پىقىرنىڭ ئىقرارى( مۇسەددەس)
نىمشېھىت
پاتتى كۆكسۈمگە زەھەر تىرناقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
ئۇردى قانلىق قامچىسىن ئالچاقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
قاخشىتىپ يۇتتى مېنى پاتقاقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
ئالدى گۈل ئورنى تىكەن-يانتاقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
قان شوراپ چاقتى-زۈلۈك چاققاقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
ھەر قەدەمدە مىڭ توزاق-قىلتاقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك.
قايسى بىر نەس كۈنىكىم مەن تۆرەلدىم زىمىنگە ؟!
قايسى بىر دۇنيا جەھەننەم ئوخشىغاي بۇ تۈرمىگە ؟!
قان يۇتۇپ ھەردەم زەھەر-زەقۇم يىدىم مەن كۈنىگە ،
مىڭ ئۆلۈپ ، مىڭ يول تىرىلدىم چەرخى بىداد زۇلمىگە.
باستى بېشىمنى بۇ زۇلمەت تاغلىرىڭ ، ئەي شۇم پەلەك ،
بارمىكىن دۇنيادا ئادىل چاغلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ؟!
ئۇچتى شەمئى كۆزلىرىمدىن ئۇچتى ئۈمىدنىڭ نۇرلىرى ،
كەتتى سەۋرى ئىلكىمىزدىن ئۆتتى ھۈرلۈك كۈنلىرى ،
قايدا بارسام زۇلمى بىداد نالە - پەرياد كۈنلىرى ،
كۆزىمىزنى باستى زۇلمەت قاپقاراڭغۇ تۈنلىرى ،
قان بىلەن ئالۇدە قول - بارماقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك.
بەلكى قول - پۇتتۇر ساڭا قورچاقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك.
كىمگىدۇر روزى - ساپا ، كىملەرگىدۇر زۇلمى - سەتەم ،
كىمگىدۇر بايراملىرىڭ ، كىملەرگىدۇر چەكسىز ئەلەم ،
بىز نىچۈن تەڭلىك سۈيىدىن بەھرى ئالماي قەترە ھەم ،
سۈرسە شۇملەر ئەيشى - ئىشرەت بىز نىچۈن تەشنا شۇدەم ،
يوق ئىكەن ئەدلىڭ بىلەن ئىنساپلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
بوغۇزىمىزغا سۈردى تىغ قاسساپلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك.
بولدى زۇلمىڭدىن جۇدا گۈلزارىدىن بۇلبۇللىرى ،
بىگۇناھ چۈشتى قەپەزگە قىرىلىپ نۇرغۇنلىرى ،
ۋەتەنسىز بۇلسى قېچىپ يۇرتىدىن ئوغۇللىرى ،
بولدى خار بويۇن قىسىپ يىتىم - يىتىمە تۇللىرى ،
چىقمىدى دەردىڭ بىلەن ئارمانلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك.
قايدىدۇر ئەخلاق يەنە ۋىژدانلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك.
قانمىدۇر ، مارجانمىدۇر ، يا قەترە شەبنەم ياشىمىز ،
تاشمىدۇر ، يا تاغمىدۇر ، قايغۇدا قاتقان باشىمىز ،
يوقمىدۇر دۇنيادا بىزنىڭ ئىچ كۆيەر يولداشىمىز ،
دائىما قايغۇ - ئەلەم ، ھەسرەتمىدۇر قۇرداشىمىز ،
سورۇلۇپ باش ئۈستىگە تۇپراقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك.
بولدىغۇ زىندان كەبى ھەر ياقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك.
ۋاھ... ئەجەپ قۇش ئۇۋىسىغا شۇم يىلان «مېھمانىكەن» ،
بىلمىدۇق ئاۋۋال دىلدا بىر غەرەز پىنھانىكەن ،
ئالدىنىپ قىلتاققا چۈشتۈق ھىلىگەر دەۋرانىكەن ،
ياكى قىسمەتنى ئەزەلدە موللىسى يازغانمىكەن ؟ !...
زەپمۇ پاتتى بوغۇزىمىزغا قارماقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك.
بىگۇناھلار كۆكسىنى يارماقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك.
نە گۈناھلىق بەندە بىز زۇلمەتتە قالدۇق ناگىھان ،
جايىمىز پۇرقەتكە تولدى ، داغ بىلەن قىينالدى جان ،
يوق ئاداۋەت - گىنە بىرلە بىزگە بولدۇڭ بەد گۇمان ،
كۆرمىگەندۇر شۇڭغىچە ھېچكىم بۇ ئىشنى ھېچقاچان ،
كۆزۈڭ كىچىك تار سېنىڭ قورساقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك.
قان - يىرىڭ ، زەرداپقا تولغان دوۋساقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك.
بولدى قويلار پاسىبانى ، بۆرىلەر ئاغزىدا خۇن ،
كىم ھەقىقەتنى دېسە بولدى ئۇنىڭ ھالى زەبۇن ،
ئايلىنىپ تەتۈر ھەمىشە چەرخىڭ سېنىڭ كاژ - ۋاژىگۇن ،
باستى تۆھمەت - پىتنىلەر ئالەمنى مانەندى قۇيۇن ،
بولدى ھاكىم ئۈستىمىزدە زاغلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك.
ئۆچمىگەي مەھشەرگىچە بۇ داغلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك.
ھېچ بۇلۇت كۈننى توسالماس ، پەردە زۇلمەت چاك بۇلۇر ،
نېمشېھىت قايغۇرمىغىن كۆپ ، كەلگۈسىڭ پارلاق بولۇر ،
نىسبى ئاي بولسا قاراڭغۇ ، نىسبى روشەن ئاق بولۇر ،
تا ئەزەلدىن بىرى بۇ قانۇن ئېرۇر ، شۇنداق بولۇر ،
ئاقىۋەت گۇم بولغۇسى راۋاقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك.
ئۆرتىنىپ كۈل بولغۇسى تاياقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك.
1971- يىل ئاۋغۇسىت. باي