تامدا ساراڭ بار!
ئەزىز نەسىن
تۈركچىدىن Hechkim تەرجىمىسى
- تامدا ساراڭ بار!...
پۈتۈن مەھەللە كوچىغا تۆكۈلدى. ئەتراپ تامغا چىقىۋالغان ساراڭنىڭ تاماشىسىغا كەلگەنلەر بىلەن تولدى.
دەسلەپ ساقچىخانىدىن، ئاندىن باشقارمىدىن ماشىنىلىق ساقچىلار كېلىشتى. ئارقىدىنلا ئوت ئۆچۈرۈشمۇ قوشۇلدى.
ساراڭنىڭ ئانىسى:
- قوزام، جىگىرىم، پەسكە چۈشكىن... قېنى، ئوغلۇم...- دەپ يالۋۇراتتى.
ساراڭ:
- مەھەللىگە باشلىق قىلىڭلار مېنى، بولمىسا ئۆزۈمنى پەسكە ئاتىمەن!- دەيتتى.
توققۇز نەپەر ئۆت ئۆچۈرگۈچى يىگىت، ساراڭ ئۆزىنى تاشلىسا تۇتۇۋالماق ئۈچۈن بىر پالاسنى ھەر بىرى بىر ئۇچىدىن تۇتۇپ، بىنانىڭ ئەتراپىدا يۈگۈرۈپ يۈرۈپ تەر ئىچىدە قېلىشتى.
ساقچى باشلىقى:
_ ئۆتۈنۈپ قالاي، چۈشە پەسكە! دەپ بۇيرۇق ئاھاڭىدا يالۋۇراتتى.
_ مەھەللىگە باشلىق بولىمەن! مېنى باشلىق قىلىڭلار، بولمىسا ئۆزۈمنى تاشلايمەن...
يالۋۇرۇشلار، ئالداشلار، قورقۇتۇشلار...نىڭ پايدىسى بولمايتتى.
_ چۈشە ھوي، پەسكە...
_ شۇلارنى قارا، مېنى پەسكە چۈشۈرگىچە ئۆزۈڭلار چىقمامسىلەر ئۈستىگە...
توپتىن بىرەيلەن:
_ "سېنى باشلىق قىلدۇق" دەپ قويايلى، - دېدى. باشقا بىرى:
_ قانداق بولىدۇ؟ - دېدى، - ساراڭدىن باشلىق بولامدۇ؟...
_ ئاللا ئاللا... شۇنداق دەپ قويىمىزدە... ھېلىمۇ ساراڭ باشلىق ئازمۇ بېشىمىزدا...
ھاسا تايانغان بىر قېرى:
_ بولمايدۇ، - دېدى. - راست بولسۇن، چاقچاق بولسۇن، بولمايدۇ.
_ بەلكى چۈشۈپ قالار...
_ چۈشمەيدۇ. مەن بۇلارنى ياخشى بىلىمەن. يۇقىرىغا بىر چىقتىمۇ، ئاسان چۈشمەيدۇ.
_ ئاۋۋال ئالداپ يۈرۈپ بولسىمۇ بىر چۈشۈرەيلىچۇ شۇنى، قالدىسى ئوڭاي!
_ چۈشمەيدۇ!
پەستىكىلەردىن بىرى ۋارقىرىدى:
_ سېنى مەھەللىگە باشلىق قىلدۇق! ئەمدى چۈشە پەسكە!...
ساراڭ:
_ چۈشمەيمەن! شەھەر كومتېتىغا ئەزا قىلىڭلار، بولمىسا ئۆزۈمنى تاشلايمەن.
قېرى ئەتراپىدىكىلەرگە قاراپ:
_ قانداق، - دېدى، - مەن دېمىدىممۇ؟
_ دېگىنىنى قىلايلى.
_ بەرىبىر چۈشمەيدۇ. ئادەم ساراڭلىقى تۇتۇپ تامغا بىر چىقتىمۇ، بولدى، ھەرگىز چۈشمەيدۇ.
ساقچى باشلىقى:
_ قىلدۇق، - دېدى، سېنى شەھەر كومتېتىغا ئەزا قىلدۇق. قېنى، بۇرادەر، پەسكە چۈشكىن، كومتېت يىغىنىغا كېچىكمە!...
_ چۈشمەيمەن! شەھەر باشلىقى بولىمەن مەن!
قېرى:
_ كۆردۈڭلارمۇ، - دېدى، - ئەمدى تېخىمۇ چۈشمەيدۇ، بايام ئاسانراق ئىدى.
تەر ئىچىدە قالغان ئوت ئۆچۈرۈش قوماندانى:
_ شەھەر باشلىقى بولسا بولسۇن، نېمە بولاتتى؟ شۇ يەردىن بىر چۈشسۇن قېنى...
قولىنى ئاغزىغا كاناي قىلىپ ۋارقىرىدى:
_ ئاغىينە، پەسكە چۈش!... شەھەر باشلىقى قىلدۇق سېنى، چۈشۈپ ۋەزىپىگە ئولتۇر!...
ساراڭ، ئۇسسۇل ئوينىغاندەك سەكرەپ تۇرۇپ:
_ چۈشمەيمەن، - دېدى، - بىر ساراڭنى شەھەر باشلىقى قىلىۋالغانلارنىڭ ئارىسىدا ماڭا نېمە بار؟ چۈشمەيمەن!
_ ئەمىسە؟!
_ مىنىستىر قىلساڭلار چۈشەي!
پەستىكىلەر بىر دەم تالاشقاندىن كېيىن:
_ خوپ، - دېيىشتى، - سېنى مىنىستىر قىلدۇق. ئەمدى چۈشكىن، خۇدا ھەققى! قارا، پۇقرالىرىڭ سېنى ساقلاۋاتىدۇ.
ساراڭ:
_ چۈشمەيمەن! بىر ساراڭنى مىنىستىر سايلىۋالغانلارنىڭ ئارىسىغا چۈشىدىغان ساراڭمۇ مەن؟!...
_ ئەزبىرايى، چۈشكىن پەسكە، مىنىستىر قىلدۇق دەۋاتىمەن سېنى، باشقا مىنىستىرلار سېنى ساقلىشىۋاتىدۇ... قېنى، چۈشكىن!...
_ مېنى ساراڭ كۆرۈۋاتامسەن؟ چۈشىمەن، ئاندىن مېنى ئۇدۇل تۈرمىگە ئاپىرىسىلەر، شۇنداققۇ؟ چۈشمەيمەن تازا!...
بايىقى قېرى:
_ ئاۋارە بولماڭلار، چۈشمەيدۇ ئۇ! - دېدى. - مەن بۇ ساراڭلارنى ياخشى بىلىمەن. سىلەرنى مىنىستىر قىلىپ قويسا پەسكە چۈشەمتىڭلار؟...
ساراڭ ئۈستىدىن ۋارقىرىدى:
_ باش مىنىستىر قىلمىساڭلار، كارىم يوق، ئۆزۈمنى تاشلايمەن.
_ قىلدۇق!... - ۋارقىراشتى ھەممەيلەن، - سېنى باش مىنىستىر قىلدۇق.
قېرى:
_ چۈشسە ساقىلىمنى كېسىۋېتىمەن!- دېدى.
ساراڭ يەنە بىر پەس ئۇسسۇل ئوينىۋەتكەندىن كېيىن ۋارقىرىدى:
_ پادىشاھ بولىمەن! پادىشاھ قىلىڭلار مېنى، بولمىسا...
قېرىنىڭ دېگەنلىرى توپتوغرا چىقىۋاتاتتى، شۇڭا ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سوراشتى:
_ قانداق قىلايلى؟ پادىشاھ قىلايلىمۇ؟
_ ئەمدى پۇرسەت كەتتى، ئۇ نېمە دېسە شۇنى قىلىشتىن باشقا ئامال يوق. بەرىبىر باش مىنىستىرمۇ قىلىپ بولدۇڭلار ئەنە...
_ سېنى پادىشاھ قىلدۇق! دەپ ۋارقىراشتى، - قېنى، ئەمدى چۈشكىن، ئاۋايلا...
_ چۈشمەيمەن! دېدى ساراڭ.
_ يەنە نېمە دەيسەن؟ پادىشاھمۇ بولدۇڭ، يەنە نېمەڭ كەم؟!...
_ چۈشمەيمەن! مېنى ئىمپېراتور قىلمىساڭلار ھازىرلا ئۆزۈمنى پەسكە ئاتىمەن!
قېرى:
_ راستلا تاشلايدۇ ئۆزىنى. - دېدى.
_ قىلدۇق! - دەپ ۋارقىراشتى. - سېنى ئىمپېراتور قىلدۇق. چۈشكىن!...
ساراڭ:
_ بىر ئىمپېراتورنىڭ سىلەردەكلەرنىڭ ئارىسىدا نېمە ئىشى بار؟ - دېدى.
_ ئەستاغپۇرۇللا... ھوي، نېمە دەيسەن يەنە؟ دېگىنىڭنى قىلايلى، پەسكە چۈشكىن، خۇش بولايلى!...
تامدىكى ساراڭ:
_ مەن ئىمپېراتورمۇ؟ - دەپ سورىدى. پەستىكىلەر:
_ ئىمپېراتور!
_ مەن ئىمپىراتوركەنمەن، ئۇنداقتا، خالىسام چۈشىمەن، خالىمىسام چۈشمەيمەن... چۈشمەيمەن!
ساقچى باشلىقىنىڭ رەسمىي ئاچچىقى كەلدى:
_ سەكرىسەڭ سەكرە!... بىر ساراڭ ئازلار دۇنيادىن ناھايىتى!...- دەپ ۋارقىرىدى ئىچىدە.
ئوت ئۆچۈرۈشنىڭ قوماندانى قېرىدىن سورىدى:
_ ئەمدى قانداق قىلدۇق؟ قەتئىي چۈشمەسمۇ بۇ ساراڭ؟
_ چۈشىدۇ.
_ قانداق؟...
_ ماڭا قويۇپ بېرىڭلار!...
ھەممەيلەن قېرىنىڭ ساراڭنى قانداق چۈشۈرىدىغانلىقىغا قىزىقىشتى. قېرى تام تۆپىسىدىكى ساراڭغا:
_ ئىمپېراتور ھەزرەتلىرى!... دەپ ۋارقىرىدى، - جانابلىرىنىڭ ئالتىنچى قەۋەتكە چىقىشقا رايى بار-يوقلۇقىنى بىلىشكە رۇخسەتمىكىن؟
_ ماقۇل، - دېدى ساراڭ، ئاجايىپ جىددىي، ئەستايىدىل بىر ھالەتتە.
ساراڭ تامغا ئېچىلغان تۆشۈكتىن ئىچىگە كىردى، پەلەمپەيلەردىن پەسكە چۈشتى. ئالتىنچى قەۋەتتە توختاپ، دېرىزىدىن خالايىققا قارىدى. قېرى:
_ ئالىي ھەزرىتىم!... پاسىبانىمىز بەشىنچى قەۋەتكە چىقىشنى خالامدىكىن؟
_ چىقىمەن!
ھەممەيلەننىڭ ئاغزى ئېچىلىپ قېلىشقانىدى. تۆتىنچى قەۋەتتە توختاپ دېرىزىدىن خالايىقنى كۆزدىن كەچۈرىۋاتقان ساراڭغا قېرى:
_ ھۆرمەتلىك شاھىنشاھ ئالىيلىرى! دۆلەتپاناھىمىز ئۈچىنچى قەۋەتكە چىقىشنى خالامدىكىن؟
ساراڭ:
_ ئەلۋەتتە!...- دەپ جاۋاپ بەردى.
ئۈچىنچى قەۋەت دەرىزىسىگە كەلدى. بايىقىدەك ئۇسسۇللىرى، ھەر خىل ئويۇنلىرى يوق، ئاجايىپ بىر پادىشاھ تەمكىنلىكى بىلەن تۇراتتى.
_ مۆھتىرەم ئىمپراتورىمىز، ئىككىنچى قەۋەتكە كۆڭلى تارتمامدىكىن؟
_ چىقىمەن.
ئىككىنچى قەۋەتكىمۇ چۈشتى.
_ ئالەمپاناھ پاسىبانىمىز بىرىنچى قەۋەتكە چىقىشنى خالامدىكىن؟
ساراڭ كوچىغا چىقتى، كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىدىن ئۇدۇل قېرىنىڭ قېشىغا كەلدى. قولىنى قېرىنىڭ مۈرىسىگە قويدى:
_ قارا سېنى، - دېدى، - قىپقىزىل ساراڭلىقىڭ ئېنىق چىقىپ تۇرۇپتۇ... ساراڭنىڭ كۆڭلىنى ساراڭ چۈشىنىدۇ-دە...
ئاندىن ساقچى باشلىقىغا:
_ قاراپ تۇرماي مېنى باغلىمامسەن؟ - دېدى. - ساراڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىنىۋالدىڭمۇ؟
ساراڭنى ئېلىپ مېڭىشتى. ھەممەيلەن ھەيرانلىقتا قېرىنى ئورىۋېلىشتى.
_ بوۋاي ئەپەندى، قانداق ئەقلىڭگە كەلدى بۇ ھۈنەر؟...
قېرى:
_ ھىم... - دېدى، - ئاسان ئەمەس، قىرىق يىل سىياسىيغا ئارىلاشتۇق-تە بىز...
ئاندىن بىر ئۇلۇغ-كىچىك تىنىۋېتىپ:
_ ئاھ!...- دېدى، - كاشكى، ياش بولغان بولسام مەنمۇ چىقاتتىم بۇ تامغا، ھېچكىممۇ چۈشۈرەلمەيتتى مېنى...