تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Ahatalim
    ماتروس
    دەرىجىسى : 5
    جۇغلانما نۇمۇر : 312
    343570643@qq.com

    يازما سانى : 334
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-8-30 0:00:00
    ھازىر توردا : بار
    ئاھ، تۇرمۇش!

    ئاھ، تۇرمۇش!
    (راست ئىشلار خاتىرىسى)

     

    _ سىڭلىم، يەنە بىر نەچچە كۈن تۇرۇڭە، ئەمدى كەتسىڭىز قاچاندا كېلەرسىز، _ ئاچام كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا قاراپ تۇراتتى.
        _ كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ ئاچا، پاشىلىرىڭىز تۈگىگەندە كېلەي، ھى... ھى... ھى ... _ مەن شۇنداق دەپ كۈلگەچ نەرسە-كېرەكلىرىمنى يىغىشتۇرۇشقا باشلىدىم. ئاچام ۋە بالىلىرىنىڭ شۇنچە تۇتقىنىغىمۇ قارىماي كەچكە يېقىن ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ يولغا چىقتىم. گەرچە ئاچامنىڭ قىيالمايۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ، لېكىن ئۆز ئۆيۈمنى تولىمۇ سېغىنغانىدىم. ئوغلۇمنىڭ شۇنداقلا ئۆزۈمنىڭمۇ پاشىغا يەم بولۇپ كەتكەنلىكىمنى كۆرسەم، ئۆيۈم، يۇرتۇم كۆزۈمگە تېخىمۇ ئۇز كۆرۈنۈپ كېتىۋاتاتتى.
      مانا بېكەتكىمۇ كەلدۇق، لېكىن تەلىيىمنىڭ كاجلىقىدىن ئۈرۈمچىگە بارىدىغان ئەڭ ئاخىرقى ئاپتۇبۇسمۇ كېتىپ قالغان ئىدى، جىيەنىم ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ:
       _ مانا قاراڭ، ئەمدىغۇ قايتىپ كېتىپ ئەتە ماڭارسىز؟_ دېدى. مەن يەنىلا جاھىللىق بىلەن:
       _ ياق! مەن بۈگۈن مۇشۇ يەردىن قانداقلا قىلسام، تاكسى كىرا قىلىپ بولسىمۇ كېتىمەن،_ دېدىم ئۇنىڭغا قاراپ. شۇنداق تۇرغىنىمىزدا بېكەت خىزمەتچىسى قېشىمىزغا كېلىپ:
       _ بۈگۈن ئۈرۈمچىگە بارىدىغان ئاپتوبۇس بۇ بېكەتتە قالمىدى، ئەگەر چوقۇم بۈگۈن ماڭىمەن دېسىڭىز، جەنۇبىي شىنجاڭ تەرەپتىن كەلگەن ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇستا ئولتۇرۇڭ، بۇنىڭ ئۈچۈن چوڭ تاشيولغا چىقىپ ساقلىشىڭىز كېرەك،_ دەپ مەسلىھەت بەردى.
        نەرسە-كېرەكلىرىمىزنى كۆتۈرۈپ، بىر تاكسىغا كىرا قىلىپ، يولغا چىقتۇق، تاكسى بىزنى دېگەن جايىمىزغا يەتكۈزۈپ قويۇپ كېتىپ قالدى، يەنە شۇنداق كۈتۈش... شۇ ئارىدا نامازشام بوپكەتتى، ئاپتۇبۇس كېلىشتىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى، «سۆڭەكلىك»پاشىلار نەشتىرىنى سانچىپ تېخىمۇ رەھىمسىزلىك بىلەن چېقىشقا باشلىدى، مەن جىلى بولغىنىمدىن ئوغلۇم ئىككىمىزنى چېقىۋاتقان پاشىلارنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئاۋارە بولاتتىم، ئاچامنىڭ ئوغلى بولسا قايتىپ كېتىشكە ئۈندەيتتى. قاراڭغۇ چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىشكە تەييارلاندۇق، توساتتىن بىر ئاق رەڭلىك  ماشىنا بىزدىن سەل نېرىغا بېرىپ توختىدى، ھەمدە ماشىنىدىن بىر ئايال چۈشۈپ ئۇدۇل ئالدىمغا كەلدى.
       _ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قەيەرگە بارماقچى ئىدىڭىز؟
       _ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئۈرۈمچىگە كەتمەكچى.
       ئايال ماڭا ۋە يېنىمدا خىيالىدا يوق ئۆزى بىلەن ئۆزى ئويۇنچۇق ئويناپ تۇرغان ئوغلۇمغا قارىۋەتكەندىن كېيىن:
       _ بۇ يەردە تۇرۇۋەرسىڭىز بالا قىينىلىپ قالمىسۇن، خالىسىڭىز مەن بىلەن بىللە مېڭىڭ، مەن ئالغاچ كېتەي._ دېدى. ئۇ مېنىڭ ئىككىلىنىپ تۇرغانلىقىمنى كۆرۈپ:
       _ ماشىنىدا مېنىڭمۇ 8 ياشقا كىرگەن شاھزادەم بار، بۇ ئىككىسى زېرىكمەي ماڭىدۇ يولدا، بۇ ئىنىمىز بىزگە ھەمرا بولىدىكەن مانا،_ دەپ جىيەنىمگە قاراپ قويدى.
       _ ھە، ياق! مەن بارمايمەن، مەن قېپقالىمەن! _ جىيەنىم خۇددى ئۇنى بىرسى سۆرەپ ماڭىدىغاندەكلا ئارقىغا داجىپ كەتتى، ئۇنىڭ بۇ قىلىقىدىن ھەممىمىز كۈلۈپ كەتتۇق. شۇنداق قىلىپ بۇ ناتونۇش ئايالنىڭ ماشىنىسىدا كېتىۋېلىش ئۈچۈن نەرسە-كېرەكلىرىمنى ماشىنىغا سېلىشقا باشلىدىم....

        يولدا كېتىۋاتىمىز، مەن كۆزلىرىمنى يۇمۇپ يېتىپ، ئارقا ئورۇندۇقتا پاراڭلىشىپ ئويناپ ئولتۇرغان ئىككى بالىمىزنىڭ پاراڭلىرىغا قۇلاق سالغاچ، يېنىمدىكى شوپۇر ئايالنى ئويلاپ كېتىۋاتاتتىم «توۋا، ئۆزى تولىمۇ چىرايلىق، ئەجەب كېلىشكەن چوكان ئىكەن، مۇشۇنچىۋالا ئېسىل ماشىنىنى ھەيدەپ ئۈرۈمچىگە قايتماقچى بولۇۋېتىپتۇ، بۇ تەرەپلەرگە تۇغقان يوقلاپ كەلگەن بولغىيمىتى...» شۇ ئارىدا يانفوننىڭ جىرىڭشىغان ئاۋازى خىيالىمنى بۇزدى. ئايال قولىغا ئېلىپ قاراپ قويۇپ، يەنە جايىغا قويۇپ قويدى. «قولى رولدا بولغاچقا، سۆزلەشمەي دەپ ئويلىدى، ئەجەب قائىدىلىك ئىكەن...» دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە ئۇنىڭغا قايىل بولۇپ. شۇ تەرىقىدە يانفون پات-پاتلا جىرىڭشىپ تۇردى، بەزىدە ئارىلاپ ئۇچۇرمۇ كېلەتتى، ئايال ھەممىلا قېتىمدا قاراپ قويۇپلا بولدى قىلاتتى. يانفون يەنە جىرىڭشىدى، بۇ قېتىم ئايال يانفوننى قولىغا ئالدى-دە، ماشىنىنى چەتكىرەك تارتىپ توختىتىپ، سۆزلىشىشكە باشلىدى.«ھە شۇنداقمۇ؟ بولدى، مەن ئۆزۈم پاراڭلىشاي، سىلەرنىڭ كارىڭلار بولمىسۇن!» ئايال گەپنى قىسقىلا قىلدى ھەمدە ماشىنىنى يەنە قوزغاتتى.
        شۇ تەرىقىدە يەنە يېرىم سائەتچە يول يۈرگەندىن كېيىن بىر كىچىك بازارغا يېتىپ كەلدۇق. ئاڭغىچە تۈن كېچە بولۇپ قالغانىدى، ئايال ماشىنىنى چەتكە تارتىپ توختىغاندىن كېيىن ماڭا قاراپ:
       _ خالىسىڭىز، مۇشۇ بازاردىكى بىرەر كىچىك مېھمانخانىدا دەم ئېلىپ ئەتە ماڭساقمىكىن، سەل ھېرىپ قالغاندەك تۇرىمەن،_ دېدى، مەن شۇئانلا قوشۇلدۇم، دېمىسىمۇ ئايالنىڭ كەيپىياتى تازا جايىدا ئەمەس، خىيالدىن نېرى كېلەلمەيۋاتقاندەكلا تۇراتتى، بۇنداق كەيپىياتتا ماشىنا ھەيدەشمۇ خەتەرلىك بولىدۇ-دە.
        بىز بىر كىچىك مېھمانخانىنى تېپىپ، ياتاق ئاچقۇزدۇق، بالىلار ئاللا بۇرۇن ئۇخلاپ قالغان ئىدى، ئۇلارنى كۆتۈرۈپ، يۆلەشتۈرۈپ دېگەندەك ياتاققا ئەكىرىپ ياتقۇزدۇق، بىزمۇ ئۇخلاش ئۈچۈن ياتتۇق، لېكىن ئايالنىڭ يانفونى جىرىڭشىشتىن توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى.
        ئاخىرى ئىچىم تىتىلداپ ئۇنىڭغا دېدىم:
        _ تېلېفوننى ئېلىڭە، يا بولمىسا ئېتىپلا قويۇڭ، ئىچىڭىز پۇشمىدىمۇ؟
        _ ئېتىپ قوياي ئەمىسە،_ ئۇ شۇنداق دېگەچ يانفوننى ئېتىپ تاشلاپ قويدى. لېكىن چىرايى بىراقلا ئەلەم تارتقاندەك ئۆزگىرىپ كەتتى. مەن ئوڭايسىزلانغاندەك بولۇپ:
        _ خالىمىسىڭىز ئېچىپ قويۇڭە بولمىسا، مەن پەقەت سىزنى دەم ئېلىۋالسۇن دېگەنىدىم، باشقىچە نىيىتىممۇ يوق، – دېدىم ۋە:
        _ كىم؟ ئەجەب تېل قىلىپ ھارمىدى،_ دەپ سوراپ قويدۇم.
        ئايال ماڭا قاراپ بىردەم تۇرۇۋەتكەندىن كېيىن، يانفوننى ماڭا ئۇزاتتى ھەمدە ئىچىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇپ بېقىشقا ئۈندىدى. «دىلنۇر، نېمىشقا تېلنى ئالمايسىز، تېز ئېلىڭ!»،«دىلنۇر، ئۆتۈنۈپ قالاي، تېلنى ئېلىڭ!»،«دىلنۇر، مېنى نېمە بولسۇن دەيسىز؟ نېمىشقا بۇنداق قىلىسىز؟ئۇچۇر بولسىمۇ قايتۇرۇڭ!»،«دىلنۇر، مەن ئۆتۈنۈپ قالاي، مەن بەكلا قىينىلىپ كېتىۋاتىمەن، تېز تېل قايتۇرۇڭ!».... ساپلا مۇشۇنداق مەزمۇندا ئۇچۇر ئىدى. مەن يانفوننى ئۇنىڭغا سۇنغاچ سورىدىم:
        _ بۇ كىم؟ يولدىشڭىزما؟
    ئۇ مىيىغىدا كۈلۈپ قويۇپ، مەيۇس ھالدا:
        _ ئەمەس،_ دېدى-دە،يانفونغا قاراپ ئۇزۇندىن-ئۇزۇن ئولتۇردى. مەن بۇ جاۋابنى ئاڭلاپ تولىمۇ قىزىقسىندىم. ئىككى بالىنى بىر كارىۋاتقا يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، ئايالنىڭ قېشىغا جايلاشتىم، ھەمدە ئۇنىڭغا:
       _ مەن بەكلا قىزىقىپ قېلىۋاتىمەن، ماڭا ئىشەنسىڭىز ئازراق بولسىمۇ دەپ بېرىڭ، بولامدۇ؟ ئۆزىڭىزمۇ يېنىكلەپ قالىسىز، قارىسام ئىچىڭىز بەكلا تىتىلداپ، بىئارام بولۇپ كېتىۋاتىسىز، بۇنداق بولسىڭىز، ئۆزىڭىزنىمۇ قىينايسىز، يەنە كېلىپ سىز ئەتە يەنە رول تۇتىسىز..._ دېدىم. ئۇ خۇددى مېنىڭ مۇشۇ گېپىمنى كۈتۈپ تۇرغاندەكلا، تۆكۈلۈپلا كەتتى، ئۇنىڭ كەلكۈندەك كېلىۋاتقان ياشلىرىنى كۆرۈپ، كۆڭلۈم بۇزۇلغىنىدىن مەنمۇ ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالمىدىم. ئۇنىڭغا تەسەللىي بەرگەچ، لۆڭگە ئېلىپ چىقىپ ياشلىرىنى ئېيتتىم ھەمدە ئۇنىڭ سۆزلىشىنى كۈتتۈم. ئۇ بىر ھازادىن كېيىن سۆزىنى باشلىدى...

       

      ئوغلۇم ئىشىكتىن يۈگۈرگەنچە كىرىپ كەلدى، قولىدا ئىمتىھان نەتىجىسى بار ئىدى.
         _ ئاپا قاراڭ، ئىككى پەندىكى نومۇرۇم دادامنىڭ دېگىنىدەك چىقتى، ئەمدى دادام ئىككىڭلار مېنى تەبرىكلەڭلار!_ ئوغلۇمنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىنى كۆرۈپ شۇنداق خۇش بولدۇم، دۇكاننى بالدۇرلا تاقاپ، ئوغلۇمنى خەلق مەيدانىغا ئاپىرىپ بىردەم ئوينىتىپ، ئۇنى-بۇنى ئەپ بېرىپ، ئۆيگە قايتىپ كەلدۇق ، ئۆيگە كەلگەندە سائەت 10 دىن ئاشقانىدى، ئوغلۇمغا ئەمدى ئارام ئېلىشنى ئېيتتىم، ئەمما ئۇ:
        _ ياق، دادام كەلسە، بۇ نەتىجەمنى كۆرسىتىپ ئاندىن ئۇخلايمەن!_ دەپ ئۇنىمىدى. دادىسىنىڭ بۇنداق ۋاقىتتا كەلمەيدىغانلىقىنى كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرسىمۇ، يەنىلا بالىنىڭ رايىغا بېرىپ ئارتۇق گەپ قىلمىدىم. بالام قولىدا ئىمتىھان نەتىجىسىنى تۇتقان ھالدا تېلېۋىزورغا قاراپ ئولتۇراتتى. سائەت 11دىن ئاشتى، ئىچىم تىتىلداپ بالىكونغا چىقىپ سىرتلارغا قاراپ تۇردۇم. شۇ ئەسنادا ھويلىغا يولدىشىمنىڭ ماشىنىسى كىرىپ كەلدى، ئۇ ئۆزى ماشىنىدىن چۈشۈپ، يەنە بىرەيلەنگە:«بۇ قىزلارنى ئۆيلىرىگە ئاپىرىپ قويۇپ، سەنمۇ دەم ئالغىن ئاداش!»دېدى-دە، ماشىنىنىڭ دەرىزىسىدىن بېشىنى تىقىپ، بىر نېمىلەرنى دەپ قويۇپ، شوپۇرغا مېڭىش ئىشارىتىدە قولىنى شىلتىپ قويۇپ ئۆيگە ماڭدى. ئۇ كىرگەندە ئوغلۇم قولىدىكى قەغەزلەرنى تۇتقانچە ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى. مېنىڭ تېخىچە ئۇخلىماي كىرېسلودا ئولتۇرغىنىمنى كۆرۈپ، چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ:
        _ تېخى ئۇخلىمىدىڭىزما؟ ئېلشاتچۇ؟ئۇخلاپ بولغاندۇ؟ تاماق يېدىڭلارما؟...
        _ ...
        _ مىجەزىڭىز يوقما؟
        _ ...
        ئۇ مەندىن جاۋاب چىقمىغانلىقىنى كۆرۈپ، جىمىپ قالدى ۋە بالىنى كۆتۈرۈپ ھوجرىسىغا ئەكىرىپ قويۇپ يېنىپ چىقتى. شۇ تاپتا ئۇنى كۆرۈپ، نەگە بارغانلىقىنى، ماشىنىسىدىكى كىملەر ئىكەنلىكىنى سورىغۇم كەلدى، ئەمما گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلمىدىم، ئۇمۇ خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك، يېتىشقا تەرەددۇتلاندى.
        _ ئېلشاتنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى ياخشى چىقىپتىكەن، سىزگە كۆرسىتىمەن دەپ ئولتۇرۇپ..._ گېپىمنىڭ ئاخىرىنى يۈتۈۋەتتىم.
        _ ھە،شۇنداقمۇ؟ بۇ گۇي ئەتە ماڭا بىر ۋېلسىپىت ئالغۇزىدىكەن-دە، ئۆتكەندە شۇنداق دېيىشكەنتۇق، ھى...ھى...ھى... _ ئۇ شۇنداق دەپ خىرىلداپ كۈلگەنچە كىيىملىرىنى سېلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ خالتىلىشىپ كەتكەن تېرىلىرى، يوغان قورساقلىرى كۆزۈمگە بىر قىسمىلا كۆرۈنۈپ كەتتى. ئۇ يېتىپ بولۇپ، مېنىڭ تېخىچە شۇ جايىمدا تۇرغىنىمنى كۆرۈپ ھەيران قالغاندەك تەلەپپۇزدا:
        _ يېتىڭە؟ نېمانداق ئولتۇرىسىز؟سائەت نەچچە بوپكەتتى ھازىر... _ دەپ غۇدۇراپ قويدى. ئىچىمدە«سائەتنىڭ نەچچە بوپ كەتكىنىنى بىلىدىكەن بولمىسا، شۇنداق دەپ تۇرۇپ ئۆزى شۇ كېچىگىچە نېمىش قىلىپ يۈرۈيدىكىنە...»دېگەنلەرنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزگەچ، يېتىشقا تەرەددۇتلاندىم. ئۇيقۇم پەقەت كەلمەيتتى، تۈنۈگۈنكى چايدىكى دوستلىرىمىزنىڭ پاراڭلىرى، ئوغلۇمنىڭ بايىقى دادىسىنى ساقلاشلىرى، بالىكوندىن كۆرگەن كۆرۈنۈش...لەرگە يولدىشىمنىڭ خورەكلىرى قوشۇلۇپ، تېخىمۇ بىئارام قىلىۋاتاتتى. خورەكلەرگە قۇلاق سالغاچ، تۈنۈگۈنكى چايدىكى پاراڭلارنى قايتىدىن ئەسلەپ ئۆتتۈم:
        _ ئېلىڭلار دوستلار، قاتتىق-قۇرۇق بولسىمۇ،_ ساھىبخان مېھمانلارنى تەكلىپ قىلغاچ، تەخسىمىزگە تاماق سالاتتى.
        _ ۋاي بولدى ئاداش، سوغۇق سەي سالما!
        _ ۋاي نېمە بوپسەن، سوغۇقۇڭ بەك ئېشىپ كەتكەن ئوخشىمامدۇ؟
        _ شۇنى دېمەمسىلەر، بۇ ئاداش بەك سۇغا چۈشۈپ، سوغىقى ئېشىپ كەتكەن بولسا كېرەك...
        پاراققىدە كۈلكە كۆتۈرۈلدى. ھېلىقى دوستىمىز قىلچە تەپتارتماستىن:
        _ شۇنى دېمەمسىلەر، بىزنىڭ ئالىم مۇشۇ كۈندە بەك قاۋانلىشىپ كېتىۋاتىدىغۇ تاڭ، كېچىسى ئۇيقۇ يوق ھازىر بىزگە،ھا...ھا...ھا...
        _ ھەي، سېنىڭ ئېرىڭلا ئەمەس، بىزنىڭمۇ ئەرلەرمۇ بوش ئەمەس جۇمۇ!كەچكىچە ئۇخلايدىغان كۆرۈپ قالما يەنە!
        _ شۇنى دېمەمسىلەر، بىزنىڭ ئەرلەرمۇ چىمپىيون!
        چوكانلارنىڭ ماختىنىشىپ تۇرۇپ ئېيتىشقان بۇ تېتىقسىز پاراڭلىرى گەرچە قۇلاققا ياقمىسىمۇ، زورىغا كۈلۈپ ئولتۇردۇم، ئارىدىن تۇرسىناي ماڭا قاراپ:
        _ دىلنۇرخان، شۈكلەپ كەتتۇققۇ؟ سىلىنىڭ ئەرنىڭ مىجەزى بوش ئوخشىمامدۇ؟_ دېۋىدى، پاراققىدە كۈلكە كۆتۈرۈلدى. ئاڭغىچە سالامەت:
        _ ھەي ھەي، بۇنىڭ قېرى ئېرىمۇ بوش ئەمەس، ئۆيىگە بارساق ھەر خىل دورا-دەرمەككە چىلاپ قويۇلغان نەچچە يىللىق قۇۋۋەت ئىچىملىك باركەن، ئەرلىكنى كۈچلەندۈرەرمىش!_ دەپ تېتىقسىز كۈلكىنى يەنە ئەۋجىگە چىقاردى.
        _ ئۆزى قېرى بولغاندىكىن، شۇنداق ئاماللارنى قىلىدىكەندە بۇ باشلىق! بوپتۇ ئاداش، كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما، ئەرلىكىنى كەڭ-كۇشادە ئىشلىتەلمىگەن بىلەن، پۇل-مېلىنى ھاردۇق چىققۇدەك ئىشلەتتىڭ!_ سالامەتنىڭ بۇ گېپىگە ئۇلاپلا، رېيھاننىڭ ئاغزى ئېچىلدى:
        _ بۇ قېرىۋاي مۇشۇنداق سەتەڭ، ياش خوتۇننى ئالغاندىكىن، كۈچىنى كۆرسەتسە بولىدۇ ئەسلى، قۇۋۋەت دورىسىنىڭ كۈچىنى تالادا شاپاقلارغا كۆرسىتىپ يۈرگۈچە!
        سورۇن جىمىپلا كەتتى،ھەممىسىلا ماڭا قارايتتى، مەن نېمە دېيىشىمنى بىلمەستىن رەيھانغا قاراپلا قالدىم. ئۇ ماڭا قارىۋېتىپ:
        _ خاپا بولمىغىن ئاداش! خەقنىڭ جىق گېپىنى ئاڭلاۋېرىپ، ئېرىڭ كۆزۈمگە غەلىتە كۆرۈنىدىغان بوپقالدىچۇ!
    ئۇھ... نېمە دېيىشنى بىلمىدىم، پەقەت ئېغىر تىنىپ قويۇپ، بەك كەچ بوپكەتكەنلىكىنى، ئوغلۇمنىڭ ئۆيدە يالغۇزلىقىنى باھانە قىلىپ سورۇندىن بالدۇر خوشلىشىپ يېنىپ كەلدىم....                
        مۇشۇنداق ئېگىز-پەس خىياللار بىلەن قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن.
        ئەتىسى ئەتىگەندە چايدىن كېيىن، يولدىشىم ئوغلۇمنى يېتىلەپ ئۇنىڭغا ۋەدە قىلغان ۋېلسىپىتنى ئېلىپ بەرگىلى چىقىپ كەتتى. مەن ئۇنىڭ ئالماشتۇرغان كىيىملىرىنى قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىغا ئەپچىقىپ بەرمەكچى بولۇپ، يانچۇقلىرىنى ئاختۇردۇم. ئاھ خۇدا!... ئۇنىڭ يانچۇقىدا گاندون بىلەن گاندون سېتىۋالغان تالون ۋە قايتۇرغان پارچە پۇللار تۇراتتى. پۇت-قوللىرىم مۇزلاپ، بېشىم قېيىپ يىقىلىپ قالغىلى تاسلا قالدىم. كىيىمنى دۇكانغا ئەپچىقىپ بېرىپ، قايتىپ كىرىپ كىرېسلودا ھاڭۋېقىپ ئولتۇردۇم. بىر چاغ بولغاندا، دادا-بالا ئىككىسى شۇنداق خۇشال ھالەتتە كىرىپ كەلدى. ئوغلۇم ئىشىكتىن كىرىپلا چۇۋۇرلاپ، ئۆزلىرىنىڭ بەك ئېسىل ۋېلسىپىت ئالغانلىقىنى، ئايىغىنى ئالماشتۇرۇپ چىقىپ ۋېلسىپىت ئوينىماقچى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرگەچ، باشقا ئاياغنى كىيىپ چىقىپ كەتتى. يولدىشىم مېنىڭ چىرايىمدىكى ئۆزگىرىشلەرنى بايقاپ، گەپ سورىماقچى بولۇپ ئاغزىنى ئۆمەللىدىيۇ، يېنىمدىكى ھېلىقى نەرسىلەرنى كۆرۈپ تۇرۇپلا قالدى.
        _ بۇ نېمە قىلىق!؟ نېمانداق نومۇس قىلمايسىز سىز!؟مېنى نېمە كۆرۈۋاتىسىز!؟ _ غەزەپتىن پۇتلىرىم مۇزلىغاندەك ھېس قىپكەتتىم.
        _ ...
        _ گەپ قىلىڭە، ئەجەب زۇۋانىڭىز تۇتۇلۇپ قالدىغۇ؟ سىزنىڭ بۇنداق پاسكىنچىلىقىڭىز قاچان تۈگەيدۇ زادى؟ مۇشۇنىڭ بىلەن نەچچە قېتىم بولدى، ھەر قېتىم ئەمدى قىلمايمەن دەپ ئالەمنىڭ ۋەدىسىنى قىلىسىز، يەنە ئۆزىڭىزنى بىلمەيسىز، سىز مېنى نېمە قىل دېمەكچى؟
    ئۇ ئاخىر زۇۋانغا كەلدى.
        _ كەچۈرۈڭ، مەن ھازىر سىزگە پەقەت مۇشۇ كەچۈرۈڭ دېگەن گەپتىن باشقا چۈشەنچە بېرەلمەيمەن.
        _ شۇنداقمۇ؟ چۈشەنچە بېرەلمەيسىز-ھە؟ سىزنىڭ ئىچىڭىز سىقىلمىغان بولسا، مەن چىدىمىدىم. ئەمدى بۇنداق ئۆيىڭىزدە ئۆزىڭىز تۇرۇڭ! مەن بەك زېرىكتىم. ماڭا مال-دۇنيادىن باشقا نەرسىمۇ لازىم.
        _ ئۇنداق قىلماڭ خوتۇن، مەن...
        _ خوتۇن دېمەڭ مېنى، مەن سىزدەك ئۆزىنى بىلمەيدىغان نومۇسسىزلارغا خوتۇن بولغۇم يوق!
        ئىشىكنى جاڭڭىدە يېپىپ يېنىپ چىقتىم، ئوغلۇم تالادا دوستلىرى بىلەن ئويناۋاتاتتى، يېنىدا بىردەم تۇرۇپ بېقىپ، دۇكانغا چىقىپ سىڭلىمغا يېقىندا كىرگۈزمەكچى بولغان ماللارنىڭ تىزىملىكىنى بېرىپ، دۇكانغا بىر نەچچە كۈن ياخشىراق قاراپ قويۇشنى تاپىلىدىم. ئۇ مېنىڭ چىرايىمدىكى خاپىلىقنى كۆرۈپ ئارتۇق گەپ-سۆزمۇ قىلمىدى.
    ئاڭغىچە چۈشمۇ بوپقالغان ئىدى، دۇكاندىلا تاماق ئەكىرگۈزۈپ غىزالانماقچى بولدۇق، سىڭلىم :
        _ غاپپاركامغا تاماق بۇيرۇتۇپ قويايمۇ ياكى تېل قىلىپ باقامسەن؟_ دەپ يانفوننى ئۇزاتتى. سىڭلىمنىڭ ئالدىدا چاندۇرماي ئۇنىڭ نومۇرىنى باستىم. بىراق ئۇ تېلنى ئالمىدى. كۆڭلۈمدە«مەندىن بەكرەك قېيداپ ئالماي كەتكىنىنى، بىراققۇ سىڭلىمنىڭ تېلېفۇنىنى ئېلىشى كېرەكتى...»دېگەنلەرنى خىيال قىلىپ ئولتۇرۇپ، تاماقتىن ئازراقلا يەپ قويۇپ ئۆيگە چىقتىم. ئاياغلىرىمنى سالغاچ چاي ئۈستىلىدە تۇرغان يانفونغا كۆزۈم چۈشتى،«ئۆيدە باركەندە، تېلنى ئالماي ئۇخلاۋاتقان بولسا كېرەك...»دېگەنلەرنى خىيال قىلىپ ھەممە يەرنى ئارىلاپ چىقتىم، ئەمما ئۇ يوق ئىدى، يانفونىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى جەزملەشتۈردۈم-دە، تۇيۇقسىز ئۇنىڭ يانفونىنى ئاختۇرۇپ بېقىش ئويىغا كەپقالدىم. قوبۇل قىلغان، قىلمىغان، ئۆزى باسقان نومۇرلار بولۇپ مەن تونۇمايدىغان نۇرغۇن نومۇرلار بار ئىدى. بۇلار بىلەن كارىم بولماي، ئۇچۇر ساندۇقلىرىنى كۆرۈپ باقتىم، ئاھ خۇدا، بۇ نېمە ئىش ئەمدى؟...
    «مېنى بەكلا سېغىندۇردىڭىز تاتلىقىم، سىزنى بەك كۆرگۈم كەلدى، سىز بەك ئوماق...»،«راستىنلا سېغىندىڭىزمۇ؟ بۇ ئۇچۇرىڭىزنى ئوقۇپ، ھازىرلا كەتكۈم كەپكەتتى، سىزنى مەنمۇ بەك سېغىندىم...»ساپلا مۇشۇ مەزمۇندىكى تېتىقسىز ئۇچۇرلار ئىدى.
       بايام چىقمىغان ئەلەملىك ياشلىرىم ئەمدى ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي تۆكۈلەتتى. كۆز ياشلىرىم تۆكۈلۈۋاتىدۇ، نەرسە-كېرەكلىرىمنى يىغىشتۇرۇۋاتىمەن، چامدانغا رەتلەپ، پەسكە چۈشتۈم-دە، ئوغلۇمنىڭ نەگە بارىمىز ئاپا؟ دېيىشلىرىگە جاۋابمۇ بەرمەستىن، ماشىنىنىڭ ئارقا ساندۇقىغا ئۇنىڭ يېڭى ۋېلسىپىتىنى، چامدانلىرىمنى سېلىپ ماشىنىنى ھەيدەپ قورۇدىن چىقتىم. نىشانسىز ھالدا ماشىنىنى ھەيدەپ يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولغا چىقىپ قالغىنىمنى سەزمەيلا قاپتىمەن. ئوغلۇمنىڭ قايتا-قايتا نەگە بېرىشىمىزنى سورىشىدىن كېيىن ئېسىمگە كېلىپ، تاغاڭنى يوقلاپ كېلىمىز دېدىم. ئوغلۇم خۇشاللىقتا ۋارقىرىپ كەتتى، ۋە:
        _ داداممۇ بارسا بوپتىكەن، تېل قىلايلىچۇ ئاپا..._ دېدى. مەن ئۈندىمىدىم، مېنىڭ چىرايىمغا قاراپ، بولۇپمۇ مېنىڭ ھەر قېتىم ئۇنىڭغا «مەن ماشىنا ھەيدەۋاتقاندا گەپنى ئاز قىل...»دېيىشىم سەۋەبىدىن ئارتۇق گەپ قىلمىدى.
         يولغا چىققىلىمۇ 5 سائەتتىن ئاشتى، ئەتراپقا ئاستا-ئاستا قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىدى. كۆڭلۈمدە بىرەر بازارغا يېتىپ بېرىپ، دەم ئېلىشنى ئويلاۋاتتىم، ماشىنا يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاش يولدا نورمال سۈرئەتتە كېتىۋاتاتتى، توساتتىن ماشىنىنىڭ ئوتى ئۆچتى...

        ئاپلا، ما كاشالنى! ماشىنىدا يا بىر ئەركىشى يوق، يا ئەتراپتا تېلېفۇن ئۇرۇدىغان جاي يوق. قېرىشقاندەك تېلېفونۇمنىڭمۇ توكى تۈگەپ ئۆچۈپ قالغانتى. ئوغلۇم بولسا ئۆيدىن ئېلىۋالغان بولكا بىلەن سوغۇق ئىچىملىك ئىچىپ يېتىپ ئۇخلاپ قالغان ئىدى. ماشىنىنى چەتكە تارتىپ، ئالدى-ئارقىغا بەلگە تاختا قويۇپ، ماشىنىدا ئولتۇردۇم. تەخمىنەن بىر سائەتلەردىن كېيىن توساتتىن بىر ماشىنا مېنىڭ ماشىنامنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ توختىتىدى-دە، ماشىنىدىن ئىككى ئەر كىشى چۈشۈپ قېشىمغا كەلدى. ئاڭغىچە مەنمۇ چۈشتۈم، تەلىيىمگە ئۇلار ئۇيغۇر ئىكەن.
        ـ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
        ـ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
        ـ ماشىنىدىن چاتاق چىققان ئوخشىمامدۇ؟
        ـ شۇنداق، ئوتى ئۆچۈپ قالدى.
        ـ قېنى بىز كۆرۈپ باقىلى،ـ ئۇلار شۇنداق دېگەچ ماشىنىنىڭ كاپوتكىسىنى ئېچىپ قاراپ باقتى ھەم بىر ھازادىن كېيىن:
        ـ بۇ ماشىنىنى رېمونتخانىغا ئاپارمىساق بولماپتۇ، سىز مېنىڭ ماشىنامغا چىقىپ ئولتۇرۇۋېلىڭ، بالىنى مەن كۆتۈرۈۋالاي، بۇ ھەمرايىم ماشىنىڭىزنىڭ رولىنى باشقۇرۇپ ماڭسۇن، ماشىنىنى سۆرەيمىز.
        ئۇ شۇنداق دېگەچ، مېنىڭ جاۋابىمنىمۇ كۈتمەستىن، ئۆزىلا بالىنى كۆتۈردى-دە، ماشىنىسى تەرەپكە قاراپ ماڭدى. مەنمۇ ئارتۇق تالاشمايلا ئەگەشتىم.
    ئاستا سۈرئەتتە كېتىۋاتىمىز، ھەر ئىككىمىز گەپ-سۆز قىلماي يېرىم سائەتچە ئولتۇرغاندىن كېيىن، مەن ئۆزۈم ئېغىز ئاچتىم:
        ـ رەھمەت جۇمۇ سىزگە، بايا بەك قورققانتىم، كېچىچە مۇشۇ يولدا قالارمەنمۇ دەپ.
        ـ ھېلىمۇ قورقمايدىكەنسىز،ـ ئۇ شۇنداق دەپ ماڭا قاراپ كۈلدى، شۇ چاغدا ئۇنىڭ چىرايىنى ئېنىق كۆردۈم، بۇغداي ئۆڭلۈك، يوغان كۆزلۈك، تولىمۇ كېلىشكەن 37~38ياشلاردىكى يىگىت ئىدى.
        ئۈندىمىدىم، ئۇنىڭ چىرايىغا قاراپلا كاللامغا كەلگەن گەپ-سۆزلىرىممۇ يوقاپ كەتكەن ئىدى.
        ـ قورسىقىڭىزمۇ ئاچقاندۇ؟ بايام ئېلىۋالغان سامسا بار، ئاۋۇ يالتىراقتا، ئېلىپ يېگەچ ئولتۇرۇڭ، ئۇسسىسىڭىز بوتۇلكىلىك ئىچىملىك بار.
        ـ ياق، بولدى، قورسىقىم ئاچمىدى.
        ـ ھەقىچان ئېچىپ ئۆتۈپ كەتكەندۇ، ياكى قورقۇپ كېتىپ ئاچقىنىنىمۇ بىلمەيۋاتقانسىز؟ ئەمىسە يېگۈڭىز كەلمىسە، ئوغلىڭىز بىلەن بىردەم ئارام ئېلىڭ، قاراڭ، بۇ شاھزادىنىڭ تاتلىق ئۇخلاپ كەتكىنىنى ھە راست، مېنىڭ ئىسمىم جۈرئەت، مەن ھازىر k شەھىرىگە كېتىۋاتىمەن، ئۆيۈم شۇ يەردە، سىزنىڭچۇ؟ ـ ئۇ شۇنداق دەپ ئۇدۇل ئەينەكتىن قاراپ قويدى.
        ـ مەنمۇ شۇ شەھەرگە كېتىۋاتىمەن. ئۆيۈم ئۈرۈمچىدە.
        دەسلەپ سەل قورۇنغاندەك قىلساممۇ، ئاستا-ئاستا كەيپىياتلىرىم ئەسلىگە كەپقالغاندەك، تېنچلىنىپ قالغانتىم.
        شۇ تەرىقىدە 1 سائەتچە ماڭغاندىن كېيىن، بىر بازارغا كەلدۇق. بىر نەچچە رېمونتخانىغا ئەكىرسەك، بۇ ماشىنىنىڭ زاپچاسلىرى بىزدە يوق، دەپ ياسىغىلى ئۇنىمىدى. ئاخىرى بىر رېمونتخانىدىكى 17 ياشلاردىكى ئوغۇل بالا، ماشىنىنى قويۇپ كېتىشىمىزنى، ئاكىسى ھېلىغىچە قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى، كەلسە كۆرۈپ باقسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن جۈرئەتكە قارىدىم، ئۇ:
        ـ ھە بوپتۇ ئەمىسە، بىز مۇشۇ يەردە دەم ئېلىپ، ئەتە ئېلىپ كېتىلى،_ دەپ ماڭا قاراپ قويدى.
        ـ بولىدۇ، ـ دېدىم مەن نائىلاج. مېنىڭچە بولسا، ھازىرلا ئوڭشاپ بەرسە، ھەيدەپ ئېلىپ كەتسەم.
        جۈرئەت ئالدىمدا بېرىپ، ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ تۇردى، مەن چىقىپ جايلىشىۋالغاندىن كېيىن، ھەمرايى ئالدى ئورۇندۇققا چىقتى-دە، ماڭدۇق.
    ئۇ شۇ ئەتراپتىن ئىككى كىشىلىك ياتاق ئالدى. بىز شۇ ياتاقلارغا ئورۇنلىشىپ ئارام ئېلىپ ئەتىسى ئوغلۇم بىلەن سىرتقا چىقسام، جۈرئەت ھېلىقى ھەمرايى بىلەن سىرتتا تۇرۇپتۇ، مېنى كۆرۈپ تېزلا ئالدىمغا كەلدى-دە، ئوغلۇمنىڭ قولىدىن تارتىپ تۇرۇپ:
        ـ ئۇيقۇڭغا قاندىڭمۇ شاھزادە؟ـ دەپ ئۇنىڭ يۈزىنى سىلاپ قويدى، ئوغلۇم سەل تارتىنغاندەك بولۇپ، گەپ قىلغىلى ئۇنىمىدى. جۈرئەت:
        ـ ئەجەب تارتىنچاقكەن بۇ يىگىت، ئوغۇل بالا دېگەن قېلىنراق بولىدىغان،ـ دەپ كۈلۈپ كەتتى ھەم ماڭا :
        ـ جۈرۈڭ، ئاۋال تاماق يەيلى، سىزنى ساقلاپ قورساق ئېچىپ، ئۈچەيلەر تارتىشىپ كەتتى،ـ دېدى.
        بىللە ئەتىگەنلىك تاماقخانىدا غىزالاندۇق.تاماقتىن كېيىن رېمونتخانىغا باردۇق، قېرىشقاندەك ئۇلار تېخىچە دۇكاننى ئاچمىغانىدى، بىردەم ساقلىغاندىن كېيىن، ئاخشامقى بالا مايلىشىپ كەتكەن كىيىملىرى بىلەن دۇكاننىڭ ئىشىكلىرىنى ئاچتى. ئۇ بالا بىزگە قاراپ:
        ـ ئاخشام ئاكام بەك كەچ كەلدى، ھازىر ئۇخلاۋاتىدۇ. مەن ئويغۇتاي.ـ دېدى-دە، ئاكىسىنى ئويغاتقىلى كىرىپ كەتتى، بىر ۋاق بولغاندا ئاكىسى چىقتى، ئاكىسىنىڭ دېيىشىچە ئۇ ماشىنىنى ئاخشام كۆرۈپتۇ، بۇنىڭ زاپچاسلىرىنى چوقۇم شەھەرگە كىرىپ ئەپچىقىدىكەن، شۇڭا بۈگۈن بۇ ماشىنا قولدىن چىقمايدىكەن، ئەتىسى كېلىپ ئەكىتىشىم كېرەككەن.
        جۈرئەت ماڭا قاراپ:
        ـ ئەمدى بۇ ماشىنىنى بېقىپ بۇ يەردە يېتىۋەرسىڭىزمۇ بولمايدۇ، k شەھىرىگە 4 سائەتلىك يول قالدى، بىز كېتىۋىرىلى، ماشىنىنى ياخشى ئوڭشاپ بولغاندىن كېيىن، تېل قىلسا ئالغىلى كېلەيلى._ دېدى. ئاڭغىچە رېمونتچمۇ شۇنداق قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
    شۇنداق قىلىپ يەنە يولغا چىقتۇق.  k شەھىرىگىمۇ يېتىپ كەلدۇق، ھېلىقى ھەمرايى يول بويىدىلا چۈشۈپ قالدى، مەن جۈرئەت بىلەن شەھەر ئىچىگە قاراپ ماڭدۇق، مېنىڭ كۆرسەتكەن يولۇم بىلەن كېتىۋاتقان جۈرئەت بىر چاغدا ماڭا قاراپ:
         ـ مېنىڭ ئۆيۈمگە بارمايدىغانسىز؟ نېمانداق مېنىڭ ئادرېسىم بويىچە يول كۆرسىتىسىزغۇ؟ _ دەپ كۈلۈپ كەتتى. مەنمۇ ئۇنىڭ چاقچىقىغا يارىشا:
        ـ ئۆيىڭىزگە مېنى باشلاپ كىرسىڭىز، ئايالىڭىز نېمە كۈنلەرنى كۆرسىتىۋېتەر؟-دەپ چاقچاق بىلەن جاۋاب قايتۇردۇم، ئۇ مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ ئۈندىمىدى.
    ئۇنىڭ جاۋاب قايتۇرمىغىنىنى كۆرۈپ، بىر قىسمىلا بوپقالدىم. ئاڭغىچە ئاكام، ئاچاملار بار ئەتراپقا كەپقالدىم، ئەمدى يولنى دەپ بېرەي دەپ بولغىچە، شۇ يولغىلا ئەگىلىپ ماڭدى.
        ـ توۋا، ئۆزىڭىز بىلىپلا ماڭدىڭىزغۇ؟
        ـ بىلىپ بولدۇم، سىزنىڭ كىملەرنىڭ سىڭلىسى ئىكەنلىكىڭىزنى،چىچەنمىكەنمەن؟ ـ ئۇ شۇنداق دەپ ئالدى ئەينەكتىن قاراپ كۆزىنى قىسىپ قويدى، ئۇنىڭ مۇنداقلا قىپقويغان چاقچىقىدىن يۈرىكىم جىغغىدە قىلىپ كەتتى.
        ـ مەھەللىمىزدىكى تۇرسۇنكام بىلەن گۈلنار ئاچامنىڭ سىڭلىسى ئىكەنسىز، ئۇلارنىڭ ئۈرۈمچىدە سىزدەك سىڭلىسى بارلىقىنى ئانچە-مۇنچە ئاڭلىغان، مەن تېخى سىزنى چوڭراق ئايالمىكىن دەپتىكەنمەن.
        ـ ھېلىمۇ كىچىك ئەمەس مەن، 35كە كىردىم.
        ـ مەندىن 3ياش كىچىككەنسىز، بىراق بەك ياش كۆرۈنىدىكەنسىز.
        ـ ھە...
        شۇ پاراڭلار بىلەن ئاكامنىڭ ئىشىك ئالدىغىمۇ كەپقالدىم. ئۇ ئالدىراپ ماشىنىدىن چۈشۈپ، ئىشىكنى ئېچىپ تۇردى، مەن چۈشۈۋالغاندىن كېيىن، نەرسە-كېرەكلىرىمنى، ئوغلۇمنىڭ ۋېلسىپىتىنى ئېلىپ چۈشۈرۈپ، ھويلىغا ئەكىرىشىپ بەردى، ئاكام ۋە بالا-چاقىلىرى، يەڭگەم ھەيرانلىقتىن چۇرقۇرۇشۇپ كەتتى. تېنچ-ئامانلىق سوراشقاندىن كېيىن، ئاكام ماشىنىسىنى قوزغىتىشقا تەييار بولغان جۈرئەتنى ئۆيگە تەكلىپ قىلدى.
        ـ جۈرۈڭ ئۇكام، ئۆيگە كىرىپ چاي-پاي ئىچىپ مېڭىڭ، سىزنىڭ بۇ يەرلەرگە كەلمىكىڭىز ئۇنداق ئوڭاي ئەمەس.
        ـ بولدى ئاكا، كېيىنچە كېلەرمەن، ئانام ساقلاپ ئولتۇرىدۇ مېنى، بايامدىن بېرى نەچچە قېتىم تېلېفون قىلىپ بولدى، ئۆيگە باراي.
        ـ ماقۇل ئەمىسە، خوش، ئاللاغا ئامانەت!
        ـ ئاللاغا ئامانەت!
        ئۇ ئاخىرقى قېتىم ماڭا بىر قاراپ كۈلۈمسىرەپ قويغاندىن كېيىن، ماشىنىنى قوزغىتىپ كېتىپ قالدى.

       ئۆيگە قايتىپ كىرگەن ئاكام ئوغلۇمنى ئەركىلەتكەچ، مەندىن:
        _ سەن قانداق بولۇپ، جۈرئەتجاننىڭ...؟ _ ئۇ گېپىنىڭ ئاخىرىنى يۈتۈۋەتتى، مەن كۈلۈپ كېتىپ، يولدا ماشىنا بۇزۇلۇپ قالغان ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى جەريانلارنى ئاكامغا سۆزلەپ بەردىم، شۇ ئەسنادا چاي دەملەپ چىققان يەڭگەم پىيالىلەرگە چاي قۇيغاچ كۈلۈپ تۇرۇپ:
        _ بۇ بالىنىڭ بىزنىڭ ئىشىكلەرگە كەپ قېلىشى ھەيران قالارلىق ئىش، شۇڭا ئاكىڭىز سوراۋاتىدۇ. بۇ بالا بەك ئېسىل، ئاپىسى دەناخاچاممۇ بەك ئېسىل ئايال. بىراقزە... _ ئۇ شۇنداق دەپ ئاكامغا قاراپ قويدى.
        ئاكامنىڭ ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ گېپىنى قىلسا خاپا بولىدىغان مىجەزى بار ئىدى، شۇڭا يەڭگەم گەپنىڭ ئاخىرىنى يۈتۈۋەتتى.
        ئاكام سىرتقا چىقىپ كەتكەندە يەڭگەمدىن سورىدىم:
        _ بايا جۈرئەتجان توغرىلىق پاراڭ سېلىۋېتىپ، توختاپ قالدىڭىز، ئاخىرىنى ئەمدى دەڭا.
        _ بىراق، خوتۇندىن تەلىيى كەلمىدى بۇ بىچارىنىڭ. ئايالى بىر باينىڭ قىزى. ئۆزىمۇ چىرايلىق. ئەممازە بەك ھاكاۋۇر، جۈرئەتجاندىن 5 ياش چوڭ بولغىنىغا قارىماي، ئۇنىڭغا دائىم ھاكاۋۇرلۇق قىلىدىكەن. بىزلەرگىغۇ قاراپمۇ قويمايدۇ. خۇلۇم-خوشنىلىرى بىلەنمۇ ھەرگىز چىقىش-كىرىش قىلمايدىكەن، بۇ چوكاننىڭ ئارىلىشىدىغانلىرى ساپلا شۇ بايلار، باشلىقلارنىڭ خوتۇن-قىزلىرى. ئۈرۈمچىدە، قەشقەردە چاي ئوينايدىكەن. جۈرئەتجاننىڭ مۇشۇ ئانىسىلا بار، بۇ بالىمۇ بىر ئوغۇل. جۈرئەتجاننىڭ خوتۇنى قېينانىسىنى پەقەت كۆزگە ئىلمايدۇ. ئانىسى ئايرىم قورۇدا يالغۇز ئولتۇرىدۇ، بەزىدە ئاغرىپ يېتىپ قالسا، مۇشۇ جۈرئەتجاننىڭ تاماق توشۇپ، يېنىدا ھەمرا بولغىنىنى كۆرىمەن، لېكىن بۇ ئايالى پەقەت كىرگىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم. مۇشۇ يېقىندا جۈرئەتجان 3 ياشلىق قىزىنى يېتىلەپ، ئاپىسىنىڭ قېشىغا كىرىپتىكەن، موماي بۇ نەۋرىسىگە مەستلىكى كېلىپ، ئۆزى قولىدا تىككەن جىلىتكىنى كەيدۈرۈپ قويۇپتۇ، ھەم نەچچە تال كۆكۋاش بېرىپتۇ، جۈرئەتجان ئانىسىنى قېشىدا تۇرغۇزغۇسى باركەنمۇ دەيمەن، ئانىسىنى ئېلىپ ھەشەمەتلىك قورۇسىغا ئەمدى كىرىشىگە، ئالدىغا يۈگۈرۈپ چىققان ئايالى قېينانىسىغا قاراپمۇ قويماستىن، بالىنىڭ ئۇچىسىدىكى جىلىتكىنى ھەم كۆكۋاشنى ئېلىپلا تاشلىۋېتىپتۇ، ھەم قىزىغا:
         _ ئەمدى مۇشۇنداق سەھرا چىراي نەرسىلەرنى تۇتىدىغان بولساڭ، قولۇڭنى چېقىۋېتىمەن! _ دەپ ۋارقىراپتىكەن،دەناخاچام شۇ جايىدىلا يىقىلىپ قاپتۇ. بۇنى كۆرگەن جۈرئەتجان خوتۇنىغا:
         _ بۈگۈندىن باشلاپ بۇ ئۆيگە دەسسىمەيمەن!_ دەپلا ئانىسىنى دەس كۆتۈرۈپ دوختۇرغا چېپىپتۇ. شۇ خاپىلىقتىن كېيىن، جۈرئەتجان راستىنلا ئۇ ئۆيىگە بارمىدى، ھازىر ئانىسى بىلەن بىللە تۇرۇۋاتىدۇ. خوتۇننىڭ ئاتا-ئانىسى قىزىدا گۇناھ قويۇپ، جۈرئەتجانغا ئادەم ئەۋەتتى، لېكىن بۇ بالا رەت قىلىپ زادىلا ئۇنىمىدى...
         بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم، توۋا، مانداقمۇ كېلىنلەر بولىدىكىنا؟ بىزلەر باقايلى دېسەكمۇ قېيناپا يوق!
         شۇنداق قىلىپ ئاكامنىڭ ئۆيىدە ۋە مۇشۇ مەھەللىنىڭ بېشىدىكى ئاچامنىڭ ئۆيلىرىدە مېھمان بولۇپ يۈردۈم. ئوغلۇم مۇشۇ ئۆيدىكى نەۋرە بىر تۇغقانلىرى بىلەن خۇشال-خورام ئوينىماقتا ئىدى. يولدىشىممۇ مەن ھېلىقى بازاردا قونغان كۈننىڭ ئەتىسى ئەتىگەندە تېلېفون قىپتىكەن، ئوغلۇمغا تۇتقۇزۇپ قويغانىدىم. ھازىرمۇ ئانچە-مۇنچە تېلېفون قىلىدۇ، ئوغلۇم بىلەن پاراڭلىشىپ بولۇپ، تېلېفوننى ماڭا بېرىشنى بۇيرۇيدۇ، لېكىن پەقەت سۆزلەشكۈم يوق ، ھەر قېتىمدا تېلېفوننى بېسىۋېتىپلا قۇتۇلىمەن.
        ئارىدىن 3 كۈن ئۆتكەندە ھېلىقى رېمونتچى تېلېفون قىپتۇ، ئۇنىڭ دېيىشىچە، شەھەردىن ئەكىرگەن زاپچاس يەنىلا توغرا كەلمەپتۇ، چوقۇم ئۈرۈمچىدىن ئەكىلىشىمىز زۆرۈركەن، ئەمما ئۆزىنىڭ پەقەتلا ۋاقتى يوق بولغاچقا، مەن ئۆزۈم ئەپكېلىشىم كېرەككەن. ئۇنىڭغا بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ۋاقىت چىقىرىپ، بارىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم.
      

      ئەتىگەندىلا ھويلىدىن چىقىۋاتقان پاراڭلارنى ئاڭلاپ قاراپ بېقىش ئۈچۈن ئۆيدىن چىقتىم، ھويلىدا جۈرئەتجان قولىدا بىر بوتۇلكا قايماق تۇتۇپ تۇراتتى. سالاملاشتۇق. ئۇ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن يەڭگەم:
         _ بۇ بالا ئانىسىغا بەك كۆيۈنىدۇ جۇمۇ، تۈنۈگۈن كىرىپ قايماق بۇيرۇتۇپ قويۇپ چىقىپ كەتكەن، شۇڭا بۈگۈن تەييارلاپ قويسام، ئەتىگەندىلا كىرىپتۇ.
         _ تۈنۈگۈن مەن ئەجەب كۆرمەپتىمىنا؟
         _ ھە، تۈنۈگۈن سىز گۈلنارنىڭ ئۆيىدىكى چېغىڭىزدا كىرگەن، سىزنى سورىدى.
         _ ھە..._ دەپ قويدۇم جاۋابەن.
         كەچلىك تاماقتىن كېيىن سىرتقا چىقىپ بىردەم ئولتۇردۇم، نېرىدىن كېلىۋاتقان ماشىنا جۈرئەتنىڭ ماشىنىسىغا ئوخشاۋاتاتتى، راست دېگەندەكلا ئالدىمغا كېلىپ توختىغان ماشىنىدىن جۈرئەت چۈشتى، قولىدا قايماق ئېلىپ كەتكەن قۇرۇق بوتۇلكا ۋە ئازراق يېمەكلىكلەر تۇراتتى، سالاملاشقاندىن كېيىن قولىدىكى نەرسىلەرنى ماڭا سۇنغاچ:
        _ بوتۇلكىنى بىكارلاپ ئېلىپ كەلدىم، ماۋۇ يېمەكلىكلەرنى ئوغلىڭىز بىلەن تۇرسۇنكامنىڭ بالىلىرى يېسۇن.
        _ نېمانچە ئاۋارە بولارتىڭىز، بۇنداق بوتۇلكا ئۆيدە كۆپ تۇرسا...
        _ ئاۋارە بولغۇدەك ئىش ئەمەس، ھە راست، رېمونتچى تېل قىلدىمۇ؟
        _ ھەئە تېل قىلدى.
        _ ماڭىمۇ تېل قىپتىكەن، مەن، نەچچە كۈندىن كېيىن ۋاقىت چىقىرىپ بارايلى، دېدىم.
        _ مەنمۇ شۇنداق دەپتىمەن، ئەجەب ئوخشاش دەپتۇق-ھە؟ خۇددى دېيشىۋالغاندەك.
        _ دېيىشىۋالساقمۇ بولاتتى، لېكىن سىزنىڭ كارىڭىز بولمايۋاتىدىغۇ تاڭ، خۇددى سىزنىڭ ماشىنىڭىز ئەمەستەك..._ ئۇ شۇنداق دەپ كۈلۈپ كەتتى.
        _ نېمىشكىن، ماشىنىدىن رايىم يېنىپ قاپتۇ.
        _ كېچىدە بۇزۇلۇپ، يولدا قويغاچقا قورقۇپ قالغانسىز، ھېچقىسى يوق، ئۇنداق ئاسانلا رايىڭىز يانمىسۇن، تېلېفون نومۇرىڭىزنى كىرگۈزۈۋالاي، ماشىنىنى ئالغىلى بارغاندا، دېيىشىپ تۇرۇپ، بىللە بارايلى.
        _ ۋاي بولدى، سىزنى يەنە ئاۋارە قىلامدىم، ئاپتۇبۇسلۇق بېرىپ، ئۆزۈم ياندۇرۇپ كېلىمەن.
        _ بۇ يەردىنغۇ ئاپتۇبۇسلۇق بارارسىز، لېكىن زاپچاسنى ئەكىلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە بېرىپ، شۇ زاپچاسنى تېپىپ ئەكىلىش ئۈچۈن ماشىنا بولمسا قولايلىق بولمايدۇ.
        _ ئۇغۇ شۇ، بىراق...
        _ نېمە بىراق؟
        _ سىزنى بۇنداق ئاۋارە قىلىۋەرسەم بولماس، سىزمۇ ئالدىراش تۇرسىڭىز.
        _ ياق، مەن ھازىر ئانچە ئالدىراش ئەمەس، قولۇمدىكى ماللىرىم چېگرادىن ئۆتكەندە ئاندىن ئالدىراش بولىمەن. شۇڭا خاتىرجەم ھالدا ماشىنا لازىم بولسا تېل قىلىڭ، سىز ئۈچۈن ئەلا مۇلازىمەت قىلىمەن،_ ئۇ شۇنداق دەپ كۆزۈمگە قاراپ كۈلۈۋاتاتتى. توۋا، كۈلۈشلىرى، گەپ-سۆزلىرى ئەجەب يېقىملىقكىنا؟ مۇشۇنداق قاملاشقان ئەرنىڭ ئۆزىنى سۆيۈپ، ئاپىسىنى يامان كۆرىدىغان خوتۇنلارمۇ باركەن...
        شۇ خىياللارغا غەرق بولۇپ تۇرۇپ قاپتىمەن، ئاڭغىچە ماشىنىدا كىچىك بىر قىزنىڭ بېشى كۆرۈنگەندەك قىلدى، ئىتتىك بېرىپ قارىسام، بەك چىرايلىق بىر قىزچاق ئارقا ئورۇندۇقتىن يېڭىلا ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ ئولتۇرغان ئىدى.
        _ قىزىڭىزما؟
        _ شۇنداق.
        _ ئەجەب ئوماقكەن. چۈشۈڭە قىزىم، مەن سىزنى كۆرۈپ باقاي، _ دېدىم ئىشىكنى ئېچىپ. قىزچاقمۇ تارتىنماستىنلا قولۇمغا ئېسىلىپ ماشىنىدىن چۈشتى. خۇددى قونچاقلاردەك ياساپ قويۇلغان بۇ قىز راستىنلا بەكلا ئوماق ئىدى. كىچىككىنە قىزنىڭ بىلىكىدىكى ئالتۇن بىلەيزۇك، قۇلىقىدىكى ئالتۇن ھالقىنى كۆرۈپ كۈلگۈم كەلدى.
        _ ئەجەب ئوماقكەنسىز،قانچە ياشقا كىردىڭىز؟
        _ 3 ياشقا.
        _ يەسلىگە باردىڭىزمۇ؟
        _ ياق.
        _ مۇشۇ 9-ئايدا بېرەي دەۋاتىمەن،_ دېدى جۈرئەت قىزىغا قاراپ مەستلىكى كەلگەندەك قىياپەتتە، _ ئانامنىڭ قېشىدا تۇرسا، ئانام تازا بېقىپ بولالمايدىكەن.
        _ ئاپىسىچۇ؟_ جۈرئەتنىڭ چىرايىدىكى ئۆزگىرىشنى كۆرۈپ، گېپىمنى ئەپقاچالماي قالدىم،_ بەك ئالدىراش ئىشلىسە كېرەك، ھە بوپتۇ، يەسلىگە بەرسىڭىز ئاسانراق، ئۆزىمۇ كۆپ بالىلار بىلەن ئوينايدۇ.
        _ شۇنداق بولارمىكىن دەۋاتىمەن. ھە راست، ئوغلىڭىزنى ئېلىپ چىقىڭە، ئىككىسىنى باغچىغا ئاپىرىپ ئوينىتىپ كېلەيلى.
    توۋا، ئوغلۇمنى ئوينىتىشنى ئويلىدىممۇ، ياكى بۇ چىرايلىق ئوماق قىزچاققا مېھرىم چۈشۈپ قالدىمۇ، ئىشقىلىپ تارتىشمايلا ماقۇل دېدىم. ئوغلۇمنى ئاكامنىڭ كۆكتاتلىقىدىن تېپىپ چىقىپ، كىيىملىرىنى ئالماشتۇردۇم .
        ئوغلۇممۇ ئوينايدىغانلىقىنى ئاڭلاپ تولىمۇ خۇش بولدى، ماشىنىغا چىقىپ، كىچىك قىزچاقنى كۆرۈپ، ئۆزىچىلا كۈلۈپ كەتتى-دە، قۇلىقىمغا:
        _ ئاپا، بۇ قىزچاق ھېلىقى كىنودىكى كىچىك ھەيدىغا ئوخشايدىكىنا؟_ دەپ پىچىرلاپ قويدى. مەن كۈلگەچ، قىزچاقنىڭ چاچلىرىنى سىلاپ قويدۇم.
    مانا، باغچىغىمۇ يېتىپ كەلدۇق، ئادەم شۇنداق كۆپ ئىدى. ئازراقتىن ئۇششاق يېمەكلىك ۋە ئىچىملىك ئالغاندىن كېيىن، سالقىنراق بىر جاينى تاللىدۇق-دە، ماشىنىدىن بىر ئەدىيالنى چىقىرىپ سالدۇق. بۇ ئىككى بالا بىز بىلەن كارى بولماستىن، ئۆزلىرى خالىغانچە يۈگۈرۈپ ئويناشنى باشلىۋەتتى. مەن پات-پاتلا ئوغلۇمغا قىزچاققا كۆپرەك خەمخورلۇق قىلىشنى تاپىلايتتىم. مەن بۇ ئىككىسىگە قاراپ ئولتۇرۇپ، توساتتىن جۈرئەتنىڭ ماڭا تىكىلىپ ئولتۇرغىنىنى بايقاپ قالدىم-دە، ئوڭايسىزلانغىنىمدىن يېنىمدا تۇرغان بىر بوتۇلكا ئىچىملىكنى ئۇنىڭغا سۇنغاچ:
        _ بۇنى ئىچىڭە شۇنىڭ ئورنىغا، ماڭا بۇنداق قاراۋەرسىڭىز، كۆزىڭىز تېگىپ ئاغرىپ قالماي يەنە..._ دەپ كۈلۈپ قويدۇم.
        _ كۆزۈم تېگىپ ئاغرىتىپ قويسامغۇ ياخشى بولاتتى، دوختۇرخانىغا ئۆزۈم بىر قوللۇق ئاپىرىپ-ئەكىلىپ يۈرۈيتتىمدە.
        _ مېنى ئاپارماي، ئايالىڭىزنى ئاپىرىڭە بولدى، _ بۇ گەپنى ئاڭلاپ جۈرئەتنىڭ چىرايى بىردىنلا ئۆڭدى، ھەم شۇ ھامانلا:
        _ ئۇ پاراڭلارنى قىلىشمايلى، كەيپىياتىمىز ياخشى ۋاقتىدا!_ دېدى.
        _ ئۇنداقتا نېمە دېيىشىمىز؟
        _ دېيىشكۈدەك باشقا گەپلەرمۇ چىقار، لېكىن ئائىلىمىز توغرىلىق پاراڭ قىلىشمايلى بولدى.
        ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭمۇ مېنىڭ ئائىلەم توغرىلىق پاراڭ قىلىپ قېلىشىنى خالىمايتتىم، مەن ئۇنىڭغا نېمە دەيمەن؟ مەن ئۇنىڭغا«مېنىڭ ئېرىم شاپاقچى، توي قىلغان 10 يىلدىن بېرى نەق مەيداندا 13 قېتىم تۇتۇلۇپ قالدى، ئۇنداق پارچە-پۇرات ئۇچۇر ياكى تېلېفونلارغۇ ساماندەك...»دەمدىم؟ ياكى «ئۇنىڭدىن ئاجرىشىپ كېتىمەن،  ئاپام ھايات ۋاقتىدا مېنى زورلاپ بۇ ئەرگە بەرگەن، بىر نەچچە قېتىم ئاجرىشىپ كېتىشنى ئېيتسام، ئاپام مەندىن قايتا-قايتا ئۆتۈنگەن، شۇڭلاشقا مۇشۇ ۋاققىچە ئۆي تۇتۇۋاتىمەن، گەرچە ھەر قېتىم قىلىدىغاننى قىلىپ بولۇپ، بەكلا يالۋۇرۇپ، كۆزۈمگە قاراپ تۇرسىمۇ، قىممەت باھالىق نەرسە-كېرەكلەر بىلەن كۆڭلۈمنى ئۇتىمەن دېسىمۇ، لېكىن كۆڭلۈم پۈتۈنلەي سوۋۇپ كەتتى...»دەمدىم؟
        مۇشۇ خىياللار بىلەن بەند بولۇپ ئولتۇرۇپ بالىلارنىڭ يىراققا كەتكىنىنىمۇ تۇيماي قاپتىمەن، ئېسىمگە كېلىپ جۈرئەتكە قارىسام، ئۇمۇ خىيالغا چۆكۈپ كېتىپتۇ. مېنىڭ قاراۋاتقانلىقىمنى سېزىپ، بېشىنى كۆتۈردى ھەم تولىمۇ خىجالەتچىلىكتە:
        _ كەچۈرۈڭ، سوغۇق تېگىپ قويدۇم. ھەرگىز رەنجىمەڭ..._ دەپ ئۆزرىخالىق ئېيتتى. مەن كۈلۈپ قويدۇم ھەمدە سومكامدىن ناخشا قويغۇچنى ئېلىپ، بىردەم ناخشا قويۇپ قويدۇم.
        _ مەن بالىلارغا قارىۋېتىپ كېلەي، سىز مەن كەلگۈچە ناخشىنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلاپ بولماي، ماڭىمۇ ئازراق ئەپ قويارسىز، بولۇپمۇ تاشمۇھەممەتنىڭ «قورقىمەن»دېگەن ناخشىسىنى،_ ئۇ شۇنداق دەپ كۈلگەچ ئورنىدىن تۇرۇپ بالىلارنىڭ قېشىغا كەتتى. مەن ئامراق ناخشىغا بۇياقمۇ ئامراقكىنا،دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.
    ئالاھەزەل 5 مىنۇتلاردىن كېيىن جۈرئەت قايتىپ كەلدى.
        _ سەكرەپ ئوينايدىغان بىر ئويۇنخانىغا چىقىرىپ قويدۇم، شۇ يەردە ئويناۋاتىدۇ._ دەپ يېنىمغىراق كېلىپ ئولتۇردى. ئۆزۈمچە سەل بىئەپ ھېس قىلىپ، نېرىراق سۈرۈلدۇم. توۋا، شۇ ئەسنادا قاياقتىندۇر ئىككى كۇچۇك پەيدا بولۇپ، بىر-بىرىنى قوغلاشقانچە سەت قاۋاپ مەن تەرەپكە يۈگۈرۈپ كەلدى، قورققىنىمدىن جۈرئەتنىڭ بىلىكىنى چىڭ مىجىۋالغىنىمنى سەزمەي قاپتىمەن، ھېلىقى كۇچۇكلارمۇ ئەتراپىمىزدىن كەتمەي بىر-بىرى بىلەن ئېلىشقىلى تۇردى. بىر چاغ بولغاندا، ئۆزۈمنىڭ جۈرئەتكە چاپلىشىپ دېگۈدەك ئولتۇرۇپ قالغىنىمنى، جۈرئەتنىڭمۇ جىممىدە بولۇپ، مېنى چىڭ تۇتۇۋالغىنىنى سەزدىم-دە، دەرھال ئۇنىڭ قولىدىن ئاجراپ ئۆزۈمنى رۇسلىۋالدىم. جۈرئەتمۇ سەل ئېسىنى يىغقاندەك بولدى، ھەم تېخىچە ئېلىشىۋاتقان ھېلىقى كۇچۇكلارنى قوغلىۋەتتى.
        ھەر ئىككىمىز بىر پەس جىمىپ كەتتۇق، ئارىدىن بىرەر مىنۇتچە ئۆتكەندىن كېيىن، جۈرئەت دەسلەپ سۆز ئاچتى:
        _ بايام كېلىۋاتساملا، بۇ ئىككىسى ئاۋۇ يەردە ئېلىشىۋاتقانكەن، ھېلىلا يۈگۈرۈپ مۇشۇ يەرگە كەلمىسۇن دەپ، قېشىڭىزغىراق كېلىپ ئولتۇرغان، سىزنى ھەقىچان قورقايدۇ دەپ.
        _ راست، مەن بەك قورقىمەن، مۇشۇ قۇرتتىن تارتىپ، كالىغىچە ھەممىلا ھايۋانلاردىن قورقىمەن.
    جۈرئەت قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى، ھەم بىلىكىمدىن تارتىپ:
        _ قېشىمغىراق كېلىپ ئولتۇرۇڭ، ئاۋۇ ئولتۇرغان يېرىڭىزدە بايام قۇرت كۆردۈم._ دېدى. راست دېگەندەكلا سېلىپ قويغان ئايىغىمنىڭ يېنىدىلا بىر تال قۇرت تۇراتتى، تېنىمنى سۈر بېسىپ، تارتىشمايلا ئۇنىڭغا بويسۇندۇم. ئىككىمىز يېقىن ئولتۇرىمىز، ئۇنىڭدىن كېلىۋاتقان ئاجايىپ يېقىملىق پۇراق، يېقىن ئۇرۇلۇۋاتقان نەپسى،


     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : تۇرمۇش , راس ئىشلار
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-10-12 2:40:51
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 95
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证