تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-پىروزا ›› ئېنتېرنېت باغلىغان رىشتە(ساجىدە سۇلايمان)-تۆتىنچى بۆلىكى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Halil
    ئادمىرال
    دەرىجىسى : 1
    جۇغلانما نۇمۇر : 17373
    Halil@qarluq.com
    0
    يازما سانى : 881
    باھا يازما سانى : 6
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-7-17 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئېنتېرنېت باغلىغان رىشتە(ساجىدە سۇلايمان)-تۆتىنچى بۆلىكى



     


    ئېنتېرنېت باغلىغان رىشتە(پوۋىست)

    ساجىدە سۇلايمان

     

     

         ئوت كۆيۈۋېرىپ مەش  قىپقىزىل چوغقا ئايلاندى. مەشتىكى ئوت كۆيۈۋاتقان يۈرىكىمدەك چاراسلاپ كۆيمەكتە ئىدى،  ئورنۇمدىن ئاستا تۇرۇپ پەلتۇيۇمنى سېلىپ كېيىم ئاسقۇچقا ئىلىپ قويغاندىن كېيىن  ئولتۇرۇپ تېلفونغا قارىدىم. «نىمانداق جىمجىت؟ ئەجىبا مەريەمخان ھەدىنىڭ دېگىنىدەك ئۇ بۇ يەردىن كېتىپلا  بايىقى ھەسرەتلىك مىنۇتلارنى ئۇنتۇلغانمىدۇ؟» تېلفونۇمنى قولۇمغا ئېلىپ قاراپ بايىقى خىياللىرىمدىن خېجىل بولۇپ قالدىم. تېلېفون ئىكرانىد ا ئالمىغان تېلېفوندىن 12 سى، ئوقۇلمىغان ئۇچۇردىن  يەتتە دانە ئۇچۇر تۇراتتى. ئۇ تېلېفون ھەم ئۇچۇرنى مەندىن ئايرىلىپلا قىلىشقا باشلىغانىكەن، مەن يولدىكى ۋاراڭ - چۇرۇڭدا ئاڭلىماي قاپتىمەن.  ئالدى بىلەن قالدۇرۇلغان ئۇچۇرلارنى ئوقۇشقا باشلىدىم.

     


       «سۈيۈملۈك زۈبەيدە، بېكەتتە قوللىرىڭىز بىلەن يۈرىكىڭىزنى تۇتۇپ قېلىۋىدىڭىز، مېنىڭ يۈرىكىممۇ ئاغرىپ كەتتى،  ئاپتوبۇس قوزغالغاندا تەنھا قالغان ھالىتىڭىز قارچۇقلىرىمدا قېتىپ قالدى» بۇ بىرىنچى ئۇچۇر ئىدى. مەن يەنە يىغلاشقا باشلىدىم. ئۇنىڭ ئىككىنچى ئۇچۇرى مۇنداق يېزىلغان ئىدى: «قەدىرلىكىم تېلفون قىلسام ئالمايسىزغۇ؟ يەنە يىغلاۋاتامسىز؟ مەن بىلىمەن سىز يىغلاۋاتىسىز. سىز ۋەدىڭىزدە تۇرمىدىڭىز» . قالغانلىرىنىمۇ بىر بىرلەپ ئوقۇشقا باشلىدىم: «تېلېفوننى ئېلىىڭ، مەن يىغلىغان ئاۋازىڭىزنى بولسىمۇ ئاڭلاي!»

    « يۈرىكىم پارە - پارە بولۇپ كەتتى»

    «تېلېفوننى ئېلىڭ!!!»  ئۇنىڭ ھەممە ئۇچۇرى مۇشۇنداق يېزىلغان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرقى ئۇچۇردا: « ئەمدى تېلېفون قىلماي سىزنىڭ تېلېفونىڭىزنى كۈتىمەن، ماڭا كۈلۈپ تۇرۇپ ئاق يول تىلەپ قىلغان تېلفونىڭىزنى كۈتىمەن» دەپ يېزىلغان ئىدى. مەن ئۇچۇرلارنى ئوقۇپ بولۇپ ئۆزۈمنى قويۇۋېتىپ ئاۋازىمنى بولۇشىغا قويۇۋېتىپ راسا بىر يىغلىۋالغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭغا تېلېفون قايتۇردۇم. ئۇ تېلېفوننى قولىدا تۇتۇپلا تۇرغانمىكىن، نومۇرىنى بېسىپ بولغىچىلىكلا ئېلىپ بولدى.


    ـــ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، جېنىم نېمىشكە تېلېفوننى ئالمايسىز؟ مېنى بەك ئەنسىرەتتىڭىز، يەنە يىغلاۋاتامسىز؟

    ـــ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، كەچۈرۈڭ، مەن يولدا تېلېفون ھەم ئۇچۇرلىرىڭىزنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلىماپتىمەن، ياتاققا كىرىپ بولغىچە مەريەم ھەدەم كىردى، ئۇنى ئۇزىتىپ ھازىرلا كۆرۈشۈم، كەچۈرۈڭ، سىزنى ئەنسىرىتىپ قويۇپتىمەن، سەپىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولۇۋاتامدۇ؟

    ـــ شۇنداق، ئەمدى خاتىرجەم بولدۇم، تاماق يەپ ئوبدان بىر ئۇخلىۋېلىڭ. مەن ئەكىرىپ بەرگەن پوملارنى مەشكە لىق سېلىپ قويسىڭىز كېچىچە ئوت ئۆچۈپ قالمايدۇ، ــ دېدى ئۇ داۋاملىق دەيدىغان گېپىنى تەكرارلاپ.

    ـــ ماقۇل، خاتىرجەم بولۇڭ، دېگىنىڭىزدەك قىلىمەن، ماشىنا سوغۇقمىكەن؟ توڭلىدىڭىزمۇ؟

    ـــ ياق ئەدىيالغا ئورۇنۇۋالدىم،  ئەمىسە خوشلىشايلى، ئوبدان بىر ئۇخلىۋالسىڭىز ئەتە ياخشى بولۇپ قالىسىز، مەن ساقسالامەت بارساملا سىزگە تېلېفون قىلىمەن.  خوش ئەمىسە.

    ـــ خوش، سەپىرىڭىزگە ئاق يول تىلەيمەن!

    ـــ رەھمەت، تېلېفوننى ئاۋال قويۇڭە.


    ـــ ماقۇل خوش. مەن تېلېفوننى ئۈزدۈم، ئۇ داۋاملىق مېنىڭ تېلېفوننى بالدۇر قويۇشۇمنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالاتتى، شۇڭا تېلېفوننى ئۈزۈپ ئىتىۋەتمەي ياستۇقۇمنىڭ ئاستىغا باستۇرۇپ قويۇپ، مەشكە پوملارنى لىققىدە سېلىپ قويۇپ ئورنۇمغا كېلىپ ياتتىم، خىيال كەپتىرىم مېنى يېتىلىگىنىچە يىراقلارغا ئېلىپ كەتتى



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئېنتېرنېت باغلىغان رىشتە , ساجىدە سۇلايمان
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-12-24 8:49:23
    تەھرىر : abduhelil
    باھا : 0 كۆزىتىش : 154
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证