ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى (866-1393)

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 2 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

 ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى
(866-يىلىدىن -1393-يىلى)

   ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ئالىپ تېكىن ئارسلانخاننىڭ بەشبالىق رايونىدىكى قوماندانى بۆكۈ تېكىن تەرىپىدىن ئاساس سېلىنغان ، مىلادى 866-يىلى بۆگۈ تېكىن تىبەتلەر كونتىرۇل قىلىۋالغان بىشبالىق ئەتراپىنى قايتۇرىۋالغان ھەمدە ئۆزىنى باسمىللارنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە ئىدىقۇت(بەخت ئىگىسى) دەپ ئاتىغان. بۇنىڭ بىلەن خانلىق ئىدىقۇت خانلىقى( باشقا مىلەتلەرنىڭ تارىخى مەنبەلىرىدە  توققۇز ئوغۇز خانلىقى، توققۇز ئۇيغۇر خانلىقى، قۇچۇ خانلىقى دەپمۇ ئېلىنىدۇ) دەپ ئاتالغان. ئىدىقۇت خانلىقى دەسلەپكى يىللىرى قاراخانىلارغا بېقىندى ھالەتتە بولۇپ، 981-يىلىغا كەلگەندە مۇستەقىللىك جاكارلىغان ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇھىم بىر  خانلىق.

    ئارىلىقتا بىر مەزگىل قارا قىتانلارنىڭ يېرىم ھۆكۈمرانلىقىغا چۈشۈپ قالغان ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى بارچۇق تېكىن دەۋرىدىن كېيىن مۇستەقىللىكنى يەنە بىر قېتىم ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولسىمۇ ئەمما خانلىق زىمىنى چىڭگىزخاننىڭ ئوغۇللىرى قۇبلاي، ئوگداي، چاغاتاي خانلىرىنىڭ زىمىنىنى تۇتاشتۇرىدىغان جايدا بولغانلىقى ئۈچۈن گاھىدا ئوگداي پەرەست بولغانلىقتىن چاغاتاينىڭ غەزىپىگە يولۇقسا، گاھىدا قۇبلايپەرەست بولغانلىقتىن ئوگداي ۋارىسلىرىنىڭ قىرغىنچىلقىغا ئۇچراپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ھەر بىر ماجرادا ئەڭ ئاۋال زىيان تارتقۇچى بولۇپ قالغان. خانلىق ئۇرۇشتىن ئۆكسۈمىگەن، نۇرغۇن ئۇيغۇر موڭغۇل خانلىقلىرىدا ئەمەل تۇتۇش ۋە ئۇرۇش قىلىش بىلەن سىرتقا چىقىپ كەتكەنلىكتىن خانلىقتا نوپۇس ئازلاپ كەتكەن.

     ئىدىقۇت خانلىقى دەسلەپتە شەرقتە قۇمۇلدىن تارتىپ  شىمالدا ئالتاي ۋادىسىغىچە، غەرپتە ئىلى ۋادىسى ۋە  مۇزداۋاندىن تەڭرىتاغنى بويلاپ جەنۇپتا ئۇدۇنغىچە بولغان زىمىنغا، كېيىن كۇچاردىن باشقا زىمىنغا  مىلادى 1393-يىلى سۇلتان خىزىرخان خوجا بۇ رايوننى بويسۇندۇرۇپ ئىسلاملاشتۇرغانغا قەدەر ھۆكۈم سۈرگەن.    

[admin تەستىقلىدى . 2010-2-14 21:00:08]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 2

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 629 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01