ئۇيغۇر ھەققىدە قوشاق
مۇختەر بۇغرا
بىزنى تۇغدى بۇ زېمىن،
يۇتار يەنە ھاپ قىلىپ.
كېيىنكىلەر چالىدۇ،
تېرىمىزنى داپ قىلىپ.
ئۆتۈشىمىز جاھاندىن،
غاجىلىشىپ، پېتىشماي.
ئۇ يۇرتلۇق ھەم بۇ يۇرتلۇق،
بىر-بىرنى قېتىشماي.
«ئۇيغۇر دېگەن ئۇيۇشقاق»
دېيىشىپ لاپ ئۇرىمىز.
ماجىرا تېرىپ ئۆز-ئارا،
ئويۇن كۆرۈپ تۇرىمىز.
نە كويلارغا سالمىغان،
بىزدىكى بۇ كەمچىلىك.
بۇ ئازابنىڭ ئالدىدا،
دوزاخ ئوتى قانچىلىك.
ئېگىز ئۆسكەن دەرەخمۇ،
خالىي بولماس پۇتاقتىن.
تۇغۇلسىكەن مىللىتىم،
پەقەت بىرلا قورساقتىن.