تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Ahatalim
    ماتروس
    دەرىجىسى : 5
    جۇغلانما نۇمۇر : 378
    343570643@qq.com

    يازما سانى : 334
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-8-30 0:00:00
    ھازىر توردا : بار
    سالام خەت

    سالام خەت

    ئاپتۇرى : ئوبۇلقاسىم

    ئوغلۇم، قانداق ئەھۋالىڭ؟ ئوبدان تۇرۇۋاتامسەن؟ ئالىي مەكيەپتىكى كۈنلىرىڭ قانداقراق؟ ئوقۇشلىرىڭچۇ؟ بىزلەردىن ئەھۋال سورىساڭ خۇداغا شۈكرى ئوبدان تۇرۇۋاتىمىز.

    ئۇزۇن بولدى خەت-ئالاقە قىلالمىدۇق. سەن ئوقۇشقا كەتكىلى ئۈچ يىل بولدى. دەسلەپكى يىللىرى خەت ئالاقىمىز خېلى كۆپ بولاتتى. بىزلەرمۇ خېتىڭنى كۆرۈپ، سەن بىلەن دىدارلاشقاندەك بولۇشاتتۇق. يېقىندىن بۇيان خېلى ئالدىراش بولۇۋاتقان ئوخشايسەن. ئالدىنقى خېتىڭدە بۇ تەتىلدە بارالمايمەن، تىل ئۆگەنمىسەم بولمايدۇ، دەپتىكەنسەن. ئەسلىدە دېققىتىڭنى چېچىپ قويماي دەپ، خەتمۇ يازماي دېگەنتىم. بىراق نېمە ئامال دەيسەن، بالام. بالا دېگەن يەنىلا تاتلىقكەن، سېغىندۇرىدىكەن. يېقىندىن بېرى كىنو-تېلۋىزورلاردىن ئىگىز-پەس خەۋەرلەرنى ئاڭلايدىغان بولۇپ قالدۇق. بەزى بالىلار چەت يېزىلاردىن شەھەرگە ئوقۇشقا بېرىپ ئەسكىرەپ كېتىۋاتقان، بەزىسى تىرىشىپ ئوقۇۋاتقان، يەنە بەزىسى ئۇنداق ياكى مۇنداق باھانىلەر بىلەن ئاتا-ئانىسىنى گوللاپ، تەتىللىرى ئۆيگە قايتماي، ئۆيدىكىلىرىگە ئوقۇش پۇللىرىنى مەكتەپ ئۆلچىمىدىن يۇقىرراق ئېيتىپ... دېگەندەك يوللار بىلەن سەھرادىكى توپىدىن، ئاددىي ئۆيلىرىدىن زېرىكىپ، خەقنىڭ يۇرتىدا بويۇن قىسىشىپ يۈرىدىغان، ھەتتا يامان ئىشلارغا ئارىلىشىپ قويۇپ ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا قالىدىغانلار كۆپىيىپ قاپتۇدەك.

    سەنغۇ كىچىكىڭدىن تارتىپلا ئەقىللىق، چېچەن ئىدىڭ. شۇڭا كىچىكىڭدىنلا ساڭا ئىشىنەتتىم. ھازىرمۇ ھەم شۇنداق. بولمىسا سېنى ئاللىقاچان ياندۇرۇپ كېلىپ ياكى ئوقۇتمايلا ئۆيدىكى «كەتمەن داشۆسى»گە بەرگەن بولاتتىم.  ئىشقىلىپ سەن ئۇنداق-مۇنداق بالىلاردىن ئەمەس. خۇدا خالىسا، چەت تىلىنى ياخشى ئۆگىنىپ، چەت ئەللەرگە چىقساڭ سېنىڭلا ئەمەس، مېنىڭمۇ يۈزۈم يورۇق بولىدۇ. تارتقان جاپالىرىمدىن ئاچقان چېچەكلەر مېۋىلىگەن بولىدۇ. ئىشىنىمەنكى، ئۆز ئارزۇيۇڭ ۋە بىزنىڭ ئۈمىدىمىز ئۈچۈن چوقۇم تىرىشالايسەن.

    يېقىندىن بۇيان سالامەتلىكىڭ ياخشىدۇ-ھە؟ رادىئو-تېلۋىزىيىدىن دورا ۋە ھەرخىل كېسەللىكلەرنىڭ ئىسىملىرىنى تولا ئاڭلاپ، سەندىن تېخىمۇ ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالدىم. ھەر ھالدا ئۆزۇڭگە دېققەت قىلغىن. يەيدىغان نەرسىلەرنى بايقاپىراق يېگىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىلگىرى ئاڭلاپ باقمايدىغان يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش دېگەندەك بىرنەرسىلەر چىققىلى تۇرۇپتۇ. بولمىسا، ئۆيدىن نان سېلىپ بېرەيلى. ئىشەنچىلىك بولىدۇ ئەمەسمۇ.

    پۇلۇڭ بارمۇ، بالام؟ بۇ قېتىم پۇل يەتكۈزۈپ بولغىچە ئازراق قىينىلىپ قالغىنىڭنى بىلىمەن. ھەممە يەردە مال باھاسى ئۆسۈپ كەتتى، بىراق شۇنچە قىلىپمۇ سېنىڭ تۇرمۇش پۇلۇڭنى ئۆستۈرۈپ، ۋاقتىدا ئەۋەتەلمەيۋاتىمەن. دوستلىرىڭ ئالدىدا بوينۇڭ قىسىلىپمۇ قالغاندۇ؟ بىرەرسىدە قەرزىڭ يوقتۇ-ھە؟ بولسا ۋاقتىدا ئېيتقىن. بولمىسا تېخىمۇ تەس كۈنگە قالىسەن. ئوغۇل بالىغا قەرزدارلىق ياراشمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەۋەتكەن بەش يۈز كوي تۇرمۇش پۇلى ئۆزۈڭگە ئاران يەتسە چوڭ گەپ تۇرسا، خەققە قەرز تۆلىشىڭگە نېمە ئاشىدۇ. بىرلا قېتىم قەرز بولساڭ ئۇنىڭدىن قۇتۇلمىغىڭ تەس بولىدۇ. ھەر ئايدا ئۇنىڭ ئىزىنى تولدۇرۇپ بولالمايسەن. يا مەن كۆپەيتىپ ئەۋەتەلمەيمەن. گاھىدا تېخى سەن ئۈمىد قىلغاندىنمۇ ئاز ئەۋەتىپ، كۆڭلۈڭنى غەش قىلىشىم مۇمكىن. ئەگەر سەن شۇ كاملىقنى تولدۇرىمەن دېسەڭ يا ئۆزۈڭنى تاماقتىن قىسىسەن يا بىرەر يەردە ئىشلەيسەن ۋە ياكى... ئىشقىلىپ تۇرمۇشڭىلا ئەمەس، ئوقۇشۇڭمۇ تەسىرگە ئۇچىرايدۇ. «ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك» دېگەندەك دوست-يارەنلىرىڭ سېنى يوقلاپ كېلىپ قالسا ياكى بىرەر دوستلار يىغىلىشى بولسا، ئۇنىڭغىمۇ پۇل كېرەك بولىدۇ. ئۆزۈڭدە يوق ئالەمدە يوق. ئۇ چاغدا خەقتىن سورىيالمايسەن. سورىساڭمۇ چىقمايدۇ. بۇ ھال ئوغۇل بالا ئۈچۈن تولىمۇ ئېغىر كېلىدۇ، بالام. بىزمۇ بۇ يەردە سەندىن ئەنسىرەپلا ئۆتىمىز. بۇلارنى ئويلىغىنىمدا ساڭا ئىچىم ئاغرىيدۇ. چۈنكى مەن بىر دادا. سەندىن باشقىلارنىڭمۇ دادىسى بار. ئۇلارمۇ مەن ئويلىيالىغاننى ئويلىيالايدۇ. ھەتتا مېنىڭدىنمۇ چوڭقۇر ئويلاپ، كۆپرەك غەم قىلىشى مۇمكىن.

    بالام، ئۆزۈڭنى ۋە بىزنى قىيناپ يۈرمە. ۋاقتىدا ئۆز ھالىڭدىن خەۋەردار قىلىپ تۇرارسەن. خەت يېزىشقا ۋاقتىڭ بولمىسا، قوشنىمىزنىڭكىدە تېلېفون بار بولدى. شۇلارنىڭكىگە تېلېفون قىلساڭ، مېنى چاقىرىپ قويىدۇ. مەنمۇ پات ئارىدا تېلېفون پەيدا قىلاي دەيمەن. ئەمەلىيەتتە شۇ نەرسە يوق كۈندىمۇ ئوبدان ئۆتەتتۇق. زامانغا باقمىساق بولمىغۇدەك. سەن بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرۇش ئۈچۈن بولسىمۇ، بالدۇرراق تۇتۇش قىلىمەن. ئۇ چاغدا سەن دەرستىلا بولمىساڭ، خالىغان چاغدا كۆرۈشەلەيمىز. ھە راست، ياتىقىڭدا تېلېفون باردۇ، بالام؟ بۇنى ئويلاشمىساق بولمىغۇدەك. لېكىن ئەنسىرىمە، بىزنىڭ مەھەللىدە يېقىندىن بېرى يانفون دەيدىغان بىر خىل سۆزلەشكۈ چىقىپتۇ. ئۇنى ئۆزۈك بىلەن ئېلىپ يۈرەلەيدىكەنسەن. چوڭ سەھەردە بەلكىم ھەممە خەقتە باردۇ. ئۇلارغا قاراپ بويۇڭ قانچىلىك قىسىلغاندۇ-ھە؟ ئۇنى كۆرمىگەن بولسام، بۇ جەھەتتىكى قېيىنچىلىقىڭنى چۈشۈمگىمۇ كەچۈرەلمەسكەنمەن. شۇڭا، ساڭىمۇ لازىم بولمىسىمۇ، زامانغا لايىقلىشىشىڭ ئۈچۈن ئېلىپ بېرىشنى ئويلاۋاتىمەن. ھەرقاچان ئالاقىلىشىپ تۇرۇشىمىزغا قولايلىق بولار دەيمەنغۇ، بالام.

    ھە راست، يېقىندا بىر داشۆسىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم. ئۇنىڭ دېيىشىچە، سېلەر تەرەپتە خېلى چوڭ ئۆزگىرىشلەر باركەن. نۇرغۇنلىغان ياخشى-يامان ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى. ھېلىقى مەدەنىيەت دەيدىغان گېپىڭلار باركەن. بۇ جەھەتتىكى يىراقلىشىشلارنى جىق سۆزلەپ، قاخشاپ كەتتى. تېخى ھازىر ئوقۇغانلار بەك كۆپ، خىزمەت تېپىش تولىمۇ تەس، دەيدىغۇ. راستمۇ بالام؟ بىزنىڭ يۇرتتا سېنى قوشۇپ سانىساممۇ ئالىي مەكتەپكە چىققانلاردىن بارمىقىم توشمىغۇدەك.

    ئۇ يىگىتتىن خېلى جىق ئىشلارنى ئۇقتۇم. ئۇلار پراكتىكا دەمدۇ، ئىشقىلىپ شۇنداقراق ئىشقا كەپتىكەن. سېلەرگىمۇ شۇنداق ئىشلارنىڭ بارلىقىنىمۇ دەپ بەردى. مۇنچە جىق ئىشلارنى سەن ئالدىراشلىقتىن ماڭا ئېيتىپ ئۈلگۈرەلمىگەن ئوخشايسەن. قارىغاندا ئۇ بالا سېنىمۇ ئاز-تولا بىلىدىغان ئوخشايدۇ. تېخى سەل ئېگىز-پەس گەپلەرنىمۇ قىلدى. مەنغۇ ئۇنىڭ گېپىگە ئەسلا پۈتمىدىم. مەن ساڭا راستىنلا ئىشىنىدىغان تۇرسام، ئوغلۇم. ئۇنىڭ ئىككى ئېغىز گېپى مېنى ئىشەندۈرەلەمتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن تىرىشىپ ئوقۇۋاتساڭ. قارىغاندۇ ئۇ داشۆسىڭ سېنى باشقا بىرەرسىگە ئوخشىتىپ قالغان چېغى.

    بالام، ھېلىقى داشۆسىڭ دېگەن بەزى ئىشلارنى بىزنىڭ تەرەپلەردىمۇ ئۇچىراتقىلى بولىدىغان بوپكەتتى. ئۇنداق تولا ئىشلارغا بېشىڭنى قاتۇرما. لېكىن ئۆزۈڭنىڭ نېمە ئىش قىلالايدىغانلىقىڭنى ۋە قىلىشىڭ كېرەكلىكىنى چوقۇم بىلىشىڭ كېرەك. مېنىڭچە بۇ ھاياتنىڭ جېنى ئوغلۇم. ئەگەر ساڭا ئەشۇنچە ئىشلارنى ئويلاش زۆرۈر بولسا، ئۇنى قىل. بىراق قارىغۇلارچە ئىش كۆرمە. ھەممىلا ئىشقا ئۆزۈڭ يېتىشىپ بولالمايسەن. ھېلىقى داشۆسىڭ ھەممىدىن بەك كىيىم-كېچىكىمىز توغرىسىدا قاخشاپ، مىللىيچە كىيىملىرىمىزنى كىيمەس بولۇپ كەتتۇق، ئۇنى ياراتمايمىز، ھە دېسە خەقنىڭكىنى مودا قىلىپ كىيىۋالىمىز... دېۋىدى. سەن ھەرگىزمۇ مۇنداق قاخشىما. چۈنكى ئۇلار دەۋالغان مىللىيچە كىيىم زادى قايسى؟ شۇنداق دەۋالغان بىلەن ئۆزى شۇنداق كىيەلەمدىكەن؟ مەنمۇ شۇنچىلىك ياشقا كىرگىچە ئاتا-بوۋىلىرىم كىيگەن كىيىملەرنى دېمەيلا قوياي، ئاتام كىيگەن كىيىملەرنىمۇ نەچچە رەت ئالماشتۇرۇپ بولدۇق. دېمەكچى، مەنمۇ قايسىسى بىزنىڭ كىيم ئىكەنلىكىنى تازا ئاڭقىرالمايمەن. شۇڭا ئۇنداق داشۆسىڭلارغا ئوخشاش ھەممىگە چېكىدىن ئاشۇرۇپ ئۆلچەم قويۇۋالما. سەنمۇ مەلۇم بىر كۈنلەردە خىزمەت ياكى نامەلۇم بىرەر ئىش سەۋەبىدىن ئالا-تاغىل بىرنېمىلەرنى كېيىشىڭ مۇمكىن. ئاياللارنى شۇنداق ناچار كىيىنىدىغان بولۇپ كەتتى، دەپ تولىمۇ قاخشىۋىدى. ئۇنىڭغا، ھەممە ئاياللار يەنى شۇنداق كىيىنگەنلەرنىڭ ھەممىسىلا ناچار ئەخلاقلىق ئەمەس. بەلكى ئۇلار سېلەرنىڭ ئويۇڭلاردىكى مىللىيچە كىيىنگەنلەردىن كۆپ ياخشىدۇ. ئۇلارمۇ شۇ خىل جەمئىيەت قاينىمىغا ماسلىشىشنى ئويلايدۇ-دە. كىممۇ باشقىلارغا ئارىلاشماي، يىگانە ياشىيالايدۇ. شۇ قاينامنىڭ ئوتتۇرىغىراق چۈشۈپ كەتكەنلىرى ئۆزىنى تۇتالماي بەكىرەك چۆگىلەپ سېلىپ، نورمال چۆگىلەۋاتقانلارغا ئەكىس تەسىر بەرگەن گەپ دېدىم. بالام، سەن دەپ باققىنە، دېگىنىم توغرىمۇ؟ ئەگەر خاتا دېسەڭ، مۇندىن 20-30 يىل ئېلگىرى ھازىرقى كىيىملەرنى كىيگەن بولساق، شۇ چاغدا خەق نېمە دەر ئىدى؟ ھازىرقىدەك مىللىيچە كىيىنمىدى دېگەن تەسىرات تۇغۇلماسمىدى؟ شۇڭا بالام، ئوبدان ئويلاپ، ئەقىل كۆزۈڭ بىلەن ئىش كۆرگىن. بەلكىم ئۇلار دېگەن مىللىيچە كىيىنىش نورمال ھالەتتىكى ھەممە قوبۇل قىلالىغۇدەك، باشقىلاردىن پەرقلىكرەك بولغان، بەدىنىمىزنى تولۇق يېپىپ (ئەلۋەتتە بۇمۇ نورمال ھالەتتە)تۇرىدىغان، يارىشىملىقراق كىيىنىشنى كۆرسەتسە كېرەك. سەنچە قانداق بالام؟ سەن مەيلى چەت ئەللىكنى دوراپ كىيىن ياكى باشقا تەرىزدە كىيىن ھامان مېنىڭ ئوغلۇمسەن. يەنە كېلىپ مېنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك ئادىمىمسەن. چۈنكى سەن مەن دېگەن يەردىن چىقالايسەن. ھەم ئۆزۈڭنى توغرا تونۇيالايسەن. شۇڭا مەن يەنىلا بۇرۇنقىدەك ساڭا كۈلۈپ تۇرۇپ چىراي ئاچىمەن، سېنى كۈلۈپ تۇرۇپ قارشى ئالىمەن.

    ئېسىڭدە بولسۇن ئوغلۇم، سەن جاھانغا يېيىش، ئىچىش، ئويناش ئۈچۈنلا كەلمىدىڭ. چوقۇم قىلىشىڭ زۆرۈر بولغان ھەمدە سەن قىلالايدىغان ئىشلىرىڭنى چوقۇم قىلىشىڭ كېرەك. ئەلۋەتتە، بۇ داداڭنىڭ يامان ئىشلارنىمۇ قوللاش ئويى ئەمەس. بەلكى سەن مۇشۇ ھاياتلىقتىن ئېرشىشىڭ زۆرۈر بولغان نەرسىلەرگە ئېرىش ھەمدە ئېرىشتۈرۈشۈڭ زۆرۈر بولغانلارنى كۈچۈڭنىڭ يېتىشىچە بەھرىلەندۈر دېمەكچى. شۇڭا يەپ-ئىچىش، كىيىنىشلەرلا بىر كىشىنىڭ ھەقىقىي ھالىتى ئەمەس. بىراق ئۇلارمۇ زۆرۈر. لېكىن مۇۋاپىق بولغىنى ئەڭ ئەۋزەل. چوڭلار دائىم كۆپ يېسەڭ ئەقلىڭنىمۇ قوشۇپ يەۋىتىسەن، يەنە تېخى ئۇيقۇچان، ئىش خوشياقماس بولۇپ قالىسەن دەيدىغان. ھازىر مەنمۇ ساڭا شۇنداق تەلىم بەرمەكچى. چۈنكى بۇ تەلىم سىناقتىن ئۆتكەن. يەنى سىناپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق. پەيتى كەلسە كىيىم دېگەننىڭ ئېسىلىنى كەي. چۈنكى خەققە بېرىدىغان دەسلەپكى تەسىرىڭ شۇ تاشقى ھالىتىڭ بىلەن بولىدۇ. بۇنىمۇ ئۇنۇتما. ئەمما ئىسراپچىلىق، چوڭچىلىق قىلما. ئىشىنىمەنكى سەن بۇلارنى مەن ئېيىتقاندىنمۇ چوڭقۇر، توغرا چۈشىنەلەيسەن ھەم ھەزىم قىلالايسەن.

    ھە، ئەمدى ئەڭ مۇھىم گەپكە كەلدىم. سەن ئوقۇۋاتىسەن. يەنە ئىككى يىلىڭ قالدى. چەت تىلى ئۆگىنىۋاتىمەن دېگىنىڭگە قارىغاندا كېيىنلىكىڭ ئۈچۈن ئەنسىرەۋاتقان ئوخشايسەن. بۇ ياخشى ئەھۋال. دائىم ئۆز تومۇرۇڭنى تۇتۇپ تۇر. نېمە ئىش قلىشىڭ كېرەكلىكى ئۈستىدە كۆپرەك ئويلان. بىراق خىزمەت تاپالماسلىقتىن قورقما. ھەتتا مەنمۇ ئەنسىرىمەيمەن. گەرچە بەش يىلدا يۈز مىڭدەك پۇل خەجلىسەڭمۇ. بەزىلەر شۇ يۈز مىڭنى باشقا ئىشقا ئىشلەتسەڭ باي بولۇپ كېتەر ئىدىڭ، دەيدۇ. ئەمما شۇلارنىڭمۇ باللىرى ئۇقۇمىدى. ھېسابتا شۇ يۈز مىڭنى شۇلار باشقا ئىشقا ئىشلىتەلمىدى. ھالى يەنىلا بۇرۇنقىدەك. ھەتتا كۆپلىرىنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ بەتەر. قاراپ باقسام، ئوقۇشقا بارمىغانلار ئوقۇشقا بارغانلاردىنمۇ كۆپرەك خەجلەيدىكەن، بۇزۇپ-چاچىدىكەن. مۇشۇلارغا قاراپ تارتقان جاپايىمغا، ئەجرىمگە راستىنلا رازى. چۈنكى سەن بۇزۇرپ-چاچمايسەن. ئەشۇ ئايلىق پۇلۇڭنى ئازادە يەتكۈزەلەيسەن. بىزنىڭ ۋە ئۆزۈڭنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن تىرىشىۋاتىسەن.

    بەلكىم، دادام ماڭا تەنە قىلىۋاتقان ئوخشايدۇ، ئەگەر خىزمەت تاپالمىسام، بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىدىن قاخشىغاندەك مەندىنمۇ قاخشايدۇ، دەپ ئويلايدىغانسەن. بىراق مەن ئۇنداق قىلمايمەن. راستىنلا ئۇنداق قىلمايمەن. بەلكى سېنى قوللايمەن. ئۇنداق دېسەم، خىزمەت تاپالماسلىقىمنى قوللايدىغان ئوخشايدۇ دېمىگىن. باشقا-سەن قىلالايدىغان، قىزىقىدىغان، بەھرىلىنەلەيدىغان ھەم بەھرىلەندۈرەلەيدىغان ئىشلارنى قىلىشىڭنى دەۋاتىمەن. ئۇمۇ خىزمەتقۇ. مۇھىمى سەن بىلىم ئالدىڭ. ئۇ ساڭا مەڭگۈ ئەسقاتىدىغان يېقىن ھەمراھىڭ، بالام. ئەگەر مۇشۇ سەھرادا يۈرۈۋەرگەن بولساڭ، شەھەرنىڭ ئەشۇ تەرەققىيات ھالەتلىرىنى كۆرەلمەي ماڭا ئوخشاش تۆت تامنىڭ ئىچىدىلا يۈرۈيتىڭ. كۆزۈڭ ئېچىلدى. مۇھىمى ئەقلىڭ زورايدى، تونۇشۇڭ ئۆستى. ئىشقىلىپ يېزىدىكى ئوقۇمىغان بالىلاردىن ھەتتا مۇئەللىملەردىن، بىر قىسىم كادىر-زىيالىلاردىن مىڭ ياخشىسەن. بىر ئىش قىلساڭمۇ ئەقىل كۆزۈڭ بىلەن قىلىسەن. ئىلگىرىكى تەنتەكلىكىڭنى ئەقلىڭ، ئۆگەنگەن ئىلمىڭ بېسىپ كېتىدۇ. خىزمىتىڭ بولمىسىمۇ، كېيىن بالاڭنى بولسىمۇ ياخشى تەربىيلىشىڭگە پايدىلىق بولىدۇ. قاراپ باقساڭ، ئارىمىزدىن يەنى جەمەتىمىزدىن سەنلا مۇشۇنداق يۇقىرى مەلۇماتقا ئېرىشتىڭ. ئەمدى ئاستا-ئاستا جەمەتىمىزدىن سەندەك زىيالىلار چىقىدۇ. چۈنكى ئوقۇشنىڭ پايدىسىنى بىلدىڭ. چوقۇم سەنمۇ بالاڭنى ئوقۇمۇشلۇق قىلىشقا تىرىشىسەندە! ھېچ بولمىسا ئۇلارنى تەربىيلەشتە قىينىلىپ يۈرمەيسەن. ئېسىڭدە بولسا، باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقىنىڭدا شۇنچە ئاسان نەرسىلەرنىمۇ ساڭا چۈشۈندۈرەلمىگەنتۇق. ئەمدى سەن ئۇنداق بولمايسەن. ھېلىقى مەدەنىيەتنى، باللىرىڭ ئۆگىنىدىغان ئىلىملەرنى مۇئەللىملىرىدىنمۇ چوڭقۇر ھەم ياخشى چۈشەندۈرەلەيسەن. چۈنكى سەن ئوقۇدۇڭ. زىيالى بولدۇڭ-دە! شۇڭا خىزمەت چىقماسلىقتىن قورقما، بەلكى مەكتەپتىن ئىلىم يۇقتۇرالماي چىقىشتىن قورق. ئويناشتىن قورقما، ئەمما ئويۇننىڭ مەنىسىنى بىلمەي ئويناشتىن قورق. ياشاشتىن قورقما، لېكىن مەقسەت، ئىرادىسىز ياشاشتىن قورق. مانا بۇ مېنىڭ ئاخىرقى ئۈمىدىم، بالام.

    ئېسىڭدە بولسۇنكى بالام، سەن ئۆزۈڭگىلا سەن ئەمەس. بەلكى ئەۋلاد ۋە ئەجداد ئۈچۈنسەن. شۇڭا ئەقىل كۆزۈڭنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرغىن. شۇ نۇر بىلەن تېخىمۇ يىراققا باق، يىراقنى ئويلا. شۇنىمۇ ئېسىڭدە چىڭ تۇتقىنكى، ئالدىڭغا ئۇچىرىغان ھەرقانداق نەرسىنى ئىسراپ قىلما. مەيلى سەن ھەق تۆلەيدىغان ياكى تۆلىمەيدىغان بولسۇن ئۇنى ھەرگىزمۇ ئىسراپ قىلما. ھەتتا بىر تامچە سۇ، بىر ئۇۋاق نان، بىر پارچە قەغەر... غىچە. چۈنكى شۇ نەرسىنىڭ ھامان بىر كۈنى قەدرى ئۆتۈلۈپ قېلىشى مۇمكىن. ياكى كېيىنچە شۇ نەرسە سەن تاپالمىغۇدەك، ھەتتا نۇرغۇن قىممەتلىك نەرسىلەرگە تېگۈشكىسىز بولۇپ كېتىشى مۇمكىن.

    ئوغلۇم، جىق كايىپ كەتتىم. ئارتۇقلىرىنى ۋاقتىدا ئۆزۈمگە قايتۇرۇۋېتەرسەن. كەم جايلىرى بولسا، كۈچۈم يەتسىلا مەن تەييار. ھەرگىزمۇ بۇ خەتكە قاراپ، دادام مەندىن چوڭ ئۈمىد، تەلەپلەرنى كۈتىدىكەن دەپ، بوشاپ كەتمە. مېنىڭچە يۇقىرىدىكىلەر ھەممە دادىلارنىڭ ئۈمىدى. ئەڭ تۆۋەن، ئەڭ ئەقەللىي ئۈمىد ۋە تەلەپ. مەنمۇ شۇنى كۈتمەيمەنمۇ ئەمەس. چۈنكى مەنمۇ ئادەمدە! قالغىنىنى ئۆزۈڭ تاللا. لېكىن ھەرگىزمۇ گاڭگىراپ يۈرمە. دادىل بول. ئىشەنچ، ئۈمىد بىلەن ياشا. چۈشكۈنلۈك، بوشاڭلىقنى ھەرقانداق دادا خالىمايدۇ. مۇھىمى ياخشى ئوقۇپ، نۆۋەتتىكى بۇرچىڭنى ياخشى ئادا قىل. ئىشىنىمەنكى سەن مەن كۈتكەندىمۇ ياخشى قىلالايسەن. چۈنكى سەن مېنىڭ ئەركەم. سەن مېنىڭ ئىشەنچىم.

    2008-يىلى 7-نويابىر

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر :
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-10-4 21:35:45
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 291
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证