جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ دوكلاتى: 2010-يىلى ئۆي-زېمىن قەرز پۇلى 20.2 مىليارد كۆپەيدى
2011- يىلى 1- ئاينىڭ 26- كۈنى، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ دوكلاتىدا دېيىلىشىچە، 2010 پۈتۈن بىر يىلدا، ئاساسلىق پۇل-مۇئامىلە ئورونلىرى ۋە يېزا ھەمكارلىق پۇل-مۇئامىلە ئورونلىرى ۋە شەھەر ئىناۋەت-قەرز كوپىراتىپىنىڭ ئۆي-زېمىن خەلق پۇلى ئارقىلىق بەرگەن قەرزى يېڭىدىن 20.2 مىليارد كۆپەيگەن، يىل ئاخىرىدىكى قالدۇق ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 27.5% ئېشىپ، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 10.6 نۇقتا تۆۋەنلىگەن.
مەركىزى بانكىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۆي-زېمىن ئېچىش قەرزى 164.7 مىليارد يۈەن يېڭىدىن كۆپەيگەن، يىل ئاخىرىدىكى قالدۇقى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 24.7% ئاشقان، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 7.2 نۇقتا يۇقىرى؛ شەخسىي ئۆي سېتىۋېلىش قەرزى يېڭىدىن 14 مىليارد يۈەن يېڭىدىن كۆپەيگەن، يىل ئاخىرىدىكى قالدۇقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 29.4% ئاشقان، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 13.7 نۇقتا تۆۋەنلىگەن.
ئانالىزچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، 2010- يىلى ئۆي-زېمىن كەسپىنى تەڭشەش سىياسىتى بىر قەدەر قاتتىق بولۇپ، ئۆي-زېمىن كەسپىنىڭ كەلگۈسى ئېنىق بولمىغاندا، تېخىمۇ كۆپ پۇل-مۇئامىلە ئورۇنلىرى قەرز پۇلىنى مەبلەغ قايتۇرۇۋېلىش نىسبەتەن تېز، خەتىرى نىسبەتەن تۆۋەن بولغان ئۆي-زېمىن ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشنى خالايدىكەن.
خەلق بانكىسىنىڭ دەسلەپكى ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، 2010- يىلى پۈتۈن بىر يىلدا بارلىق پۇل-مۇئامىلە ئورۇنلىرى خەلق پۇلى ۋە چەتئەل پۇلىنىڭ ھەر خىل قەرزى يېڭىدىن 83.6 مىليارد يۈەن كۆپەيگەن، بۇنىڭ ئىچىدە خەلق پۇلى ھەر خىل قەرزى يېڭىدىن 79.5 مىليارد يۈەن كۆپەيگەن.
مەركىزى بانكىنىڭ دېيىشىچە، 2010- يىل ئاخىرىدا ئاساسلىق پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ قەرز قۇرۇلمىسى داۋاملىق ياخشىلانغان بولۇپ، چوڭ تىپتىكى كارخانىلارنىڭ خەلق پۇلى قەرز قالدۇقى (ۋىكسېل دېسكونتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 134.2 مىليارد يۈەن، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 13.3% ئاشقان؛ ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانىلارنىڭ خەلق پۇلى قەرز قالدۇقى 101.3 مىليارد يۈەن، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 17.8% پىرسەنت ئاشقان، چوڭ تىپتىكى كارخانىلارنىڭ قەرزىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 4.5 نۇقتا يۇقىرى؛ كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنىڭ خەلق پۇلى قەرز قالدۇقى 75.5 مىليارد يۈەن، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن29.3% ئاشقان، چوڭ تىپتىكى كارخانىلارنىڭ قەرزىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 16.0 نۇقتا يۇقىرى.
ئۇندىن باشقا، 2010- يىلى ئوتتۇرا ئۇزۇن مەزگىللىك قەرزنىڭ ئېشىشى پەسىيىپ، ۋىكسېلدا مەبلەغ يۈرۈشلەشتۈرۈش ئازايغان. ئاساسىي مۇئەسسە تارماقلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئۇزۇن مەزگىللىك قەرزنىڭ ئېشىشى پەسىيىپ، مەدەنىيەت كەسپىنىڭ ئوتتۇرا ئۇزۇن مەزگىللىك قەرزى تارىختىكى يېڭى ئۆسۈش نۇقتىسىنى ياراتقان.
2010 پۈتكۈل بىر يىلدا، بارلىق پۇل-مۇئامىلە ئورۇنلىرىنىڭ تاشقى پىرىۋوت قەرزى جەمئى 74 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى يېڭىدىن كۆپەيگەن؛ يىل ئاخىرىدىكى قالدۇقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 19.5% ئاشقان، ئوتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 36.5 نۇقتا تۆۋەنلىگەن.
(ساھران تەرجىمىسى)
مەنبەسى: سۇمرۇغ تورى
تور ئادرېسى:http://house.ifeng.com/news/detail_2011_01/27/4469365_0.shtml