تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› (ئىككى ساتېرا)ياسىن ئىسمائىل ئەلتىرەش
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    tangritag
    يېڭى ماتروس
    دەرىجىسى : 6
    جۇغلانما نۇمۇر : 60
    qudrat@yahoo.cn
    460062685
    يازما سانى : 3
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-1-28 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    (ئىككى ساتېرا)ياسىن ئىسمائىل ئەلتىرەش

    ئىككى ساتېرا
    ياسىن ئىسمائىل ئەلتىرەش



    ئويلىنىش


    قىزىقمايمىز بىز ئەجەپ راھەت بىلەن بايلىققا،
    ياخشى تۇرمۇش يارىشار بىزچە «پالان » ئاتلىققا.


    يۈرسە بايلار باغلاردا سۈرۈپ ھايات پەيزىنى،
    پېقىرلىقتا كۆكلەيمىز تىكىپ قويسا سايلىققا.


    تۇققانلاردىن بىرەسى ئېشىپ كەتسە بىر غېرىچ،
    چۇۋۇپ ئۇنىڭ مېزىنى چىقىرىمىز چاغلىققا.


    ئەقلى بىلەن كىمكى پۈتۈن نانغا ئېرىشسە،
    دەيمىز ئۇنتۇپ غورۇرنى بولدى بىر قۇل ئايلىققا.


    نامراتلىقنىڭ دەردىدە تۇرسا سامان رەڭگىمىز،
    مىسكىن، غۇربەت تۇرمۇشنى تەڭ قىلمايمىز شاھلىققا.


    كىمكى ھالال تىجارەت قىلسا چۆچەك-سۆز توقۇپ،
    نومۇس قىلماي چاپلايمىز قارا سۈتتەك ئاقلىققا.


    ئىچ ئاغرىتىپ بىز ئۈچۈن سېخى بايلار سوزسا قول،
    مىڭلاپ ئالقىش ئوقۇيمىز بىللە كەلگەن «باشلىق»قا.


    پۇل، بايلىقنى چۈشەنسەك، مۇھتاجلىقتا بۇلغانماي،
    ئىللەتلەردىن قۇتۇلۇپ ئېرىشىمىز پاكلىققا.


    ئىنسان ئەسلى يارالغان باي، باياشات ياشاشقا،
    ئىزدىنىشتە قويايلى چېكىت كونا تارىخقا.



    كۆرەلمەس



    ناقابىل جان باقارلار ماھىرلارنى كۆرەلمەس،
    بەدنىيەتلەر يۈرىكى زاھىرلارنى كۆرەلمەس.


    كېپىنەكتەك مەۋقەسىز ئالا كۆڭۈل ئاشىقلار،
    ۋىسال قۇچقان گۈلەندەم، ئامىرلارنى كۆرەلمەس.


    ساختا سۆيگۈ ئىشقىدا مەن چىن ئاشىق دىگەنلەر،
    جانان ئۈچۈن جان تىككەن تاھىرلارنى كۆرەلمەس.


    نەپسى ئۈچۈن توخۇدەك ئەخلەت چېچىپ يۈرگەنلەر،
    بۈركۈتلەردەك ھەر ئىشقا قادىرلارنى كۆرەلمەس.


    ئۆز يولىنى تاپالماي تېنەپ ئېزىپ يۈرگەنلەر،
    توغرا يولغا باشلىغان كادىرلارنى كۆرەلمەس.


    پاك دىللارنى قارىلاپ، ئەلنى شىلىپ يىگەنلەر،
    چىرىكلىككە ئوت ئاچقان سادىرلارنى كۆرەلمەس.


    ئى ئەلتىرەش، چۈشەنسەڭ زاۋالپەرەس بەندىلەر،
    ئەل بەختىگە پاسىبان شائىرلارنى كۆرەلمەس.   



    (ئاپتور: قەشقەر ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە)
    «جوڭگۇ مىللەتلىرى» ژورنىلى 2010-يىل 6-ساندىن



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ياسىن ئىسمائىل ئەلتىرەش
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-2-24 19:21:11
    تەھرىر : abduhelil
    باھا : 0 كۆزىتىش : 178
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证