تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› تەرجىمە-تەرمىلەر ›› تەرجىمە-تەرمىلەر ›› بىر ياپونىيلىكنىڭ جۇڭگولۇقلارغا يازغان ئوچۇق خىتى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Ahatalim
    ماتروس
    دەرىجىسى : 5
    جۇغلانما نۇمۇر : 312
    343570643@qq.com

    يازما سانى : 334
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-8-30 0:00:00
    ھازىر توردا : بار
    بىر ياپونىيلىكنىڭ جۇڭگولۇقلارغا يازغان ئوچۇق خىتى

    بىر ياپونىيلىكنىڭ جۇڭگولۇقلارغا يازغان ئوچۇق خىتى

     

     

        مەن بىر ياپونىيىلىك ئەمما جۇڭگودا بەش ئالتە يىل تۇردۇم شۇڭا جۇڭگولىقلار ھەققىدە ئىككى كەلىمە سۆز قىلىشقا سالاھىيتىم بار دەپ ئويلايمەن .

    ياپونىيە بىلەن جۇڭگو بىر بىردىن يىراق ئەمەس لىكىن ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ پىسخىيكسدىكى پەرىق بە چوڭ .دەسلەپ جۇڭگوغا كەلگەندە بۇ يەرنىڭ ماڭا بەرگەن تەسىرى يامان ئەمەس ئىدى ،بىراق ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ نۇرغۇن ئەيىپ نوخسانلارنى كۆرۈشكە باشلىدىم يەنى جۇڭگولۇقلار قورقۇنچاق ،مالاي مىجەز ، خارەكتىرى ئاجىز ،كۆڭللىرى قۇرۇق ۋە مەنىسىز ،نەيرەڭۋاز بولۇپ باشقىلارنى ئەخمەق قىلىشقا تەييار تۇردىكەن .مىنى ھەمىدىن ھەيران قالدۇردىغىنى جۇڭگولىقلار ئۆز خەلقىغە شەپقەتسىز بولغان بىلەن  چەت ئەلىكلەرنى ئىزەتلەپ ئۇلارغا ياخشى مۇئامىيلە قىلىدىكەن . گەرچە دۆلەت مۇنقەرىز بولۇشقا ئوخشاش  پەۋقۇلادە قىيىن ئەھۋالدا جۇڭگولىقلار ئۆز ئىچىدىن بىرلىشەلىسىمۇ ئەمما بۇ بىرلىشىش ھالىتىدىمۇ ئۇلار تىغ ئۇچىنى ئىچىدىكى ئىختىلاپقا بەكىرەك قارتىدىكەن .ئىككىنچى دۇنيا ئۇرشىدىن كىيىن بىز ياپونلارنى كەچۇرگەن ،تۆلەم بىرىشنى كۆتۇرۋەتكەن ۋە  (ئۇ زاماندا جۇڭگودا تاشلىنىپ قالغان )ياپونىيلىك يىتىم بالىلارنى باققان جۇڭگولىقلارنىڭ مەدىنىيەت ئىنقىلاۋىدا بىر بىرىگە قىلغان يامانلىق ،رەھىمسىزلىگىنى چۇشىنىشمىز بەك تەس .

      مەنچە دۇنيادا ئۆز خەلقىغە سىلەردەك شەپقەتسىز باشقىلارنىڭ قىلغانلىرىغا سىلەردەك  سەۋىر تاقەت قىلىدىغان  ئىككىنچى بىر مىللەت يوق . سەمىيمى گەپنى قىلغاندا بىز ياپونلاردا سىلەرگە رەھمەت تەشككۇر تۇيغۇسى يوق پەقەت كالىمىز سىلەر ھەققىدە چۇشەنمەسلىك ۋە گۇمان سۇئاللار بىلەن تولغان .يەھۇدىلار گىرمانلارنى كەچۇرمىدى ئەمما ھازىرقى گىرمانىيە ئىسرائىلىيەنى ئوبدانلا ھۆرمەت قىلىدۇ .قىزىقارلىق يىرى سىلەر بىزنى كەچۇردىڭلار بىز ياپونلار سىلەرنى پەقەت كۆزگە ئىلمايمىز ھەتتا پەس كۆرىمىز  .بۇنىڭ سەۋەبى دەل ئۆزەڭلەر ،يەنى سىلەردە ئىنسانلىق جاسارىتى  ،ئادىمىيلىك خۇرىشى يوق ئادەمدە  بۇ نەرسىلەر بولمىسا باشقىلارغا ھەۋەس تۇيغىسى كۆتۇرىلىدۇ ئاقىۋەتتە يۇرىكىڭلارنىڭ ئىچىدىن  ئۆز ئۆزىڭلەرنى كەمسىتىلەر، چۆكۇرسىلەر .

    ئۆزەڭلەرنىڭ مەدىنىيەتلىك قەدىمى دۆلەت دەيسىلەر ئەمما سىلەردىن كەلگەن ئۇ مەدنىيەتنى سىلەر ياكى سىلەرنىڭ موزىيىڭلار ئەمەس بەلكى ياپونىيە،كورىيە ،سىنگوپور ھايات تۇتۇپ تۇرۋاتىدۇ. سىلەر تۆت كىتاپ بەش كالامنى كونا دەپ ئەخلاتخانىغا تاشلاپ يىپ يىڭى جەمىيەت بەرپا قىلماقچى بولدىڭلار ئەمما بىزدىن بەك ئىنىق بىلىسىلەر بۇ شۇئارلارنىڭ نەتىيجسىدە كۆرگىنىڭلار  ئىغىر چىرىكلىك(ئادەم ئالدايدىغان چىرىكلىك ھەممە يەردە بار سۆزىڭلەرنى نىرى ئاپىرىڭلار ) ،پۇل مالغا زىيادە بىرىلىش،جەمىيەتتە ئادالەت تويغىسىنىڭ ئۆلىشى بىلەن ھەمما يەرنى قاپلىغان ساختىپەزلىك بولدى .مەنچە بۇ مۇھىتتا ياشاۋاتقان جۇڭگولىقلارنىڭ ساپاسى 1895-يىلدىكىدىن قىلىشمايدۇ ...ئومومەن سىلەر چوقىنىدىغان ماركىس بۇ ئەھۋالنى كۆرسە ئىدى ئاچچىق يۇتتۇپ ئۆلۈپ قالاتتى . 

     

       جۇڭگو ھەقىيقەتەن چوڭ دۆلەت ئەمما بۇ ھىچ يەرگە ئوخشىمايدىغان غەلىيتە جاي  .سىلەر بىزنى سىياسى پاكارلار دەيسىلەر .سىلەرچۇ؟  ھەر  زامان غەرىپ دۇنياسى ئالدىدا پاسسىپ قوغدىنىش ھالىتىنى ساقلايسىلەر ،خاتالىقىڭلارنى ئوچۇق ئىتىراپ قىلالمايىسلەر .ئىقتىسادىمىز تىز تەرەققى قىلدى دەپ ماختىنىپ كىتىسىلەر بۇنىڭ بەدىلى قانداق بولدى ؟ ئۆزنىڭ  بايلىقىنى دەپسەندە قىلىش ،ئۆزىنىڭ ياشاۋاتقان مۇھىيىتىنى ۋەيران قىلىش ... سەنشى تارىختىن ئىقتىسادى  مۇھىم ئۆلكە ئىدى ھازىر ئۇنى قانداق ھالغا چۇشۇرۇپ قويدىڭلار ؟ ئۆزەڭلەرچە شاڭخەيدىن پەخىرلىنىپ كىتىسىلەر بولسا سەنشى ئۆلكىسىگە كىلىپ ئايلىنىپ كىتىڭلار شۇ چاغدىلا تارىخ بىلەن رىياللىق ئوتتۇرسىدىكى پەرىقنى بىلەلەيسىلەر (ھازىر جۇڭگونىڭ  GDPئارقىدىن سانىغاندا بىرىنچى )  .ئىسىت بىز ياپونلارغا شەنشى ئۆلكىسدەك (تارىخ مەنىگە ئىگە ) بىز زىمىن بىرىلسە ئىدى،ئۇنى ئىزەت ۋە ئىكرام  بىلەن تۆرىگە ئىلىپ سىلەرنىڭ شاڭخەي ۋە بىيجىڭدىن نوچى قىلىۋىتەتتۇق  .ئەقىلسىزلىق تە  بۇ !؟ شاڭخەي ۋە بىيجىڭ جۇڭگو زىمىنىنىڭ قانچىلىك قىسمىغا توغرا كىلىدۇ ؟ئۇ ئىككى شەھەردە يەنە قانچىلىك ئادەم بار ؟ سىلەردە  دىخانلارنىغا سىڭايان قارايدىغان ئىش بار ،900مىليون دىخاننىڭ ئىشى ئاقمىسا جۇڭگو زور مالىمانغا دۇچار بولىدۇ.بىيجىڭدا بىر بىچارە خوتۇن بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم ھۆكىمەت ئۇ خوتۇن تۇرغان يەردىكى خەقلەرنى شىنجاڭغا   كۆچۇرۇپتۇ شىنجاڭدا تۇرۇشنى خالىماي يىنىپ كەلگەن دىھقانلارنىڭ نوپسىى بىجىرىلمەي يىنىپ كەلگەن  يۇرتاشلار ھازىرغىچە  نوپوسىسىز سەرسان ئىكەن .

    سىلەر ھە دىسىە جۇڭگو باي بولۇپ كەتتى دەپ تەشۋىق قىلىسىلەر ئەمما دىھقانلار قانچىلىك باي ؟نىمىشقا  ئىشسىزلىق نىسپىتى داۋاملىق ئاشىدۇ؟    بۇ دۆلەتتىكى باي كەمبىغەنلەرنىڭ نىسپىتى قانداق ؟سىلەر ساختا شۆھرەتكە تولغان،ھەشەم ۋە ئىسراپخورلۇق ھەر يەرگە ھاكىم بولغان ئىگىز پەس ۋە تەڭشەلمىگەن قالايمىقان جەمىيتىڭلار  ھەققىدە ئويلانماي خىجىل بولماستىن ياپونىيە تۇگەشتى ،جۇڭگو ئامىرىكىن ئىشىپ چۇشىدىغان بولدى دەپ يۈرىيسىلەر. ھىم ئاران 20 يلدىن ئوشۇق ۋاقىت ئىچىۋىتىش سىياسىتى يۈرگىزدىڭلار...جىنىڭلارنى تىكىپ ئون يىل ئىشلىسەڭلەرمۇ ياپونىيە ئىقتساد جەملىمىسىنىڭ تۆتتىن بىرىگە تەڭ كىلەلمەيسىلەر .تىخى ئامىرىكىدىن ئىشىپ كىتەرمىش ،دۇنيا سىلەرگە پايدىسىز،ھالبۇكى ياپونىيە تۇزىلمىسىدكى ئەۋزەللىككى ،خەلقىنىڭ ئىستىداتى،غەرىپنىڭ ھە ھۇ دىيىشى بىلەن ئاخىرقى ھىساپتا ئورنىدىن تۇرۇپ ئالغا ئىلگىرلەپ كىتىۋىرىدۇ .لىكىن جۇڭگوچۇ ؟ غەيرى ۋە چوشىنىكسىز ئاڭ فورماتسىسى   بىلەن ئامىرىكا ۋە باشقا چوڭ دۆلەتلەر بىلەن بىر يەرگە كىلەلمەي قىقىلىپ سوقۇلۇپ يۇرگىنى يۇرگەن . جەمىيەت بىرلا قالايمىقان بولىدىغان بولسا ،ئىقتىساد گۈمۈرلەپ چۇشىدۇ .ئۇ چاغدا ئەتىراپتىكى دۆلەتلەر يۇگىرىپ كىلىپ ياردەم قىلارمۇ؟ ياق چۇنكى سىلەر باشقىلاردا  ئايرىم غەيرى  تەسىرات بىرىسىلەر .شۇڭلاشقا  ياپونىيە مەغلۇبىيەتكە يولۇقسا ئۆزىنى ئوڭشاپ كىتەلەيدۇ .ناۋادا جۇڭگو پالاكەتكە ئوچۇرسا بەش ئالتە پارچە بولۇپ كىتىدۇ .ئەتىراپتىكى دۆلەتلەرمۇ بۇ نەتىيجىدىن بىئارام بولمايدۇ .روسىيە سىلەرگە ياخشى بولسۈن دىمەيدۇ ،ھىندىستان سىلەرگە ئۆچ ،بىز سىلەرگە ئۆچ ، شەرقى جەنوبى ئاسىيا سىلەرگە ئۆچ .كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى سىلەرنىڭ موھىيتىڭلەر ناچار .مۇشۇنداق تۇرۇپمۇ سىلەردە تا ھازىرغىچە كىرزىس تۇيغۇسى يوق ھەممە ئىش جايىدا ھىس قىلىپ بىخارامان يۇرۋاتىسىلەر .بۇنى بىز  ھاماقەتلىك دەيمىز .

    بىز كورىيىلىكلەرنى ھۆرمەت قىلىمىز . ئۇلار يىگىت مىجەز ،گاڭگۇڭ كىشىلەر .ئۇلار بىلەن سۇركىلىىشپ قالساق پۇتۇن خەلقى قوزغىلىپ بىزنى تىلاپ ۋەتۋەرىكىمىزنى چىقىرۋىتىدۇ . جۇڭگو بىلەن زىدىيەت كۆرۈسلە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىڭلارنىڭ باياناتچىسى بىر نەچچە ئىغىز كاپىلداپلا  قويىدۇ .مانا بۇ پەرىقتۇر .كورىيەلىكلەر بىزگە ئۆچ لىكىن بىز بۇ رىقابەتچىنى ھۆرمەت قىلىمىز .سىلەرنىڭ بىزنى ياقتۇرۇپ ياقتۇرماسلىقىڭلار ئانچە مۇھىم ئەمەس .سىلەرنىڭ خۇلۇق مىجەزىڭلەر دۇنياغا جۇڭگولىقلارنىڭ جۇرئەتسىزلىگىنى ئاشكارلاپ قويدى .سىلەر بىزنى تارىخنى ئۇنىتتى يەي ، تارىخنى بۇرمىلىدى يەي دەپ قاخشايسىلەر .بۇ ئەستايىدىلىق بىلەن ئۆزەڭلەر يازغان تارىخ كىتاۋىغا قاراپ بىقىڭلار .بۇلار قانچىلىك ئىلمى؟ قانچىلىك توغرا ؟  نەنجىڭ قىرغىنچىقىنى سۇرەتكە ئالغاندا بەزىڭلەر نىمىشقا باسقۇنچىلىق كۆرىنىشلىرىنى ئالمايمىز دىيىشىپتۇ .غورورىڭلار شۇنچىلىك بولسا سىلەرنى كىم ئادەم قاتارىدا كۆرۈپ ئىتىۋارغا ئالىدۇ ؟ ئىقتىدارسىز بولساڭلار مەيلىغۇ ئامما غورورىڭلارنى بىر بۇلۇڭغا تاشلاپ قويىشىڭلار ئادەمنى ئەپسولاندۇرىدۇ. ئامىرىكىلىقلار بىزنىڭ ئەدىپىمىزنى بەردى بىراق بىز ئۇلاردىن نەپىرەتلەنمەيمىز ئەكسىنچە ئۇلارغا قول قويىمىز .بىز كورىينى بوزەك قىلدۇق ،لىكىن ھازىر ئولار ئىقتىسادى مۆجىزە ياراتتى .يىگىتتەك قىلىمەن دىگىنىنى قىلدى   شۇڭا بىز ئۇلارغا قايىل . قىنى جۇڭگولىقلار بىزگە سىلەرنى ھۆرمەت قىلىدىغان بىر سەۋەپ كۆرسىتىڭلار سىلەرنىمۇ ھۆرمەت قىلايلى .ياخشىراق ئويلاپ بىقىڭلار سىلەرنىڭ كاتتا مۇزىيڭىلار بار ،ئۇزۇن تارىخىڭلار بار ئەممە بىزنىڭ ئايىقىمىزغا يىقىلدىڭلار .نۇمۇس قىلمامسىلەر ؟ قۇمدەك چىچىلانغۇ جەمىيەتتىن پەقەت قۇمدەك چىچىلانغۇ ئادەم يىتىشىپ چىقىدۇ ،بىر چاغلاردا ئادەم ھۆرمەتلىگىدەك لۇشۇن كەبى ئادىمىڭلار  بار ئىدى ھازىر چىرىك ئەمەلدار ،پىسخىيكىسى قىلدىن ئاجىز زىيالى ،قۇرۇق شۆھرەنىڭ كەينىدىن تىمىسقىلاپ يۇردىغان مۇتەخەسىس-ئالىمىلاردىن باشقا نىمەڭلەر بار . نوبىل مۇكاپاتىغا يەرلىك نامزات يىتىشتۇرمىز دەپ يۇرىيتىڭلار نىمىشقىچە ھازىرغىچە يىتىشمىدى ؟  يەنە ئىيتاي جۇڭگولىقلارنى سىلەرنىڭ نەرىڭلەرنى ھۆرمەتلەيمىز ؟ ئۇن نەچچە مىليون يەھۇدىلار ھەم نەپەس ھەم نىيەت بولىشىپ ئالغا سىجىۋاتىدۇ سىلەر  بىر كارۋاتتا بولغان بىلەن قۇمدەك چىچىلىپ يۇرۋاتىسىلەر  بىز ياپونلار چىغىدا  دۆلىتىمىزنى قانداق قىلىپ مۇشاقەتتىن تارتىپ چىقىرمىز دەپ ئاۋارە يۇرۋاتساق سىلەر ئۇ يەردە ھىچ بىر ئىشتىن بىخەۋەر قاراپ تۇرۋاتىسىلەر.توۋا زىمىن سىلەرنى قانداق كۆتۇرۇپ تۇرۋاتقاندۇ ؟!؟  ،



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ياپونىيلىك , ئوچۇق خەت
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-10-7 2:02:34
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 468
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证