ب ب س 3- ئاينىڭ ئاخىرىدا خەنزۇچە ئورتاق تىلدا پروگرامما ئاڭلىتىشنى توختىتىدۇ
BBC تور بېكىتىنىڭ 1- ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى خەۋىرىدە، ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى BBC خەلقئارا تارمىقى چارشەنبە كۈنى خىزمەتچىلىرىگە 5 تىل گۇرۇپپىسىنى رەسمىي تاقايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا 650 ئادەمنى قىسقارتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇنداق بولغاندا خەلقئارا تارماقنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنى قىسقارتىۋەتكەنگە باراۋەر. خادىم قىسقارتىش پىلانىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى بۇ يىل ئىچىدە تاماملىنىدىغان بولۇپ، قالغان قىسمى كېلەر يىلى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.
خەنزۇچە تارمىقى بۇ يىل 3- ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ بارلىق خەنزۇچە ئورتاق تىلدا ئاڭلىتىلىدىغان پروگراممىلار توختىتىلىشقا باشلايدۇ. خەنزۇچە ئورتاق تىلدىن باشقا 6 خىل رادىيو پروگراممىسىمۇ پۈتۈنلەي بىكار قىلىنىدۇ: ئۇلار رۇسچە، تۈركچە، ۋيېتنامچە، ئۇكرائىنچە، ئەزەربەيجانچە شۇنداقلا كۇباغا ئاڭلىتىلىدىغان ئىسپانچە. كەلگۈسى 6 يىلدا BBC چىقىمى 16% ئازايتىلىدۇ. BBC خەلقئارا تارمىقىنىڭ يەر شارىدىكى ئاڭلىغۇچىلىرىنىڭ سانى ھەر ھەپتىدە تەخمىنەن 180 مىليوندىن 150 مىليونغا ئازىيىدۇ.
مەنبە: سودا مىنىستىرلىق تورى بېكىتى