ئوقۇپ تۇرىمىز
مۇھەممەتجان راشىدىن
بىز خۇدادىن قورقۇپ تۇرىمىز،
شۇڭا نامازنى ئوقۇپ تۇرىمىز.
سورۇنلاردا ساقىنى ئەمما،
قۇيمامسەن دەپ نوقۇپ تۇرىمىز.
كېسەل يۇقتى قاغا-قۇزغۇندىن،
كۆرۈنگەننى چوقۇپ تۇرىمىز.
قۇلۇم-قوشنا دىمەيمىز ئەسلا،
ئېلىنغاننى سوقۇپ تۇرىمىز.
ئايرىمايمىز ھالال-ھارامنى،
يالغاننى توقۇپ تۇرىمىز.
لېكىن يەنە قورقۇپ تۇرىمىز،
شۇڭا نامازنى ئوقۇپ تۇرىمىز.