىمنى بىكىتتىم،ئۆزۈمنىڭ قايسى يولدا مىڭىشىم كىرەكلىكىنى تونۇپ يەتتىم .
     
       ئانا تىلىم مەن  ئۆزۈمنىڭ قانداق قىلغاندا ياخشى ئادەم بولالايدىغىنىمنى سىنىڭ ئاشۇ  نەپىس تىللىرىڭ بىلەن،ئۈنچە-مارجاندەك تاۋۇشلىرىڭ بىلەن تونۇپ يەتتىم .
     
       ئىھ،ئانا تىلىم ،سەن مەن ئۈچۈن ئاز بولمىغان ئەجىرلەرنى سىڭدۈردۈڭ ، ئەمما مەن سىنىڭدەك بىر مىھرىبان ئانىنىڭ مەندەك بىر ۋاپاسىز،بېلى بوش پەرزەنتىڭدىن كۈتكەن ئۈمۈدۈڭنى ئاقلىيالمىدىم ،ئەكىسچە مەن سىنىىڭ ئاشۇ ئوماق تاۋۇشچاقلىرىڭنى ،مۇنچاق -مۇنچاق سۆزلىرىڭنى ،مەردانە جۈملىلىرىڭنى ،قوغداپ قالالمىدىم ،ھەم شۇنداقلا باشقا قىرىنداش مىللەتلىرىمىز نىڭ گەپ سۆزلىرىنى  شۇ پىتى ئۇلارغا ئارلاشتۇرۇپ تاشلىدىم .شۇنىڭ بىلەن بىر بىلەن ‹‹پەمىدۇر››دىگەن سۆز ‹‹شوخلا››،‹‹تىلىۋىزور›› دىگەن سۆز ‹‹دىيەنشى››،‹‹كىرئالغۇ››دىگەن سۆز ‹‹شىجى››،‹‹يان تېلفۇن››دىگەن سۆز‹‹شوۋجى››...دىگەندەك بىر قىسىم چۇشۇنۇكسىز گەپلەر ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەۋج ئىلىپ كەتتى .
     
       ئانا تىلىم  ، ئەسلىدە سېنىڭ ھەربىر تاۋۇشلىرىڭدا بىر ئاڭلاپلا چۈشەنگۈدەك  مەنە چىقىپ تۇرىدۇ ،بىر ئاڭلىغان ياكى كۆرگەنلەر شۇ ھامان مەنىسىگە يىتەلەيىتتى،ئەمما ھىلىقىدەك گەپلەرنىچۇ ،ئۇنى ھىچكىم بىر قاراپ ياكى كۆرۈپ چۈشۈنۈپ بولالمايدۇ.بۇنداق گەپ سۆزلەر سەن ئۈچۈن بىرتوپ پارازىت قۇرتلاردىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئەمما ئۇلار توختىماستىن كۆپىيىۋاتىدۇ ،ئوغلۇڭ بولغان مەن ئۇلارنى توسۇش ئۇياقتا تۇرسۇن ئەكىسچە ئۇنىڭغا يول قويىۋاتىمەن .
     
    بۇنداق بولىۋەرسە بىزدىن كىيىنكى ئەۋلاتلارغا نىمە قالىدۇ ،بىرتوپ ئەخلەتلەرمۇ؟!
     
       ئىش شۇنداق تۇر سا مەن تۇزكور ،ۋاپاسىز بولماي يەنەكىم ۋاپاسىز بولسۇن؟!
     
    ئاناتىلىم، جىنىم ئاناتىلىم مېنى راستىنلا كەچۈرگىن !


    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئاناتىلنى ئاسرايلى!!! , , , , ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-3-10 20:21:11
    تەھرىر : abduhelil
    باھا : 1 كۆزىتىش : 2826
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证