تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    libasim
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 7
    badal@163.com
    295467579
    يازما سانى : 177
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-10-2 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ھالاكەت گىردابىدا



     

    ئالتىنچى باب

     

    مۇھەببەت  ئىلتىجاسى  ۋە  تىرىلىش

    مىنى گۈزەل چۈش مىلودىيىسى چىرمىۋالدى، شۇنداق، مەن چۈش كۆردۈم، ئاچىتا، چۈشۈمدە سەن بىلەن بىللە بىر ئاق تۇلپارغا مىنىپ يۈرگۈدەكمەن. تۇلپار بىزنى بەزىدە كۆكتە پەرۋاز قىلدۇرسا، بەزىدە يەردە سەيلە قىلدۇرغۇدەك. بىز سەيلە قىلۋاتقان جاي مىنىڭ ئانا يۇرتۇم باشئەگىم بويلىرى بولۇپ، باشئەگىم تاغلىرى تۇتاش كەتكەن ھەيۋەت چوققىلار بىلەن كۆكنى تىرەپ تۇرغۇدەك، ئاپئاق بۇلۇتلار خۇددى بۇلۇتسىمان ئۇچار جىسىملاردەك چوققىلار ئارا لەيلەپ يۈرگۈدەك. ئاشۇ چوققىلار ئۈستىدە بىر تەنھا بۈركۈت نېمىدۇر ئىزدەۋاتقاندەك تۆۋەنگە كۆز تىككەنچە سالماق ھالدا  قانات قېقىپ يۈرگۈدەك. سەن بۈركۈتكە بىر ھازا قاراپ تۇرغاندىن كىيىن، ماڭا؛

    —ئۇ چۇقۇم ئوۋلاش ئۈچۈن بىرەر ئولجا ئىزدەۋاتىدۇ، -دىگۈدەكسەن.

    —ياق ، خاتالاشتىڭىز،—دىگۈدەكمەن بۈركۈتتىن كۆزۈمنى ئۈزمەي تۇرۇپ،—ئۇ ئۆز جۈپتىنى ئىزدەۋاتىدۇ.

    گىپىمدىن يۈزۈڭ لالىدەك قىزىرىپ، پەسكە قارىۋالغۇدەكسەن. بۇ ھالىتىڭ مېنىڭ شۇنداق ئامراقلىقىمنى كەلتۈرۈپتۇدەك... بىر چاغدا بىز ئاق تۇلپاردىن چۈشۈپ، بەھەيۋەت تاغلار شولا تاشلاپ تۇرغان باشئەگىم دەرياسىنىڭ سۈيىدىن ئۇچۇملاپ-ئۇچۇملاپ ئىچىپتىمىز، نېمىشقىدۇر مەن شۇنچە كۆپ سۇ ئىچسەممۇ ئۇسسۇزلۇقۇم ھېچ قانمىغۇدەك، سۇنى ئىچكەنسىرى چاڭقاپ كېتىۋاتقۇدەكمەن...بىر ۋاقىتتا سەن دەريا بويىدىكى چىملىقتا ئوڭدىسىغا سوزۇلۇپ يېتىپسەن، كۆزۈڭ باش ئۈستۈڭدە قەددىنى كېرىپ تۇرغان ئاسمان پەلەك تاغ چوققىلىرىغا تىكىلىپ تۇرغۇدەك. مەن ئاستا يىنىڭغا كىلىپ بىر قۇلۇمنى بوينۇڭنىڭ تىگىدىن ئۆتكۈزۈپتىمەن، سەن شۇئان گۈلدەك ئېچىلىپ تاتلىق كۈلگىنىڭچە كۆزۈمگە ئىللىق بېقىپسەن. چوڭ-چوڭ شەھلا كۆزلىرىڭدىكى نۇرلۇق قارىچوقلىرىڭدا تاغلارنىڭ، ئاپئاق بۇلۇتلارنىڭ ئەكسى كۆرۈنۈپ تۇرغۇدەك. مۇشۇ ۋاقىتتا بىردىنلا لەۋلىرىڭ يېرىم ئىچىلىپ، تاڭدىكى شەپەقتەك باشقىچە رەڭلىنىپ كەتكۈدەك، كۆزلىرىڭ ئىختىيارسىز يۇمۇلغۇدەك. بۇ قىياپىتىڭ مەندە تىخىمۇ كۈچلۈك چاڭقاقلىق ھېسسىياتىنى قوزغۇۋەتكۈدەك... مەن ئىپادىلىگۈسىز تەشنالىق بىلەن لىۋىمنى لىۋىڭگە بېسىپتىمەن... توۋا ، مەن سېنى قانچە سۆيگەنسىرى چاڭقاقلىقىم شۇنچە ئېشىپ بېرىۋاتقۇدەكيۇ، ئەمما قانداقتۇر بىر خىل ھوزۇر ئىچىدە مەس بولۇپ كېتىۋاتقۇدەكمەن...

    —تۇلپارنىڭ تۇيۇقسىز كىشنىگەن ئاۋازى ھەر ئىككىمىزنى چۆچۈتىۋىتىپتۇ. قارىسام، ئىككىمىز تۇلپار ئۈستىدە ئولتۇرغۇدەكمىز. سەن ئارقا تەرىپىمدىن بېلىمنى چىڭ قۇچاقلىغىنىڭچە بىشىڭنى دۈمبەمگە يېقىپسەن ... بىردىنلا دەريانىڭ ئۇ قېتىدىكى ئىگىز تاغ چوققىسىغا كۆزۈم چۈشۈپتۇ. ئالتۇن قاناتلىق بىر دۇلدۇلغا مىنگىشىۋالغان ئاق كىيىملىك بىر جۈپ قىز يىگىت بىزگە تەبەسسۇم بىلەن قاراپ تۇرغۇدەك. ھېلىقى تەنھا بۈركۈت ئۇلارنىڭ باش ئۈستىدە لەرزان پەرۋاز قىلغىنىچە بىزگە قارا پ باش لىڭشىتۋاتقۇدەك .

    —ئى مۇھەببەت ئاشنالىرى، سىلەر ئاللا قوشقان بىر جۈپلەر. بىر-بىرىڭلارغا مەڭگۈ سادىق بۇلۇپ، مۈشكۈلاتلارنى تەڭ يەڭسەڭلەرلا مۇرادىڭلارغا يېتىسىلەر. مۇھەببىتىڭلارنى قەدىرلەڭلار، دەپ جاراڭلىق ئاۋازدا توۋلىغۇدەك تۇلپار ئۈستىدىكى يىگىت.

    مەن يىگىت بىلەن قىزنى تۇنۇۋاپتىمەن ، ئۇلار تاھىر بىلەن زوھرا ئىكەن.

    تاھىرنىڭ سۆزى تۈگشى بىلەنلا دۇلدۇل ئالتۇن قاناتلىرىنى يىيىپ كۆككە پەرۋاز قىپتۇ –دە، بىردىنلا ئاجايىپ تېز سۈرئەت بىلەن ئۇچۇپ كېتىپتۇ، ھېلىقى بۈركۈتمۇ ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئۇچۇپ كەتكۈدەك...

    ئويغانسام، چىلىق-چىلىق تەرگە چۈمۈلۈپ يېتىپتىمەن. ئاستا ئورنۇمدىن قۇپۇپ ئولتۇردۇم، تىنىم شۇنچە يېنىكلەپ، كەيپىم چاغ بولۇپ قالغانىدى. باياتىن كۆرگەن گۈزەل چۈشلىرىمنى ئەسلەۋىتىپ، بۇۋامنىڭ بىر چاغدا: «ئوغلۇم، تاھىر-زۆھرە قەبرىسىگە پات-پات بېرىپ تاۋاپ قىلىشنى ھەرگىز ئۇنتۇما. بۇ بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇقلار زاتى پاكلاردۇر. بىزدە ئەجدادلاردىن ئۇدۇم بولۇپ كېلىۋاتقان شۇنداق خاسىيەتلىك ئادەت باركى، كىمدە-كىم چۈشىدە تاھىر-زۆھرەنى كۆرسە ھەم ئۇلاردىن مۇرادىڭغا يەت، دېگەن بىرەر ۋەھىينى ئىشىتسە، ئۇ چوقۇم مۇھەببەت بابىدىكى ئارزۇ-ۋەسلىگە يېتىپلا قالماي، باشقا ئارزۇلىرىمۇ مۇراد تاپقىسىدۇر» دېگەن سۆزلىرى ئېسىمگە كەلدى-دە، خۇشاللىقتا ئورنۇمدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتىم.

         بىلەمسەن ئاچىتا، مۇشۇ چۈشنى كۆرگەندىن باشلاپ مەن ساڭا بولغان مۇھەببىتىمگە، سېنىڭ ۋەسلىڭگە يېتىدىغانلىقىمغا شەكسىز ئىشەندىم، ساڭا بولغان مۇھەببىتىم، سېغىنچىم تېخىمۇ كۈچەيدى، ئەمدى مەندە سەن بىلەن پاتراق كۆرۈشسەم، يەر شارىدىكى ماكانىمىزغا تېزرەك قايتىپ كەتسەك دېگەن بىرلا ئارمان قالدى. ئىلاھىم، مۇشۇ ئارزۇيۇم تېزراق ئەمەلگە ئاشسىكەن...

    مەن ئاشۇ خىياللار بىلەن ئولتۇرغىنىمدا، ئىشىكباقار دۇستۇم ئۆيگە كىرىپ كەلدى.

    —ئاچىتانىڭ خەۋىرى بارمۇ؟-دەپ سورىدىم مەن ئۇنىڭدىن شۇئان.

    —تېز بول،—دىدى ئۇ ماڭا شۈبھىلىك قاراپ،—سېنىڭ قىز دوستۇڭ تۈگەپ قاپتۇ!

          —نىمە دىدىڭ؟—مەن ئۆز قۇلىقىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم. ئۇ گىپىنى جىددىي تەكرارلىدى؛

          —قىز دوستۇڭ ئۆلۈپ قاپتۇ!

          —مۇمكىن ئەمەس!...

    مەن شۇنداق دەپ ۋارقىرىغىنىمچە ئىشىك تەرەپ ئۆزۈمنى ئاتتىم. ئۇمۇ ئۇزۇن كارىدۇرنى بويلاپ مېنىڭ كەينىمدىن يۈگۈردى...

    بىر چاغدا ئۇ بىلىكىمدىن تارتىپ؛

    —بۇياققا، —دېدى.

    ئۇزاق ئۆتمەي بىر قوش قاناتلىق ئىشىك ئالدىغا كېلىپ توختىدۇق، ئۇ ئىشىكنى ئېچىپ مىنى ئىچكىرسىگە باشلاپ كىردى. بۇ بىر چوڭ زالغا ئوخشايدىغان، ئىچى ھەرخىل تەجرىبە ئۈسكۈنىلىرى، ئېلېكتورونلۇق ئەسۋابلار ۋە ھەر خىل رەڭدىكى سويۇقلۇقلار قاچىلانغان پروبىركىلار بىلەن تولۇپ كەتكەن تەجرىبىخانا بولۇپ، بۇ يەردىكى بىر كارىۋاتنىڭ ئەتراپىدا تاشقى پلانېتلىق بەش-ئالتە غەلىتە ئادەملەر كارىۋاتتا ياتقان بىرسىگە قاراپ ئۆز تىلىدا بىر نېمىلەرنى دېيىشىۋاتاتتى. ئۇ-سەن ئىدىڭ ئاچىتا. مەن ئېتىلىپ بارغىنىمچە سېنى قۇچاقلاپ ھۆڭگىرەكلەپ يىغلاپ كەتتىم. سەن بولساڭ كۆزلىرىڭ چىڭ يۇمۇلغان ھالەتتە قىمىر قىلماي ياتاتتىڭ. ھېلىقىلار-بەلكىم ئالىملار بولسا كېرەك-ئالاقزادە بولغان ھالدا مېنى تارتىشتۇرۇپ سەندىن تەستە ئاجراتقاندىن كېيىن، ئۇلاردىن بىرسى؛

    —ئۆزۈڭنى بېسىۋال يىگىت، سەۋر قىل. بىز ئاۋۋال سۆزلىشەيلى،—دىدى. ئۇنىڭغىچە تاشقى پلانېتلىق يەنە بىر ئالىم بىر ئىستاكاندا ئۇسسۇزلۇق ئېلىپ كېلىپ ماڭا ئۇزاتتى.

    —ئىچمەيمەن،—دېدىم قۇپاللىق بىلەن ئۇنىڭ قۇلىنى ئىتتىرىۋىتىپ،—بۇ قىزنىڭ ئۆلۈمىگە پۈتۈنلەي سىلەر سەۋەبچى. سىلەر بىزنى بۇ يەرگە مەجبۇرىي ئېلىپ كېلىپ بىزنىڭ ئەركىنلىكىمىزنى بۇغدۇڭلار. مەن سىلەرگە پۈتۈن يەر شارىلىقلارغا ۋاكالىتەن قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرىمەن! قېنى ئېيتىڭلارچۇ، ئۇ قانداق بولۇپ ئۆلۈپ قالدى-ھە؟

    مېنىڭ ئاۋازىم غەزەپلىك، قوپال ھەم ۋارقىرىغاندەك چىقىپ كېتىۋاتاتتى. ماڭا بايا ئۇسسۇزلۇق ئېلىپ كەلگەن ئادەم قاش، كىرپىكسىز شۇنداقلا مۇلۇننىڭكىگە ئوخشايدىغان كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ تۇرۇپ جاۋاب قايتۇردى:

    — بىزنى كەچۈر، كۆپتىن كۆپ ئەپۇ قىلىشىڭنى سورايمىز. بۇ بىر تاسادىپىيلىق، ئىش ئەسلى مۇنداق: بىز بۇ قىز ئۈستىدىكى تەكشۈرۈش-تەجرىبىلىرىمىزنى ئاساسەن تاماملىغانىدۇق. شۇڭا، ئۇنى چارچاپ قالغان بولسا بىرئاز ھاۋالىنىپ كىرسۇن، دەپ بۈگۈن بىرنەچچە ئايال مۇلازىمنىڭ ھەمراھلىقىدا «يۇلتۇزلۇق باغچە»نى زىيارەت قىلدۇرغانىدۇق. شۇ جەرياندا بۇ قىز ئايال مۇلازىملىرىمىز دىققەتسىز تۇرغان پۇرسەتتە ئۆزى بىلمەيلا باغچىدىكى چەكلەنگەن زەھەرلىك مېۋىنى يەپ قويۇپتۇ. بىز بۇ يەردە كەچۈرگۈسىز جىنايەت ئۆتكۈزگەن ئادەملىرىمىزنى جازالاپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغاندىلا، شۇ مېۋىنى يېگۈزۈش ئارقىلىق ئئۇنى باقىي ئالەمگە سەپەر قىلدۇراتتۇق. لېكىن، بۇ قىز بىھۇدە ھالدا ئۆز جىنىغا ئۆزى زامىن بولدى. بىز ئۆلگەن ئادەمنى تېرىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۇزاق زامانلاردىن بېرى ئىزدەنگەن بولساقمۇ، تېخىچە بىرەر ئۈنۈملۈك نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەنىدۇق. بۇ قىزنى شۇ جەھەتتىن بىرەر ئۈنۈمگە ئېرىشىپ قالارمىز دېگەن ئۈمىدتە تەكشۈرۈپ كۆرۈۋىدۇق، ئۇ ئەسلىدە يېرىم ئۆلگەن، شۇ سەۋەبلىك ئۈچ مىڭ يىلدىن كېيىن قايتا تىرىلگەن قىز بولۇپ چىقتى. ئەمما، بۇ قىزنىڭ « يېرىم ئۆلۈشى»دىمۇ قانداقتۇر يەشكىلى بولمايدىغان بىر سىر باردەك قىلىدۇ.دېمەك، تەجرىبىمىزدە يەنىلا ئىلگىرىلەش بولمىدى.

    ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، بىزنىڭ يەرشارىدىكى ئالىملىرىمىزنىڭ 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا مۇھەببەت ئىلتىجاسى ۋە ئۆلگەن جاننى تىرىلدۈرۈش ھەققىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىپ، ئاخىرى 21-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى ئون يىلىدا تېببىي ئىلىمدىكى بۇ يېڭى تېمىدا بىرقەدەر ئۈنۈم قازانغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇر ئۇشتۇمتۇت ئېسىمگە كېلىپ قالدى-دە، كۆز ئالدىمدىكى بۇ ئۈمىدسىز بوشلۇقتا غۇۋا بىر ئۈمىد نۇرى پارلىغاندەك بولدى.

    —ئۇ ئۆلۈپ قالغىلى قانچە ئۇزاق ۋاقىت بولدى؟—دەپ ئالدىراپ سورىدىم ئۇلاردىن.ھەممىسى تەڭلا جاۋاب بېرىشتى:

    —تېخى ئون بەش مىنوت بوپتۇ.

    —ئۇنداق بولسا مەن بىر ئامال قىلىپ باقاي،—دېدىم-دە، سېنىڭ جەسىتىڭنىڭ يېنىدا تۇرۇپ پۈتۈن ھېسسىياتىم بىلەن ئۈنلۈك ئاۋازدا چاقىردىم:

    —ئاچىتا!...ئاچىتا!...بۇ مەن، ئاڭلاۋاتامسىز؟ ئاچىتا...مەن سىزنى سۆيىمەن! مەن سىزگە مەڭگۈ ئاشق... ماڭا سىز بولمىسىڭىز ماڭا بۇ ھاياتنىڭ نېمە كېرىكى؟ ئاچىتا، ئامرىقىم، كۆزىڭىزنى ئېچىڭ! مېنى تاشلاپ كەتمەڭ، ئاچىتا، بولمىسا مەنمۇ سىز بىلەن بىللە كېتىمەن...

    مەن بىر ياقتىن سېنى چاقىرىپ پاك سۆيگۈمنى ئىزھار قىلغاچ، يەنە بىر ياقتىن پۈتۈن مېھرىم ھەم ئىشقىم بىلەن لېۋىڭگە ئارقا-ئارقىدىن سۆيۈپ كەتتىم...لەۋلىرىڭ ماڭا ئىسسىقتەكلا تۇيۇلماقتا ئىدى.

    مۆجىزە! راست دەۋاتىمەن ئاچىتا، سېنىڭ يۈز تېرىلىرىڭ بىردىنلا لىپىلدىغاندەك بولۇپ، ئۇزاق ئۆتمەيلا كۆزۈڭنى «لاپپىدە» ئاچتىڭ-دە، ماڭا ئۈنسىز تىكىلدىڭ. چېھرىڭدە غۇۋا تەبەسسۇم پارلىدى. مەن بۇ ھالىتىڭنى كۆرۈپ خۇشاللىقىمدىن تاقلاپ كەتتىم ۋە دەرھال بېشىڭنى بېلىكىم ئۈستىگە ئېلىپ سېنى يەڭگىل تەۋرەتكەچ، قوڭۇر رەڭلىك ئۇزۇن چاچلىرىڭنى سىلىدىم. سەن بىر ئېغىز گەپ قىلمىساڭمۇ ماڭا تىكىلىپ ياتاتتىڭ، قارىشىڭدىن ماڭا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىڭ، پاك، سەمىمىي ھېسسىياتىڭ بارغانسېرى ئېنىق ئىپادىلەنمەكتە ئىدى.

    —يىگىت، بىز نېمە قىلىپ بېرەيلى؟—دېدى تاشقى پلانېتلىق ئالىملار تەڭلا جىددىيلىك بىلەن شادلىق ئارىلىشىپ كەتكەن بىر خىل كەيپىيات ئىچىدە.

    —گەپ قىلماڭلار!—دېدىم مەن ئۇلارغا بۇيرۇق تەلەپپۇدا. ئۇلار شۇئان مەكتەپتىكى ئەڭ ياۋاش ئوقۇغۇچىلاردەك«بۇيرۇق»ۇمغا بويسۇنۇپ، جىمجىت قاراپ تۇرۇشتى. مەن دەرھال ساڭا بۇرۇلۇپ، سېنى قۇچاقلاپ باغرىمغا چىڭ باستىم-دە، قۇلىقىڭغا پىچىرلاپ تۇرۇپ ساڭا مۇھەببەت ئىزھار قىلدىم، لېۋىڭدىن يېنىشلاپ سۆيدۈم. سۆيگەنسېرى، ئەڭ ھېسسىياتلىق، ئەڭ چىن بولغان تەسىرلىك سۆيگۈ ئىزھارىم كۈچەيگەنسېرى تىنىقىڭ بارا-بارا ئىتتىكلەپ، تاتارغان چىرايىڭغا قان يۈگۈرۈشكە باشلىدى...

    بىرئازدىن كېيىن مەن يېنىمدا تۇرغان ئالىملارغا مۇراجىئەت قىلدىم:

    —يۈرەكنى كۈچلەندۈرۈش دورىسى بارمۇ؟

    —بار!

    —چوڭ مېڭە بىلەن نېرۋا پېپتىدىنى كۈچلەندۈرۈش ئوكۇلى بارمۇ؟

    —بار، بار، ھەرقاندىقى بار!

    ئۇلار كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئارىلىقتا دورا-ئوكۇللارنى يېنىمدا تەق قىلدى.مەن ساڭا دورا ئىچكۈزدۈم. ئۇلار بىردەمدىلا يالتىراپ تۇرغان قۇتىلىق ئاسما ئوكۇللىرىنى بىلىكىڭگە سېلىپ ئۈلگۈردى.

    بۇ ئىشلار تولۇق ھەم تېز تامام بولغاندىن كېيىن مەن ئۇلاردىن يەنە سورىدىم:

    —بۇ قىز يېگەن مېۋە ھەقىقەتەن بەك زەھەرلىكمۇ؟

    —شۇنداق.

    —ئۇنداقتا بىز مۇنۇ ئوكۇل تۈگىشى بىلەنلا ئۇنىڭ پۈتكۈل ھۈجەيرىلىرى ۋە قېنىنى تازىلاپ، ئۇنىڭغا زەھەر قايتۇرىدىغان ئەڭ ياخشى دورىلارنى ئىچكۈزۈشىمىز كېرەك.

    —خاتېرجەم بول يىگىت، بۇ ئاسان،—دېدى ئۇلاردىن بىرسى ماڭا ئەدەپ بىلەن،—بۇ قىز ئۆلۈپ قالغاندا بىز ئۇنىڭغا ئوكۇل ئۇرۇپ ماڭدۇرالمىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ راستتىنلا ئۆلۈپ كەتكىنىگە ئىشەنگەنىدۇق. مانا ئەمدى ئۇ تىرىلىپ داۋالىشىمىزغا قولايلىق بولدى. بىز ئۇنى چوقۇم ئەسلىگە كەلتۈرىمىز.

    بىر قانچە مىنۇت ئۆتە-ئۆتمەيلا ئۇلار كارىۋاتنىڭ يېنىدا خۇددى ئوكسېگىن باكىغا ئوخشايدىغان رېزىنكە شلانكىلىق ئىككى نەرسىنى ئېلىپ كەلدى ۋە بىر ئىستاكاندا دېڭىز سۈيىدەك كۆك رەڭلىك لىپمۇلىپ سويۇقلۇقنى كارىۋاتنىڭ باش تەرىپىدىكى ئالتۇن رەڭلىك، نەقىشلىك تومپۇچكا ئۈستىگە قويۇپ قويدى.

    ئوكۇل تۈگىگۈچە بولغان ئارىلىقتا مەن سېنىڭ يۈزۈڭنى، چاچلىرىڭنى، قاردەك ئاپئاق ھەم يۇمران بىلەكلىرىڭنى توختىماي سىلاپ، پات-پات لەۋلىرىڭگە سۆيۈپ، ساڭا بولغان سەمىمىي مۇھەببىتىمنى چەكسىز مېھرىبانلىقىم ئارقىلىق ئىزھار قىلدىم. سېنى ئەڭ دەسلەپ چۈشۈمدە كۆرگەندىلا ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى، سەن ئاشۇ قەدىمىي قەبرىستاندىن «تىرىلىپ» قوپقان ۋاقىتتىن باشلاپ قەلبىمنىڭ ساڭا مەڭگۈلۈك باغلىنىپ قالغانلىقىنى، بۇ تاشقى پلانېتىدىكى تۈرمىگە ئوخشاش ھېلىقى زېرىكىشلىك ئۆيدە يېتىپ سەن ئۈچۈن قانچىلىك ئازاب چەككەنلىكىمنى...قالدۇرماي سۆزلەپ بەردىم. ئاخىرىدا، يۈرەك قاتلاملىرىمدا كۈچلۈك يالقۇنغا ئايلانغان سۆيگۈ سىرلىرىمنى ساڭا نېمىشقىدۇر بۇرۇنراق ئىزھار قىلىشقا پېتىنالمىغانلىقىمنى ئەپسۇسلۇق ئىچىدە خىتاپ قىلىپ ئۆتتۈم. سۆزۈم ئاياغلىشىشى بىلەنلا كۆزلىرىڭدىن ئىككى تامچە ياش مەڭزىڭگە سىرغىپ چۈشتى. شۇندىلا سەن بىر چوڭ نەپەس ئالدىڭ-دە، لەۋلىرىڭ ئۆمەللىنىپ بوش ئاۋازدا:

    —مەن سىزنى تۇنجى قېتىم كۆرگەن ۋاقىتتىلا ياقتۇرۇپ قالغان. لېكىن، قىزبالا ئۈچۈن بىر يىگىتكە كۆڭۈل ئىزھار قىلماقتىنمۇ قېيىن ئىش يوق ئىكەن. مېنىڭ سىزگە باشتا: ئۆمۈربويى سىزنىڭ خىزمىتىڭىزدە بولۇشقا رازىمەن، دېگەن گېپىم يادىڭىزدىمۇ؟ مەن ئاشۇ سۆزنىمۇ ناھايىتى زور غەيرەت بىلەن ئېيتقان. بۇ سۆز مېنىڭ سىزنىڭ مەھبۇبىڭىز بولۇشقا رازىلىق ھەم ۋەدە بەرگەنلىكىمنىڭ ئىپادىسى ئىدى. لېكىن، سىز ئۇ سۆزۈمنى چۈشەنمەي، مېنىڭ سىزنى ياخشى كۆرىدىغان-كۆرمەيدىغانلىقىم ھەققىدە گۇمانسىراپ بىھۇدە ئازابلىنىپ يۈرۈپسىز. مەن مۇھەببەت تەرەپتىن سىزگە ئوخشاش سۆزلەشنى بىلمەيدىكەنمەن، بۇ بەلكىم بىز ياشىغان دەۋرنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن بولۇۋاتقان پەرقتۇر، مانا ئەمدى ئۆگىنىۋالدىم،—دېدىڭ مېنى چەكسىز سۆيۈندۈرۈپ.

    مەن ئالدى بىلەن سېنىڭ تىرىلىپ ئەسلىڭگە كەلگىنىڭدىن خۇشال بولسام، ئىككىنچى بولۇپ، سېنىڭ تۇنجى قېتىم مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭنى ناھايىتى ئېنىق ھالدا ئىزھار قىلغىنىڭدىن تولىمۇ سۆيۈنۈپ كەتتىم.

    ئاسما ئوكۇلۇڭ تۈگىدى. ئالىملار ھېلىقى ئىككى دانە باكنىڭ شلانكىلىرىنى سېنىڭ ئىككى بىلىكىڭگە توغرىلاپ، شلانكىنىڭ كۇنۇسسىمان ئاغزىنى بېغىشىڭنىڭ تومۇرىغا قارىتىپ تۇرۇپ باكلارنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى كۇنۇپكىسىنى تەڭلا بېسىۋەتتى. شلانكىنىڭ كۇنۇسسىمان ئېغىزلىرىنىڭ بىرىدىن ئاق، بىرىدىن بىنەپشە رەڭلىك نۇر دەستىسى ئېتىلىپ چىقتى...ئالاھەزەل بىرەر مىنۇتچە شۇ ھالەت داۋام قىلغاندىن كېيىن، كۇنۇپكىلار قايتا بېسىلدى-دە، نۇر دەستىلىرى شۇئان غايىپ بولدى.

    —ئەمدى بۇ ئىستاكاندىكى دورىنى ئىچىۋەتسۇن، ھازىر ئۇنىڭ قېنى پۈتۈنلەي تازىلىنىپ بولدى. بۇ دورىنى ئىچكەندىن كېيىن ئۇنىڭ تېنىدىكى ھېلىقى مېۋە زەھىرى ئۆز رولىنى تامامەن يوقىتىدۇ،—دېدى بىر ئالىم.

    مەن ئىستاكاننى قولۇمغا ئېلىپ، بېشىڭنى يەنە بىر بىلىكىم ئۈستىگە ئالدىم-دە، كۆك رەڭلىك سويۇقلۇقنى ساڭا ئاستا-ئاستا ئىچكۈزدۈم. سەن ئۇنى ئېچىپ بولۇپ ئانچە ئۇزاق ئۆتمەيلا جىمجىتقىنە ئۇخلاپ كەتتىڭ.

    —بۇ دورا ئۇنىڭغا باشقىچە ئەكس تەسىر كۆرسەتمەس؟—دەپ سورىدىم سېنىڭ تېزلا ئويقۇغا كەتكىنىڭنى كۆرۈپ سەل ئەندىشە ئارىلاش.

    —ھېچ ئىش بولمايدۇ،—دېدى بىر ئالىم ئىشەنچ بىلەن.

    مەن خاتىرجەم بولۇپ، ئۇلار ئەكىلىپ بەرگەن لۆڭگە بىلەن پىشانەمدىكى تەرلىرىمنى سۈرتۈۋىتىپ، يېنىمدىكى ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردۇم. شۇ چاغدا ئالىملاردىن بىرسى مېنى تەجرىبىخانىنىڭ بۇلۇڭ تەرىپىگە جايلاشقان بىر بۆلۈمگە كىرىپ ئارام ئالغاچ پاراڭلىشىشقا تەكلىپ قىلدى.

    —بۇ قىزنى يالغۇز تاشلاپ قويالمايمەن،—دېدىم ئۇنىڭغا.

    —بۇ قىزغا قارايدىغان ئادەم بار، بىز بۇيەردە پاراڭ سېلىپ ئۇنىڭ تىنچلىقىغا تەسىر يەتكۈزسەك بولمايدۇ،—دېدى ئۇ ئۆزرىلىك ئاھاڭدا.

    بىز ئۇ بۆلۈمگە كىردۇق. بۇ بىرقانچە ئۈستەل ۋە يۇمشاق ئورۇندۇقلار بىلەن ئاددىيلا بېزەلگەن ئازادە ئۆي ئىدى. ئۇلار مېنى قىزغىنلىق بىلەن ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ، ئالدىمغا ئالتۇن پىيالىدە چاي ئېلىپ كەلدى. بىر-ئىككى ئوتلامدىن چاي ئىچىلگەندىن كېيىن، ئۇلاردىن بىرسى مەندىن تۆۋەنچىلىك بىلەن سورىدى:

    —يىگىت، سەن ئاللىبۇرۇن ئۆلگەن بۇ قىزنى قانداق تىرىلدۈرۈۋالدىڭ؟ بۇ ھەقتىكى سىرىڭنى تەپسىلىيرەك سۆزلەپ بەرگەن بولساڭ.

    —ئۇنى مەن ئەمەس، سىلەر قۇتقۇزۇپ قالدىڭلارغۇ؟

    —ياق،—دېدى يەنە بىر ئالىم كەسكىن قىلىپ،—بىز سېنى چاقىرىشتىن بۇرۇن، بايا ئىشلەتكەن دورا ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق ۋاستىلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى قوللىنىپ كۆرگەن بولساقمۇ ئۇ قىز تىرىلمىگەنىدى. سەن ئۇنى پەقەت ئۆزۈڭنىڭ تەسىرلىك سۆز-ھەرىكىتىڭ بىلەنلا تىرىلدۈردۈڭ. بىز بولساق ئۇنىڭ قېنىنى تازىلاپ، تەن ۋە ھۈجەيرىلىرىدىكى زەھەرنىڭ رولىنى يوقاتتۇق شۇ.

    ئاچىتا، سېنىڭ قايتىدىن تىرىلىپ ئەسلىڭگە كەلگەنلىكىڭنىڭ خۇشاللىقىدا مەن ئۇلاردىن بۇ ئىشنى سىر تۇرۇشنى خالىماي، سۆزلەپ بېرىشكە قوشۇلدۇم.

    —يەرشارىدىكى ئالىملار مۇھەببەت ئىلتىجاسى ئارقىلىق ئۆلگەن ئادەمنى تىرىلدۈرۈشنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا ئۇزاق يىل ئىزدىنىش، سىناق ھەم تەجرىبە ئېلىپ بېرىپ بۇ جەھەتتە مەلۇم نەتىجىگە ئېرىشتى. بىز ئىنسانلار: ئادەم مۇھەببەتكە ئىگە بىر خىل ھايۋان، دەپ قارايمىز. چۈنكى، ئىنسانلاردا مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدىغان، ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان مۇھەببەت چوڭ مېڭىدىكى ھېسسىياتنى تىزگىنلەيدىغان مەركىزىي ھۈجەيرىلەر توپىغا چوڭقۇر ئىز قالدۇرىدۇ. بۇ ئىز چوڭ مېڭىدىكى پۈتكۈل ھېسسىيات رايونىنى قوزغىتىدۇ ھەمدە نېرۋا سىستېمىسى ئارقىلىق ئادەمنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر قىلىپ روھنى ئۇرغىتىپ، يۈرەك ھەرىكىتىنى تېزلىتىپ، ئادرېنالىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئاشۇرىدۇ. شۇڭا، ئادەم ئۆلگەندىكى دەسلەپكى ۋاقىتتا چوڭ مېڭىدىكى بىئو ئېلېكترو ماگنىت مەيدانى يەنىلا مەۋجۇت بولىدۇ. بەزى سىرتقى سىگناللار، يەنى، مېنىڭ بايىقىدەك«ئاچىتا» دەپ دەپ چاقىرىشلىرىم بەزىدە مۇھەببەت تامغىسى بېسىلغان ھۈجەيرە توپلىرىنى قوزغىتىپ، بىئو ئېلېكتىرنىڭ تەسىرى ئارقىلىق يۈرەك سېلىش ۋە نەپەسلىنىش نېرۋا مەركىزىنى تىزگىنلەپ، توختاپ قالغان يۈرەك ھەرىكىتىنى ۋە نەپەسلىنىشنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆلگەن ئادەم قايتا تىرىلىدۇ.

    —بۇنىڭغا ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ، ئادەم ئۆلگەن ھامان ئۇنىڭ چوڭ مېڭىسىمۇ تەڭلا ئۆلىدىغان تۇرسا،—دېدى يەنە بىر ئالىم گاڭگىراپ قالغاندەك بىر ھالەتتە بېشىنى چايقاپ قويۇپ.

    —شۇنداق، ئادەم ئۆلگەنىكەن، چوڭ مېڭىمۇ ئۆلىدۇ،—دېدىم جاۋابەن،—ئەمما چوڭ مېڭىدىكى نېرۋا ماددىلىرىنىڭ مۇرەككەپ تۈزۈلۈشىدىن قارىغاندا، چوڭ مېڭە ئۆلگەندىن كېيىن بەزى نېرۋىلار بىر مەزگىل ئېچىدە نېرۋا پېپتىدىنىڭ رولى ئاستىدا يەنىلا ئىنكاس قايتۇرىدۇ. نېرۋا پېپتىدىنىڭ مولېكۇلا تۈزۈلۈشى ئىنتايىن مۇرەككەپ، شۇڭا ئادەم يېڭىلا ئۆلگەن بولسىمۇ نېرۋا پېپتىدى مەلۇم ئەستە تۇتۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.شۇڭلاشقا، بىر خىل كۈچلۈك مۇھەببەت سىگنالى (رىشتىسى) ئادەم ھايات ۋاقتىدا كۆپ قېتىم ياكى پەۋقۇلئاددە ئەھۋال ئاستىدا نېرۋىغا تەسىر قىلغان ئەھۋالدا، نېرۋا پېپتېدى ئۇنى ئەستە ساقلاپ قالىدۇ-دە، ئادەم ئۆلۈپ ئانچە ئۇزاق ۋاقىت ئۆتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۆلگۈچىنىڭ ئېرى، ئايالى، ياكى سۆيگىنى ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي مۇھەببىتىنى قايتىدىن سەمىمىيلىك بىلەن ئىزھار قىلسا، ئۆلگۈچىنىڭ نېرۋا پېپتېدىدا قايتا ئىنكاس پەيدا بولۇپ، تىرىلىپ قېلىشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن بولىدۇ. لېكىن، بەزى ھاللاردا ئۆلگۈچىنىڭ ئۆلگەندىن كېيىنكى ۋاقتى بەك ئۇزىراپ كەتكەن بولسا، ھېلىقىدەك نېرۋا پېپتېدلىرىمۇ ئۆز رولىنى يوقىتىپ، ئۆلگۈچى قايتا تىرىلمەيمۇ قالىدۇ.

    —ئۇنداقتا، بىراۋنىڭ سۆيگىنىدىن باشقا كىشىسى ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنى شۇ ئۇسۇل بىلەن تىرىلدۈرۈش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن-دە؟—دېدى بىر ئالىم.

    —شۇنداق، ئۆلگۈچى بىلەن مۇناسىۋىتى بار كىشىنىڭ ئۆلگۈچىگە چوقۇم ئىنتايىن سادىق، ساپ مۇھەببىتى بولغان بولۇشى كېرەك. بولمىسا، ئۇ خىل ئۇسۇل ساختا تۈس ئالغان بولىدۇ-دە، كارغا كەلمەيدۇ. ئەمما، ئاتا-بالا، ئانا-بالا مۇھەببىتى مەيلى ئاتا-ئانا ئۆلمىسۇن ياكى پەرزەنت ئۆلمىسۇن، يەنىلا دەل ۋاقتىدا نېرۋا پېپتېدىغا تەسىر كۆرسىتەلىسىلا، خۇددى قىز دوستۇم ئاچىتا ئېرىشكەندەك پەۋقۇلئاددە ئامەتكە ئېرىشەلەيدۇ.

    —ھەي ئىسىت! —دېدى مېنىڭ گەپلىرىمنى ئاڭلىغان بىر ئالىم ئەپسۇسلانغان ھالدا،—بىزنىڭ فىزىئولوگىيە ۋە پىسخولوگىيە جەھەتتىن سىلەر بىلەن ئاساسەن ئوخشاشلىقىمىز يوق. شۇڭا، بىزدىكى مۇھەببەت ھېسسىياتىمۇ سىلەرنىڭكىگە ئوخشاشمايدۇ. ئەگەر ئوخشاش بولغىنىدا، بىزمۇ سىلەرنىڭ بۇ بۈيۈك ئىختىرايىڭلاردىن پايدىلانغان بولاتتۇق. قارىغاندا بىز ئۆزىمىزنىڭ ئېلېكترون تېخنىكىلىرىمىزغا ۋە باشقا قابىلىيەتلىرىمىزگە بەك ئىشىنىپ كېتىپ، روھ دېگەن نەرسىگە ئانچە ئېتىبار قىلماپتىمىز.

    —سەن بىر ئەدىب، يازغۇچى بولساڭمۇ،—دەپ سۆز ئالدى يەنە بىر ئالىم،—تېببىي ئىلىمدىن خەۋىرىڭ بار ئىكەن، بۇلارنى قانداق ئۆگەنگەن؟

    —بىر يازغۇچى ئۈچۈن كۆپ تەرەپلىمە بىلىم بولمىسا بولمايدۇ. شۇڭا، مەن بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن يازىمەن،—دەپ ئاددىيلا جاۋاب بەردىم.

    سۆزلەۋىتىپ تۇيۇقسىزلا سېنى ئىسىمگە ئالدىم-دە، ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم ۋە:

    —كەچۈرىسىلەر، مەن قىز دوستۇمنىڭ يېنىغا چىقىپ قاراپ باقاي،—دەپلا بۆلۈمدىن چىقىپ كەتتىم.

    يېنىڭغا كېلىشىمگە سەنمۇ خۇددى مېنى ساقلاپ تۇرغاندەكلا ئويغىنىپ كۆزۈڭنى ئاچتىڭ ۋە مېنى كۆرۈپ ئورنۇڭدىن قوپۇپ ئولتۇردۇڭ.

    —ئەھۋالىڭىز قانداقراق؟—دېدىم مەن قوللىرىڭدىن تۇتۇپ تۇرۇپ.

    —ياخشى،—سەن شۇ سۆزنى قىلىپلا قولۇڭنى ئىتتىك تارتىۋالدىڭ، ئىككى مەڭزىڭمۇ شۇئانلا جىنەستىدەك قىزىرىپ كەتتى.

    —ئادەمنى تۇلا خىجىل قىلىپ تۇتىۋەرمەڭە، قېلىن! —دېدىڭ ئۇيماقتەك ئاغزىڭنى بوش ئۇشلاپ.

    مانا مۇشۇ سۆزۈڭ ماڭا مىڭ قېتىم«سىزنى سۆيىمەن» دېگەندىنمۇ بەكرەك رازىمەنلىك تۇيغۇسى، روھىي لەززەت ۋە سۆيۈنچ بېغىشلىدى. مەن ئاجايىپ شائىرانە ھېسسىياتلارغا تولۇپ، «ئاھ...» دېگىنىمچە تەڭرىگە، شۇنداقلا ساڭا تەشەككۈر ھەم ھەمدۇسانالار ئوقۇپ كەتتىم...

    دەل شۇ ئەسنادا سەن ئۆزۈڭچىلا ماڭا قاراپ ئىنگلىز تىلىدا جىقلا سۆزلەپ كەتتىڭ. مەن قاتتىق ھەيران بولغىنىمدىن ساڭا سىنچىلاپ تىكىلدىم، سېنى تەپسىلىي كۆزەتتىم. بايا ئانچە دىققەت قىلمىغانىكەنمەن، سەن بىر ئوخلاپ قوپۇپلا تېخىمۇ چىرايلىقلىشىپ كەتكەنىدىڭ، كۆزلىرىڭ نۇرغا تولغانىدى. مەن ئىنگلىزچىنى ئاز-تولا چۈشەنگەچكە، ھەيرانلىق ئارىلاش گىپىڭگە قۇلاق سالدىم. سەن قانداقتۇر كەلگۈسىمىز، بىزنىڭ بالىلىرىمىز ھەم تاشقى پلانېتا توغرىلىق سۆزلەۋاتاتتىڭ. ئىنگلىزچە سۆزلىرىڭ شۇنداق راۋان، نەپس ئىدىكى، چىرايىڭنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئىنگلىز قىزىغىلا ئوخشاپ قالغانىدىڭ.

    —ئاچىتا، سىز قانداقسىگە...

    مەن كۆز ئالدىمدىكى بۇ ئىشنىڭ ئەقلىمنى لال قىلىشىغا بەرداشلىق بېرىپ تۇرۇپ سەندىن دۇدۇقلاپ سورىدىم.

    —قاتتىق ھەيران قىلىۋاتىسىز-ھە؟—سەن خۇشال ھالدا كۈلگىنىڭچە،—مەنمۇ ئۆزۈمگە ھەيران قېلىۋاتىمەن، بىر تۇرۇپ بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن چەت ئەللىك بىرەر قىزنىڭ روھى ماڭا يېپىشىۋالدىمۇ يا، دەپمۇ ئويلاپ قالدىم. لېكىن، مەن باياتىن نۇرغۇن چۈش كۆردۈم، چۈشلىرىم بەك قالايمىقان، ئۆزۈم كۆرۈپ باقمىغان شەھەرلەردە، ئورمانلىقلاردا، ناتونۇش ئادەملەر ئارىسىدا، يەنە ئاجايىپ-غارايىپ يۇلتۇزلار ئارىسىدا يۈرگۈدەكمەن، ھەتتا ئىككىمىز بىر چاغدا ھىلال ئايغا مېنىۋاپتىمىز، ئەتراپىمىزدا ئوغۇل-قىزلىرىمىز بىزگە ئالقىش ياڭرىتىۋاتقۇدەك...توۋا، ئويغانسام ئالدىمدا سىز تۇرۇپسىز.

    سەن كېيىنكى «قىز-ئوغۇللىرىمىز» دېگەن گېپىڭدىن ئۇيىلىپ قالدىڭ بولغاي، يەرگە قارىۋالدىڭ، ئىككى مەڭزىڭ يەنە ئوتقاشتەك قىزاردى، بۇرنۇڭنىڭ ئۇچى ۋە ئەگىم قاشلىرىڭ ئارىسىدا شەبنەمدەك تەر تامچىلىرى يالتىراپ كەتتى.

    بۇ چاغدا، ئىككىمىزنىڭ قىزغىن سۆھبىتىگە ھەۋەسلەنگەن ئالىملار قېشىمىزغا كېلىشتى.

    —نېمە دېيىشىۋاتىسىلەر؟—دەپ سورىدى بىر ئالىم.

    مەن سەندىكى پەۋقۇلئاددە ئۆزگىرىشلەرنى ئۇلارغا تەپسىلىي سۆزلەپ بەردىم. ئۇلار ماڭا ئوخشاشلا ھەيران بولغانلىرىچە ئارقا-ئارقىدىن ئۆز كۆز قاراشلىرىنى سۆزلەپ كەتتى:

    —بۇ بىر مۆجىزە!

    —لېكن، بۇ مۆجىزىگە چوقۇم بىزنىڭ ئۇنىڭغا ئىچكۈزگەن دورا ۋە ئۇرغان ئوكۇلىمىزنىڭ باشقىچە تەسىر كۆرسەتكەنلىكى مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك.

    —بىر بولسا، بىزنىڭ پلانېتىمىزنىڭ مۇھىتى ئۇنىڭدا ئاشۇنداق ئۆزگىرىش پەيدا قىلغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، يەرشارى ئادەملىرىنىڭ سەييارىلەر ياكى باشقا سەييارە ئادەملىرى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، ۋۇجۇدىدا باشقىچە ئۆزگىرىشلەر بولىدىغانلىقى ئېھتىمالغا يېقىنغۇ.

    —ئۇ بەلكىم يىگىتىنىڭ مۇھەببەت ئىلتىجاسى بىلەن تىرىلگەندىن كېيىن، باشقىچە ھېس-تۇيغۇ ۋە ئاڭغا ئىگە بولۇپ قالغان بولسىچۇ؟ بۇنى ئېھتىمالدىن يېراق دېگىلى بولمايدۇ.

    —نېمىلا دېمەيلى، بىزگە يەنە يېڭى بىر تەتقىقات تېمىسى تېپىلدى! شۇڭا بۇ بىر جۈپ يەرشارىلىق دوستقا رەھمەت ئېيتىشىمىز، ئاندىن بۇلارنى قىزغىن تەبرىكلىشىمىز لازىم.

    شۇ سۆز ئاياغلىشىشى بىلەن تەڭ ئەتراپىمىزدا قىزغىن چاۋاك ساداسى ياڭرىدى. مانا مۇشۇ دەقىقىدە ھەر ئىككىمىزنىڭ شادلىق نۇرلىرى پارلىغان كۆزلىرىمىز بىر-بىرى بىلەن بەخت ئىلكىدە ئۇچراشتى...

    ئاخىر بىز بۇلارنىڭ مەسلىھەتى بويىچە يەنە ۋاقىتلىق ئايرىلىپ، سەن ئايال مۇلازىملار بىلەن باشقا ياتاقتا ئارام ئالىدىغان، مەن يەنىلا ھېلىقى «كامىر»ىمغا كىرىپ كېتىدىغان بولدۇم. بىز كۆڭلىمىز قىيمىغان ھالەتتە بىر-بىرىمىز بىلەن خوشلاشتۇق.

     

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ھالاكەت گىردابىدا
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-12-21 11:43:47
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 129
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证