تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Ahatalim
    ماتروس
    دەرىجىسى : 5
    جۇغلانما نۇمۇر : 312
    343570643@qq.com

    يازما سانى : 334
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-8-30 0:00:00
    ھازىر توردا : بار
    قەھۋەنىڭ شىپالىق رولى

    قەھۋەنىڭ شىپالىق رولى

     

          قەھۋە مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى قوزغىتىش، يۈرەكنى كۈچلەندۈرۈش تەسىرىگە ئىگە بولغاچقا، ناركوز دورىلىرى، ئۇخلاتقۇچى دورىلاردىن زەھەرلەنگەنلەرگە كۈندە بەش ئىستاكانغىچە ئىچىملىك ئورنىدا بەرسە ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.
      ياشلار مۇۋاپىق مىقداردا قەھۋە ئىچىپ بەرسە، كۆڭۈلنى كۆتۈرۈپ، كەيپىياتنى تەڭشەيدۇ. قەۋەنى ئۇزۇن مۇددەت مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە ئادەمنى تېتىكلەشتۈرۈپ، ياشارتىدۇ، بالدۇر قېرىشتىن ساقلايدۇ. ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى تەتقىقاتىدا، دائىم مۇۋاپىق مىقداردا قەھۋە ئىچىپ بەرسە ئاشقازان، جىگەر راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان.
      ئۈچ گرام قەھۋە تالقىنىنى 30 گرام سۇيۇق ھەسەل بىلەن قوشۇپ دورا تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 11گرامدىن يەپ بەرسە، ھۆل سوغۇقتىن بولغان يۆتەلگە شىپا بولىدۇ. يېرىم ياكى بىر گرام ساپ قەھۋە تالقىنىدىن ئىككى- ئۈچ قېتىم كاپ ئەتسە، ھۆل سوغۇقتىن بولغان ئىچ سۈرۈشكە شىپا بولىدۇ.
      يازغۇچى، تەتقىقاتچىلار مۇۋاپىق مىقداردا قەھۋا ئىچىپ بەرسە خىزمەت ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. كېچىلىك ئىسمېنىدا ئىشلىگۈچىلەر، شوپۇرلار قەھۋە ئىچىپ مەشغۇلات قىلسا، ھەر خىل ھادىسىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ساياھەتكە چىققانلار، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلغۇچىلار بىر ئىستاكان قەھۋە ئىچىۋالسا ھارغىنلىقنى يەڭگىللىتىدۇ.
      قەھۋەنىڭ يۇقىرىقىدەك نۇرغۇن ياخشى شىپالىق تەسىرلىرى بولسىمۇ تۆۋەندىكىلەرگە دېققەت قىلىش لازىم: ئۇيقۇسى ئازلار قەھۋە ئىچمەسلىكى، بولۇپمۇ كەچلىكى ئىچمەسلىكى لازىم. ھامىلدارلار قەھۋە ئىچمەسلىكى لازىم. بەزى ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، قەھۋە ھامىلىنىڭ غەيرىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىدىكەن. قان بېسىمى زىيادە يۇقىرى كىشىلەر قەھۋە ئىچمەسلىكى كېرەك. قەھۋە ئىچكەندە ھاراق ئىچمەسلىك، تاماكا چەكمەسلىك كېرەك.
      قەھۋەنى كۈندە بىر- ئىككى ئىستاكان ئىچىش، ئۇزۇن مۇددەت كۆپ مىقداردا ئىچمەسلىك لازىم. كۈندە بەش ئىستاكاندىن كۆپ ئىچسە خۇمار پەيدا قىلىدۇ. ناشتىدىن بۇرۇن قەھۋە ئىچمەسلىك لازىم. ئانتىبىئوتىك دورىلار ۋە ئاشقازان يارىسىنى داۋالايدىغان دورىلارنى ئىچكەندىن كېيىن قەھۋە ئىچمەسلىك لازىم. بولمىسا ئاشقازاننى غىدىقلاپ بىئارام قىلىدۇ.

     

    كېلىش مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر :
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-10-12 5:11:45
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 325
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证