تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› مۇلاھىزە ›› پەلسەپە ›› زوردۇن سابىرنىڭ «ئىزدىنىش» رومانىدىكى ھېكمەتلەردىن تاللانما
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    halil
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 4
    iuyghur@qq.com

    يازما سانى : 0
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    زوردۇن سابىرنىڭ «ئىزدىنىش» رومانىدىكى ھېكمەتلەردىن تاللانما

     



    زوردۇن سابىرنىڭ «ئىزدىنىش» رومانىدىكى ھېكمەتلەردىن تاللانما


       
    گۈلنىڭ ئېچىلىدىغان ۋاقتى بولىدۇ. ۋايىغا يەتكۈزمەي ئۇنى مەجبۇرى ئېچىلدۇرىمەن دېسەڭ، ئۆلتۈرۈپ قويىسەن، سىرمۇ خۇددى شۇنداق.
       
    《كۆرۈشەرمىز》دېگەن گەپنى ئېيتماق ئاسان، لېكىن پۇرسەت كەلمىكى قىيىن.
       
    ناپالېئوننىڭ: 《پاسكىنا كىيىملىرىڭنى ئۆيگە مۆكۈنۈۋېلىپ يۇي》دېگەن سۆزى، ئۆز ئەيىۋىڭنى سازايى قىلما دېگەن مەنىدە ئېيتىلىدۇ.
       
    ياخشىلارنىڭ جەم بولمىقى كاككۇك بىلەن زەينەپنىڭ ئۇچراشمىغىنىدەك تەس بولىدىكەن، يامانلار بولسا، توپ قاغىدەك دائىم بىللە يۈرىشىدىكەن.
       
    غايىسىز چىراي مۇزدىن ياسىغان بۇتقۇ بىر؟!
       
    چىرايلىق ئايال ئەرگە زادى ئاراملىق بەرمەيدۇ.
       
    پەرھاد شېرىننى ئېتى بىلەن قوشۇپ كۆتۈرۈۋالغان.
       
    بىر مەسىلىدىكى كۆز قاراشقا قاراپلا بىر ئادەمگە باھا بېرىشكە بولمايدۇ، كۆز قارىشى توغرا بولمىغان ياخشى ئادەملەرمۇ بولىدۇ.
       
    مۈشۈكنى قويلار ئارسىدا باقسا، مىياۋلاشنى ئۇنتۇپ، مەرەيدىغان بوپقالامدىكىن دەيمەن، تىل دېگەن شۇنداق نېمىكەن.
       
    ئىنساننىڭ غەمدىن خالاس بولۇشى، دەرەخنىڭ شامالدىن ساقلىنالمىغىنىغا ئوخشاشلا بىر ئىشكەن.
       
    تۇرمۇش ئادالەتسىز ئانىغا ئوخشايدىكەن، يارىشىدىغان كىيىملەرنى كۆرۈمسىزلەرگە كىيگۈزۈپ، چىرايلىقلارنى خورلايدىغان.
       
    خاتالىقتىن قايتىش، ھەقىقەتكە يېنىش - چۈشتىن ئويغىنىشقا ئوخشايدۇ.

     

    _____________________________________________________

    مەنبە: شىنجاڭ مەدەنىيىتى

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : زوردۇن سابىرنىڭ «ئىزدىنىش» رومانىدىكى ھېكمەتلەردىن تاللانما , زوردۇن سابىر , , ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-12-20 9:31:21
    تەھرىر : abduhelil
    باھا : 0 كۆزىتىش : 1589
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证