تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› جاھاننامە ›› سىتاتىسكا ›› مۇھىم بايقاش ۋە جىددى مۇراجىئەت
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى
    مۇھىم بايقاش ۋە جىددى مۇراجىئەت



    مۇھىم بايقاش ۋە جىددى مۇراجەت

     

    ئەسسالام پەزىلەت ۋە پاراسەتلەر ئىگىسى ،ھۆرمەتلىك خەنزۇچە ۋە ئىنگىلىزچە تەرجىمان ھەم تورداشلارغا:

    ھەر قانداق كىشى ئىنسانىيەتكە تۆھپە قوشالىغاندىلا ئاندىن ئۆز مىللىتىگىمۇ شان شەرەپ كەلتۈرەلەيدۇ. كەمىينە مەزكور تەشەببۇسنامىنى يېزىش ئارقىلىق تورداشلارنى دۇنيا ئىلىم مۇنبېرىدىكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار قىلىشنى قارار تاپتىم ھەم شۇنداقلا ئەھمىيەتلىك بىر ئىشقا كۆڭۈل بۆلىشىنى جىددى(مەن بۇ ھەقتە خەنزۇچە تورلاردا پۇرسەت تۇتىۋىلىنسا، يىقىنقى 10يىلدا فىزىكا نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى جۇڭگو شىنجاڭدىن ۋۇجۇتقا كېلىشى
    مۈمكىن[تور ئادرىسى:http://www.blogchina.com/20100824994271.html] مەزكۇر يوللانمىنىڭ خەنزۇچىسى:
    http://www.blogchina.com/201012201064854.html
    سەرلەۋىلىك ماقالىنىمۇ يوللىغانىتىم ) تەۋسىيە قىلماقچىمەن. غۇلجا دادامتۇ ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پىنسىيونىرى قاسىم سىدىق ئەپەندىم 32 يىلدىن بويان نەزىريىۋى فىزىكا ۋە ئالەمشۇناسلىق ساھەسىدە ئۆزىگە خاس ئۇسۇل بىلەن «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيسى» دېگەن باش تېما ئاستىدا جاپالىق ئىزدىنىپ باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئېينىشتىيىن ھەم بىر قىسىم نەزىرىيىۋى فىزىكا ئالىملىرىنىڭ قىسمەن خاتا كۆزقاراشلىرىنى «ياماپ» ۋە تۈزىتىپ تولۇقلاپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك فىزىكا ئىنقىلاۋىنىڭ ئىشىكىنى قاقماقتا.

    «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيسى»__ ئالاھىدە بىر خىل بىلىش ۋە پەن-تەتقىقات مىتودى بولۇپ،ئۇ زور بىر تۈرلۈك ئىلمىي نەزەرىيە ۋە سېستىما قۇرۇلىشىدۇر. ئۇنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە يادروسى: ماددى دۇنيانى شەكىلسىز تەسەۋۋۇر قىلىش مۈمكىن ئەمەس، چۈنكى ھەرقانداق ماددا مۇئەييەن شەكىلگە ئىگە بولغان بولىدۇ، شەكلى يوق ماددىنى ئىنسان بايقىغان ئەمەس ھەم بايقىيالمايدۇ؛ئالەم دەۋرىيلىككە ئىگە، ئالدىنقى بىر دەۋىرنىڭ ئاخىرلىشىشى كىيىنكى يەنە بىر دەۋىرنىڭ باشلىنىشىدىن دىرەك بېرىدۇ؛ ھەركەت ئەگرى بولىدۇ، ماكان ئەگرى بولمايدۇ؛ ھەركەت ئەگرىلىكى ماكاننىڭ ئەگرىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان؛ماددىنىڭ تۈزۈلىشىدە ھەقىقى مەنەدىكى ئاساسىي زەررىچە مەۋجۇت، ئۇ قايتا بۆلۈنمەيدۇ؛ نۇرنىڭ ئەمىلىي تىزلىكى 300مىڭ كىلومىتېر سىكونتتىن يۇقىرى؛يورۇقلۇق تېزلىگى تېزلىكنىڭ ئەڭ يۇقىرى چىكى ئەمەس؛ زەررىچە ۋە جىسىملار ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىش بىلەن بىرگە سىزىقلىق ئىلگىرلىمە ھەركەت قىلغاندا ،ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش يۆلۈنىشى تەرەپكە ئاغىدۇ، بۇنى ئىغىش ھادىسىسى دەيمىز؛ مۇتلەق ھەجىم؛ قاپلاش ئۇقۇمى............قاتارلىقلاردىن ئىبارەت..............(سەھىپە ئىھتىياجىدىن باشقا تەپسىلاتلار قىسقارتىلدى.)ھازىرچە بۇ تەقىقات ئاز بىر قانچە ياخشى نىيەتلىك ساخاۋەتچى ۋە ئىلىم ئاشىقلىرىنىڭ خۇسۇسى قوللىشى ۋە ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئىنتايىن جاپا مۇشەققەتلىك ھالدا داۋام ئېتىۋاتقان بولسىمۇ بىراق بەزى نەتىجىلەرنىڭ توغرا ئىكەنلىكى ئېنىق. شۇنىڭغا ئىشىنىشكە بولۇدۇكى، ناۋادا بۇ تەتقىقات ئومۇمىيۈزلۈك قوللاشقا ئېرىشپ، سېستىمىلىق تەتقىقات-تەجرىبېلەر قانات يايدۇرلسا ئىلىمىز جوڭگۇلۇقلاردىنمۇ نوبېل مۇكاپات ساھىبلىرى بولماسلىقتەك ئاق توچكا ھالەتتە ئۆزگىرىش بولۇپ، ئۇلۇغ ۋەتەنىمىىزگە شان شارەپ كەلتۈرۈپلا قالماستىن ئىنسانىيەت ئىلىم-پەن ئىشلىرىغا شانلىق تۆھپىلەر قوشۇلۇپ،ئىنسانىيەتنىڭ دۇنيانى بىلىشىدە ئىنقىلاپ خاراكتىرلىك يېڭى ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىشى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۇنيا فىزىكا ئىنقىلاۋىنىڭ سەركىسى دەل سەھرالىق ئوقۇتقۇچى قاسىم سىېدىق ئەپەندىم بولۇپ قىلىش ئىھتىماللىقى ئىنتايىن زور. بۇ تەتقىقاتنى يەنىمۇ كۈچايتىش ۋە پەن-تەتقىقات ئىشلىرىنى قىلىپلاشتۇرۇش، قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن يىقىندىن بۇيان ئاپتۇنۇم رايونلۇق پەن تېخنىكا جەمىيىتى قاتارلىق ئورۇنلارغا دوكلات سۇنۇپ «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيسى تەتقىقات جەمىيىتى» قۇرۇش توغرىسىدىكى تەييارلىق خىزمەتلىرى جىددى ئىشلەنمەكتە. نۆۋەتتە گەرچە قىيىنچىلىق ۋە مۈشكىلاتلار ئاز بولمىسىمۇ باسقۇچ خاراكتىرلىك بەزى نەتىجىلەرنى جاھان ئەھلىگە ۋاختىدا ئەينەن تونۇشتۇرۇش جىددى زۆرۈر بولۇپ قىلىۋاتىدۇ. كۆپنىڭ كۈچى ھامان كۆپ بولىدۇ. ئىزتىراپ ،قىيىنچىلىق ۋە خىرىسمۇ ئاز ئەمەس. ئەمما، بىزنى ئەپسوسلاندۇرىدىغان بىر قىسىم ئىشلار مەۋجۈت. چۈنكى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۇنى مەملىكىتىمىزدىكى بىر قىسىم تور بىكەتلەر ئامېرىكا فىزىكا ئالىملىرى توربىتىدە ئېلان قىلىنغان ئەنگىليە ئالىمى روگىر.پىنروز(R.Penrose) ، ئەرمەنيە ئالىمى ۋاچ.گۇسادىيان(V.G.Gurzadyan) لارنىڭ ئالەمنىڭ دەۋرىلىگىىنىڭ يېتەرلىك ئىسپاتىغا ئىرىشكەنلىگىنى بەس-بەستە ئېلان قىلدى.بۇلار دەل ئۇستازىمىز، تەبئى پەن ئىزدەنگۈچىسى، تەڭرىنىڭ بىرىنچى كىتابىنى تىنىمسىز ۋاراقداۋاتقان قاسىم سىدىق ئاكىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئوتتۇرىغا قويغان بىر قىسىم نەزىريىلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇلار دەل قاسىم سىدىق ئۇلاردىن10نەچچە يىللار بۇرۇنلا ئوتتۇرىغا قويغان ئىلمىي قىياسلار ئىدى. دېمەك مۇشۇنىڭ بىلەن قاسىم سىدىقنىڭ 5-6 تۈردىكى بايقاشلىرى چەتئەللىك ئالىملار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى. كۆرۋىلىش تەس ئەمەسكى، مۇشۇنداق كىتىۋەرسە بۇ خىل بايقاشلار چەتئەللىكلەرنىڭ نەتىجىسى بولۇپ كىتىشى ئىنىق. نىمە ئۈچۈن قاسىم سىدىقنىڭ تەتقىقاتلىرى ئىلىم دۇنياسىنىڭ دىققىتىنى قوزغىمىدى؟ نىمە ئۈچۈن يۇرتىمىزدىن چىقىپ كىتەلمىدى؟ سەۋەپى، قاسىم سىدىقنىڭ ئالەم نەزىريىلىرىنى ئاساس قىلغان نەزىرىيىۋى فىزىكا ماقالىلىرىنى مۇكەممەل خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىپ دۆلەت ئىچىدىكى نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىدىغان سەۋىيە تولىمۇ كەمچىل. ئېنگىلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىپ دۇنيادىكى مەشھۇر ئىلىم-پەن ژۇرنىلى بولغان«ئىلىم-پەن»ۋە «تەبىئەت» ژۇرناللىرىغا سۇنۇشقا قۇربىمىز يەتمىدى. شۇڭا يۇرتىمىزدىن چىقالماي دۇنيا ئىلىم ساھەسىگە تۇنۇلۇش مۇمكىنچىلىكى بولمىدى. ئەمدى مۇشۇنداق كىتىۋەرسەك قاسىم سىدىقنىڭ نەتىجىلىرى ۋاقتنىڭ ئۆۈشىگە بارا-بارا باشقا ئالىملار تەرىپىدىن بايقىلىپ شۇلارنىڭ نەتىجىسى بولۇپ كېتىشى مۈمكىن. بەلكىم مۇشۇنداق تەرجىمان يوقمىكەن دەپ گۇمانلىشىڭلار مۇمكىن. مەن سىلەرگە ئىچىنىشلىق ھالدا يەتكۈزسەم، دۆلەت ئىچىدە تېخى بۇ ماقالىلارنى ئۇيغۇرچىدىن ئېنگىلىز تىلىغا توپتوغراۋە دەلمۇ-دەل تەرجىمە قىلالايدىغان كىشىنى ھازىرچە تاپالمىدۇق. بۇ ساھەدىكى دوكتورلار بولسا روسچە، نىمىسچە ياكى ياپونچە ئوقىغان، ئېنگىلىزچە ھاجىتىدىن لوغەت كۆرۈپ چىقىدىكەن . پەننى ئۇموملاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان خەنزۇچە تىل تەرجىمانلىرىنىڭ كۆپۈنچىسى ئۈمۈر بۇيى خەنزۇچە ماقالىلارنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش بىلەن شوغۇللىنىپ ئەزەلدىن ئۇيغۇرچىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ كۆرمىگەن ئىكەن. شۇڭا قىيىنچىلىق ئاز ئەمەس. لىكىن، بىز بۇنى ساقلاپ تۇرساق بولمايدۇ. بىز چوقۇم خەنزۇچىغا ھەم ئېنگىلىزچىغا تەرجىمە قىلىپ ئۇنى دۆلەت –ئىچى سىرتىدىكى نوپۇزلۇق ئىلىم-پەن ژۇرناللارىغا يەتكۈزۈشىمىز كېرەك.

    يوقۇرقى بايانلاردىن بۇ ۋەزىپىنىڭ قانچىلىك تەخىرسىز، قانچىلىك جىددىيلىكىنى دىمىسەممۇ ئەقىللىق تورداشلار چۈشۈنۈپ يىتەلەيدۇ. شۇ ۋەجىدىن، مەزكور تەرجىمە خىزمىتىگە قاتنىشىشنى خالايدىغان ئېنگىلىزتىل مەدەنىيىتى (قانداق كەسىپ ئوقۇشى ئانچە مۇھىم ئەمەس، ئازراق تەبىئى پەن ئاساسى بولسا تېخىمۇ ياخشى)ياكى خەنزۇ تىل مەدەنىيىتىنى ياخشى بىلىدىغان، خالىس تۆھپە قوشۇشنى خالايدىغان(توغرىسى ھازىرچە بىكىرىغا ئىشلەيدۇ،بىراق، ھامان ئەمگىكىگە يارىشا ئىش ھەققى بېرىلىدۇ) تورداشلارنىڭ ئوغۇزخان بىلەن ئالاقىلىشىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن(چ چ نومۇرى: 1587277107). بەلگىلىك شارائىت ھازىرلىغاندىن كىيىن ماقالىلارنى تەرجىمە قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىمىز.

    ئىنسانىيەت ئىلىم-پەن ئىشلىرىغا قىزىققۇچىلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، تورداشلارنىڭ بۇ ئىشقا چوقۇم ئەستايدىل مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ناۋادا قاسىم سىدىقنىڭ ئىزدىنىشلىرى دۆلەت ئىچى ھەم دۇنيا ئىلىم ساھەسىنىڭ ئورتاق ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشەلىسە، بۇ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

    جىددى ئەسكەرتىش: مەزكور تەشەببۇسنامە چاقچاق ئەمەس. مەن تورداشلارنىڭ ئەستايدىل مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

    بۇ ئىشقا كونكىرىتنى مەسئۇل ۋە ئالاقىلاشقۇچى: ئوغۇزخان

    كامالىي ئېھتىرام بىلەن: قاسىم سىدىقنىڭ ئىلمىي كاتىپى ۋە ئىلمىي ئاخبارات باياناتچىسى بىلىكيار.

    مەنبە: كائىنات تورى

    تۆۋەندىكىسى يۇقارقى يازمىغا قاسىم سىدىقنىڭ يازغان ئىنكاسى

     

     

    تولىمۇ خىجىلمەن، شەكىل نەزەرىيىسى ۋە مەن ھەققىدە گەپ بولغاندا مەدھىيە خاراكتېرلىك سۆز -جۇملىلەرنى يولۇقتۇرسام بەكمۇ بىئارام بولىمەن. مەن بۇ ھەقتە بەزىلەرگە بىرقانچە قېتىم مۇشۇنداق سۆز - جۇملىلەردىن ساقلىنىشنى ئەسكەرتكەن ئىدىم، كۆرۇنەرلىك ئۈنۈمى بولمىدى. ئۇلار «بۇ بىزنىڭ ئىشىمىز، سەن ئۆزەڭ ئىلىم-پەندە دىموكىراتىيە بولۇشى كېرەك دېگەننى تەشەببۇس قىلىپ تۇرۇقلۇق بىزنىڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىمىزغىمۇ رامكا بەلگىلەپ بىرەمتىڭ» دېيىشتى. يەنىلا تەشەببۇسسۇم شۇكى، مەدھيە خاراكتېرلىك سۆز-جۇملىلەرنى ئازىراق ئىشلىتىپ، ئەمەلىي ئىشنى كۆپىرەك قىلساق.
    يۇقىرقى تېمىغا ئالاقىدار بىرقانچە نوقتىنى ئىزاھلاپ قويۇشنى زۆرۇر دەپ قارايمەن:
    1-مىنىڭ قىلغانلىرىم شەكىل نەزەرىيىسىنىڭ پەلسەپە-لوگىكىلىق ئاساسىي رامكىسىنى تاماملىغانلىقتىنلا ئىبارەت . بۇ پەلسەپە -لوگىكىلق ئىدىيە سىستېمىسى تەنقىدكە بەرداشلىق بىرەلەمدۇ-يوق؟،  قىزىققۇچىلار ھەر تەرەپلىمە سىناپ كۆرسە بولىدۇ.
    2-شەكىل نەزەرىيىسى تەتقىقاتىنىڭ نۆۋەتتىكى رىئاللىقىنى كۆزدە تۇتقاندا بۇ بىر كوللكتىپ ئەمگەك. مەن پەقەت ئاساس سالغۇچى، خالاس!
    3-بىز تولىمۇ ئۇزۇن بىر سەپەرنىڭ دەسلەپكى قەدەملىرىنى باسماقتىمىز، تەتقىقات فىزىماتلىق دەلىللەش،  زۆرۇر بولغان تەجىرىبىلەر ئارقىلىق ئىسپاتلاش باسقۇچىغا قەدەم قويدى. بۇ، نۆۋەتتىكى خىزمەتلىرىمىزنىڭ مەركىزى نوقتىسى بولۇپ، مۇبادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى مۇنتىزىم تەربىيە كۆرگەن كەسىپ ئىگىلىرى بۇ نەزەرىيىنىڭ پەلسەپ-لوگىكىلىق قۇرۇلمىسىدا مۇئەييەن ئىلمىي قىممەت مەۋجۇت ئىكەن دەپ قاراپ بۇ تەتقىقاتقا ئىشتىراك قىلسا، بۇ ھالدا بىز خەلقئارا ئىلىم-پەن دۇنياسى ئىتىراپ قىلىدىغان مۇئەييەن ئۈنۈمنى تىزرەك قولغا كەلتۈرگەن بولاتتۇق.
    4- خەلقئارادا نۆۋەتتە مەيدانغا كەلگەن بىر قېسىم تەتقىقات، تەجىرىبە، كۈزۇتۇش نەتىجىلىرى بىلەن شەكىل نەزەرىيىسىنىڭ ئالدىن ئوتتۇرىغا قويغان پەرەزلىرىنىڭ بىردەكلىككە ئىگە ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا پىرىنسىپال پەرىقنىڭ يوقلۇقى ھەققىدىكى بايانلار دەرۋەقە پاكىتقا ئۇيغۇن. بۇ تەتقىقات تېمىسىغا جىددىي، تولىمۇ جىددىي مۇئامىلە قىلىشنى تەشەببۇس قىلىش خەلقئارا ئىلىم-پەن ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتقاندا ناھايتىمۇ زۆرۇر. شەكىل نەزەرىيىسىنىڭ ئالدىن ئوتتۇرىغا قويغان پەرەزلىرىنى  خەلقئارادىكى تەتقىقات نەتىجىلرىنىڭ قوللايدىغانلىقى ھەققىدە مەن «شەكىل نەزەرىيىسىنىڭ پەرەزلىرى ئىچىدىكى قوللاشقا ئىرىشكەن دەپ قاراشقا بولىدىغان پەرەزلەر» ناملىق ماقالەمدە قىسقىچە توختولۇپ ئۆتكەن. قىززىققۇچىلار مۇشۇ ماقالىنى كۆرۇپ چىقسا بولىدۇ.
                        ھۆرمەت بىلەن: قاسىم سىدىق
                       2010-يىل 12-ئاينىڭ 23-كۈنى

    مەنبە: كائىنات تورى




    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : مۇھىم بايقاش , جىددىي مۇراجىئەت , بىلىكيار , ئوغۇزخان , قاسىم سىدىق ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-12-24 22:55:15
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 930
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证