تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› مۇلاھىزە ›› پەلسەپە ›› ھەقىقەتنىڭ خاراكتېرى(پاسئان)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    halil
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 2
    iuyghur@qq.com

    يازما سانى : 0
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ھەقىقەتنىڭ خاراكتېرى(پاسئان)



    ھەقىقەتنىڭ خاراكتېرى
    پاسئان

     



     

    بىلىشكە ئائىت تۈرلۈك نەزەرىيىلەر ھەمدە پەلسەپىۋىي ئىزاھاتلاردىن بىزگە يېتىپ كەلگەن، ھەقىقەتنىڭ ئىككى چوڭ تۈرى، شۇنداقلا، ئىككى تۈرنىڭ ئېھتىماللىق نۇقتىسىغا جايلاشقان ئۈچىنچى خىل شەرھىيدىن، بىزنىڭ ھەقىقەتكە بولغان ئەسلى تونۇشىمىزدا ئازدۇر-كۆپتۇر سىلجىش يۈز بېرىشى مۇمكىن. ھەقىقەتنىڭ نىسپىيلىكى ھەمدە مۇتلەقلىقى، ياكى نىسپىي ھەقىقەت  ۋە مۇتلەق ھەقىقەت  تىن ئىبارەت ئىككى تۈرنىڭ ئىنساننىڭ بىلىش تارىخىدىكى ھالقىما مېخانىزىمغا ئايلىنىشى، بىزنىڭ ھەقىقەتنى ئانالىز قىلىشىمىزدا روشەن سەلبى تەسر پەيدا قىلغان. چۈنكى، غەربتە يىراق تارىخىي دەۋرلەر ئىلگىرىكى پلاتوندىن تارتىپ يېقىنقى زاماندىكى ماتېرىيالىزىملىق پەلسەپىنىڭ پىشۋالىرىدىن سانالغان ماركىس – ئېنگېلىسلارغىچە بولغان ئۇزاققا سوزۇلغان پىكىر لىنىيىسىدە، تەپەككۇر ئارقىلىق ئېرىشىلگەن ھەقىقەتلەر ۋە ھەقىقەت ئارقىلىق ئايدىڭلاشتۇرۇلغان سۇبيېكتىپ ئۇسۇللار مۇئەييەن ئۆلچەم ۋە تۈرلەرگە پىرىسلىنىپ، ئاخىرىدا، بىلىشنىڭ ھەربىر كونكېرت قەدىمى، مۇكەممەل ھەمدە مۇتلەق، شۇنداقلا كېلەچەكتىمۇ يوققا چىقارغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت تەركىبىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئەركىن تەققاسلاش شەكلىدە مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. ھەتتا، ھەقىقەت كېيىنچە غەربتىكى بىر قىسىم مۇدېرنىستىك  يازغۇچىلار ۋە مەۋجۇدىيەت پەلسەپە ئېقىمىدىكى بىرقىسىم پەيلاسوپلار تەرىپىدىن مۇمكىنسىزلىك، يوقلۇق، ياكى بىمەنىلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ ئېنىقلىما بېرىلگەن.



    بىراق، بىزنىڭ ھەقىقەتكە بولغان قارىشىمىز، تەپەككۇرغا بولغان قىزىقىشىمىزدىن ئىلگىرى بولۇپ، يىراق ئەپسانىۋىي دەۋرىمىزدىن تا ھازىرغا قەدەر، بىۋاسىتە سېزىمچىلىك ئالاھىدىلىكىمىز شەخسنىڭ ئەركىن تاللاش ھوقۇقىنى پەردىلەپ، ئۇنى غايىۋىي، سىرلىق ھەمدە مۇتلەق بولغان دىنىي بايقاش (ھەقىقەتنىڭ ئىلاھىي مەنىسى) قا، مىسالەن، غەربچە تېئولوگىيە نىڭ شەرقچە تېكىستىگە مەجبۇرلىغان. (يەنى، غەربتە ئۇ، ئىلاھنىڭ نېمىلىكىنى، ئۇنىڭ ماھىيىتىنى، ئۇنىڭ بار ياكى يوقلۇقىنى تەتقىق قىلىدىغان گۇمانىزىملىق پەلسەپىۋىي ئېلىمنىڭ بىر تۈرى سۈپىتىدە تەتقىق قىلىنسا؛ شەرقچە، تېئولوگىيە، كىشىلەرنىڭ دىنىي ھەقىقەتنى چۈشىنىشىدە ۋە ئىلاھقا مۇتلەق ئىشىنىشىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئەقىدىۋىي ئاقارتىش ئىلمى سۈپىتىدە «مۇپەسسەل»  ھۆكۈملەر بىلەن تولغان ھۆججەتكە ئايلانغان) دېمەكچىمىزكى، ھەقىقەتنىڭ مەيلى مۈتلەقلىقى، ياكى نىسبىيلىكى بولسۇن، ئۇ بەرىبىر، دۇنياغا ئوبيېكتىپ قىممەت ئاتا قىلغۇچى يەككە شەخس تەرىپىدىن بايقالغان (پەيدا قىلىنغان) ھەمدە مۇئەييەنلەشتۈرمە شەكلىدە ئىزاھلانغان بولغاچقا، ئۇنىڭ سىرلىق چۈمپەردىسىنى ئېچىۋېتىش ئۈچۈن، چوقۇم خاراكتېر جەھەتتىكى ئاجىزلىق ياكى ئېنىقسىزلىق  تەھلىل مەركىزىگە قويۇلىشى كېرەك. بۇنداق بولغاندا، ھەقىقەتنىڭ بىزنىڭ ئىستىمالىمىزدىكى بىرنەچچە خىل مەنىسىگە نىسبەتەن ئايرىم-ئايرىم ھالدىكى تەتقىقات تۈرى مەيدانغا كېلىش بىلەن بىرگە، تەپەككۇرنىڭ، ئەركىن ئۇلانما ئوي  سۈپىتىدىكى ئونتولوگىيىسى  ئاستا – ئاستا چۈشىنىشكە ئېرىشىلىدۇ.



    ھەقىقەتنىڭ خاراكتېرى  ھەققىدىكى يېڭى ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئۈچۈن، بىز، ئۇنىڭ بىرنەچچە خىل مەنىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، بىرلا ئۇقۇم شەكلىدە مۇئامىلە قىلىمىز، ھەمدە، ئۆزىنىڭ كېلىش ۋە قايتىش جەريانىنى خاتىرىلەشكە نىسبەتەن قايتۇرىدىغان ئىنكاسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، ئۇنىڭ بىزگە نامەلۇم بولغان بىرنەچچە خىل غەيرى ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىمىز. بۇ، بىرىنچىدىن، ھەقىقەتنىڭ غايىۋىيلىكىدىن ھازىرلىقىغا ئۆتۈشتە كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ، بىزنى، بىلىشنىڭ ئەڭ ئىلمىي ھەمدە ئەڭ ئەركىن ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ئىككىنچىدىن، تەپەككۇرنىڭ مەقسىتى ۋە سەۋەبى ھەققىدىكى پاسسىپ پوزىتسىيىمىز قوغداپ كېلىۋاتقان كوللېكتىپ دۇنيا قارىشىمىز بىلەن ھەقىقەتنىڭ چەك – چېگراسىنى ئېنىق ئايرىپ چىقىشتا، بىزنى يېڭى بايقاشلارغا ئېرىشتۈرىدۇ. ئۈچىنچىدىن، ئۇيغۇر ئېدىئولوگىيىسىنىڭ يادروسىنى تەشكىل قىلىدىغان، شەخسنىڭ ئۆزلۈكىگە دىنىي كىملىك سۈپىتىدە تېڭىلىدىغان، ھەمدە ئۇيغۇر ئاڭ مۇئەسسەسەلىرى نى يوشۇرۇنچە قوراشتۇرىدىغان ۋە كۆپتۈرۈلگەن غايىۋىيلىققا يېتەكلەيدىغان ئاتالمىش «ھەقىقەت»نىڭ، تەپەككۇرنىڭ بىردىنبىر مەقسىتى بولالمايدىغانلىقىدەك ماھىيەتلىك ئاجىزلىقىنى ئېچىپ بېرىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.




    بىرىنچى، ھەقىقەتنىڭ ئۆز سۇبيېكتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى



    بۇ خىل مۇناسىۋەتنى تەھلىل قىلىشتىن ئاۋال، ھەقىقەتنىڭ ئۆز «سۇبيېكتى» نىڭ نېمىلىكىنى ياكى كىملىكىنى بىلىش ئىنتايىن زۆرۈر. ھەقىقەت ــ مۇئەييەن تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ۋە بىلىشنىڭ دېئالىكتىك جەريانىدىن قايتا – قايتا سۈزۈۋېلىنغان ئىلمىي قاراش بولۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن، يەككىلىك خاراكتېرىدىكى مەلۇم شەخسنى ئۆزىنىڭ مەيدانغا كېلىشىىدىكى باش سەۋەب قىلىپ تاللايدۇ، بۇ، ھەقىقەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ھەرقانداق ئىلمىي قاراش مەلۇم شەخس تەرىپىدىن تۇغۇلىدۇ، دېگەنلىكتۇر. مانا مۇشۇ «مەلۇم شەخس»، يەنى، ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا چىقارغۇچى مۇتەپەككۇرنىڭ ئۆزى ئەمەلىيەتتە، ھەقىقەتنىڭ بىردىنبىر سۇبيېكتىدۇر. ھەقىقەتنىڭ سۇبيېكتى ھەردائىم ئۇنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، ئاڭا ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزىدۇ. ئۇنىڭ ئۈزۈلمەس سېمفونىيە سۈپىتىدە داۋاملىق ئورۇنلىنىشىغا باشتىن-ئاخىر دىرىژورلۇق قىلىدۇ. ھەقىقەت ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قۇللارچە باش ئىگىدۇ.



    دېمەك، ھەقىقەتنىڭ سۇبيېكتى ــ ئەينى ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا چىقارغۇچى كونكرېت شەخسنى كۆرسىتىدۇ. ھەقىقەتنى بايقاش ياكى بەرپا قىلىشنىڭ قېيىنلىق دەرىجىسى ئالاھىدە يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ سۇبيېكتلىرىمۇ ئىنتايىن ئاز بولىدۇ. سۇبيېكتنىڭ ئازلىقى قانداقتۇر ھەقىقەتنىڭ ئاجىزلىقىنى ياكى ئۇنىڭ قاپلىنىش دائىرىسىنىڭ كىچىكلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. چۈنكى، مەلۇم بىر ئىجتىمائىي بىرلىك ھېساپلىنىدىغان مىللىي توپنىڭ قىممەت قارىشىنى شەكىللەندۈرگەن سەۋەبلەر ھەرگىزمۇ بىرقانچە دەۋرگە ياكى ساناقلىقلا شەخسكە بېقىنمايدۇ. مەيلى ئىلمىي قاراشلار بولسۇن ياكى ئەپسانىۋىي چۈشەنچىلەر بولسۇن، دەۋردىن دەۋرگە، شەخستىن شەخسكە يېتىپ كېلىش، ئىجتىمائىي تۇرمۇش شەكلىگە كىرگۈزۈلۈپ، سىناق ئاساسىنى تۇرغۇزۇش ئارقىلىق بىرلىككە كېلىنگەن تالاي ئىلمىي ئەمگەكلەر، شۇنداقلا، ئۇلارنىڭ ئەمەلىيلىشىشىدىكى سىياسىي تايانچ كۈچلەر بىرلىشىپ، ئاخىرىدا شۇ توپنىڭ ھەقىقەت مۇنارىنى تىكلەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ھەقىقەتتىن ئىبارەت سىنكىرتىك ھادىسە ئۈستىدىن تەھلىل ئېلىپ بارغاندىمۇ، تېكىستنىڭ تىلى ئالاھىدە بىر خىل غايىۋىي بېسىم ئاستىدا غەرەزلىك چىڭقىلىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. بۇ، ھەقىقەتتىن قۇرۇغدىلىش جەريانىدىكى مەننىڭ، ئالدىنقى ھەقىقەتنى رەت قىلىش بەدىلىگە يېڭى ھەقىقەت ياكى ھەقىقەتسىزلىكنى جاكارلاش ئالدىدا بېسىپ ئۆتۈشى مۇقەررەرلىشىپ قالغان قارغىشلىق مۇساپىنىڭ قىسمەن ئالامەتلىرىدىن بىرى بولۇشى مۇمكىن.



    يۇقىرىدا بىز، ھەقىقەتنىڭ سۇبيېكتى بولىدۇ، دەپ ھۆكۈم قىلدۇق. ئاندىن، سۇبيېكتنىڭ ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا چىقارغۇچى كونكرېت شەخس ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلدۇق. يۇقارقى ھۆكۈم ۋە پەرەزگە ئاساسەن، بىز، يەنە مۇنداق بىر يېڭى تەسەۋۋۇرنى ئوتتۇرىغا قويىمىز:



    ھەقىقەت ــ شەخس تەرىپىدىن يارىتىلىدىغان نەرسە!



    شۇنداق، ئۇ ئىنسان تەرىپىدىن يارىتىلىدۇ ۋە ئىنسان ئۈچۈن تەدبىقلىنىدۇ (خىزمەت قىلىدۇ)، ھەمدە يەنە ئىنسان تەرىپىدىن رەت قىلىنىدۇ. بۇ يەردە دىققىتىمىزنى تارتىدىغان مۇنداق بىر زىددىيەتلىك ھاسىلات بار، ھەقىقەتنىڭ ئىنسان تەرىپىدىن رەت قىلىنىدىغانلىقىنىڭ ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى ــ ئۇنىڭ ئىنسان ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىقىدا. چۈنكى، ھەقىقەتنىڭ ئىنسان ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى، ماھىيەتتە، ھەقىقەتنىڭ ئىنساننى بويسۇندۇرغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئىنسان مەلۇم بىر ھەقىقەتتىن پايدىلانماقچى بولغاندا، ئۆزىنىڭ ئەركىن تاللىشىنى، ئىرادىسىنى، ۋە تەپەككۇر شەكلىنى، ھەقىقەتنىڭ بايانىغا ئالماشتۇرىدۇ. يەنى، ئىنسان ئۆز گۇمانىنى ھەقىقەتنىڭ ئىشەنچىسىگە، ئۆز تەشۋىشىنى ھەقىقەتنىڭ ئۇتۇپىيەسىگە ماكانلاشتۇرىدۇ. شۇڭلاشقا، ھەقىقەت ئۆز ياراتقۇچىسى بىلەن ئۆزىدىن پايدىلانغۇچى ئىككى تەرەپكە، ئوخشىمايدىغان ئىنكاستا بولىدۇ، دەپ قارايمىز. ھەقىقەتنىڭ ئۆزىنى بارلىققا كەلتۈرگۈچىگە قايتۇرغان ئىنكاسى، پۈتۈنلەي بېقىندىلىق مۇناسىۋەتنى ئىپادىلەيدۇ. يەنى، ھەقىقەت ئۆز سۇبيېكتىغا بېقىنىدۇ. چۈنكى، ھەقىقەتنىڭ سۇبيېكتى بولغان مۇئەييەن شەخسنىڭ ئىزدىنىش پايانىنىڭ ئاخىرقى چېكى تېخى بېكىتىلمىگەن شارائىتتا (ئۇ تەپەككۇر قىلىشتىن توختىمىغان ئەھۋال ئاستىدا)، ئەينى بىر ھەقىقەتمۇ ئېھتىماللىق سۇپىسىدا تولۇقلىنىش خەۋىپىدە تۇرۇۋاتقان بولىدۇ. ئۇنىڭ پۈتكەنلىكىنى، ئۇلۇغۋارلىقىنى، مۇتلەقلىقىنى، قانداقتۇر ھەقىقەتنىڭ سۇبيېكتى بايان قىلماستىن، بەلكى، ھەقىقەتتىن پايدىلانغۇچىلار ئۆزلىرى جاكارلايدۇ. دېمەك، ھەقىقەت ئۆزىنى مەيدانغا كەلتۈرگۈچى شەخسلەرگە نىسبەتەن بولۇۋاتقان، ياكى تېخى پۈتمەيۋاتقان كەمكۈتە نەرسە بولسا، ئۆزىنى قوبۇل قىلغان، ئۆزىگە ئىشەنگەن كىشىلەر ئۈچۈن، نىسپىيلىكتىن ھالقىغان، مۈتلەق ۋە ئەبەدىيلىككە ئىگە غايىۋىي مەۋجۇدىيەتتۇر. ھەقىقەتنى قوبۇل قىلغۇچىلارنىڭ، شۇنداقلا ئۇنى ئۆزى ئارقىلىق يەنە باشقىلارغا يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ ئىككىنچى ئورۇندا تۇرۇپ ئۆتكۈزىدىغان بىردىنبىر خاتالىقى شۇكى، ھەقىقەت دەپ تاللىۋېلىنغان مەلۇم ئىلمىي قاراشقا، ئۆز مەنپەئەتىنىڭ چىقىش نۇقتىسىدىن جەملەنگەن «كىملىك سېزىمى»نى قۇشۇۋېتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ھەقىقەتكە ۋاسىتىلىق ئېرىشكۈچى ياكى ئۆزىنىڭ ئەركىن تاللىشىنى ھەقىقەتكە تاپشۇرغۇچى بېقىندى شەخس، كۆپىنچە ھاللاردا، مۇئەييەن دەرىجىدىكى بۇرمىلانغان تەييار ھۆكۈملەرنىڭ پاسسىپ قوغدىغۇچىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇنداق، بېقىندىلىق ئورنىدىكى پاسسىپ قوغدىغۇچىلارنىڭ كۆپلۈكى، ھەقىقەت سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان ئەينى كۆزقاراشنىڭ تېزلا كېڭىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۇنىڭ تەسىرىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ، مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋاقتىنىمۇ ئۇزارتىۋېتىدۇ.




    ۋەھالەنكى، بۇنداق، ئەسلى ئورنىدىن ۋە ئۆزىنىڭ جەريانلىق خاراكتېرىدىن ئايرىلىپ قالغان تەنھا ھەقىقەت، سادىق قوغدىغۇچىلىرى تەرىپىدىن ھۆكۈملۈك، نەتىجىلىك خۇسۇسىيەتكە ئورىلىپ، يەنە ئۆزىگە ئوخشاش باشقا ھەقىقەتلەر بىلەن زىدىيەتلىشىدىغان، بىر-بىرى بىلەن ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى تالىشىدىغان قورقۇنچلۇق ئىدىيىۋىي قورالغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، مەلۇم بىر شەخسنىڭ بىلىش تارىخىنىڭ جەۋھىرى سۈپىتىدە ئىنسانىيەتكە تەقدىم ئېتىلگەن تەپەككۇر ھاسىلاتى، باشقىلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ سۇبىستانسىيىلىك ئالاھىدىلىكى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇلۇپ، شەخس بىلەن شەخس ئىقتىدار كۈرىشى ئېلىپ بارىدىغان، ھەقىقەت بىر تەرەپتە تاماشا كۆرىدىغان تىراگېكومېدىيىلىك  سەتچىلىك مەيدانغا كېلىدۇ. بۇلاردىن كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى، ھەقىقەتنىڭ مۇتلەقلىقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىغان شارائىتتا، تەپەككۇرنىڭ پائالىيەت مەيدانى بولمايدۇ. پائالىيەت مەيدانى ئىگىلىۋېلىنغان تەپەككۇر، تەپەككۇر ئەمەس، بەلكى ئىشەنچتۇر. ئالدىنئالا ئىشەنچكە ئايلانغان مەۋجۇدىيەت، بىر بولسا ئۆلۈمنىڭ كەينىدىكى غايىۋىيلىقتا، يەنە بىر بولسا، ئىنسان ئۆزگىچىلىكى بەربات قىلىنغان قەتلىئام مەيدانىدا قەد كۆتۈرگەن بولىدۇ.



    يىغىپ ئېيتقاندا، ھەقىقەت ئۆز سۇبيېكتى بىلەن بولغان ياكى بولىدىغان مۇناسىۋىتىدە، ئۇنىڭغا بېقىنىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن قورقىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ بايقالغان شەرھىي، ئىجاد قىلىنغان ئىدىيە، ياكى بىلىش جەريانىدىكى تېپىكلەشتۈرۈلگەن قاراش بولۇش سۈپىتى بىلەن، سۇبيېكتى ئالدىدا ئۆز نىسپىيلىكىنى ۋە ئىككىلەمچىلىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بولسىمۇ جان-جەھلى بىلەن تېرىشىدۇ. سۇبيېكتقا نىسبەتەن، ھەقىقەتنىڭ مۇتلەقلىقى دىققەتنىڭ سىرتىدا ياكى ئېھتىماللىقتا. ھەقىقەتكە نىسبەتەن، سۇبيېكتنىڭ ئىجادىي كۈچى مۇتلەقلىقتە ياكى كونترول قىلىش سۇپىسىدا.



    دېمەك، ھەقىقەتنىڭ، ئۆزىنى مەيدانغا كەلتۈرگۈچى شەخسكە بېقىنىشى، ئۇنىڭغا بويسۇنۇشى، بىز بۇ ماقالىمىزدا ئوقۇرمەنگە يەتكۈزمەكچى بولغان، ھەقىقەتنىڭ يوشۇرۇن، ئەمما تۇغما خاراكتېرىنىڭ بىرىنچى يېشىمىدۇر.




    ئىككىنچى، ھەقىقەتنىڭ ئۆز ئوبيېكتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى




    بىز مەزكۇر تېكىستنىڭ باش قىسمىدا، ھەقىقەتنىڭ «كېلىش ۋە قايتىش جەريانى» دىن ئىبارەت يېڭى ئاتالغۇنى قوللانغان ئىدۇق. ھەمدە، بۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ يارىتىلغاندىن كېيىنكى قوبۇل قىلىنىشچانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتكەن ئىدۇق. شۇبھىسىزكى، «زادى قانداق ۋاقىتتا ھەقىقەت ئۆز ئوبيېكتىغا ئېرىشىدۇ؟ ھەقىقەتنىڭ ئوبيېكتى كىم؟ ئۇ ئۆز ئوبيېكتى بىلەن قانداق ئۇسلۇبتا ۋە قانداق مەزمۇندا مۇناسىۋەتلىشىدۇ؟» دېگەندەك بىر قانچە پرىنسىپال سوئالغا بېرىدىغان ئىزاھاتىمىز، بىزنى ھەقىقەتنىڭ خاراكتېرى ھەققىدىكى ئەڭ تىپىك ئۇچۇر بىرلىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ.



    ھەقىقەتنىڭ كېلىشى ــ ئۇنىڭ بارلىققا كېلىشىگە، يەنى، سۇبيېكت تەرىپىدىن كۆپ تەرەپلىمە ئانالىز قىلىنغان بىلىش ھەرىكىتىگە قارىتىلغان بولسا، ئۇنىڭ قايتىشى ــ شۇ خىل بىلىش ھەرىكىتى جەريانىنىڭ، سېستىمىلىق يەكۈن سۈپىتىدە كىشىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشىغا قارىتىلغان بولىدۇ. ھەقىقەتنىڭ قوبۇل قىلىنىشى بىلەن تەڭلا، ئۇنىڭ ئوبيېكتى مەيدانغا كېلىدۇ. دېمەكچىمىزكى، ھەقىقەتنى قوبۇل قىلغۇچى تەرەپ، بىرلا ۋاقىتتا، ھەقىقەتنىڭ ئوبيېكتىغا ئايلىنىش بىلەن بىللە، ھەقىقەتنى ئۆز سۇبيېكتىغا ئايلاندۇرىدۇ. بۇلارنىڭ فۇنكىسىيىلىك ئالامەتلىرىنى مۇنداق يىغىنچاقلاش مۇمكىن:



    ھەقىقەتنىڭ سۇبيېكتى ـــ ھەقىقەتنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى
    ھەقىقەتنىڭ ئوبيېكتى ـــ ھەقىقەتكە ئەگەشكۈچى
    ھەقىقەتكە ئەگەشكۈچىنىڭ سۇبيېكتى ـــ ھەقىقەت
    ھەقىقەتكە ئەگەشكۈچىنىڭ ئوبيېكتى ـــ ئۆزى
    ھەقىقەتنى بارلىققا كەلتۈرگۈچىنىڭ ئوبيېكتى ـــ ھەقىقەت
    ھەقىقەتنى بارلىققا كەلتۈرگۈچىنىڭ سۇبيېكتى ـــ ئۆزى


    يۇقارقى كۆرسەتمىدىن تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە خىل خۇلاسە چىقىرىشقا بولىدۇ:

    ھەقىقەتنىڭ سۇبيېكتىغا ئايلانغان شەخس ــ ئۆز ئېندىۋىدۇئاللىقىنى بايقىغۇچى ۋە قوغداپ قالغۇچى، تەپەككۇرنى ئۆزىگە بويسۇندۇرغۇچى ئاكتىپ شەخستۇر.

    ھەقىقەتنىڭ ئوبيېكتىغا ئايلانغان شەخس ــ ئۆز ئېندىۋىدۇئاللىقىنى ھەقىقەتكە تاپشۇرغۇچى ياكى يوقاتقۇچى، تەپەككۇرغا ئەمەس ھۆكۈمگە بويسۇنغۇچى، ئۆزىنى ئۆزگىنىڭ سايىسى ھەمدە ئەگەشكۈچىسى دەپ قارىغۇچى، ئۆزىنى مۇئەييەنلەشتۈرەلمەيدىغان پاسسىپ شەخستۇر.



    پاسسىپ شەخسلەرنىڭ چۈشەنچىلەرنى ئۇلۇغلىشى، ئۆزلىرىنى چۈشەنچىلەردىن تۆۋەن كۆرىدىغانلىقىدەك ئادىمىيەتسىزلىك  قىلمىشىنى كۆلەملەشتۈرىدۇ. ئەينى كۆزقاراش ياكى ھۆكۈملەرنىڭ ھەقىقەتكە ئايلىنىشىنى تېزلىتىدۇ، شۇنداقلا، ھەقىقەتنىڭ شەخىسلەرنىڭ ئەركىن تاللىشىنى كونترول قىلىشىنى قانۇنىيەتلەشتۈرۈپ، كىملىكنىڭ ئۆزگىچىلىك ئۈستىدىكى ئېمبارگوسىنى كۈچلەندۈرىدۇ.



    ئاكتىپ شەخسلەرنىڭ، ئۆزگىچىلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بەدىلىگە تەپەككۇرنىڭ خوجايىنلىرىغا ئايلىنىشى، شۇ دەۋردىكى ئومۇمىي خەلقنىڭ ئۆزگىچىلىكىنى بايقۇت قىلىپ تۇرغۇچى، ھەمدە كىملىك دەرىجىسىگە يېتىپ بارغۇچى كونا ھەقىقەتكە جەڭ ئېلان قىلىشتەك ئىسيانكارانە روھىنى نامايەن قىلىدۇ. شۇنداقلا، ھەقىقەتنىڭ مۇتلەقلىق خۇسۇسىيىتىنى يېمىرىپ تاشلاپ، ئۇنىڭغا ئېھتىماللىق نەزەردە قارايدىغان، ئىلمىي بىلىشنىڭ ئەسلى يۆلىنىشىنى جەمئىيەتكە قايتا ئەسلىتىدۇ.



    دېمەك، ھەقىقەتنىڭ ئوبيېكتى ــ ھەقىقەتكە بويسۇنغۇچى، ئۇنىڭدىن پايدىلانغۇچى، ئۇنىڭ ھۆكۈمىنى ئۆز تېكىستىگە سۆرەپ كىرگۈچى، ھەمدە ئاڭا قۇللۇق قىلغۇچى شەخسنى كۆرسىتىدۇ. ئوقۇرمەنلەرگىمۇ ئايانكى، ھەقىقەتنىڭ ئوبيېكتى ناھايتى كۆپ بولىدۇ. ھەتتا، بىر شەخسنىڭ ھەقىقىتى بەزىدە، مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ ئورتاق قىبلنامىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ھەقىقەتنىڭ ئوبيېكتلىرىنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى شۇكى، بىرىنچىدىن، ئۇلار ھەقىقەتتىن ئەيمىنىدۇ. ئۇنىڭدىن قورقىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئۆز خاسلىقىنى ياكى تەپەككۇر ئىمكانىيىتىنى ھەقىقەتكە بىھۇدە قۇربانلىققا تۇتۇپ بېرىدۇ. ئۈچىنچىدىن، ئۇلار ھۆكۈم ئالىدىغان ھەمدە ئۇلۇغلايدىغان ھەقىقەتنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ مەڭگۈلۈك مەسىلىلىرىگىچە بەرگەن جاۋابلىرى، ئۇلارنى، ئىدىيىۋىي ئۆلچەم نۇقتىسىدىن ئوخشىمايدىغان باشقا مەسلەكتىكى ياكى باشقا ھەقىقەتنى ياقلىغۇچى شەخسلەرنى ئۆچ كۆرىدىغان، ئۇلارنى ئۆزلىرىگە بويسۇندۇرۇشنى ئىستەيدىغان، ھەتتا، ئۇلارنىڭ ئىنسانلىق ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىشتىنمۇ باش تارتمايدىغان ياۋايى پىسخىكىغا ئىگە قىلىپ قويىدۇ. ئۇلاردا ئىشەنچ ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ئۇلاردىكى ئاتالمىش تەپەككۇرمۇ ئەسلى تەبىئىتىدىن ئايرىۋېتىلگەن. ئەگەر ئۇلاردا تەپەككۇر بار دېيىلسە، ئىچى ئىشەنچ بىلەن تولدۇرۇلغان، سىرتى ھېسسىيلىق بىلەن كەپشەرلەنگەن ئەپسانىۋىي تەپەككۇر بار بولغان بولىدۇ.



    ھەقىقەت ئۆزىنىڭ بۇنداق ئوبيېكتلىرى بىلەن ئېلىپ بارىدىغان مۇناسىۋىتىدە، ئۇلارنى ئۆزىگە پۈتۈنلەي ئىشەندۈرىدۇ، باش ئەگدۈرىدۇ. ئۇلارغا ھېچقانداق ئىمكانىيەت قالدۇرمايدۇ. ئۇلارنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ رەڭگارەڭ ئويۇنلىرىنىڭ پىرسۇناژى قىلىپ تاللىۋالغان تۈمەنلىگەن ئوبيېكتلارنىڭ ئېڭىنى، ئىچ-پۇشۇقىنى چىقىرىدىغان ئويۇن سەھنىسى قىلىپ تاللىۋالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەقىقەتنى مەقسەت ئەمەس بەلكى، جەريان دەپ قارىغۇچى مۇتەپەككۇرلار ياكى ئۆز قىممىتىنى، تەبىئەتتىكى ئورنىنى تونۇپ يەتكەن شەخسلەر كۆپىنچە ھاللاردا ئاتالمىش ھەقىقەتتىن مۇستەسنا ھالدا ياشايدۇ. ئۇلار ھەقىقەتنى ياراتقىلى، بارغانچە ئاكتىپلاشتۇرغىلى، ئۆزگەرتكىلى، تاكامۇللاشتۇرغىلى بولىدىغان ئېھتىماللىق ئۈستىدىكى بىلىش جەريانى دەپ قارىغاچقا، جەمئىيەتنىڭ بىر پۈتۈن ئېدىئولوگىيىلىك قۇرۇلمىسىغا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى، يېڭىلىنىشلارنى ئېلىپ كېلەلەيدۇ. ئۇلار، شۇ جەمئىيەتنى تەشكىل قىلغۇچى ئىجتىمائىي توپنىڭ ئومۇمىي تەپەككۇر سەۋىيىسىدىن كۆپ ھالقىپ كەتكەنلىكى ھەمدە بۇ خىل سەۋىيەگە تولۇق باھا بېرەلىگەنلىكى ئۈچۈن، ئەمەلىيەتتە، ھەقىقەتتىنمۇ بەكرەك قەدىرلەشكە ۋە ھۆرمەتلەشكە تېگىشلىكتۇر.



    ھەقىقەتنىڭ ئۆز سۇبيېكتى ۋە ئوبيېكتىغا تۇتىدىغان ئىككى خىل پوزىتسىيىسىدىن شۇنى يىغىنچاقلاش مۇمكىنكى، ھەقىقەت، ئۆزىنى يارىتىش شەرىپىگە ئېرىشەلەيدىغان تەپەككۇر ئىگىلىرىدىن قورقىدۇ، شۇنداقلا، ئۆزىگە قۇللۇق قىلغۇچى، نىسپىي پايدىلىنىش ئۇسۇلىنى ساقلاپ قالالمىغۇچى ئەگىشىش تەرەپدارلىرىنى قورقىتىدۇ. بۇ بىزگە، خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن، «ياماندىن قورقۇپتۇ، ياۋاشنى بوزەك قىپتۇ!» دېگەن ئىدىئومنىڭ مەنىسىنى يەنە بىر قېتىم ئەسلىتىش بىلەن بىرگە، ھەقىقەتنىڭ بىزگە تېخى نائېنىق بولغان يۇقارقىدەك ئىككى يۈزلىمە  خاراكتېرىدىن باشقا، ئاڭا ئالاھىدە ئورۇن ساقلايدىغان ئۈچىنچى قاتلامدىنمۇ قىسمەن مەلۇمات بېرىدۇ.




    ئۈچىنچى، ھەقىقەتنىڭ ئوبيېكتى ۋە سۇبيېكتىدىن تاشقىرى قاتلام




    كىشىلەرنىڭ ئاڭ پائالىيىتى ھەمدە بىلىش تەشەببۇسلىرى ھەقىقەت ئارقىلىق تەرتىپلەشتۈرۈلىدىغان جەمئىيەتتە، ھەقىقەتنىڭ ئوبيېكتى ۋە سۇبيېكتىدىن تاشقىرى ئۈچىنچى خىل قاتلامغا تەۋە كىشىلەرمۇ بولىدۇ. گەرچە، بۇ قاتلامدىكى كىشىلەر ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا، ئىدىيىۋىي جەھەتتىن ھەقىقەت بىلەن مۇناسىۋەتلىشىۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا قوبۇل قىلىش ياكى ئۈزۈل-كېسل رەت قىلىش ئىنكاسى روشەن ئىپادىلەنمەيدۇ. دەل مۇشۇ قاتلامنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى سەۋەبىدىن، ھەقىقەتنىڭ سىرلىقلىقى تېخىمۇ ئاشىدۇ ۋە تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىدۇ. ئۇلار ئەينى ھەقىقەتكە ياكى ئۇنىڭ قارشىسىدىكى ھەقىقەتسىزلىككە ئېنىق تەۋە بولمىغاچقا، ھەقىقەتنىڭ ئۇلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىمۇ ۋاسىتىلىق بولىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇلار ئۆزلىرى تەۋە ئىجتىمائىي بىرلىكنىڭ مەنىۋىي تۈۋرۈكى بولغان ھەقىقەتنىڭ تەسىرى كۈچلۈك، ئىمتىيازى يۇقىرى بولسا، ئۇنىڭ ھۆكۈمىدىن پايدىلىنىپ، مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىدۇ - دە، ماددىي ۋە مەنىۋىي ئېھتىياجىنى ئاڭا ماسلاشتۇرىدۇ. ناۋادا ئۇ ھەقىقەتنىڭ تەسر كۈچى ئاجىزلاشقا باشلىسا، ياكى ئاڭا نىسبەتەن ئۆكتە چىققۇچى يەنە بىر يېڭى ھەقىقەت مەيدانغا كېلىۋاتقان بولسا، ئۇ ھېچقانچە كۈچىمەيلا ئۆكتىچى ھەقىقەت تەرەپدارىغا ئايلىنالايدۇ. ئۇلارنىڭ بۇنداق بىپەرۋا ھەمدە قوۋ خاراكتېرىنى ھەقىقەتنىڭ ئوبيېكتلىرى ھەرگىز سېزەلمەيدۇ. ئۇلار بۇ خىل قاتلامدىكى كىشىلەرنىمۇ ئۆزلىرى بىلەن ئوخشاش مەسلەكتە دەپ قارايدۇ. پەقەت، ھەقىقەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ئۆتكۈر نەزىرىلا ئۇلارنى ناھايتى ئېنىق كۆرەلەيدۇ. بىراق، ئۇلارمۇ بۇ خىل قاتلامدىكىلەرنى چەتكە قاقمايدۇ ياكى رەت قىلمايدۇ.



    ئىلىم دۇنياسىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر ھەقىقەتنى بايقىغان گالېلى [Galileo(伽利略)] ئۆز ھاياتىنىڭ ئەسلى ھەقىقەت تەرەپدارلىرى تەرىپىدىن خەۋپكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغىنىدا، شۇئانلا ئىنتايىن مەردانە ھالدا يېڭى بايقاشتىن ۋاز كەچكەن. مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇنىڭ قىلغىنى ئاقىلانىلىق ئىدى. ئۇنىڭچە ئۆزىنىڭ بۇ يېڭى بايقىشى، ھاياتىنى دوغا تىكىپ تۇرۇپ تەتقىق قىلىشقا ئەرزىمەيتتى. ئىنسان ئۈچۈن ئاۋال ھاياتلىق بەكرەك قىممەتلىك ئىدى. يەرشارى بىلەن قۇياشنىڭ قايسىسى قايسىسىنى چۆرىدەپ ئايلىنىشى، پەۋقۇلىئاددە ئىتىبارسىز مەسىلە ئىدى. بۇ مىسالدا، مېىنىڭچە، گالېلىنىڭ تاللىشىغا ئاساسلىنىپلا ئۇنى ھەقىقەتنىڭ سۇبيېكتى ۋە ئوبيېكتىدىن تاشقىرى قاتلام دائىرىسىگە چىقىرىۋېتىشكە بولمىسىمۇ، بىراق، ئەسلى ھەقىقەتنىڭ قوبۇل بولۇش ھەمدە قوغدىلىش چېكى يېڭى ھەقىقەت ياكى يېڭى بايقاشقا نىسبەتەن پەۋقۇلىئاددە يۇقىرى ئورۇندا تۇرغاندا، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ ئۆز ھاياتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن قوۋلۇق قىلىشىنى ھۆرمەتلەشكە ئەرزىيدۇ. چۈنكى، گالېلى بايقىغان ھەقىقەت مەيلى شۇ زاماننىڭ ئۆزىدە بولسۇن، ياكى كېيىنكى دەۋرلەردە بولسۇن ھامان ئاشكارىلانماي قالمايتتى.




    ھەقىقەتتىن پايدىلىنىدىغان، ئەمما ئۇنىڭغا قۇللۇق قىلمايدىغان پوزىتسىيە، ھەقىقەتنىڭ ئېھتىماللىقىدىن بىشارەت بېرىدۇ. ھەقىقەتنىڭ ئېھتىماللىقى ــ ئۇنىڭ پۈتمەيۋاتقانلىقىنىڭ ئابستراكىتلەشتۈرۈلگەن ئىپادىلىرىنىڭ بىرى. پۈتمەسلىك قانداقتۇر پۈتتۈرەلمەسلىكتىن دېرەك بەرمىسىمۇ، بىراق، ھەقىقەتنى تولۇقلاشقا، مۇكەممەللەشتۈرۈشكە، ھەر بىر شەخس چوقۇم ئىشتىراك قىلالايدىغان ئازادىلىكنى تەلەپ قىلىشقا ھەقلىقمىز. چۈنكى، مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان بارلىق كىشىلەر ئۆز ئىجادىيلىقىنى جارى قىلدۇرۇش ئىستىكىدە بولغاندىلا، ھەقىقەتنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ ماددىي ئاساسى ۋە ئېستېتىك قىممىتى بولىدۇ. ماددىي ئاساس دېيىلگەندە، ئىنساننىڭ مەۋجۇدىيەتكە قارىتا لايىھىلەش ۋە يىتەكلەش ئىقتىدارىنىڭ جەمئىيەت تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشىشىنى كۆرسىتىدۇ. ھاياتلىق ئېقىنى بىلەن تەبىئەتنىڭ ئۆزۈمچىل ئېنىقسىزلىقى ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇق، ئېستېتىك قىممەتنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ ھەقتە، گېگىلنىڭ مۇتلەق بارلىق بىلەن مۇتلەق يوقلۇقنى بىر نەرسە دەپ قارىشىدىمۇ، بىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئېستېتىك قىممەت بىلەن ھەقىقەتنىڭ ئېھتىماللىقى چىقىش نۇقتىسى قىلىنغان.



    ھەقىقەتنىمۇ تاللىماسلىق، ھەقىقەتسىزلىككىمۇ بەرداشلىق بېرەلمەسلىك، ئۈچىنچى قاتلام كىشىلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى بولۇپ، بۇ خۇددى، يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بىرى ئىزچىل تۈردە نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا تەۋسىيە قىلىنىپ كېلىۋاتقان سۈرىيىلىك مەشھۇر شائىر ئەدۇنىس ئۆزىنىڭ «دېئالوگ»  ۋە «گۇناھ تىلى»  قاتارلىق شېئىرلىرىدا، ناۋادا تاللاش توغرا كەلسە، ئۆزىنىڭ خۇدانىمۇ، شەيتاننىمۇ تاللىمايدىغانلىقى، ئىنسانىيەت ئارىسىدىكى بارلىق گۇناھ تىلىنى ئۆچۈرۈشنى خالايدىغانلىقى، ئۆز يولىنىڭ ھەقىقەت ۋە شەيتاننىڭ يولىدىنمۇ يىراق ھەمدە يۈكسەك ئىكەنلىكىنى جاكارلىغىنىغا تولىمۇ ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرىغا ئومۇمىيۈزلۈك دىققەت قىلىدىغان بولساق، شائىر كەسكىن ھالدا، ئۆزىنىڭ، ئىنسانلار ئارىسىدا پەيدا بولۇپ، ئىنساندىن تولىمۇ يىراقلاپ كەتكەن ئاتالمىش غايىۋىي تەرەپلەردە تۇرمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولىدۇ، ئۇ تۇرمايدىغان تەرەپلەر بارلىق رەڭگارەڭ ھەقىقەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىراق، ئۇ ئۆزىنىڭ ھەمىشە ئىنسانىيەت تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى ئېسىىدىن ھەرگىزمۇ چىقارمايدۇ. دېمەك، بىز بۇ قاتلامغا يوشۇرۇنغان ئۆزگىچە مەنىلەرنى كونكېرت تەھلىل قىلغىنىمىزدا، مۇنداق بىر جۈملە ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ:



    تەرەپلەرنى تاللىماسلىق، لېكىن، ئىنساننى تاللاش!



    بىز بۇ جۈملىنى قانداق چۈشىنىمىز؟ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىگە شۇ نەرسە ئايانكى، تەپەككۇرنىڭ ئۆزىدىن باشقا ئالدىنئالا بەلگىلىۋالىدىغان نىشانى بولمايدۇ. تەپەككۇر ئۆز-ئۆزىنى نىشان قىلىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا سىرتقىي نىشان ياكى ئاتالمىش ھەقىقەت بەلگىلەپ بېرىلسە، ئۇنىڭ ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ھەممىسى، بەلگىلەنگەن شۇ ھەقىقەتنى قايتىلاش، كۈچەيتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئىشەنچ ۋە قۇللۇق ھەرىكىتىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا، ھازىرقى زامان غەرب تەپەككۇر تارىخىدا، ئەڭ يېڭى ئاڭ فۇرمىسى  سۈپىتىدە شەرھىيلەنگەن ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئېرىشكەن تەپەككۇر شەكلى ــ «تەنقىدىي تەپەككۇر» دەپ كۆرسىتىلدى. بۇ خىل تەپەككۇر شەكلى، تەپەككۇرنىڭ شەكىللىنىشى ، تەپەككۇرنىڭ ماھىيىتى، تەپەككۇرنىڭ جەريانى ھەققىدە كەڭ كۆلەملىك تەنقىد ۋە تەھلىل يۈرگۈزىدۇ. ئۇ دىققەت-ئېىتىبارىنى تەپەككۇرنىڭ ئۆزىگە قاراتقان بولۇپ، ئىنساننىڭ سۇبيېكتىپ ئېڭىنى بويسۇندۇرۇۋالغان، شۇنداقلا ئىنساننىڭ سىرتىدا غايىۋىي ئورۇن تىكلىۋالغان تەڭرىلەرچە قىياسلارغا شىددەتلىك ئوت ئېچىپ، ئىنساننىڭ ئەسلى جەۋھىرىگە بولغان قىزىقىشنى ۋە ئويلىنىشنى ئۆز مەركىزىگە يۆتكەپ ئەكىلىدۇ.



    ۋەھالەنكى، بۇ، ھەقىقەتنىڭ سۇبيكتىغىمۇ، ئوبيېكتىغىمۇ تەۋە بولمايدىغان ئۈچىنچى قاتلامنى قانداقتۇر، «تەنقىدىي تەپەككۇر» شەرتىگە چۈشىدۇ، دېگەنلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئۇ پەقەت، ھەقىقەتنىڭ خاراكتېرىنى ئېچىپ بېرىشتە كەم بولسا بولمايدىغان ھەمدە ئوبيېكتىپ رېئاللىقىمىزدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان، ھەقىقەت مەسىلىسىگە چېتىشلىق قاتلاملىق ھادىسە بولغانلىقى ئۈچۈنلا، ئۇنىڭدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىلمىدى.



    گەرچە، ھەقىقەتنىڭ خاراكتېرىنى ئېچىپ بېرىش مەقسىتىدە، يۇقىرىدىكى بىرقانچە نۇقتىغا تايانغان بولساقمۇ، تېخى بۇنىڭلىق بىلەنلا، مەۋجۇت ھەقىقەتنى شەرھىيلەش ۋە ئۇنىڭ خاراكتېرىنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتىمىز ئاخىرلاشمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۆز قىممىتىدە كۈنسىرى ئۆزگىرىش ياساۋاتقان ھەقىقەت، كىشىلىرىمىزنى بارغانچە گاڭگىرىتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئېدىئولوگىيىلىك قاينام-تاشقىنلىقىنى، چۈشەنچە بېرىش ئىنتايىن تەس بولغان ئاڭسىزلارچە سۈكۈتكە پاتۇرۇۋاتقان بۇ دەملەردە، ئەلۋەتتە، بۇنىڭدىن كېيىن ھەقىقەتنىڭ مەزمۇنى ۋە خاراكتېرىدىمۇ ئۇشتۇمتۇت، ئاسمان-زېمىن ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرمەيدۇ، دەپ كېسىپ ئېيتالمايمىز.

     

    2009 – يىل دېكابىر، خوتەن.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ھەقىقەتنىڭ خاراكتېرى , پاسئان , ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-12-14 0:00:00
    تەھرىر : abduhelil
    باھا : 0 كۆزىتىش : 824
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证