مۇزلىغان شەھەر
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
ئۈرۈمچىنىڭ قىشى
مۇزلاق كوچىنىڭ تاملىرى قىيسىق،
مەھزۇن شەھەرنىڭ دەملىرى سىقىق .
بۇلۇڭ – پۇچقاقنى قويماي چارلىدى –
قىشىنىڭ ساقچىسى چېلىپ ئىسقىرىق .
كۈننىڭ ئەسىرى يوق، ھاۋا تۇمانلىق،
يەرلەر تىترىشۇر، مۇزلىغان جانلىق .
ھەر نە شادلىقنىڭ جۇدادۇر ھايات،
ئاڭلىنار ھەر ئۈن مۇڭلۇق، پىغانلىق .
كۆزلەر غەزەپلىك، قاپاقلار تۈرۈك،
ھاياتنىڭ دېمى سىقىق ۋە ئۈزۈك .
مۇزلىغان شەھەر باھارنى چىرلاپ
ئاچچىق ئۈن بىلەن چالاتتى گۈدۈك .
تۇرخۇن تۈۋىدە يىرتىق كۆن ئۆتۈك،
چورۇق تىترەيدۇ تاپىنى تۆشۈك .
مەسۇم گۆدەكلەر چىرايى سېرىق،
قوللار سۇنۇلغان، بويۇنلار بۆكۈك .
دوقمۇش – دوقمۇشتا چولاق كەتمەنلەر،
دوغدىيىپ يۈرگەن يىرتىق چەكمەنلەر .
پارچە نانغا زار، تېلىققان كۆزلەر،
چەرخلىرى سۇنۇق يەمسىز تۈگمەنلەر .
مۇزلارمىش شەھەر، مۇزلارمىش ھېسار،
قوۋۇقلار سۇنۇق، كونا بىر مازار .
شەھەر ئۈستىدە لالما بۇلۇتلار
ئوزۇق ئىزدىشىپ قىلىدۇ شىكار .
كۆزلەر غەزەپلىك، قاپاقلار تۈرۈك،
ھاياتنىڭ يىپى ئۇلاق يا ئۈزۈك .
مۇزلىغان شەھەر باھارنى چىرلاپ
ئاچچىق ۋارقىراپ چالىدۇ گۈدۈك !
-1946 يىل 5-دېكابر ئۈرۈمچى