تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-ئوبزور ›› خەلقچىللىق ئەدەبىيات-سەنئىتىمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    libasim
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 7
    badal@163.com
    295467579
    يازما سانى : 177
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-10-2 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    خەلقچىللىق ئەدەبىيات-سەنئىتىمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى

    خەلقچىللىق-- ئەدەبىيات-- سەنئىتىمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى

    ئەدەبىيات- سەنئەتنىڭ خەلىقچىللىقى- ماركىسىزىم- لېنىنىزىملىق ئەدەبىيات -سەنئەت نەزىريىسىدىكى مۇھىم ھەم مۇرەككەپ مەسىللىلەرنىڭ بىرى. شۇنداقلا، ئەدەبىي ئەسەرلەرنى باھالاشتىكى ئاساسىي پرىنسىپلارنىڭ بىرى،  بۇ مەسىلە ھەل قىلىنمىسا، ئەدەبىيات -سەنئەتنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى توغرا چۈشەنگىلى، ھەرقايسى دەۋىرلەردىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ قىممىتى ۋە رولىنى تولۇق شەرھىلىگىلى ھەم ئۇنىڭغا  مۇۋاپىق  باھاب بەرگىلى بولمايدۇ.
    ئەدەبىيات -سەنئەتتىكى خەلقچىللىقى خەلق دېگەن چۈشەنچىدىن ئارىلالمايدۇ، خەلقنىڭ دائىرىسى مەلۇن تارىخىي دەۋىردىكى ھەرقايسى سىنىپ ياكى تەبىقىلەرگە مەنسۈپ بولغان كىشىلەرنىڭ شۇ جەمئىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەر خىل ۋەزىپىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، ئوينىغان رولىغا قاراپ بەلگىلىنىدۇ.
    ھەر قايسى مەملىكەتلەرنىڭ ھەر بىر دەۋرىدە ئورۇنلىنىدىغان ۋەزىپىلىرى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، بۇ ۋەزىپىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچى ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ دائىرىسىمۇ ھەر دائىم ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ماركىسىزىم شۇنداق قارايدۇكى، تارىخنىڭ ئىگىسى خەلقتۇر. خەلق پەقەت بارلىق ماددىي بايلىقلارنى ئىشلەپچىقارغۇچىلارلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى بارلىق مەنىۋىي بايلىقلارنىمۇ ئىشلەپچىقارغۇچىلاردۇر. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ئەدەبىيات -سەنئەتنىڭ پۈتمەس- تۈگىمەس بۇلىغى. شۇڭا ئەدەبىيات -سەنئەتتىكى بارلىق ئۇتۇقلارنىڭ ھەممىسى ئالدى بىلەن ئاشۇ خەلققە مەنسۈپ.
    مەيلى چەتئەلدىكى، مەيلى ئىلىمىزدىكى بولسۇن بارلىق ئۇلۇغ سەنئەتكارلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ھەمممىسى خەلقنىڭ ئېغىز ئىجادىيىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. گومىرنىڭ ئۆلمەس قىسىسىلىرى، ئىلىمىزنىڭ تۇنجى شېئىر توپلىمى «شېئىرنامە»، پۇشكىننىڭ «يېۋگېنى-ئۇنېگېن» شېئىرىي رومانى، چۇيۈەننىڭ«جۇدالىق زارى»داستانى، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتاتقۇ بىلىگ» داستانى قاتارلىقلار. مانا بۇلار بارلىق ئۇلۇغ يازغۇچىلار، شائىرلار، كومپوزىتورلار ۋە سەنئەتكارلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتى، ئىلھاملىرىنىڭ مەنبەسى-خەلقنىڭ ھاياتى ۋە كۈرىشى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
    ئەدەبىيات -سەنئەتنىڭ خەلقچىللىقى مەسىلىسى ئەدەبىيات -سەنئەتنىڭ خەلق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى مەسىلىسىدۇر.
    خەلقچىللىققا ئىگە بولغان ئەدەبىيات -سەنئەت ئەسەرلىرى خەلقنىڭ تۇرمۇشى ۋە كۈرىشىنى چىنلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈشى، خەلقنىڭ ئىدىيىسى، ھېسىياتى، تەلىپى ۋە ئارزۇسىنى چوڭقۇر گەۋدۈلەندۈرۈشى، خەلق ئاممىسى چۈشىنەلەيدىغان ۋە ياخشى كۆرىدىغان بەدىئىي تىل ھەم شەكلىنى قوللىنىشى، خەلقنىڭ يۈكسەك ئىستەك، غايىسى بىلەن گۈزەل ئەخلاقىي پەزىلەتلىرىنى قىزغىن مەدىھىيىلىشى لازىم.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر :
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-10-7 14:54:23
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 352
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证