سەئىدۇللا سىيايېفنىڭ«ئەھمەد يەسسەۋىي» رومانىدىن ھېكمەتلەر
ئۆز نەپسىدىن يەڭگەن ۋە ھاياتىدا روھىي، مەنىۋى جەھەتتىن غالىب ئادەم بۇ دۇنيادا ئەركىن، مۇستەقىل ئادەمدۇر.
دۈشمىنىڭ خوشامەتكە ئۆتسە ھۇشيار بولمىقىڭ كېرەك.
ھەر يەرنىڭ تۈلكىسىنى ئۆز بۈركۈتى بىلەن ئوۋلايدۇ.
خەۋپ-خەتەرنىڭ ئۆزىدىن كۆرە ۋەھىمىسى يامان.
ئىلىمسىز ئەل ئۆزگىلەرگە يەم بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئايىغى ئاستىدا يانجىلىدۇ.
پەرۋاسىزلىق، كۆپ ھالدا شەرمەندىلىك بىلەن خاتىمىلىنىدۇ.
ئارقىدا قالغان تېغىڭنى ئەمەس، بارار بېغىڭنى ئويلا.
تۈرك يىغلىغان گەپكە ئەجەملىك كۈلەر ئىمىش.
تومۇچۇقنىڭ ئەجىلى يەتسە بۈركۈت بىلەن ئوينىشارمىش.
قەسەمخوردا ۋاپا بولماس.
بۇ دۇنيا ئىمارىتىنى ۋاپا تۈۋرۈكلىرى كۆتۈرۈپ تۇرارمىش، ئەمما ئۈستى خىيانەتتىن يېپىلارمىش.
ياشلىقتا ئوقۇغىنىڭ مەرمەرگە يېزىلدى، قېرىلىقتا ئوقۇغىنىڭ قۇمغا.
__________________________________________
مەنبە:شىنجاڭ مەدەنىيىتى