خاۋكىڭ-پالەچ ئالىم

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 13 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش
ستىفېن ۋىليام خاۋكىڭ Stephen William Hawking 
ستىفېن ۋىليام خاۋكىڭ Stephen William Hawking

   بۈگۈنكى زامان نەزەرىيىۋى فىزىكا ئالىمى ستىفېن ۋىليام خاۋكىڭ( Stephen William Hawking) ئەنگلىيىنىڭ ئوكسفورد شەھىرىدە، 1942- يىلى 8- يانۋاردا(گالىلېينىڭ ئۆلۈمىدىن 300 يىل كېيىن) تۇغۇلغان. خاۋكىڭنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ  ئۆيى ئەسلىدە شىمالى لوندوندا بولۇپ، 2- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئوكسفورد بالىلار ئۈچۈن بىخەتەر جاي دەپ قارىلىپ، ئۇ 8 ياشقا كىرگەندە شۇ جايغا كۆچۈپ كەلگەن.  11 ياشتا ئالبان مەكتىپىگە ئۇقۇشقا كىرگەن. ئاندىن كېيىن دادىسى بۇرۇن ئۇقۇغان مەكتىپى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. گەرچە خاۋكىڭنىڭ دادىسى ئۇنى دوختۇر بولۇشقا زورلىسىمۇ، خاۋكىڭ ماتېماتىكا ئۆگەنمەكچى بولىدۇ، بىراق ئۇ مەكتەپتە ماتېماتىكا كەسپى بولمىغاچقا ئىلاج يوق فىزىكا تاللايدۇ. 3 يىلدىن كېيىن ھېچقانچە كۈچىمەيلا تەبئىي پەن ساھەسىدە بىرىنچى دەرىجىلىك پەخرى ئۇنۋانغا ئېرىشىدۇ. 

«قارا ئۆڭكۈر ۋە بوۋاق ئالىمى» ناملىق ئەسىرى«قارا ئۆڭكۈر ۋە بوۋاق ئالىمى» ناملىق ئەسىرى


ئالەمنىڭ بوشلۇق ۋە ۋاقىت قانۇنىيىتى
 The Nature of Space and Timeئالەمنىڭ بوشلۇق ۋە ۋاقىت قانۇنىيىتى The Nature of Space and Time


زۇڭتۇڭ ئوباما ئاق سارايدىكى بىر قېتىملىق خاۋكىڭنىڭ لېكسىيىسىدىن بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشماقتازۇڭتۇڭ ئوباما ئاق سارايدىكى بىر قېتىملىق خاۋكىڭنىڭ لېكسىيىسىدىن بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشماقتا

   خاۋكىڭ كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ ئالەم تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇ چاغدا ئوكسفورد شەھىرىدە بۇ ساھەدە بىرەر كىشى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ باقمىغان ئىدى. ئۇ پروفېسسور ئۇنۋانىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن جىنۋىل ۋە كائويىس ئىنىستىتۇتلىرىدا كەسپىي تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەيدۇ. خاۋكىڭ روگېر پەنروس بىلەن بىللە ئاساسلىق ئالەمنىڭ ئاساسلىق قانۇنىيىتى ۋە ئېينىشتىيىنننىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيىسىدىكى بوشلۇق، ۋاقىت ۋە چوڭ پارتلاشنىڭ باشلىنىشى ۋە شۇنداقلا قارا ئۆڭكۈر توغرىسىدىكى نەزەرىيىۋى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

   بۇ نەزەرىيىۋى تەتقىقاتنىڭ نەتىجىلىرى نىسبىيلىك نەزىرىيىسى بىلەن كۋانت نەزەرىيىسىنىڭ بىرلىشىشىگە چوڭ رول ئوينايدۇ. بۇ 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى بۈيۈك پەن تەتقىقات تەرەققىياتى بولۇپ سانىلىدۇ. 

خاۋكىڭ NASA نىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا قىزى لۇسىي خاۋكىڭنىڭ ياردىمىدە لېكسىيە سۆزلىمەكتەخاۋكىڭ NASA نىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا قىزى لۇسىي خاۋكىڭنىڭ ياردىمىدە لېكسىيە سۆزلىمەكتە

    ئۇنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرى بار بولۇپ ئۇلار: ئەللىس بىلەن بىرلىشىپ يازغان بوشلۇق ۋاقىت قۇرۇلمىسى، نىسپىيلىك نەزەرىيىسى، ئىسرايىل بىلەن بىرلىشىپ يازغان تارتىش كۈچىنىڭ 300 يىللىقى قاتارلىقلار. ئۇنىڭ ئەڭ داڭلىق ئەسەرلىرىدىن: ۋاقىتنىڭ قىسقىچە تارىخى، قارا ئۆڭكۈر، بوۋاق ئالەم ۋە باشقا بەزى كىچىك ئىلمىي ئەسەرلىرى بار بولۇپ، ئالەم ۋە فىزىكىنى چۈشىنىشكە، تەپەككۇرنى ئېچىشقا ياردەم بېرىدىغان بۇ كىتابلارنىڭ بەزىلىرى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىندى.

   نەتىجىسىدىن كۆرە ئىرادىسى ئارقىلىق دۇنيانى قايىل قىلغان ئالىم خاۋكىڭ 10يېشىدىن باشلاپ مۇسكۇل نېرۋىسى پالەچلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، ھازىر پەقەت سول بويۇن مۇسكۇلدىن تارتىپ پۈتكۈل تۆۋەن بەدەن ئۈزۈل كېسىل پالەچلەنگەن بولسىمۇ، سول قولىنىڭ ساق قالغان ئۈچ بارمىقى ۋە كۆزىگە تايىنىپ يېقىندا ئەڭ داڭلىق «ئالەمنىڭ شاكىلى» دېگەن ئەسىرىنى نەشر قىلدۇردى.  

   خاۋكىڭ 12 پەخرىي ئۇنۋانغا، پادىشاھ جەمەت تەتقىقات ئورنىدىن ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى تەتقىقات ئورۇنلىرىدىن نۇرغۇن مېدال مۇكاپات ۋە باشقا ئۇنۋانلارغا ئېرىشكەن بولۇپ، ھازىر ئىلگىرى نيۇتون ئۆتىگەن كامبرىج ئۇنۋېرستىنىڭ ماتېماتىكا پروفېسسورى ۋەزىپىسىنى ئىشلەۋاتىدۇ.

   خاۋكىڭ ھازىر يەنە ئائىلە (ئۇنىڭ 3 بالىسى ۋە 1 نەۋرىسى بار) تۇرمۇشى بىلەن تەتقىقاتىنى ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈپ، نۇرغۇن جايلارغا بېرىپ نەزەرىيىۋى تەتقىقات لېكسىيە ۋە ئىلمىي تەكشۈرۈشلەرگە قاتنىشىپ كېلىۋاتىدۇ.

لوندون مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىلوندون مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى


خاۋكىڭ لوندون مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا خاۋكىڭ لوندون مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا


خاۋكىڭ ۋە ئۇنىڭ سۆيۈملۈك ئايالى 
(ئۇ چاقلىق ئورۇندۇققا چۈشۈپ قالغىلى 40 يىل بولدى)خاۋكىڭ ۋە ئۇنىڭ سۆيۈملۈك ئايالى (ئۇ چاقلىق ئورۇندۇققا چۈشۈپ قالغىلى 40 يىل بولدى)


(admin تەستىقلىدى.2010-5-15 )

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 13

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 1735 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 7قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-04-03