تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› سەرگەردان سايە(ئادىل تۇنىياز)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Halil
    ئادمىرال
    دەرىجىسى : 1
    جۇغلانما نۇمۇر : 17510
    Halil@qarluq.com
    0
    يازما سانى : 882
    باھا يازما سانى : 6
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-7-17 0:00:00
    ھازىر توردا : بار
    سەرگەردان سايە(ئادىل تۇنىياز)

     

    سەرگەردان سايە
    ئادىل تۇنىياز




    قۇياش ئوخشار ياتىقىمدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر تال شامغىلا.
    كىم ياسىغان ئۇزۇن ئۇپۇق بۇ ؟
    كىم قالدۇرغان سەرگەردان سايە؟
    ﺋﻪﻳﻨﻪﻛﺘﯩﻨﻤﯘ ﻧﺎﺯﯗﻙ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﮕﻪ ،
    چۈشكىنىدە كىمنىڭ شولىسى
    بولۇپ كەتتى پارە مىڭ پارە...
    ئېلىپ كەلدىم شەھەرگە
    سەھرانىڭ قۇم ئېرىقلىرىدىن
    خامانچىلار تومۇز ئىسسىقتا
    خامان تەپكەچ ئېيتقان قوشاقنى.
    روجەكتىكى سەت قەغەزلەردەك
    مۇشۇ ئاددىي قوشاقلار بىلەن
    قويماق بولدۇم ھاياتنى بېزەپ،
    لېكىن يەنىلا
    ئېشەك مىنىپ يۈرگەن چاغلاردەك
    تاپالمىدىم شاتلىق ئەمىنلىك
    قاپتۇ ماڭا غېرىپلىق بىلەن
    بالىلارچە مەيۈس تەمكىنلىك.
    پاكلىق گويا گۈزەل چۈشۈمدۇر
    بۆشۈكۈمدە قالغان ئۇنتۇلۇپ
    بېسىپ كىرىپ روھىمغا كۆز ياش
    بۇلاپ كەتتى نۇرغۇن نەرسەمنى
    شۇ ئازغىنە بىچارە كۈلكە
    بارى يوقى بىساتىم پەقەت
    تىلەي دۇنيا مىڭ رەت مىليون رەت
    تارتىۋالما ئۇنىمۇ يەنە.
    تىلىمەيمەن سەندىن تەبەسسۇم
    تىلىمەيمەن سەندىن ئۈمىد ھەم
    ئېھ تىلەيمەن، تىلەيمەن پەقەت
    مەن چوڭ بولغان بۆشۈكۈمنىلا.
    بىر دەقىقە ياتاي بۆشۈكتە
    ئانام بولۇپ بەرسەڭچۇ دۇنيا !
    شولا تارتىپ دېرىزىلەرگە
    كەچكى قۇياش پاتتى شەھەرگە
    كىم ياسىغان ئۇزۇن ئۇپۇق بۇ ؟
    كىمدىن چۈشكەن ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ ﺳﺎﻳﻪ
    گۇگۇم قۇياشى
    يۈرۈكۈمگە پاتماقتا ئاستا ...



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : سەرگەردان سايە , ئادىل تۇنىياز , ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-2-16 1:12:48
    تەھرىر : abduhelil
    باھا : 0 كۆزىتىش : 406
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证