تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-پىروزا ›› ھالاكەت گىردابىدا ﹙ فانتازىيىلىك رومان﹚
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    libasim
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 7
    badal@163.com
    295467579
    يازما سانى : 177
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-10-2 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ھالاكەت گىردابىدا ﹙ فانتازىيىلىك رومان﹚




    سېغىنىشلىق دەقىقىلەر

    —شۇنداق دېيىشكىمۇ بولىدۇ،—مەن ئۇنىڭغا ئەستايىدىل جاۋاب بەرمەكچى بولدۇم،— ئالەم بوشلۇقى ئىنسانىيەتنىڭ تۆتىنچى مۇھىتى ھېسابلىنىدۇ. ئىنسانلارنىڭ پائالىيەت دائىرىسى قۇرۇقلۇقتىن دېڭىز-ئوكيانغا ئۆتۈش، دېڭىز- ئوكياندىن ئاتموس فېراغا ئۆتۈش، يەنە ئاتموسفېرادىن ئالەم بوشلۇقىغا ئۆتۈشتەك تەدرىجىي كېڭىيىش جەريانىنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. ئەمما، ئىنسانىيەت ئالەم بوشلۇقىدىن ئىبارەت مۇشۇ تۆتىنچى مۇھىتقا قەدەم قويغۇچە يەرشارىنىڭ تارتىش كۈچىنى يېڭىش، ۋاكۇئۇمنى يېڭىش، تېمپېراتۇرىسى جىددىي ئۆزگىرىدىغان مۇھىتقا ماسلىشىش، زىيانلىق نۇرلارنىڭ تەسىرىنى يېڭىش قاتارلىق تۆت چوڭ قېيىن ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئالاقىلىشىش سۈنئىي ھەمراھى سىستېمىسى، يەرگە قارىتىلغان كۆزىتىش-ئۆلچەش سۈنئىي ھەمراھ سىستېمىسى، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى، ئالەم كېمىسىگە ئادەم چۈشۈپ ئالەمگە ئۇچۇش، ئاخىرىدا چەكسىز ئالەم بوشلۇقىغا يۈرۈش قىلىش قاتارلىق ئەڭ ئىلغار تېخنىكىلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئالەمنى داۋاملىق قىدىرىپ تەكشۈرۈۋاتىدۇ.

    —داۋاملىق قىدىرىشتىن ئىنسانلار نېمىگە ئېرىشتى؟

    —يەرشارىدىكى تەبىئىي بايلىقلار قېزىلىپ تۈگەۋاتقاچقا، ئىنسانلار تاشقى پلانېتلاردا زور كان بايلىقلىرىنى ئىزدەپ تېپىپ، ئاي شارى ۋە مارسلاردا ئالەم بوشلۇقى رودا قېزىش باش شىتابلىرىنى قۇرۇپ، ئۇ يەردىكى قىممەتلىك رودىلارنى قېزىۋىلىپ توشۇغۇچى ئالەم كېمىلىرى بىلەن يەرشارىغا توشۇپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىۋاتىدۇ.

    —تاشقى پلانېتتىكى رودىلارنى قانداق قازىسىلەر؟

    —رودىلارنى ئالەم بوشلۇقىدا رودا قازىدىغان مەخسۇس ماشىنا ئادەملەر ۋە يەرشارىدا ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزۈپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەر قازىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا مەخسۇس رودا قىزىش ئالەم كېمىلىرىمىزمۇ بار.

    —ئۇنداقتا سىلەر مەخسۇس ئالەم بوشلۇقىدا پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان ئادەملەرنى تەربىيلەيدىكەنسىلەر-دە؟

    —شۇنداق، ھازىر يەرشارىدىكى ھەممە دۆلەتلەردە دېگۈدەك ئالەم بوشلۇقى ئۇچقۇچىلىرى ئىنىستىتوتلىرى بار. ئىنسانلار بازا قۇرغان تاشقى پلانېتلاردا يەنە تەرتىپ ساقلىغۇچى ئالەم بوشلۇقى ساقچىلىرىمۇ بار. ھەربەر ئالەم كېمىسىگە بىردىن مەسئۇل ئالەم كېمىسى كاپىتانى قوماندانلىق قىلىدۇ.

    —دېمەك، مۇشۇ سۈرئەت بىلەن ئىنسانلار ئالەمنىڭ ھەممە سەييارىلىرىگە يېتىپ بارماقچىمىدۇ؟

    —شۇنداق بولىدۇ. ئىنسانلار يەرشارىنىڭ ئۆز ھەمراھى ئايدىن پايدىلىنىپ، تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ قۇياش سىستېمىسىدىكى ھەرقايسى پلانېتلار ۋە ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى، ئاخىرىدا قۇياش سىستېمىسىدىن ھالقىپ، يېراقتىكى پايانسىز تۇرغۇن يۇلتۇزلار ئارا بوشلۇققا يېتىپ بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا يۈزلىنىدۇ. ھازىر قۇياش سىستېمىسىدىن ھالقىش ئىستىراتېگىيەلىك پىلانى رىئاللىققا ئايلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ.

     —سۆزۈڭدىن قارىغاندا، بۇ ھادىسە ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدىكى بىر قېتىملىق ئىنتايىن چوڭ سەكرەش بوپتۇ. لېكىن، ئىنسانلار ئۆزىنىڭ شۇنداق گۈزەل يەرشارى دۇنياسىدىن ھالقىپ، ئالەم بوشلۇقىدا رودىدىن باشقا يەنە نېمىگە ئېرىشمەكچى؟

    —ئالەمگە ئۇچۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ يەر يۈزىگە نىسبەتەن ئېگىز ئورۇندا بولۇش بايلىقى، يۇقىرى ۋاكۇئۇم، يۇقىرى تازا مۇھىت بايلىقى؛ ئالەمگە ئۇچۇش ئەسلىھەلىرى مىكرو ئېغىرلىق كۈچى مۇھىتىدا بولۇش بايلىقى، قۇياش ئېنىرگىيىسى بايلىقى، ئولترا تۈۋەن تېمپېراتۇرا بايلىقى، ئاي ۋە باشقا سەييارىلەر بايلىقى قاتارلىقلارغا ئېرىشمەكچى ۋە بۇ ئارقىلىق يەرشارىدىن باشقا ئاسمان جىسىملىرىنى تەكشۈرۈش، ئېچىش ھەم ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنىشتىن ئىبارەت يۈكسەك دەرىجىدىكى ئونۋېرساللاشقان زامانىۋى پەن-تېخنىكىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، پۈتكۈل يەرشارىدىكى ئىنسانىيەت ئۈچۈن تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ باياشات تۇرمۇش مۇھىتىنى ياراتماقچى.

    —بۇ گەپلىرىڭدىن يەرشارىلىقلارنىڭ تولىمۇ قانائەتسىز خەق ئىكەنلىكىگە ھەيران قېلىۋاتىمەن. ئەسلىدە، ئىنسانىيەتنىڭ رىزقى پەقەت يەرشارى بىلەنلا چەكلىنىشى كېرەك ئىدى،—دېدى ئۇ ئىشىكباقار دوستۇم يېشىل كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ.

    —بۇ گېپىڭ سەل ئارتۇق كەتتى، دوستۇم. مېنىڭ دەۋاتقىنىم ئىنسانلارنىڭ ئاساسلىق بوشلۇق تېخنىكىسى ھەققىدىكى ئىشلار. خاتىرجەم بول، ئىنسانلار ھەرگىز سىلەرنىڭ رىزقىڭلارغا چاڭ سالمايدۇ.

    ئۇ يەنىلا مېنىڭ سۆزۈمگە قايىل بولمىغاندەك، ئەنسىزلىك ئۇچقۇندىغان كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ بېشىنى بوش چايقاپ قويدى-دە، سائىتىگە قاراپ:

    —ۋاقىت توشۇپ قاپتۇ، مەن چىقاي،—دېگىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ سىرتقا قاراپ ماڭدى.

      ئۇ چىقىپ كېتىشىگىلا مەندىكى سالماقلىق نەگىدۇر يوقاپ، ساڭا بولغان تەشنالىقىم بارغانچە ئېشىپ نېرۋىلىرىم بىردىنلا جىددىيلىشىشكە باشلىدى.

      ئارىدىن كۆپ بولسا ئون مىنۇت ئۆتكەندۇ، بىر چاغدا ھېلىقى ئىشىكباقار دوستۇم قاپاقلىرى سېلىنغان، يېشىل كۆزلىرىدىن بىر خىل سوغ نۇر چاچرىغان ھالەتتە ئىشىكتىن كىرىپ كەلدى-ۋە، ماڭا قاراپ ئۈنسىز باش چايقىدى.

    —نېمە بولدى؟ مېنىڭ قىز دوستۇم قېنى؟—دەپ سورىدىم مەن ئۇنىڭ ئالدىغا ئىتتىك بېرىپ.

    —ئۇلار ھازىرچە سېنىڭ ئۇ قىز بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىشىڭنى چەكلەپ قويدى. ئۇنىڭ بىلەن پەقەت ئاۋۇ تېلېفونلۇق تېلېۋىزور ئارقىلىق كۆرۈشۈشۈڭگە رۇخسەت قىلىندى.

    —بۇ قانداق گەپ؟ مەن يا سىلەرنىڭ باشقۇرۇشۇڭلاردىكى ئادەم بولمىسام. ئاھ، تەڭرىم!...

      مەن ئەسەبىيلەشكىنىمدىن ئۆينىڭ ئىچىدە ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپ كەتتىم، تىت-تىت بولغىنىمدىن بارماقلىرىمنى بىر قايرىپ، بىر يىغىپ قاس چىقىرىۋەتتىم...ئاچىتا، سەن مېنىڭ مۇشۇنداق ئازاب چىكىۋاتقىنىمنى بىلەمدىغانسەن؟ بىلمەيسەن، بەلكىم سەن مېنى مەن سېنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندەك ياخشى كۆرۈش ھېسسىياتىدا بولۇپ باقمىدىڭ. شۇڭا، سېنىڭ ئازابلىنىشىڭمۇ مۇمكىن ئەمەس. ياق...ياق، مەن نېمىلەرنى دەپ كەتتىم؟ سەن بولساڭمۇ ئازابلانمىغىن، ئازابنى مەنلا تارتاي...

      مەن قانداقتۇر بىر تۇيغۇنىڭ تۈرتكىسى بىلەن شاققىدە ئارقامغا بۇرۇلۇپ، ھېلىقى دوستۇمغا مىختەك قادالغىنىمچە دېدىم:

    —سەن دوېلۇققا يارىمايدىكەنسەن، مۇشۇنچىلىك ئىشمۇ قولۇڭدىن كەلمىدى. مېنى ئالداۋاتامسەن يا؟

    —سېنى ئالدىغىنىم يوق، دوستۇم. ئۇلار بۇ قىزنى تەكشۈرۈشنى تېخى بىر باشقا ئېلىپ چىقالماپتۇ. قىزنى سەن بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ قويسا، ئالىمادىس تەكشۈرۈشتە بىرەر كاشىلىسى بولۇپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىپ شۇنداق قىلىغقا مەجبۇر بولۇپتۇ. مەنمۇ سېنى دەپ ئۇلار بىلەن خېلى تېركىشىپ باقتىم، ئامال بولمىدى. مېنى كەچۈر، دوستۇم، مېنى كەچۈر.

      ئۇ شۇنداق دېگىنىچە مېنى قولۇمدىن يېتىلىگەن پېتى ھېلىقى تېلېفونلۇق تېلېۋىزورنىڭ ئالدىدىكى يۇمشاق ئورۇندۇققا ئەكىلىپ ئولتۇرغۇزدى-دە، تېلېۋىزورنىڭ كۇنۇپكىسىنى بىسىۋەتتى. شۇئان تېلېۋىزور ئىكرانىدا سېنىڭ گۈزەل جامالىڭ ئايان بولدى. تۇرقۇڭدىن مېنى ساقلاپ ئولتۇرغاندەكلا ماڭا ئۇدۇل قاراپ تەبەسسۇم قىلىپ تۇراتتىڭ. مەن شۇئان تېلېفوننى قولۇمغا ئېلىپ قۇلىقىمغا تۇتتۇم، قولۇم بىلىنەرلىك تىترەك كېتىۋاتاتتى.

    —سالامەتمۇسىز، ئاچىتا؟—دېدىم مەن ھاياجىنىمىنى تەستە بېسىپ، ئاۋازىم يىغلامسىرىغاندەك چىقىپ كەتتى.

    —سالامەت تۇردۇم، ئۆزىڭىزچۇ؟—دېدىڭ سەن بىردىنلا چىرايىڭ ئەنسىز تۈس ئېلىپ،—سىزگە بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟

    —ياق، ماڭا ھېچ ئىش بولغىنى يوق. شۇ...سىزدىن ئەنسىرەپ...

      بۇ گىپىمنى ئاڭلاپ چېھرىڭگە قايتىدىن كۈلكە يۈگۈردى.

    —مەندىن ئەنسىرەپ نېمە قىلاتتىڭىز؟ مەن بىر ئوبدان تۇرۇۋاتىمەن، لېكىن سىزنى كۆرگۈم كېلىپ...

    بۇ سۆزنى قىلىۋىتىپ يۈزۈڭ قىزىرىپ كەتتى. مەن شۇ چاغدىلا سېنىڭمۇ مېنى يۈرىكىڭنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن سۆيىدىغانلىقىڭنى ھېس قىلىپ قالدىم. تەڭرىم، مۇشۇ تۇيغۇم مېنى ئالداپ قويمىسىكەندەپ پىچىرلىدىم ئىچىمدە.

    —ئەجەپ جىمىپ قالدىڭىزغۇ؟—دېدىڭ سەن باشقىچە نۇرلىنىپ كەتكەن چىرايلىق كۆزلىرىڭنى ماڭا مېھىرلىك تىكىپ.

    —سىزنى كۆرۈپ خۇشاللىقىمدىن نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەيۋاتىمەن.

    —مەنمۇ سىزگە ئوخشاشلا خۇشال...سەۋر قىلايلى، مېنى تەكشۈرۈش ئاخىرلاشسا بىز چوقۇك كۆرۈشىمىز.

    —بولسا تېزراق كۆرۈشسەك، بۇ زېرىكىشلىك جايدىن بالدۇرراق كەتسەك دەيمەن. ھە راست، ئاچىتا، ئۇلار سىزنى تەكشۈرگەندە بىر قانداق ئارامسىزلىنىش ھېس قىلمىغانسىز؟ سىزگە ھېچنېمە بولمىغاندۇ؟

      —ياقەي، ئۇلار مەندىن بىرەر ئېغىز گەپمۇ سوراپ قويماي قانداقتۇر بىر نەرسىلەرنى بېشىمغا ئوراپ نېمىلەرنىدۇر خاتىرىلەپلا يۈرىدۇ. بەزىدە مەن ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا ئۇخلاپ قالىمەن. بۇلاردا ئەر دېسە ئەرگە، ئايال دېسە ئايالغا ئوخشىمايدىغان ئادەملەر بار ئىكەن. ئۇلارنى ئايال دەپ ئاتىشىۋاتىدۇ، مېنى دائىم تۆت ئايال خۇددى شاھنىڭ مەلىكىسىنى كۈتكەندەك كۈتىدۇ.

      مەن بۇ سۆزلىرىڭنى ئاڭلاپ سەندىن خاتىرجەم بولدۇم. ئەمدى سېنى سۆيىدىغانلىقىمنى تېلېۋىزور ئارقىلىق بولسىمۇ ئېيتىۋالاي دېگەن ئوي بىلەن ئاغزىمنى شۇنداق ئۆمەللىشىمگە، يېنىڭدا چاچلىرى سالۋاراپ كەتكەن تاشقى پلانېتلىق ئىككى ئايال پەيدا بولدى-دە، ساڭا ئىگىلىپ تەزىم قىلىپ، قوللىرىڭدىن يېتەكلەپ ئېلىپ ماڭدى. سەن ماڭا قاراپ تاتلىق كۈلدۈڭ ۋە:

      —خوش، ئامان بولۇڭ،—دېدىڭ يېقىملىق ئاۋازىڭ بىلەن.

    —ئاچىتا!... مەن سىزنى...

      گىپىمنىڭ ئاخىرى چۈشۈپ بولغۇچە تېلېۋىزور ئىكرانىدىكى سىمايىڭ ئۆچتى. مەن سۆرەتسىز ئېكرانغا قارىغىنىمچە ئولتۇرۇپ قالدىم. ئىشىكباقار دوستۇم تېلېۋىزورنىڭ كۇنۇپكىسىنى ئاستا بېسىۋەتتى.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ھالاكەت گىردابىدا , ﹙ فانتازىيىلىك رومان﹚ ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-12-2 12:29:36
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 408
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证