دۇنيانىڭ ئىقتىسادى كۆرسەتكۈچى _ ناسداك Nasdaq

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

  دۇنيانىڭ ئىقتىسادى كۆرسەتكۈچى _ ناسداك Nasdaq

   

      ناسداك Nasdaq ئەنگىلىزچە National Association of Securities Dealers Automated Quotations  (ئامېرىكا پايچېكى جەمىيىتى ئاپتوماتىك ئېلان سېستىمىسى)  نىڭ قىسقارتمىسى بولۇپ ئەسلى گەۋدىسى  داڭلىق مالىيە دوكاسى روكفىللېر قۇرغان نىيۇيورك پايچېكى بازىرى ئىدى. ناسداك 1971-يىلى ئىلىكتىرونلۇق سودا ۋە يېڭى گۈللەنگەن كەسپلەرنى ئاشكارا رىقابەت بىلەن تەمىنلەيدىغان سورۇن سۈپىتىدە قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىزچىل ھالدا ئامېرىكا شۇنداقلا دۇنيا بويىچە ئەڭ ئاۋات ۋە ئەڭ چوڭ  ئېلىكتىرونلۇق پايچېكى بازىرى ھىساپلىنىپ كەلمەكتە.

      ناسداكنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ ئۇچۇرلىشىش سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرىلىقىدا بولۇپ 1968-يىلى ئامېرىكا پايچېكى سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى نىيۇيورك پايچېكى بازىرىغا ئۇچۇر مەلۇم قىلىشنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش سېستىمىسىنى ئورنىتىشنى قارار قىلىپ ئۈچ يىلدىن كېيىن نىيورك پايچېكى بازىرىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل گەۋدە سۈپىتىدە قۇرۇلغان. بىر شىركەت ياكى بازار ئەمەس بەلكى پايچېكى سودىگەرلىرى جەمىيىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغانلىقتىن ناسداك ئايرىم بازار بولۇپ قۇرۇلۇپ ھازىرغىچە 520پايچېكى سودا شىركىتى ناسداكقا كىردى، بۈگۈنگە قەدەر پايچېكى ناسداك ئارقىلىق بازارغا سېلىنغان شىركەتلەر 5200 دىن ئاشتى، ناسداكنىڭ يەنە دۇنيادىكى 55 دۆلەتتە 260مىڭدىن ئارتۇق ئېلىكتىرونلۇق پاي چېكى سېتىش نۇقتىسى تەسىس قىلىنغان، دۇنيادىكى پايچېكى سودىسىنىڭ يېرىمى ناسداك ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. ناسداكتا پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەر ئاساسەن كومپىيۇتېر يۇقىرى پەن-تېخنىكىسىغا تەۋە شىركەتلەر بولغانلىقتىن ئۆزگىرىشچانلىقى ناھايىتى يۇقىرى. مىكروسوفت، ئالما شىركىتى، گوگۇل شىركىتى، بەيدۇ شىركىتى قاتارلىق دۇنيا دىققەت قىلىدىغان تېز كۆتىرىلىۋاتقان چوڭ شىركەتلەرنىڭ ھەممىىسى ناسداكتا بولغانلىقتىن پاي چېكى سېتىۋالمايدىغان كىشىلەرمۇ ھامان ناسداكنىڭ خەۋەرلىرىگە دىققەت قىلماي قالمىغاچقا، ناسداك قەرەللىك ئىقتىسادى ئاخباراتتىنلا ئايدا نەچچە مىليۇن دوللار كىرىم قىلىدۇ.

ناسداكتا پاي چېكىنى بازارغا سېلىش ئۈچۈن

1.  شىركەت مەبلىغى 15مىلىيۇن دوللار بولۇشى

2. يېقىنقى بىر يىل ياكى يېقىنقى ئۈچ يىل ئىچىدىكى ئىككى يىلدا بىر مىليۇن دوللارلىق باجدىن ئىلگىرىكى ساپ كىرىم ياراتقان بولۇشى،

3.   ھەربىر پايچېكىنىڭ باھاسى 5دوللاردىن تۆۋەن بولمىغان ھالدا، تارقاتقان پايچېكى سانى بىرمىليۇندىن ئاشقان بولۇشى،

4.   تارقاتقان پايچېكىنىڭ ئۇمۇمى قىممىتى 8مىليۇن دوللارغا يەتكەن بولۇشى،

5.  100دىن ئارتۇق پايچېكى بولغان پايچىك سانى 400دىن ئاشقان بولۇشى

قاتارلىق شەرتلەر بار.

      ناسداكنىڭ يۇقارقى چوڭ شىركەرلەردىن باشقا يەنە بىئولوگىيە، مىدىتسىنا، يۇقىرى تېخنىكا، زەنجىرسىمان مۇلازىمەت قاتارلىق كەسپلەرنى ئۆچ ئىچىگە ئالغان، تېز تەرەققى قىلىۋاتقىنىغا بىريىلدىن ئاشقان، 5مىلىيۇن دوللاردىن يۇقىرى بازار قىممىتى بولغان كىچىك شىركەتلەر ئۈچۈن تەسىس قىلغان ئۈمىد پايچېكى بار.

      ناسداكتا مودا بولغان [Any company can be listed, but time will tell the tale] يەنى ھەر قانداق شىركەت پايچېكىنى بازارغا سالالايدۇ، ئەمما ۋاقىت ھەممىنى ئىسپاتلايدۇ) دەيدىغان بىر جۈملە سۆز بار، شىركەتلەرگە ناسداكتا پاي چېكىنى بازارغا سېلىش ئۈچۈن مەسلىھەت بېرىدىغان ئىقتىسادشۇناسلار قوشۇنى كۆپ ھاللاردا شىركەت ئىگىسىنىڭ پايچېكى جەھەتتە تەجرىبىسى بار يوقلۇقىغا قاراش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە شىركەت ئىگىسىنىڭ پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەتتە مۇدىر بولۇشىنى قوللىمايدۇ. شىركەتلەرمۇ كۆپ ھاللاردا مەبلەغ سالىدىغان بانكا، مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكى، مالىيە سىتاتىسكا قوشۇنى قاتارلىقلار ئارقىلىق پايچېكى سېتىۋالغۇچىلارغا شىركەتنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى بىلدۈرمەكچى بولىدۇ.

     ناسداك نىيۇيورك شەھرىنىڭ 43-كوچىسىغا، يەنى بىرودۋاي كوچىسىنىڭ بېقىنىدىكى دۇنياغا داڭلىق ۋال سىتېرت كوچىسىنىڭ دوقمۇشىدىكى ناسداك پاي چېكى بازىرى بىناسىغا جايلاشقان. بىر دۇنياۋى شىركەتنىڭ مالىيە ئىستىقبالى، دۇنيادىكى تەسىرى قاتارلىقلارغا پەقەت  ناسداك ئارقىلىقلار باھا بەرسەكمۇ كۆپ ھاللاردا خاتالاشقان بولمايمىز.

    ناسداكنىڭ تور بېتى: http://www.nasdaq.com/

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 485 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01